تۇرۇپ بارات

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 2746   يوللانغان ۋاقتى: 2013-05-24 14:24:22

   تۇرۇپ باراتنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى


  
    تۇرۇپ بارات 2013 - يىلى 3- ئايغىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقى («جۇڭگو مىللەتلىرى») ژۇرناللىرى نەشرىياتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى (باش نازىر دەرىجىلىك)، پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، قوشۇمچە مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتى شىنجاڭ شۆبە ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى، ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن.  ئالىي مۇھەررىر ئۇنۋانىغا ئىگە.
    تۇرۇپ بارات ھازىر  جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى - مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە باش كاتىپى، جۇڭگو تۈركىي تىللار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو تەرجىمانلار جەمئىيىتى مىللەتلەر تەرجىمە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگو ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقام ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى قاتارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋەزىپىلىرىنى ئۆتەپ كېلىۋاتىدۇ.
    تۇرۇپ بارات 1952 - يىلى 11 - ئايدا پوسكام ناھىيەسىنىڭ گۈلباغ يېزىسى ئاۋات كەنتىدە تۇغۇلغان. كومپارتىيە ئەزاسى. 1970 - يىلى 10 - ئايدا خىزمەتكە قاتنىشىپ، پوسكام ناھىيەسىنىڭ گۈلباغ يېزىسىدا ئىككى يىلدىن كۆپرەك كاسسىرلىق، كاتىپلىق ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىگەن.
    1972 - يىلى خىزمەت ئورنىدىن مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى (ھازىرقى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنېۋىرسىتېتى)نىڭ جۇڭگو تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنىپ، خەنزۇچە- ئۇيغۇرچە تەرجىمانلىق كەسپىدە ئوقۇغان. 1975 - يىلى ياخشى نەتىجە بىلەن ئوقۇش پۈتكۈزۈپ، مەركىزىي مىللەتلەر تىل - يېزىق تەرجىمە - نەشرىيات ئىدارىسىگە تەقسىم قىلىنغان. ئۇزاق يىللار تەرجىمە خىزمىتى ئىشلەش جەريانىدا ماركس، ئېنگېلس، لېنىن، ستالىنلارنىڭ كۆپ توملۇق ئەسەرلىرىنى، ماۋ زېدۇڭ، ليۇ شاۋچى، جۇ ئېنلەي، جۇ دې، دېڭ شياۋپىڭ، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ تاللانما ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىش، تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتىنى ئىشلەپلا قالماستىن، بەلكى خىزمەتكە چىققاندىن باشلاپ تاكى 2006 - يىلىغىچە ئىزچىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھەر قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى، ھەر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنلىرىنىڭ ھۆججەتلىرىنى تەرجىمە قىلىش ۋە قۇرۇلتاي يىغىنىلىرىنىڭ ئەگەشمە تەرجىمە خىزمەتلىرىگە قاتناشقان. تۇرۇپ بارات خىزمەتتە ئەستايىدىل بولۇش، كىشىلەر بىلەن ئىناق، ئىتتىپاق ئۆتۈشتەك ئېسىل روھى ئارقىلىق جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلارنىڭ ئالقىشىغا ۋە خىزمەتداشلىرىنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان.
    تۇرۇپ بارات 1989 - يىلى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىغا يۆتكىلىپ، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى يولداش ئىسمائىل ئەھمەدكە سەككىز يىل كاتىپلىق قىلغان. دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ يېنىدىكى مەزگىللەردە جان كۆيدۈرۈپ خىزمەت ئىشلەپ، كەمتەر - سەگەك بولۇپ، كۈندىلىك ئىشلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلغان. رەھبەرلەرنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى بەجانىدىل بېجىرىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا ياخشى باھاغا ئېرىشكەن. ئۇ مەيلى رەھبەرلەر بىلەن يەرلىككە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا بارغاندا بولسۇن ياكى چەت ئەللەرگە زىيارەتكە چىققاندا بولسۇن، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ھەر بىر ئىشنى ئەستايىدىل ماسلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىپ، رەھبەرلەرنىڭ يېقىن ياردەمچىسى بولغان. بۇ مەزگىللەردە رەھبەرلىك ئورۇنلاشتۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئاكتىپ ئورۇنلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەرجىمە خىزمىتىنىمۇ قىلچە ئۈزۈپ قويمىغان. تۇرۇپ بارات كاتىپلىق خىزمىتىنى ئىشلىگەن سەككىز يىل داۋامىدا ئىلگىرى - كېيىن مۇئاۋىن باشقارما دەرىجىلىك ۋە باشقارما دەرىجىلىك كاتىپ، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى پارتگۇرۇپپا ئىشخانىسى پارتىيە ياچېكىسىنىڭ شۇجىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى قوشۇمچە ئۆتىگەن. 1997 - يىلى مەركىزىي مىللەتلەر تىل - يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى پارتكومىنىڭ دائىمىي ھەيئەتلىكىگە ۋە مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقىلىقىغا تەيىنلىنىپ، ئىككىنچى قېتىم ئەسلىي خىزمەت ئورنىغا قايتىپ كېلىپ، مىللەتلەر تىل - يېزىق تەرجىمە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. رەھبەرلىك ئورنىغا چىققاندىن كېيىن، مەمۇرىي خىزمەتلىرى ھەر قانچە كۆپ ۋە جىددىي بولسىمۇ، لېكىن ۋاقىت ئاجرىتىپ، كۆپلىگەن كىلاسسىك ئەسەرلەر، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئەسەرلىرى، مۇھىم ھۆججەتلەر، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قانۇنلار توپلىمى ۋە مەملىكەت خاراكتېرلىك چوڭ يىغىنلارنىڭ ھۆججەتلىرىنى تەرجىمە قىلىش ۋە تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمەتلىرىگە قاتناشقان. 40 يىل رەھبەرلىك خىزمىتى ۋە تەرجىمە خىزمىتى ئىشلەش داۋامىدا، مىللەتلەر تىل - يېزىق خىزمىتى ۋە مىللەتلەر خىزمىتى بىلەن بەجانىدىل شۇغۇللىنىپ، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئاددىي بىر ئوقۇغۇچىسىدىن جۇمھۇرىيەتنىڭ مىللەتلەر تىل - يېزىق ئىشلىرىدىكى مۇنەۋۋەر خىزمەتچىسىگە ۋە مىللەتلەر خىزمىتى رەھبىرىگە ئايلانغان. تۇرۇپ بارات «ماركس، ئېنگېلس تاللانما ئەسەرلىرى»، «لېنىن تاللانما ئەسەرلىرى»، «ستالىن تاللانما ئەسەرلىرى»، «ماۋ زېدۇڭ تاللانما ئەسەرلىرى»، «ماۋ زېدۇڭ خەت- چەكلەر توپلىمى»، «جۇ ئېنلەي تاللانما ئەسەرلىرى»،  «ليۇ شياۋچى تاللانما ئەسەرلىرى»، «جۇ دې تاللانما ئەسەرلىرى»، «دېڭ شياۋپىڭ ماقالىلىرىدىن تاللانما»، «يېڭى دەۋردىكى مىللىي بىرلىك سەپكە دائىر مۇھىم ھۆججەتلەردىن تاللانما»،  «چېن يۈن ماقالىلىرىدىن تاللانما»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قانۇنلار توپلىمى»، «دۇڭ بىۋۇ تاللانما ئەسەرلىرى»، «يولداش جۇ ئېنلەينىڭ بىرلىك سەپ ھەققىدىكى ماقالىلىرىدىن تاللانما»،  جياڭ زېمىن «پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدا»،  «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش توغرىسىدا»، «پەن - تېخنىكا توغرىسىدا»، «شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە تەرەققىياتى» (ئاق تاشلىق كىتاب)،  «كاپىتال»، يىللاردىن بۇيانقى پارتىيە قۇرۇلتېيى، خەلق قۇرۇلتېيى، سىياسىي كېڭەش يىغىنى ھۆججەتلەر توپلىمى قاتارلىق 80 نەچچە پارچە كىتابنىڭ تەرجىمە قىلىش ۋە ئۇنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمەتلىرىگە قاتناشقان. بۇلاردىن باشقا، يەنە 1978 - يىلىدىن 2006 - يىلىغىچە ئېچىلغان مەملىكەتلىك پارتىيە قۇرۇلتېيى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتېيى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنلىرىنىڭ يىغىن مەيدانىدىكى ئەگەشمە تەرجىمە خىزمەتلىرىگە قاتناشقان.
    يولداش تۇرۇپ بارات 2006 - يىلى مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقىلىقىغا (باش نازىر دەرىجىلىك)، پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىقىغا، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەنگەن. ئۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى  نەشرىياتىنىڭ رەھبەرلىك ئورنىدا مۇھىم خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا،  ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرلىكىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئېلىپ، بىۋاسىتە ژۇرنال خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ كەلگەن. ئۇ يېڭى خىزمەت ئورنىنىڭ تەلىپى بويىچە يېڭى خىزمەت مۇھىتىغا تېزدىن ماسلىشىپ، كۆزقارىشىنى يېڭىلاپ، ژۇرنال چىقىرىشتىكى تۈپ مەقسەتتە چىڭ تۇرۇپ، توغرا بولغان سىياسىي نىشان ۋە جامائەت پىكرى يۆنىلىشىدە، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدىكى روشەن مەيدانىدا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجىن، سىياسەتلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى ئاكتىپ تەشۋىق قىلىپ، مىللەتلەر خىزمىتىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ، مىللەتلەر ھەققىدىكى بىلىملەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش جەھەتتە ژۇرنالنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلدى. ژۇرنال خىزمىتىدە يېڭى سەھىپىلەرنى تەسىس قىلىپ، ماقالە - ئەسەرلەرنى سەرخىلاشتۇرۇپ، ژۇرنالنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان مىللىي ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرگەنلىكتىن، ژۇرنالنىڭ مەزمۇنى موللىشىپ، خاسلىقى گەۋدىلىنىپ، شەكلى كۆپ خىللىشىپ، تەسىرچانلىقى كۈچىيىپ، ئۇچۇر مىقدارى كۆپىيىپ، جەلپكارلىقى بارغانسېرى ئېشىپ بارماقتا. يېزىق جەھەتتىكى ئۆتكەلنى چىڭ تۇتۇپ، مىللىي يېزىقنى ئۆلچەملەشتۈرۈشكە تىرىشىپ، ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان ماقالە ۋە ئەسەرلەرنىڭ چۈشىنىشلىك بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقتىن، كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا خېلى يۇقىرى تەسىرگە، ئىسمى - جىسمىغا لايىق دۆلەت دەرىجىلىك بىردىنبىر ئۇيغۇرچە ژۇرنالغا ئايلانماقتا. بولۇپمۇ ئۇ مەسئۇل بولغان «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىدىكى «مەركەزدىن كەلگەن سادا»، «ئىناقلىق مېلودىيەسى» سەھىپىلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 2009 - يىللىق «مىللەتلەر ئاخبارات - خەۋەرچىلىكىدىكى مۇنەۋۋەر مەخسۇس سەھىپە» ۋە 2010 - يىللىق «مىللەتلەر تېمىسىدىكى ئاخبارات - خەۋەرچىلىكتە مۇنەۋۋەر باھالانغان مەخسوس تىمىدىكى ئالاھىدە ئىستون» بولۇپ باھالانغان ھەمدە دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى تەرىپىدىن تەقدىرلەنگەن ۋە مۇكاپاتلانغان. ژۇرناللارنىڭ رەڭدار سەھىپىلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئۇنىڭ بىرقانچە يىللىق جاپالىق قان - تەرى، ئەھمىيەتلىك خىزمىتى ۋە قىممەتلىك مېھنىتى سىڭگەن. ئۇ تەرجىمە، ئاخبارات – نەشرىيات خىزمىتى داۋامىدا «‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش› مۇھىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مىللەتلەر تىل – يېزىق تەرجىمە خىزمىتىنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەيلى!»، «مىللەتلەر تىل – يېزىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك – ئىتتىپاقلىق ئاساسىدىكى تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرايلى» دېگەن تېمىلاردىكى ماقالىلىرىنى ئېلان قىلغان (بۇ ماقالىلەر 11 - قېتىملىق مەملىكەتلىك مىللەتلەر تىل- يېزىق تەرجىمە ئىلمىي ماقالىلىرىنى باھالاشتا 3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن). 2004 - يىلى 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 26 - كۈنىگىچە تۈركىيە ھۆكۈمىتى تىل خىزمىتى كومىتېتىدىكىلەرنىڭ تەكلىپى بويىچە، تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرە شەھىرىدە ئېچىلغان 5 - نۆۋەتلىك خەلقئارا تۈركىي تىل قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ، قۇرۇلتايدا «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى بىلەن خەنزۇ تىلىنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تۈرك تىلى ئالىملىرى بىلەن بىللە مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان. بۇ ماقالە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تۈرك تىلى ئالىملىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ، «5 - نۆۋەتلىك خەلقئارا تۈركىي تىل قۇرۇلتىيى ماقالىلەر توپلىمى»غا كىرگۈزۈلۈپ، نەشىر قىلىپ تارقىتىلغان. «تەرجىمە ئەمەلىيىتى توغرىسىدا»، «ئۇيغۇر تىلى ۋە خەنزۇ تىلىنىڭ ئۆزئارا تەسىرى ھەمدە فونېتىكا، لېكسىكىسىدىكى ئۆزگىرىشلەر»، «مىللىي تىل - يېزىقتىكى ژۇرناللارنى ياخشى چىقىرىپ، سوتسىيالسىتىك ئىلغار مەدەنىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى»، «قوش تىل مائارىپى نەزەرىيەسى ئۇقۇمىدىكى بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدا قىسقىچە بايان» قاتارلىق ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. بوش ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ، «خارابىي شەھەر توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر»، «غايە يەلكەنلىرى»، «يۈرەك سۆزى»، «زەھەردىن ساقلىنىش تەربىيەسى»، «پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى»، «ۋەتەندە ئەڭ»، «ئادەم نېمە ئۈچۈن خاتالىشىدۇ؟»، «ماركس، ئېنگېلس، لېنىن، ستالىن ئەسەرلىرىدىكى يۇنان ئەپسانىلىرى»، «تۇرمۇشتىكى فىزىكا»، «مىللەتلەر خىزمىتىگە دائىر ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىيەت» قاتارلىق كۆپلىگەن كىتابلارنى تەرجىمە قىلىپ، نەشر قىلدۇرغان.
    تۇرۇپ بارات ئۆزىنىڭ رەھبەرلىك ئورنىدىكى مەمۇرىي خىزمىتىنى كۆڭۈلدىكىدەك ياخشى ئورۇنلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىجتىمائىي تەشكىلات خىزمىتىگىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئىلمىي تەتقىقات ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئۇيغۇر تارىخى - مەدەنىيىتى تەتقىقات خىزمىتىنى يۈكسەلدۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قېزىش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ھەم ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە ئۆزىنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلدى. ئىزچىل ھالدا تىل تەتقىقاتى، تەرجىمە تەتقىقاتى ۋە تارىخ - مەدەنىيەت تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلدى. ئۇ جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى – مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە باش كاتىپى بولۇش سۈپىتى بىلەن تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆپ قېتىم «تۈركىي تىللار دىۋانى»، «ئون ئىككى مۇقام»، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىغا دائىر ئاساسىي تېمىلاردىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئىلمىي پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇرۇپ، تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە كۆپ يىللاردىن بۇيان ھەر يىلى بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيت، نورۇز بايراملىرىدىكى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ ۋە ئۇيۇشتۇرۇپ، بېيجىڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭ بايرام مەدەنىيىتىنى موللاشتۇرۇش ھەم بېيىتىش جەھەتتە گەۋدىلىك خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. بولۇپمۇ جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى - مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ تەشكىلاتچىلىقى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان «نورۇز مەشرىپى بېيجىڭدا» ناملىق بىرلەشمە سەنئەت كېچىلىكىنىڭ تېلىۋىزىيە فىلىمى شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىدا قويۇلغاندىن كېيىن، بېيجىڭدا ۋە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەر ساھە ئامما ئارىسىدا ناھايىتى زور تەسىر قوزغاپ، كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ۋە مەدھىيەسىگە سازاۋەر بولغان. جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى - مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۇيغۇر تارىخى - مەدەنىيىتى تەتقىقاتىغا دائىر مەخسۇس تېمىلار بويىچە مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، تەتقىقات ماقالىلىرىنى يىغدى، رەتلىدى ۋە تەھرىرلىدى. «ئىبراھىم مۇتىئىي ماقالىلىرى توپلىمى»، «جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى - مەدەنىيىتى تەتقىقاتى خەۋەرلىرى»، «جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى - مەدەنىيىتى تەتقىقاتى مەجمۇئەسى» (3 قىسىم، خەنزۇچە)، «جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى - مەدەنىيىتى تەتقىقاتى مەجمۇئەسى» (5 قىسىم، ئۇيغۇرچە) قاتارلىق كۆپلىگەن ئىلمىي تەتقىقات كىتابلىرىنى نەشر قىلدۇردى. «خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە يېڭى سۆزلەر لۇغىتى»نى ئىشلەشكە رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە بۇ لۇغەتنىڭ باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلەپ، ئۇنى نەشر قىلدۇردى.
    تۇرۇپ بارات ھازىرغىچە بېيجىڭدا 40 يىل ئۆگەندى، خىزمەت قىلدى، تۇرمۇش كەچۈردى. بۇ 40 يىل جەريانىدا بىرنەچچە ئېغىز خەنزۇچىنىمۇ سۆزلىيەلمەيدىغان ئەڭ ئاددىي دېھقان پەرزەنتى باشتىن - ئاخىر ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، جاپالىق تىرىشىپ ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىش ئارقىلىق، مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان، پارتىيەگە سادىق، سىياسىي مەيدانى مۇستەھكەم، خىزمەتلەردە سەمىمىي، كىشىلەرگە قارىتا كۆڭۈل - كۆكسى كەڭ، كەسىپتە پىشقان، ئەخلاق - پەزىلىتى دۇرۇس بولغان، جەمئىيەتنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ھەم ھەر ساھە ئاممىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن ئىقتىدارلىق تەرجىمانغا، تونۇلغان تەتقىقاتچىغا، مۇنەۋۋەر رەھبىرىي كادىرغا ۋە پائالىيەتچان جامائەت ئەربابىغا ئايلاندى.