تۇرغۇن يىلتىز

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 4428   يوللانغان ۋاقتى: 2013-05-24 14:28:11

   ﺗـﯘرﻏـﯘن ﺋﻮﺑﯘﻟﻘﺎﺳﯩﻢ ﻳﯩـﻠـﺘﯩﺰنىڭ قىسقچە تەرجىمھالى

 


    ﺗـﯘرﻏـﯘن ﺋﻮﺑﯘﻟﻘﺎﺳﯩﻢ (ﻓﺎﻣﯩﻠﯩﺴﻰ ﻳﯩـﻠـﺘﯩﺰ) 1964 - ﻳﯩﻞ 10 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 27- ﻛـﯜﻧـﻰ ﻟـﻮپ ﻧـﺎﮬﯩﻴﯩـﺴـﯩـﺪﯨﻜﻰ ﺑـﯘﻳـﺎ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﻧﺰﯨﻴﺎ ﻛﻪﻧﺘﯩﺪە زﯨﻴﺎﻟﯩﻲ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪە دۇﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪن. 1970- ﻳـﯩـﻞ 9- ﺋﺎﻳـﺪﯨـﻦ 1979- ﻳـﯩـﻞ 7- ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﺋﯚز ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯜﻧﺰﯨﻴﺎ ﺑﺎﺷلاﻧﻐﯘچ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﺪە ۋە ﻳﯘرۇﯕﻘﺎش ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﻟﯘﻗﺴﯩﺰ- ﺗﻮﻟﯘق ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﺳﯩﻨﯩﭙﻠﯩﺮﯨﺪا ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن. 1979- ﻳﯩﻞ 9 - ﺋﺎﻳﺪا ﻗـﺎراﻗـﺎش دارﯨﻠﻤﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻦ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﮕﻪ ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘش ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪا ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎق ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎۋﯨﻦ ﺷﯘﺟﯩﺴﻰ، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلار ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ رەﺋﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ۋەزﯨﭙﯩﻠﻪردە ﺑﻮﻟﻐﺎن. 1981- ﻳﯩﻞ 9 - ﺋﺎﻳﺪا ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ﺋﻪلا ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﺎﻣﺎﻣلاپ، «ﺧﻮﺗﻪن ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ» ﺋﯘﻳﻐـﯘر ﺗﻪﮬﺮﯨﺮ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﮕﻪ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﺋﻮرۇﻧلاﺷﻘﺎن. 1985 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1987 - ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩـﯔ ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت ﻛﻪﺳﭙﯩﺪە ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن؛ 1989 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1991 - ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽـﻪ ﻗـﻪﺷﻘﻪر ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﺋﯩﻨﺴﺘﯩﺘﯘﺗﯩﻨﯩﯔ ﺧﻪﻧﺰۇ ﺗﯩﻠﻰ ﻛﻪﺳﭙﯩﺪە ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺘﯩﻦ ﭘﯜﺗﯜن ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎﺷﯘرﻏﺎن؛ 1999 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 2000 - ﻳﯩﻠﯩﻐﯩـﭽـﻪ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯚزﻟﯜﻛﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت ﻛﻪﺳﭙﯩﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﻐﺎن؛ 2003 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 2005 - ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ - ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎد ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻛﺎرﺧﺎﻧﺎ ﺑﺎﺷﻘﯘرۇش ﻛﻪﺳﭙﯩﺪە ﺋﻮﻗـﯘپ ﺋﺎﺳـﭙﯩﺮاﻧـﺖ ﺑﻮﻟﻐﺎن.
  ﺗـﯘرﻏـﯘن ﻳﯩـﻠـﺘﯩﺰ 1981 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1986 - ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ «ﺧﻮﺗﻪن ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ» ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗـﻪﮬـﺮﯨـﺮ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﺪە ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻟﯩﻚ، ﺗﻪﮬﺮﯨﺮﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ۋە ﻣﻪﺧﺴﯘس ﺑﻪﺗﻠﻪر ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪن؛ 1987 - ﻳﯩﻠﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻪﺷﻘﻪر ﺋﯘﻳـﻐـﯘر ﻧـﻪﺷـﺮﯨﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﻳﯚﺗﻜﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﮬﺮﯨﺮﻟﯩﻚ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻏﯘﻟلاﻧﻐﺎن ﮬﻪﻣﺪە ﺗﻪﮬﺮﯨﺮ ﺑﯚﻟﯜم ﭘﺎرﺗﯩﻴﻪ ﻳﺎﭼﯧﻴﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﯘﺟﯩﺴﻰ، ﺗﻪﮬﺮﯨﺮ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎۋﯨﻦ ﻣﯘدﯨﺮى، ﻣﯘدﯨﺮى، ﻛـﯧﻴﯩﻦ ﺋﻮﻗﯘپ ﺗﻪﻛﺸﯜرۈش ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘدﯨﺮى ﺑﻮﻟﻐﺎن؛ 2002 - ﻳﯩﻞ 6 - ﺋﺎﻳﺪﯨـﻦ 12 - ﺋﺎﻳـﻐـﯩـﭽـﻪ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﯨﻜﻰ «ﺷﺎﯕﯟۇ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ»دا ۋەزﯨﭙﻪ ﺑﯩﻠﻪن ﭼﯧﻨﯩﻘﻘﺎن. 2004 - ﻳﯩﻞ 11 - ﺋﺎﻳﺪا ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺋﯧﮭﺘـﯩﻴﺎﺟﻰ ﺑـﯩﻠﻪن، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ (جۇڭگو مىللەتلىرى) ژۇرﻧﺎﻟﻠﯩﺮى نەشرىياتى ﺷـﯩﻨﺠـﺎڭ ﺷﯚﺑﻪ ﺋﯩﺪارﯨﺴﯩﻐﺎ ﻳﯚﺗﻜﻪﻟﮕﻪن؛ 2005 - ﻳﯩﻞ 7 - ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ 2007- ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ (جۇڭگو مىللەتلىرى) ژۇرﻧﺎﻟﻠﯩﺮى نەشرىياتى ﺷـﯩﻨﺠـﺎڭ ﺷﯚﺑﻪ ﺋﯩﺪارﯨﺴﯩﻐﺎ ﻣﯘﺋﺎۋﯨﻦ ﻣﯘدﯨﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﮬﻪﻣﺪە ﺋﯘﻳﻐﯘرﭼﻪ «ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮى» ژۇرﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎۋﯨﻦ ﺑﺎش ﻣﯘﮬﻪررﯨﺮى، ﺋﯩﺪارە «ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪت» ﺗﻮر ﺑﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪن. 2008- ﻳﯩﻞ 1- ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ 2012-يىل 6- ئايغىچە، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ (جۇڭگو مىللەتلىرى) ژۇرﻧﺎﻟﻠﯩﺮى نەشرىياتى ﺷـﯩﻨﺠـﺎڭ ﺷﯚﺑﻪ ئىدارىسىنىڭ داﺋﯩﻤﯩﻲ ﺋﯩﺸلارﻏﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘل ﻣﯘﺋﺎۋﯨﻦ ﻣﯘدﯨﺮى (ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ دەرﯨﺠﯩﻠﯩﻚ)، ﺋﯩﺪارە ﭘﺎرﺗﯩﻴﻪ ﻳﺎﭼﯧﻴﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﯘﺟﯩﺴﻰ، ﺋﯘﻳﻐﯘرﭼﻪ «ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮى» ژۇرﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎۋﯨﻦ ﺑﺎش ﻣﯘﮬﻪررﯨﺮى، ﺋﯩﺪارە «ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪت» ﺗﻮر ﺑﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻰ بولغان. 2012 – يىل 6 – ئايدىن 2013 – يىل 3 - ئايغىچە  ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ (جۇڭگو مىللەتلىرى) ژۇرﻧﺎﻟﻠﯩﺮى نەشرىياتى ﺷـﯩﻨﺠـﺎڭ ﺷﯚﺑﻪ ئىدارىسىنىڭ ﻣﯘﺋﺎۋﯨﻦ ﻣﯘدﯨﺮى، ئۇيغۇر بۆلۈم مۇھەررىرى بولغان. 2013 – يىل 3 – ئايدىن باشلاپ ﺋﯘﻳﻐﯘرﭼﻪ «ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮى» ژۇرﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﻪررﯨﺮى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
  ﺗـﯘرﻏـﯘن ﻳﯩـﻠـﺘﯩﺰ 1978 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘۋاﺗﻘﺎن ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷلاپ ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺑﻮﻟﯘپ، ﮬﺎزﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮬﻪرﻗﺎﻳﺴﻰ ﮔﯧﺰﯨﺖ - ژۇرﻧﺎﻟلاردا 1000 ﭘﺎرﭼﯩﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﮬـﻪر ﺧﯩﻞ ﺷﯧﺌﯩـﺮﻟﯩﺮى ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن. «ﻳﯘرۇﯕﻘﺎش ﺷﺎدﻟﯩﻘﻰ»، «ﺗﻮي ﺗﻪﻧﺘﻪﻧﯩﺴﻰ»، «ﻣﻪﺳﻪﻟﻠﻪر ﺧـﻪزﯨـﻨﯩﺴﯩﺪﯨﻦ»، «ﺋﺎرزۇ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻰ»، «ﻛﺎرۋان(3)»، «ﻛﺎرۋان(6)»، «ﺧﻮﺗﻪﻧﺪە راۋان ﻳﻮﻟلار»، «ﺋﺎھ، ﻧﯘرﻟﯘق ﺋﺎﺑﯩﺪﯨﻠﻪر»، «ﻳـﻮل راۋان، ﺋﻪل ﺷﺎدﯨﻤﺎن»، «ﺗﺎﻟلاﻧﻐﺎن رۇﺑﺎﺋﯩﻴلار» ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﻮﻧﺪﯨـﻦ ﺋﺎرﺗﯘق ﺗـﻮﭘلاﻣﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﺗﯜرﻛﯜم ﺷﯧﺌﯩﺮ ۋە داﺳﺘﺎﻧﻠﯩﺮى ﻛﯩﺮﮔﯜزۈﻟﮕﻪن. «ﺋﯘﻳـﻐـﯘر ﺷـﯧﺌﯩـﺮﯨﻴﯩﺘﯩﺪە ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺑﻪزى ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪر ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎراﺷﻠﯩﺮﯨﻢ»، «ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺧﻤﯩـﺲ ژاﻧﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗـﻪﺑﯩﺮ»، «ﻧﻪۋاﺋﯩﻲ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎت ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ» ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ 50 ﭘﺎرﭼﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎرﺗﯘق ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ - ﻧﻪزەرﯨﻴﯩﯟى ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ ﻣـﻪﺗـﺒـﯘﺋﺎﺗلاردا ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻣﻪﻟﯘم ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﻮزﻏﯩﻐﺎن. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﻠﯩﺮى ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم راﻳﻮن ۋە ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪت ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯚﺗﻜﯜزۈﻟﮕﻪن ﺗﯜرﻟﯜك ﺑﺎﮬﺎلاﺷلاردا ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗلاﻧﻐـﺎن. «ﻳﯧﯖﻰ ﻗﺎﺷﺘﯧﺸﻰ»، «ﻗﻪﺷﻘﻪر ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎﺗﻰ»، «ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮى»، «ﺷﯩﻨـﺠـﺎڭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮى»، «ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯩﺸﭽﯩلار ﮬﻪرﯨﻜﯩﺘﻰ»، «ﻛﺮوران» ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﻪدەﺑﯩﻲ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﺎل ژۇرﻧﺎﻟلار ﮬﻪﻣﺪە «ﺷﯩﻨﺠـﺎڭ ﺋﯚﺳﻤﯜرﻟﯩﺮى» ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ، «ﻗﻪﺷﻘﻪر ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ»، «ﺧﻮﺗﻪن ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ» ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﮔﯧﺰﯨﺘﻠـﻪر، ﻣـﻪرﻛﯩﺰﯨﻲ ﺧـﻪﻟـﻖ رادﯨﺌﻮ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﻰ، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ رادﯨﺌﻮ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﻰ ۋە ﻗﻪﺷﻘﻪر ﺧﻪﻟﻖ رادﯨﺌﻮ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﺎﺧﺒﺎرات- ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎت ﺋﻮرۇﻧﻠﯩﺮى ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻠﯩﻐﺎن. ﺋﯘ ﻳﺎزﻏﺎن ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻣﻪﺧﺴﯘس ﻓﯩﻠﯩﻢ ۋە ﺋﯩﺘﻮت ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴـﻰ ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺳـﯜرەﺗﻜﻪ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪن. ﺋﯘ  ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﻮزﻏﯩﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﺗﯜرﻛﯜم ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن 1999 - ﻳﯩﻠﻰ 9 - ﻧﯚۋەﺗﻠﯩﻚ ۋە 2004 - ﻳﯩﻠﻰ 11 - ﻧﯚۋەﺗﻠﯩﻚ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ «ﺧﺎﻧﺘﻪﯕﺮى ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ»ﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪن.
  ﺗـﯘرﻏـﯘن ﻳﯩـﻠـﺘﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﻪﻣﯘﻧﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت ﻟﯩﺮﯨﻜﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﻟلاپ «ﻣـﯘﮬﻪﺑﺒﻪت ﻟﯩﺮﯨﻜﯩﻠﯩﺮى» (ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1991 - ﻳﯩﻞ ﻧﻪﺷﺮى)، ﻧﺎدﯨـﺮ ﮬـﻪﺟـﯟﯨﻲ ﺷـﯧﺌﯩﺮلارﻧﻰ ﺗﺎﻟلاپ «ﻗـﺎﻣﭽﺎ» (ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1993 - ﻳﯩﻞ ﻧﻪﺷﺮى)، ﺑﯩﺮﻗﻪدەر ﺋﯧﺴﯩﻞ رۇﺑﺎﺋﯩﻴلاردﯨﻦ ﺗﺎﻟلاپ «رۇﺑﺎﺋﯩﻴﻠﯩﻖ ﻛﺎﻟﯧﻨﺪار» (ﻗـﻪﺷﻘﻪر ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1998 - ﻳﯩﻞ ﻧﻪﺷﺮى)، ﺋﻪﻧﯟەر ﮬﻮﺷﯘر ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﭘﺮوزﯨﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﻪﻣﯘﻧﯩﻠﯩﻚ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﻠﻪردﯨﻦ ﺗﺎﻟلاپ «ﺋﯘﻳﻐﯘر ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﻟلاﻧﻤﺎ(1) _ «ﺋﯘزاق ﻛﯧﭽـﻪ» (ﻗﻪﺷﻘﻪر ﺋﯘﻳﻐـﯘر ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 2000 - ﻳﯩﻞ ﻧﻪﺷﺮى) ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑلارﻧﻰ ﺗﯜزۈپ ﮬﻪم ﻧﻪﺷﺮﮔﻪ ﺗﻪﻳﻴﺎرلاپ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﺪۇرۇپ ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﻪرﮔﻪ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﻐﺎن. ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﺑﺪۇﺧﯧﻠﯩﻞ ﺋﺎﺑﺪۇﺧﯧﯟﯨﺮ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ «ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﻪﻟﻖ ﭼﯚﭼﻪﻛﻠﯩﺮى (9)» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ۋە «<ﺗﯘرﻣﯘش ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺗﭽﯩﺴﻰ> ﺟﻪۋﮬﻪرﻟﯩﺮى» ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﻮﻧﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻣﻪﺧـﺴـﯘس ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﺋﯚز ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺗﯜزۈپ، ﮬﻪرﻗﺎﻳﺴﻰ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗلاردا ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﺪۇرﻏﺎن. «ﺗﯩﻞ ۋە ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ» ژۇرﻧﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم راﻳﻮن ﺑـﻮﻳﯩﭽـﻪ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘرﻏﺎن «ﻳﯧﯖﻰ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎن <ﺗﺎڭ دەۋر ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮى>ﻧﻰ ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﻰ»ﮔﻪ ﻗﺎﺗﻨﯩـﺸـﯩـﭗ 3 - دەرﯨﺠﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪن. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮى ﮬﻪر ﺧﯩﻞ دەرﺳﻠﯩﻜﻠﻪرﮔﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜزۈﻟﮕﻪن.
  ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺗـﯘرﻏـﯘن ﻳﯩـﻠـﺘﯩﺰﻧﯩﯔ «ﺳﯚﻳﮕﯜ ﺋﺎرﺧﯩﭙﻰ» (داﺳﺘﺎﻧلار ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ، ﻗﻪﺷﻘﻪر ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1996 - ﻳﯩﻞ ﻧﻪﺷﺮى)، «ﺋﺎﭼـﻘـﯘچ ﺋﯧﺴﯩﯟاﻟﻐﺎن ﺑﺎلا» (ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﻳﺎﺷلار - ﺋﯚﺳﻤﯜرﻟﻪر ﻧـﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1996 - ﻳﯩﻞ ﻧـﻪﺷﺮى)، «ﺳﯚﻳﮕﯜ ﺗﯘﻣﺎرﻟﯩﺮى»(ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1997 - ﻳﯩﻞ ﻧﻪﺷﺮى)، «ﺟﺎﻧﺎن ﻛﯧﻠﯩﺪۇ» (ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧـﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1999 - ﻳﯩﻞ ﻧﻪﺷﺮى) «ﻳـﻮل، ﻳـﻮل، ﻳـﻮل...» (داﺳﺘﺎﻧلار ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ، ﻗﻪﺷﻘﻪر ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 2000 - ﻳﯩﻞ ﻧـﻪﺷﺮى) ﻧﺎﻣلاردﯨﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى ﻛﻪڭ ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎرﻗﺎ - ﺋﺎرﻗﯩﺪﯨﻦ ﻳﯜز ﻛﯚرۈﺷﻜﻪن. 
  ﺗـﯘرﻏـﯘن ﻳﯩـﻠـﺘﯩﺰ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﻳﺎزﻏﯘﭼﯩلار ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪزاﺳﻰ.