2018 – يىللىق 5 - ساندىكى تەۋسىيەلىك ماقالە - ئەسەرلەر

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 2202   يوللانغان ۋاقتى: 2018-10-19 11:38:29

   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى. قەلبداش - يۆلەكداش بولغان خەلق ئەڭ بەختلىك، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى بىلەن ۋەتەن ئەڭ قۇدرەتلىك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ئۇلۇغ گۈللىنىشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئېلىمىزدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر بىر نىيەتتە تەڭ قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئالغا باسماقتىمىز. ئوقۇرمەنلەر ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىدا مۇشۇ ھەقتىكى نادىر مەزمۇنلار بىلەن ئۇچرىشىدۇ. 

  ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىنىڭ مۇقاۋىسىدا: 
  2017 - يىللىق مەملىكەت بويىچە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئېكىسكۇرسىيە ئۆمىكىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جياشىڭدىكى نەنخۇ ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە سارىيىنىڭ ئالدىدا چۈشكەن كوللىكتىپ سۈرىتىنى ئېلان قىلدۇق. 
  «سۈزۈك قەترىلەر» سەھىپىسىدە: 
  «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ئۇلۇغ گۈللىنىشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرايلى» ناملىق ماقالىدىن ئۈزۈندى ئېلان قىلدۇق. 
 «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ___ يېڭى دەۋر. يېڭى نەتىجە. يېڭى سەھىپە» سەھىپىسىدە:
 مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى باتېرنىڭ «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ئۇلۇغ گۈللىنىشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرايلى»، «زىگۇاڭگې» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى دەۋر مىللەتلەر خىزمىتىنى جاسارەت بىلەن ياخشى ئىشلەيلى» ھەمدە ژۇرنىلىمىزنىڭ خەنزۇچە نۇسخىسىدا ئېلان قىلىنغان «مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىنىڭ نۇرلۇق نىڭشيا سەھىپىسى» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلدۇق.
 «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ___ يېڭى دەۋر. يېڭى نەتىجە. يېڭى سەھىپە» سەھىپىسىدە يەنە:
 «جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن يېڭى دەۋردە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك تېخىمۇ قالتىس بولىدۇ __ 11 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى»، ئۆز مۇخبىرىمىز جاڭ شۈەننىڭ  «قەلبداش - يۆلەكداش بولغان خەلق ئەڭ بەختلىك، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى بىلەن ۋەتەن ئەڭ قۇدرەتلىك ___ مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش پائالىيىتى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن»، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ «جۇڭگو ۋەكىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا جۇڭگونىڭ مىللەتلەر خىزمىتى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قوغداشتىكى يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى تونۇشتۇردى»، ئۆز مۇخبىرىمىز ليۇ يانىڭ «كېلىڭلار دوستلار، سىلەرگە جۇڭگودىكى مىللەتلەر ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرەي ___ 2018 - يىللىق <بىر بەلباغ، بىر يول> مىللەتلەر سىياسىتى ۋە ئەمەلىيەت ئارقىلىق تەربىيەلەش - مۇھاكىمە كۇرسىدىن خاتىرە»، ئۆز مۇخبىرىمىز مۇھەممەدسالىھ مەتروزىنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى»، تۇرغۇن يىلتىزنىڭ «قۇربان تۇلۇمنىڭ ئۈچ ئارزۇسى» ناملىق ماقالىلىرىنى ئېلان قىلدۇق. 
  «بىرىنچى كۆزنەك» سەھىپىسىدە:
  ئېلىمىزنىڭ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور نەتىجىلەرنى سۈرەتلىك كارتىنىلار بىلەن تونۇشتۇردۇق. 
  «نەزەر. دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش» سەھىپىسىدە:
  ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى پەرھات سەئىدنىڭ «كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچ - قۇدرىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، <ئۈچ خىل كۈچ>كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن»؛ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى جاڭ چېڭيىنىڭ «ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى بولايلى»؛ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مىللەتلەر - دىن ئىشلىرى كومىتېتى پارتگۇرپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىرى نۇر ئالىمنىڭ «كومپارتىيەنىڭ سۆزىنى چىن قەلبىمدىن ئاڭلايمەن، قەتئىي تەۋرەنمەي كومپارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن»؛ غۇلجا شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى كامىلجان يۈسۈپجاننىڭ «شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدايمەن»؛ كەلپىن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، كەلپىن ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى ھۆرىيەت ھوشۇرنىڭ «باش نىشاننى چۆرىدەپ، ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەيمەن»؛ كۆكتوقاي ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى جېڭىسبېك توقتارقاننىڭ «دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرىمەن، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن»؛ توقسۇن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، توقسۇن ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى ماخمۇت خېۋىرنىڭ «بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئاتاكىغا ئۆتىمەن»؛ نىيە ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نىيە ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى ئاينۇر ئابدۇللانىڭ «مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قەتئىي قوغدايمەن»؛ ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رايون باشلىقى سىدىق ياسىننىڭ «<ئۈچ خىل كۈچ>، <ئىككى يۈزلىمىچى>لەرنى ئۈزۈل - كېسىل تازىلايمەن»؛ تولى ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تولى ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى تولقۇن تۆلگىننىڭ «ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قەتئىي قوغدايمەن» قاتارلىق ماقالىلىرىنى ئېلان قىلدۇق. 
 «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەيلى» سەھىپىسىدە: ئۆز مۇخبىرىمىز مۇھەممەدسالىھ مەتروزىنىڭ «نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشنى كۈتۈۋالىمىز ___ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدىن خاتىرىلەر» ناملىق ماقالىسىنى؛ «56 مىللەت بىر ئائىلە» سەھىپىسىدە ئۆز مۇخبىرىمىز جىڭ شياڭدې، پىراكتىكانت مۇخبىرىمىز ۋاڭ يارۇنىڭ «ئەڭ گۈزەل بالىلىق ساداسىنى دۇنياغا ياڭرىتىش ___ <ھەسەن - ھۈسەندىن ھالقىش> ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرى خور ئۆمىكىنىڭ <جۇڭگو خەلقئارالىق خور ئېيتىش بايرىمى>غا قاتناشقانلىقىدىن خاتىرە»؛ «سۈرەتلىك ئالبوم. جاي - جايلاردا» سەھىپىسىدە ئۆز مۇخبىرىمىز مۇھەممەدسالىھ مەتروزىنىڭ «قومول چاشمىچىلىقى قومۇل دېھقانلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىدىكى <ئېچىل داستىخان> بولماقتا» ناملىق سۈرەتلىك ماقالىسىنى ئېلان قىلدۇق.
 مۇقاۋىنىڭ 2 - بېتىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھەققىدە يۈرۈشلۈك سۈرەتلەرنى ئېلان قىلدۇق. 3 - بېتىدىكى «بىز ئۇچراشقان كىشىلەر. <جۇڭگو مىللەتلىرى> ژۇرنىلى تۆھپىكارلار ئالبومى» سەھىپىسىدە خوتەن ۋىلايىتى بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى نەمۇنىچىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ئەمگەك نەمۇنىچىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ئادىل ئابدۇرازاقنى تونۇشتۇردۇق. مۇقاۋىنىڭ 4 - بېتىدە «<ھەسەن - ھۈسەندىن ھالقىش> خانىزۇ، لاخۇزۇ ئۆسمۈرلىرى خور ئەترىتى شېنجېندا» ناملىق سۈرەتنى ئېلان قىلدۇق.
  ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىلەرنى تولۇق ئوقۇپ چىقماقچى ھەم نادىر فوتو سۈرەتلەردىن ھۇزۇرلانماقچى بولسىڭىز، بۇ سان ژۇرنالنى تولۇق ۋاراقلاپ چىققايسىز.
  
  ئالاھىدە تەۋسىيەمىز شۇكى: 
  مەيلى قەيەردە بولۇڭ، ژۇرنىلىمىزغا مۇشتەرى بولماقچى بولسىڭىز، ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق جايدىكى پوچتىخانىغا بېرىپ ياكى تەھرىر بۆلۈمىمىزگە تېلېفون بېرىش ئارقىلىق مۇشتەرى بولسىڭىز بولىدۇ. ژۇرنىلىمىزغا 2019 - يىللىق مۇشتەرى قوبۇل قىلىش خىزمىتى باشلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ  مۇشتەرى بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
  ژۇرنىلىمىزغا دۆلەت ئىچىدە پوچتا ئارقىلىق مۇشتەرى بولۇش ۋاكالەت نومۇرى: 117 __ 58 (新)
 ژۇرنىلىمىز قوش ئايلىق ژۇرنال بولۇپ، يىلدا ئالتە سان چىقىدۇ، يىللىق باھاسى: 48 يۈەن
 ژۇرنىلىمىزغا ھەر قانداق ۋاقىتتا مۇشتەرى بولماقچى ياكى ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز، ئالاقىلىشىش تېلېفونىمىز: 8530016 (0991)
  ئالاقىلەشكۈچى: ھەسەنجان ئابلەت