ئەركىن ئەبەيدۇللا

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 4744   يوللانغان ۋاقتى: 2013-05-24 14:28:47

   ئەركىن ئەبەيدۇللانىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  

 

 

    1965-يىل 10-ئايدا پەيزاۋات ناھىيە گۈللۈك يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1982-يىلى پەيزاۋات ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنى، 1984-يىلى قەشقەر پېداگوگىكا مەكتىپىنىڭ ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتتۈرگەن. 1984-يىلى 8-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان.
  1985-يىلىدىن 1988-يىلىغىچە ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، شىنجاڭ ئۇنېۋىرېسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىل- ئەدەبىياتى كەسپى بويىچە مەخسۇس كۇرسىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن. 2002-يىلى يەنە شۇ كەسىپ بويىچە تولۇق كۇرسنى پۇتتۈرگەن.
  ئەركىن ئەبەيدۇللا 1984-يىلى 8- ئايدىن 1991-يىلى7- ئايغىچە «قەشقەر گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە مۇخبىر، مۇھەررىر؛ 1991-يىلى 7- ئايدىن 1998-يىلى 7- ئايغىچە قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت باشقارمىسى، ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى باشقۇرۇشىدىكى قوش ئايلىق ئەدەبىي ژۇرنال «قەشقەر ئەدەبىياتى»دا مۇھەررىر بولغان. 1998- يىلى 7- ئايدىن بۇيان ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىدا مۇھەررىر، مۇخبىر، 2012-يىلى 11-ئايدىن  2014 ـ يىلى 3 ـ ئايغىچە  مىللەتلەر ئىتتىپاقى (جۇڭگو مىللەتلىرى) ژۇرناللىرى نەشرىياتى ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمنىڭ مۇدىرى ياردەمچىسى، مەسئۇل مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. 2014 ـ يىلى 3 ـ ئايدىن باشلاپ مىللەتلەر ئىتتىپاقى (جۇڭگو مىللەتلىرى) ژۇرناللىرى نەشرىياتى ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مەسئۇل مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.

  ئەركىن ئەبەيدۇللا 1994-يىلى مۇھەررىرلىك ئۇنۋانىغا، 2004-يىلى كاندىدات ئالىي مۇھەررىرلىك ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
  1984-يىلىدىن بۇيان، ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، 400 پارچىدىن كوپرەك شېئىر، نەسر ۋە ئەدەبىي ئاخبارات ئېلان قىلغان؛ مۇخبىرلىك قىلغان مەزگىللەردە ھەرقايسى نەشر ئەپكارلىرىدا نەچچە مىڭ پارچە خەۋەر، تەپسىلىي خەۋەر، ئوبزور ئېلان قىلغان؛  بىرقىسىم ئەدەبىي ئەسەرلىرى  قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن؛ بىرقىسىم ناخشا تېكىستلىرى رادىئو، تېلېۋېزورلاردا ناخشا قىلىپ ئاڭلىتىلماقتا. ئۇنىڭ «سۆيۈلمىگەن لەۋ» ناملىق شېئىرى 1993- يىلى بېيجىڭدا ئېچىلغان 5- نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن.
  ئەركىن ئەبەيدۇللا «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا ئىشلىگەن مەزگىللەردە، ژۇرنالنىڭ گۈللىنىشى ۋە ئاپتورلار قوشۇنىنىڭ كۆپىيىشىگە مۇناسىپ تۆھپە قوشقان.   1991- 1992 - يىللىرى ئۇيۇشتۇرۇلغان «ياشلىق-سۆيگۈ-غايە» تېمىسىدىكى مۇكاپاتلىق شېئىرلار مۇسابىقىسى؛ 1993 – 1994 - يىللىرى ئۇيۇشتۇرۇلغان «ھايات دولقۇنلىرى» تېمىسىدىكى نەسر، نەسرىي شېئىرلار مۇسابىقىسى؛  1995- يىلى ئۇيۇشتۇرۇلغان «ئانا يۇرت- ئالتۇن دىيار» ناملىق ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدىكى مۇكاپاتلىق شېئىرلار مۇسابىقىسى؛ 1996 - يىلى ئۇيۇشتۇرۇلغان «ئىزدىنىش» تېمىسىدىكى مىكرو ھېكايە، ئەدەبىي ئوبزور مۇسابىقىسى؛ 1997-يىلى ئۇيۇشتۇرۇلغان «يۈرەك ناۋاسى» تېمىسىدىكى ناخشا تېكىستى، سەھنە ئەسەرلىرى مۇكاپاتلىق مۇسابىقىسى قاتارلىقلاردا تەشكىللەش ۋە مەسئۇل مۇھەررىرلىك خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.1997-يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت باشقارمىسىنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ 40 نەچچە يىللىق مەدەنىيەت- سەنئەت ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرىدىغان چوڭ ھەجىملىك، 3 توملۇق كىتاب «قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مەدەنىيەت- سەنئەت تەزكىرىسى»نى تەھرىرلەش ۋە ئاخىرقى بېكىتىش خىزمىتىگە قاتناشقان. 1997 -يىلى شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى بىلەن قەشقەر ۋىلايىتى بىرلىشىپ ئىشلىگەن تېلېۋىزىيە فىلىمى «يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت-قەشقەر»، بەدئىي سەنئەت فىلىمى « ساما يۇرتى- ناۋا يۇرتى»دىكى 40تىن كۆپ ناخشىنىڭ ئەدەبىي تەھرىرلىكى ۋە ئىككى فىلىمنىڭ مەيدان خاتىرىسىنى يېزىشقا مەسئۇل بولغان.
  
  ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىدا ئىشلىگەن 15 يىلدىن بۇيان ژۇرنال سەھىپىلىرىنىڭ مول ۋە رەڭدار، مەزمۇنىنىڭ جەلپكار، ئۆزگىچە چىقىرىلىشىغا، نادىر ماقالە-ئەسەرلەرنىڭ كۆپلەپ ئېلان قىلىنىشىغا، ئاپتورلار قوشۇنىنىڭ زورىيىشىغا مۇناسىپ تۆھپە قوشۇپ كەلمەكتە.
  ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ مەملىكەت بويىچە ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى 100 نۇقتىلىق ژۇرنال» ( 1998 - 1999)، «جۇڭگودىكى سەر خىل ژۇرناللار سېپىگە كىرگەن قوش 100 نۇقتىلىق ژۇرنال» (2000 -2001 )، « 3-  نۆۋەتلىك دۆلەتلىك ژۇرنال مۇكاپاتى بويىچە <نام-ئاتاق مۇكاپاتى>غا ئېرىشكە ژۇرنال» قاتارلىق شان-شەرەپلەرگە ئېرىشىشىدە، شۇنىڭدەك مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتى شىنجاڭ شۆبە ئىدارىسى پارتىيە ياچېكىسىنىڭ ئىلغار پارتىيە ياچېكىسى بولۇپ باھالىنىپ، بىر نەچچە قېتىم دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى تەرىپىدىن مۇكاپاتلىنىشىدا  ئۆزىنىڭ مۇناسىپ ئەجرى ۋە تۆھپىسىنى قوشقان.
  
  ئەركىن ئەبەيدۇللا 2001-يىلدىن 2012-يىلىغىچە خىزمەتتىن سىرىت بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى، شىنجاڭ داشۆ نەشرىياتى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى قاتارلىق نەشرىياتلار نەشر قىلغان «ماركسىزم ئاساسىي نەزەرىيەسى»، «مىللەت-دىن خىزمىتىگە دائىر ئاساسىي بىلىملەر»، «ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمەتكە دائىر ئاساسىي بىلىملەر»، « پارتىيە قۇرۇلۇشىغا دائىر ئاساسىي بىلىملەر»، «ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت تەربىيەسى»، «جەزبدار گۈلدەستىلەر» قاتارلىق  25گە يېقىن كىتابنىڭ  كوررېكتورلۇق ياكى مۇھەررىلىك خىزمىتىنى ئورۇنلىغان. ئۇ ئاخبارات- نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىغا چوڭقۇر ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ، كەسىپتە ئەستايىدىل ۋە مەسئۇلىيەتچان.