ھەسەنجان ئابلەت

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 4363   يوللانغان ۋاقتى: 2013-05-24 14:30:52

ھەسەنجان ئابلەتنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى



  ھەسەنجان ئابلەت 1979 - يىل 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ پۇسار چارۋىچىلىق مەيدانىدا زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.  1986 - يىل 9 - ئايدىن 1992 - يىلىغىچە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە، 1995 - يىل 9 - ئايدىن 1998 - يىل 7 - ئايغىچە قاغىلىق ناھىيەلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1998 - يىلىدىن 2000 - يىلىغىچە غەربىي شىمال مىللەتلەر 2 - ئىنستىتۇتىنىڭ تەييارلىق سىنىپىنى ياخشى نەتىجە بىلەن تاماملىغان. 2000 - يىل 9 - ئايدا لەنجۇ سودا ئىنستىتۇتى بوغالتىرلىق فاكۇلتېتىنىڭ مالىيە باشقۇرۇش كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ، 2004 - يىل 7 - ئايدا تولۇق كۇرسنى ياخشى نەتىجە بىلەن تاماملاپ، باشقۇرۇش ئىلمى بويىچە باكلاۋۇرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

  ھەسەنجان ئابلەت 2004 - يىل 8 - ئايدىن باشلاپ دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقى (جۇڭگو مىللەتلىرى) ژۇرناللىرى نەشرىياتى شىنجاڭ شۆبە ئىدارىسىدە كاتىباتلىق، تەرجىمە- تەھرىرلىك، مالىيە ۋە ئارقا سەپ خىزمەتلىرىنى ئىشلەپ كەلمەكتە.

   «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «ھۆرمەتنىڭ ھېكمىتى ۋە قىممىتى»، «بۈگۈنىنى ئەزىزلىگەننىڭ ئەتىسى خار بولماس» قاتارلىق ئىجادىي ئەسەرلىرى ۋە «2007 - يىل: جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلىرىگە ئائىت ئون چوڭ خەۋەر»، «بۇيى مىللىتى»، «تۇجيا مىللىتى»، «ناشى مىللىتى»، «بۇلاڭ مىللىتى» قاتارلىق تەرجىمە ئەسەرلىرى بار. 2009 - يىلدىن باشلاپ ھازىرغىچە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ ئۇيغۇرچە مۇندەرىجىسىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ كەلمەكتە. 2011 - يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى نەشر قىلىپ تارقاتقان «چوغلۇق قىز» ناملىق روماننىڭ مەسئۇل كوررېكتورلۇقنى قىلغان.

    ھەسەنجان ئابلەت 2013 - يىلى 4 - ئايدا، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى تەرىپىدىن  2010  ـــــ 2012 – يىللىق «مەدەنىي ئىشچى -  خىزمەتچى» بولۇپ تەقدىرلەنگەن.

  ھەسەنجان ئابلەت ھازىر مىللەتلەر ئىتتىپاقى(جۇڭگو مىللەتلىرى) ژۇرناللىرى نەشرىياتى شىنجاڭ شۆبە ئىدارىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.