«مەن سىلەرنىڭ ئۆز قىزىڭلار...»

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 346   يوللانغان ۋاقتى: 2018-08-10 11:10:54

 

«مەن سىلەرنىڭ ئۆز قىزىڭلار...»

  — باھارگۈل نىغمەت ۋە ئۇنىڭ ھەر مىللەتتىن بولغان «11 ئاتا - ئانىسى» ھەققىدە ھېكايىلەر
  
  ئۆز مۇخبىرىمىز مۇھەممەدسالىھ مەتروزى

  
    باھارگۈل تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئائىلە
  
  تاتار مىللىتىدىن بولغان باھارگۈل ھاياتىدا «ئۆزىگە ھەمدە ئائىلىسىدىكىلەرگە خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدىغان ئىشلار ئىچىدە ئەڭ ئەھمىيەتلىك بولغان بىر ئىش − باشقىلارغا قېرىنداشلارچە كۆيۈنۈش ھەم قولىدىن كېلىشىچە سەمىمىي ياردەم بېرىش» دەپ چۈشەنگەن بىر ۋاپادار ئايال.
  ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان باھارگۈلنىڭ ھاياتلىق مۇساپىسىنىڭ ھەربىر قەدىمىنى ئۇنتۇلغۇسىز خاتىرىلەر ئىچىدە تەمكىنلىك بىلەن بېسىپ كېلىۋاتقىنىغا بۇ يىل 42 يىل بولدى. ئۇنىڭ بۈگۈنكىدەك پارلاق ھايات مۇساپىسىگە مۇھىم تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن دادىسى نىغمەت دانىيار تاتار مىللىتىدىن بولغان مەرىپەتپەرۋەر كىشى، ئانىسى گۈلسۈمخان سەرسەنباي بولسا قازاق مىللىتىدىن بولغان مېھرىبان ئايال. تاتار مىللىتى بىلەن قازاق مىللىتى كىشىلىرىنىڭ بەختلىك ھالدا بىرلىشىشىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن بۇ بەختىيار ئائىلىدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈچ قىز، تۆت ئوغۇل جەمئىي يەتتە پەرزەنت دۇنياغا كۆز ئاچتى. بۇ پەرزەنتلەر كىچىكىدىنلا ئاتا - ئانىسىنىڭ تولۇپ تاشقان مېھىر - مۇھەببىتىدە ۋە كىشىنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدىغان ئىناق ئائىلە مۇھىتىدا چوڭ بولدى. نىغمەت ئاكا ۋە گۈلسۈمخان ھەدە پەرزەنتلىرىگە كىچىكىدىنلا مېھىر - مۇھەببەت تەربىيەسى بېرىپ چوڭ قىلغان، سەمىمىي ئادەم بولۇشنىڭ يولىنى ئۆزلىرىنىڭ نەمۇنىلىك ۋە ئەمەلىي ئىش - ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئۆگەتكەنىدى. مانا مۇشۇنداق ئىناق ۋە ياخشى ئائىلە مۇھىتىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن باھارگۈل بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۆزىنىڭ بىر قاتار نەمۇنىلىك ئىش - ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەل - يۇرتنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان، ھەممىنىڭ ھۆرمىتى ۋە قەدىرلىشىگە ئېرىشكەن بىر مۇنەۋۋەر مەھەللە كادىرى بولۇپ يېتىشىپ چىقتى.
  
     ئاساسىي قاتلامدا مەھەللە كادىرى بولۇش
  
  باھارگۈل 1997 - يىلى 10 - ئايدا جىمسار ناھىيەسىنىڭ جىمسار بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتىگە خىزمەتكە چۈشكەندە، كۆڭلىگە گۈزەل ئارمانلارنى، يەنى خىزمەتنى چوقۇم تەشكىل رازى بولغۇدەك ئوبدان ئىشلەپ، ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۈمىدىنى تولۇق ئاقلايدىغان مۇنەۋۋەر كادىر بولۇشنى ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك نىشانى ۋە ئارزۇسى قىلغانىدى. خىزمەتكە قاتنىشىپ بەش يىلدىن كېيىن، يەنى 2002 - يىلى 12 - ئايدا جىمسار ناھىيەسى بۇ ناھىيەدىكى ھەرقايسى مەھەللىلەرنىڭ خىزمىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئاساسىي قاتلاملارغا ئورگانلاردىن كادىر تولۇقلاشنى قارار قىلىدۇ. باھارگۈل تەشكىلنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپلىق بىلەن ئاۋاز قوشۇپ، مەھەللىلەردە ئىشلەشنى خالايدىغان كادىرلار قاتارىدا دەرھال ئۆزىنى تىزىملىتىدۇ ۋە ئىنچىكىلىك بىلەن ئېلىپ بېرىلغان تەشكىلىي تەرتىپلەردىن كېيىن، جىمسار ناھىيەسىنىڭ مەنچېڭلۇ مەھەللىسىگە مەھەللە كادىرى بولۇپ يۆتكىلىدۇ... ئۇ ئۆزىنىڭ شۇ قېتىمقى تاللىشىنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە ئۆزىگە نۇرغۇن شان - شەرەپلەرنى ئېلىپ كېلىدىغىنىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.
  زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇ مۇنۇنلارنى دېدى:
  ـــ مەن شۇ قېتىمقى تاللىشىمنىڭ ناھايىتى توغرا بولغانلىقىنى ئۇزاق ئۆتمەيلا تولۇق ھېس قىلىپ يەتتىم. چۈنكى، قانداق خىزمەت ئورنىدا ئىشلىشىمدىن قەتئىينەزەر، تەشكىل ئورۇنلاشتۇرغان ھەرقانداق خىزمەتنى ناھايىتى ئەستايىدىل ۋە باش چۆكۈرۈپ ئىشلەپ، چوقۇم ياخشى نەتىجىلەرنى قازىنىشقا تولۇق ئىشەنچىم بار ئىدى. ناۋادا مەن ئەينى ۋاقىتتا مەھەللىگە چۈشۈپ خىزمەت قىلىشنى تاللىمىغان بولسام، بەلكىم ئەسلىدىكى خىزمەت ئورنۇمدىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشۈم مۇمكىن ئىدى. ئەمما، خىزمەت ھاياتىم بەلكىم ھازىرقىدەك تېخىمۇ مۇكەممەل مەنىگە ھەم ئۆزگىچە ئەھمىيەتكە ئىگە بولمىغان بولار ئىدى. مەن مەنچېڭلۇ مەھەللىسىگە خىزمەتكە چۈشكەندىن كېيىن، مەھەللە خىزمىتىنىڭ ئويلىغىنىمدىنمۇ جاپالىق ھەم ئىنچىكە ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە خىزمەتتە ئاشۇ جاپالارغا تۇشلۇق نۇرغۇن ئەھمىيەتلىك تەرەپلەرنىڭمۇ بارلىقىنى ھېس قىلدىم. مەھەللە خىزمىتى سەمىمىي، ئەستايىدىل ھەم ئىنچىكە بولۇشنى، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئۆزىنى بېغىشلاشنى تەلەپ قىلاتتى. يېڭى خىزمەت ئورنۇمغا ئىشقا چۈشۈپلا مەن بۇ تەلەپنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقالايدىغانلىقىمغا كۆزۈم يەتكەنىدى...
  باھارگۈل مەھەللە خىزمىتىگە چۈشۈپ، ئۆزىنىڭ خىزمەتتىكى ئەستايىدىللىقى، ئىنچىكىلىكى ۋە بارلىق زېھنىنى خىزمەتكىلا ئاتاپ ئىشلەش روھى ئارقىلىق 15 يىلنىڭ «كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە» ئۆتۈپ كەتكەنلىكىگە ئىشەنمەيلا قالدى.
  ـــ مەنچېڭلۇ مەھەللىسىدە ئىشلەۋاتقىنىمغا 15 يىل بوپتۇ. ھازىر ئويلىسام، بۇ 15 يىل ۋاقىتنىڭ سانىماققا ناھايىتى قىسقا بولغان بىلەن، كۈن، ئاي ۋە يىللارنى بىر - بىرىگە ئۇلاپ ئۆتكۈزۈشنىڭ ناھايىتى ئۇزاققا سوزۇلغان بىر جەريان ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىۋاتىمەن. مېنىڭ بۇ 15 يىل جەريانىدىكى  كەچۈرمىشلىرىم ھەقىقەتەنمۇ كۆپ بولدى. ئەمما، مەن: «بۇ 15 يىلدىكى ھەر بىر كۈن تەشكىلنىڭ ئۈمىدىنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئاقلاشقا سەرپ قىلغان، خىزمەتداشلىرىم بىلەن ھەر ۋاقىت ئىناق - ئىتتىپاق ئۆتۈپ، مەھەللىنىڭ تۈرلۈك خىزمىتىنى كۆڭۈلدىكىدەك ئورۇنلاش ئۈچۈن كۆپچىلىك بىلەن بىللە ئورتاق بىر نىيەتتە تىرىشقان 15 يىل بولدى» دېيەلەيمەن. مەن بۇ 15 يىلنىڭ ھەر بىر كۈنىنى خۇشاللىق ئىچىدە ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزدۈم. ئۆزۈم قىلغان ھەم مەسئۇل بولغان تۈرلۈك خىزمەتتىن خۇشاللىق تاپتىم. گەرچە خىزمىتىمنىڭ مەزمۇنى كۆپ ۋە جاپاسى خېلىلا ئېغىر بولسىمۇ، ھەر قانداق جاپادىن بىرەر قېتىممۇ ۋايساپ باقمىدىم...
  باھارگۈل 15 يىللىق مەھەللە خىزمىتىنى ئىشلەش داۋامىدا ئۆزىنىڭ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ۋە بەختكە مۇيەسسەر بولىدىغىنىنى، يەنى 15 يىل جەريانىدا 11 ئاتا - ئانىغا، يەنە كېلىپ ھەر مىللەتتىن بولغان ئاتا - ئانىغا ئېرىشىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ مانا مۇشۇنداق مىللەت ھالقىغان ئېسىل پەزىلىتى ۋە نەمۇنىلىك ھەرىكىتى بىلەن مەھەللىدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاھالىلەر ئارىسىدا ياخشى نام - ئاتاققا ئېرىشتى.
  جىمسار ناھىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا قاراشلىق يەتتە ناھىيە (شەھەر)نىڭ بىرى بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى بىلەن بولغان ئارىلىقى 165 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ ناھىيەدە خەنزۇ، خۇيزۇ، قازاق، ئۇيغۇر، موڭغۇل قاتارلىق 13 مىللەتتىن بولغان 141 مىڭدىن ئارتۇق نوپۇس بار. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 32.1 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. مەنچېڭلۇ مەھەللىسى بولسا جىمسار ناھىيەسىدىكى سەككىز مەھەللىنىڭ بىرى، شۇنىڭدەك ھەرقايسى مىللەتلەر توپلىشىپ بىللە ئولتۇراقلاشقان مەھەللە بولۇپ، ئومۇمىي دائىرىسى 0.5 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. تەۋەسىدە 15 كىچىك قورۇ، 86 كورپۇس ئۆي، 14 مىللەتتىن بولغان 2254 ئائىلە، 5404 نوپۇس بار. بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇلارنىڭ نوپۇسى 4787 نەپەر، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى 617 نەپەر بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر نوپۇسى ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 186 نەپەر، قازاقلارنىڭ نوپۇسى 167 نەپەر، خۇيزۇلارنىڭ نوپۇسى 153 نەپەر، باشقا مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى بولسا 111 نەپەر. مەھەللىگە قاراشلىق ئاھالىلەردىن تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلار 45 ئائىلە، 75 كىشى، كېسەك تاملىق ئاددىي ئۆيلەردە ئولتۇرۇۋاتقان ئائىلە يەتتە.
   
      باھارگۈلنىڭ ئاتا - ئانىلىرى

  

  ما كېمىڭ بوۋاي: مەنچېڭلۇ مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق خۇيزۇ بوۋاي ما كېمىڭنىڭ ئايالى بالدۇرلا قازا قىلىپ كەتكەچكە، ئۆزى يالغۇز تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. تۇرمۇشىمۇ ناھايىتى غورىگىل. ياشىنىپ قالغاچقا ھەم ئۇزاق يىللاردىن بېرىقى تەنھالىقتا ئۇنىڭ مىجەز - خاراكتېرى ئۆزگىرىپ، باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىشتىنمۇ ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، ھەتتا گەپ قىلىش ئىقتىدارىدىنمۇ ئاساسەن قالغان. قۇلىقىنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىمۇ ياخشى ئەمەس ئىدى. باھارگۈل مەنچېڭلۇ مەھەللىسىگە خىزمەتكە چۈشۈپ ئۇزاق ئۆتمەيلا بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپىدۇ - دە، دەرھال ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا ئەستايىدىللىق بىلەن جىددىي مۇئامىلە قىلىدۇ. يۇقىرى - تۆۋەنگە چېپىپ ئەھۋالنى ئىنكاس قىلىپ، ئۇنى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلار قاتارىغا كىرگۈزىدۇ؛ ئەرزان ئىجارىلىك تۇرالغۇ ئۆيگە ئىلتىماس سۇنۇپ ھەل قىلىپ بېرىدۇ... بۇنىڭ بىلەن ما كېمىڭ بوۋايغا ئىللىق بىر ئائىلە مۇھىتى يارىتىلىدۇ. ما كېمىڭ بوۋاينىڭ ھېچقانداق ئىقتىسادىي كىرىمى بولمىغاچقا، يەنە كېلىپ مېڭىش - تۇرۇشى قولايسىز بولغاچقا، كۈنبويى ئۆيىدىن سىرتقا چىقمايدۇ. كۈندىلىك يېمەك - ئىچمەكتە بەكلا قىينىلىپ، دائىم دېگۈدەك قۇرۇق نان ۋە موما يەپلا كۈن ئۆتكۈزىدۇ... باھارگۈل بۇ ئەھۋاللارنى تولۇق ئىگىلىگەندىن كېيىن، ھەر قېتىم ئۆيىدە گۆش پىشۇرغاندا ياكى مانتا ئەتكەندە ما كېمىڭ بوۋايغا ئاتاپ بىر كىشىلىك تاماقنى ئارتۇق ئېتىدۇ ۋە ئۆزى ياكى ئوغلى ئارقىلىق يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. ھەر ئايدا ئۇنىڭ يېنىغا چوقۇم بىر قېتىم بېرىپ، چېچىنى ئېلىپ قويىدۇ. باھارگۈل ما كېمىڭ بوۋاينىڭ ئىشىك چېكىلگەندىكى ئاۋازنى ئاڭلىماي، دائىم ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى ئاچمايدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇنىڭ بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، پات - پات يوقلاپ تۇرۇشقا قولاي بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ بىر تال ئاچقۇچىنى ئۆز يېنىدا ساقلايدۇ.
  ئۆتكەن يىلى قىشتا ما كېمىڭ بوۋاي ئەرزان ئىجارىلىك ئۆيىنىڭ پار پۇلىنى تاپشۇرۇشقا بېشى قېتىپ تۇرغاندا، باھارگۈل ئۆزىنىڭ مائاشىدىن بوۋاي ئۈچۈن مىڭ نەچچە يۈەن پار پۇلىنى ۋە ئۆي ئىجارە ھەققىنى تۆلىۋېتىدۇ. ما كېمىڭ بوۋاي بۇنىڭدىن بەكلا خۇش بولىدۇ ھەمدە ھەر قېتىم باھارگۈلنىڭ پات - پاتلا ئۆزىگە گۆش، ھەرخىل قورۇما، ئاش - تاماق يەتكۈزۈپ، ئۆيىنىڭ تازىلىقلىرىنى قىلىپ، يوتقان - كۆرپىلىرىنى يۇيۇپ، ياماپ بېرىۋاتقانلىقىدىن تەسىرلىنىپ ھۆڭرەپ يىغلاپ كېتىدۇ... باھارگۈلنىڭ ما كېمىڭ بوۋاينىڭ ھالىدىن قېتىرقىنىپ خەۋەر ئېلىپ ۋە ئەستايىدىل كۆيۈنۈشى نەتىجىسىدە، بوۋاينىڭ روھىي ھالىتى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىنىپ، ئىلگىرىكى گەپ قىلالمايدىغان ھالەتتىن ھازىرقىدەك گەپ قىلالايدىغان ھەم كۈلەلەيدىغان ھالەتكە ئۆزگەردى.
  ليۇ گوچۈن ئەر - خوتۇن: مەنچېڭلۇ مەھەللىسى تەۋەلىكىدە ئولتۇرۇشلۇق ليۇ گوچۈن ئەر - خوتۇن ئەسكى - تۈسكى نەرسىلەرنى يىغىپ سېتىش بىلەن كۈن كەچۈرىدىغان نامرات ئائىلىلەردىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىردىنبىر ئوغلى 2000 - يىلى   2 - ئايدا كېسەللىك بىلەن تۈگەپ كېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشقا ۋە ھاياتقا بولغان ئىشەنچى يوقاپ، روھىي جەھەتتە ئازابلىنىپ تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە، باھارگۈل ئۇلارنىڭ يېنىدا پەيدا بولىدۇ ۋە ئۇلارغا ئۆزىنى ئۆز پەرزەنتى ئورنىدا كۆرۈشكە، كۆڭلىنى خۇشال - خۇرام تۇتۇشقا دەۋەت قىلىپ، تەسەللى بېرىدۇ. باھارگۈل ھەر ھەپتىنىڭ يەكشەنبە كۈنى ۋە ھەر قېتىمقى ھېيت - بايرامدا ئۇلارنىڭ كونا ئۆيىگە ئالايىتەن يوقلاپ كېلىپ، بۇ بىر جۈپ بوۋاي - مومايغا پەرزەنتى ئورنىدا ھەمراھ بولۇپ ھال - مۇڭ قىلىشىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرىدۇ، مۇڭدىشىش جەريانىدا ئۇلارغا مەھەللىدە بولۇۋاتقان ئىشلارنى ۋە يېڭىلىقلارنى ھېكايە قىلىپ بېرىدۇ، ھەتتا بەزىدە ئالتە ياشلىق قىزىنى بىللە ئەگەشتۈرۈپ كېلىپ ئۇلارغا ئويۇن كۆرسىتىپ بېرىدۇ... ليۇ گوچۈن ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن باھارگۈل بىلەن خۇددى ئۆز قىزى بىلەن مۇڭداشقاندەك مۇڭدىشىش ئارقىلىق كەيپىياتى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىنىپ، كۆڭلى كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ. ليۇ گوچۈننىڭ ئايالى ليۇ گۇيخۇانىڭ رېماتىزم كېسىلى بار بولۇپ، بىلىكىنى كۆتۈرەلمەيدىغان ھالەتكە كېلىپ قالغاچقا، باھارگۈل نەچچە يىلدىن بېرى ئۇنىڭ يۇيۇنۇش، چاچلىرىنى تاراش قاتارلىق ئىشلىرىنى قىلىشىپ بېرىدۇ.. باھارگۈلنىڭ بۇ ئىشلارنى ئۈزۈلدۈرمەي ۋاقتىدا قىلىپ كېلىۋاتقىنىغا بەش يىلدىن ئاشتى. 2016 - يىلى جىمسار ناھىيەسىدە كەپىلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى كۈچەپ ئېلىپ بېرىلغان بىر يىل بولۇپ، ليۇ گوچۈن ئەر - خوتۇن ئىككىيلەننىڭ ئۆيىمۇ چېقىپ كۆچۈرۈلۈش دائىرىسىدە بولغاچقا، ئۆيى چېقىلغاندىن كېيىن قەيەردە ئولتۇرۇشىدىن غەم يەپ، كۆڭلى يەنە بىر قېتىم پاراكەندە بولۇشقا باشلايدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ چېقىپ كۆچۈرۈش تولۇقلىما پۇلىنى ۋاقتىدا ئالالماسلىقتىن ۋە ياشانغاندا كۆتۈنۈش مەسىلىسىنىڭ قانداقراق بولۇشىدىن ئەنسىرەيدۇ... باھارگۈل ئۇلارنىڭ بۇ غېمىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇلارغا بۇ ئىشلاردىن غەم يېمەي خاتىرجەم بولۇپ، بۇ ئىشلارغا چېپىپ ھەل قىلىشنى ئۆزىگىلا تاپشۇرۇشىنى، بۇ ئىشلارغا ئۆزىنىڭ شەخسىي ئائىلە ئىشى ئورنىدا قاراپ مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئىشلارنى كۆڭۈلدىكىدەك بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ ۋە ئۆي - مۈلۈك باھالاشقا مەسئۇل خىزمەتچى خادىملارنى تەكلىپ قىلىپ، نەق مەيداندا ئۇلارنىڭ ئۆيىنى باھالىتىپ بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ كۆڭلى جايىغا چۈشىدۇ. بۇ يىل 3 - ئايدا بۇ بىر جۈپ بوۋاي ۋە موماي يېڭى ۋە ئازادە ئۆيگە كۆچۈپ كىرىدۇ. ئۇلار يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەن تۇنجى كۈنىلا خۇشاللىقىدىن باھارگۈل قاتارلىق بىرنەچچە مەھەللە كادىرىنى ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي ئۆيىگە تاماققا تەكلىپ قىلىدۇ. ليۇ گوچۈن بوۋاي ئەر - خوتۇن تاماق ئارىلىقىدا ھاياجانلانغانلىقىدىن باھارگۈلنىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: «ئادەمنىڭ مۇشۇنداق بىر قىزى بولسا نېمىدىگەن ياخشى - ھە!» دەپ يىغلاپ كېتىدۇ. ليۇ گوچۈن بوۋاي كىم ئۇچرىسىلا باھارگۈلنى ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ: «مېنىڭ باھارگۈل ئىسىملىك بىر قىزىم بار، ئۇ بىزنىڭ مەھەللىدە كادىر بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ» دەپ تەرىپلەپ بېرىدۇ... 
 
  بۇ يىلنىڭ بېشىدا باھارگۈل سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئورنىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنى ليۇ گوچۈن بوۋاينىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈپ قويۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ. ھەتتا بۇ بوۋاي - مومايغا بازاردىن يېڭى كىيىم سېتىۋېلىپ كىيدۈرۈپ قويىدۇ. باھارگۈل ھەر بىر ئىشتا ئۇلارغا خۇددى ئۆزىنىڭ ئاتا - ئانىسىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىنىڭ خاتىرجەملىك ۋە ئىللىقلىق ئىچىدە ئۆتۈشىگە ياردەم قىلىدۇ.
  يەن پېيشيا ئانا: 2003 - يىلى باھارگۈل مەھەللە تەۋەسىدىكى ئۆيلەرنى ئارىلاۋېتىپ، مەنچېڭلۇ مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق يەن پېيشيا ئىسىملىك خەنزۇ ئايال بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ. شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر 20 نەچچە كىۋادرات مېتىرغىمۇ يەتمەيدىغان، تاملىرى قاڭالتىردىن ياسالغان كىچىككىنە بىر ئۆيدە ئولتۇراتتى. ئۇلار ئۆزلىرى ئېچىۋالغان كىچىككىنە بىر كۆكتات دۇكىنىدىن كىرگەن ئازراقلا كىرىم بىلەن تۇرمۇشىنى قامدايتتى. يەن پېيشيانىڭ ئېرى 2005 - يىلى ماشىنا ھادىسىسىدە قازا قىلىپ كېتىدۇ. بۇ ئۇشتۇمتۇت ۋەقە بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ناھايىتى ئېغىر زەربە بولىدۇ.
  باھارگۈل مانا مۇشۇنداق ھەل قىلغۇچ ۋاقىتتا ئۇلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇپ، ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكىدىن ئايرىلغان بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ھەرخىل تولۇقلىما ۋە ياردەملەرنى ئېلىشىغا، ئەرزان باھالىق ئىجارە ئۆينى ئىلتىماس قىلىشىغا ياردەملىشىدۇ. باھارگۈل ھەر قېتىم ئۇلارنى يوقلاپ كەلگەندە، يېنىدىكى بار پۇللارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئىشلىتىشىگە بېرىۋېتىدۇ. كېيىنچە يەن پېيشيانىڭ ئوغلى ۋە قىزى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەندە، باھارگۈل بۇ بالىلارنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇش پۇلىنى تۆلىشىگە ياردەم قىلىدۇ. ئاچا - ئىنى ئىككىيلەن ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشقا مېڭىش ئالدىدا، ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇش جەريانىدا ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالمايدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆڭلى يېرىم بولغاندا، باھارگۈل ئۇلارنىڭ ئوقۇشنى خاتىرجەم داۋاملاشتۇرۇشىنى؛ يەن پېيشيا ئانىنىڭ ھالىدىن ئۆز ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاندەك ئوبدان خەۋەر ئالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇلارنى خاتىرجەم يولغا سالىدۇ. 
  بىر قېتىم باھارگۈل يەن پېيشيا ئانىنىڭ كۆكتات دۇكىنى ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، كۈندە ئېچىلىدىغان بۇ دۇكاننىڭ ئىشىكىنىڭ تاقاقلىق تۇرغانلىقىنى كۆرىدۇ - دە، ئۇنىڭ ئۆيىگە ئىزدەپ بارىدۇ. يەن پېيشيا ئانا شۇ كېچىسى تۇيۇقسىز قىزىپ، ماغدۇرسىزلىنىپ، ئورنىدىن قوپالماي ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغانىدى. باھارگۈل يەن پېيشيا ئانىنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى ئۇزاققىچە قاققان بولسىمۇ، ئۆيدىن سادا چىقمايدۇ. باھارگۈل جىددىيلەشكىنىدىن دەرھال تامدىن ئارتىلىپ چۈشۈپ ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىدۇ ۋە كېسەل سەۋەبىدىن ھالسىز ھالەتتە ياتقان يەن پىيشيا ئانىنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىدۇ. دوختۇرلارنىڭ ۋاقتىدا جىددىي قۇتقۇزۇشى بىلەن يەن پىيشيا ئانىنىڭ ھاياتى ئامان قالىدۇ... ئۇنىڭ بالىلىرى بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن باھارگۈلگە تېلېفون بېرىپ، ئۆكسۈپ - ئۆكسۈپ يىغلاپ كېتىدۇ ۋە باھارگۈلدىن ئۆزلىرىنىڭ چەكسىز مىننەتدار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇلار دادىسى قازا قىلغاندىن كېيىن، باھارگۈل بىلەن قېرىنداشلاردەك مېھىر - مۇھەببەت ئورناتقانىدى. كېيىنچە باھارگۈلنىڭ يېقىندىن ياردەملىشىشى، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى ئىنكاس قىلىپ، كۆپ تەرەپتىن ئەتراپلىق ياردەم بېرىشى بىلەن، يەن پېيشيا ئانىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىدا بارا - بارا ياخشىلىنىش بولىدۇ. كېيىنچە يەنە باھارگۈلنىڭ ياردىمى بىلەن 2012 - يىلى ئۆزىنىڭ «شادلىق تاللا بازىرى»نى ئېچىپ تىجارەت باشلايدۇ. گەرچە بۇ تاللا بازىرى سەل چەتكىرەك جايلاشقان بولسىمۇ، ئەمما كىشىلەر بۇ تاللا بازىرىنىڭ باھارگۈلنىڭ ياردىمىدە ئېچىلغانلىقىنى بىلگەچكە، بۇ تاللا بازىرىدىن نەرسە - كېرەك سېتىۋالىدىغانلار كۆپىيىپ، تىجارىتىمۇ ئوبدان يۈرۈشىدۇ... يەن پېيشيا ئانىنىڭ قىزى ۋە ئوغلىمۇ ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇشىنى پۈتكۈزۈپ يۇرتىغا ـــ ئانىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ بىر ئائىلە كىشلىرى قايتىدىن بىر يەرگە جەم بولۇپ، كۆڭۈلدىكىدەك تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشكە باشلايدۇ... 
  ئۇلار مۇخبىرغا باھارگۈلنىڭ ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ ئۆزلىرىگە ياردەم قىلغان 10 نەچچە مىڭ يۈەن پۇلنى قايتۇرماقچى بولغاندا، باھارگۈلنىڭ: «بۇ، مېنىڭ سىلەرگە، يەن پېيشيا ئانامغا ـــ پەرزەنتنىڭ ئاتا - ئانىسىغا ۋە قېرىنداشلىرىغا قىلغان ئازراقلا كۆڭلى. شۇڭا، مۇنداق پۇلنى قايتۇرۇشنى ئويلاشساق بولمايدۇ» دەپ ئېلىشقا قەتئىي ئۇنىمىغانلىقىنىمۇ ھېكايە قىلىپ بەردى. بۇ «بىر ئائىلە كىشىلىرى»نىڭ مانا مۇشۇنداق قېرىنداشلارچە سەمىمىي مېھىر - مۇھەببەتتىن ھاسىل بولغان قەلب رىشتىسى باھارگۈل بىلەن يەن پېيشيا ئانا ئائىلىسىدىكىلەرنى بىر - بىرىگە چەمبەرچاس باغلاپ، ئۇلارنى مەڭگۈلۈك بىر تۇغقان قېرىنداشلارغا ئايلاندۇردى...
  يەن پېيشيا ئانىنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە ۋە خۇشاللىقلارغا باھارگۈلنىڭ ناھايىتى كۆپ ياردىمى ۋە ئەجرى سىڭگەن بولغاچقا، زىيارەت جەريانىدا بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى مۇخبىرغا ئۆزلىرىنىڭ باھارگۈلگە ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز رەھمەت - تەشەككۈرى بارلىقىنى ھاياجان بىلەن ئېيتتى: 
  ـــ باھارگۈل ئاللىبۇرۇن ئائىلىمىزنىڭ ئادىمى بولۇپ قالدى. ئائىلىمىزدە قانداقلا بىرەر قىيىنچىلىق بولسا ئۇ دەرھال يېنىمىزغا كېلىپ ياردەمدە بولىدۇ. ئۇنىڭ مېنى ئانا قىلىۋالغىنىغا خېلى ۋاقىتلار بولدى، ـــ يەن پېيشيا ئانا بۇ گەپنى دەۋاتقاندا چېھرىدە بەخت تەبەسسۇمى جىلۋىلەندى...
  كەرىمخان بوۋاي: باھارگۈلنىڭ قازاق دادىسى كەرىمخان 2007 - يىلى ئىشلەۋاتقان ئورنىنىڭ ۋەيران بولۇشى سەۋەبىدىن بىر ئائىلىدىكى تۆت جان ئادەم ئىلاجسىز ئوغلى ئەلىنىڭ كۈنلۈك ئىشلەپ تاپقان پۇلىغا قاراشلىق بولۇپ قالىدۇ. كەرىمخاننىڭ ئايالى كېسەلچان، قىزى زىلەيخان تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان ھالەتتە، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ ئۆزى يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە ۋە يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغاچقا، تۇرمۇشتا بەكلا قىينىلىدۇ. باھارگۈل ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىغا ئىنكاس قىلىپ، ئېغىر كېسەللەرنى قۇتقۇزۇش بويىچە ئىلتماس سۇنىدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ مائاشىدىن چىقىرىپ ئۇلارنىڭ داۋالىنىش چىقىملىرىنى تۆلىشىگە ياردەم بېرىدۇ. ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇنلارنى سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ، كەرىمخان بوۋاينى ئامانلىق ساقلاش خىزمىتىگە، ئۇنىڭ ئوغلىنى ماي قاچىلاش پونكىتىغا تونۇشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويىدۇ. ھازىر بۇ بىر ئائىلىنىڭ كۈنلىرى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىنىپ، ھەممەيلەن خاتىرجەملىك ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ.
 
  جاڭ شياۋخۇا موماي: 2015 - يىلى 6 - ئاينىڭ بىر كۈنى ئاخشىمى جىمسار ناھىيەسىدە ناھايىتى قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ. بۇ ناھىيەدە يامغۇرنىڭ مۇنچىۋالا قاتتىق يېغىشى كەمدىن - كەم ئۇچرايدىغان ئەھۋال ئىدى. شۇ ئاخشامقى يامغۇردا باھارگۈل مەنچېڭلۇ مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق نامرات ئائىلە جاڭ شياۋخۇا موماينى ئەسكە ئالىدۇ. چۈنكى، جاڭ شياۋخۇا موماي ئولتۇرۇۋاتقان ئۆي خەتەرلىك ئۆيلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولغاچقا، ئۆينىڭ مۇنداق قاتتىق يامغۇردا ئۆرۈلۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى بار ئىدى. ناۋادا شۇنداق بولىدىغان بولسا، جاڭ شياۋخۇا موماينىڭ ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشى مۇمكىن ئىدى... باھارگۈل بۇلارنى ئويلاپ بەكلا ئەنسىرەيدۇ. يامغۇر توختىماي يېغىۋەرگەچكە، كېچە سائەت ئىككى بولغاندا باھارگۈل باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5 - يىللىقىدا ئوقۇيدىغان ئوغلى ئېلشاتنى دەرھال ئويغىتىپ، تۆت ياشقا كىرگەن سىڭلىسى ئېلىزاغا قاراشنى تاپىلاپ قويۇپ، قاتتىق يېغىۋاتقان يامغۇرغا قارىماي، يولدىشى ئەلى سىماغۇل بىلەن بىللە جاڭ شياۋخۇا موماينىڭ ئۆيىگە بارىدۇ. يامغۇرنىڭ شارقىراپ يېغىۋاتقاندىكى كۈچلۈك ئاۋازى ئىشىكنىڭ چېكىلگەندىكى ئاۋازىنى بېسىپ چۈشىدۇ... ئۇلار بىر تەرەپتىن ئىشىكنى كۈچەپ ئۇرۇپ ۋە ئىتتىرىپ، يەنە بىر تەرەپتىن جاڭ شياۋخۇا موماينى چاقىرىپ، مىڭ تەستە ئاندىن ئىشىكنى ئاچىدۇ. ئۇلار ئۆيگە كىرگەندە يامغۇر سۈيى ئۆي تېمىنىڭ بۇرجەكلىرىدىن ۋە ئۆگزىنىڭ يېرىقلىرىدىن ئېقىپ چۈشۈۋاتقان بولۇپ، ئۆينىڭ تېمى خېلىلا بوشاپ قالغانىدى. جاڭ شياۋخۇا موماينىڭ كارۋىتىمۇ ئۆگزىنىڭ يوچۇقلىرىدىن تامچىپ چۈشكەن يامغۇر سۈيىدە ھۆل بولۇپ كەتكەنىدى. باھارگۈل دەرھال يولدىشى بىلەن بىرلىكتە جاڭ شياۋخۇا موماينى ناھىيەلىك پارتىيە مەكتىپىنىڭ مېھمانخانىسىغا ئاپىرىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ، ئاندىن ئۆيىگە قايتىدۇ... ئەتىسى ئەتىگەندە جاڭ شياۋخۇا موماينىڭ قىزى بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، مەھەللە ئىشخانىسىغا ئالايىتەن كېلىپ، باھارگۈلنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا: «ئالدىڭىزدا بەكلا خىجىلمەن، مەن ئانامنىڭ ئۆز قىزى تۇرۇپ قىلالمىغان ئىشنى سىز قىلدىڭىز، بۇ ياخشىلىقىڭىزنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمەن» دەيدۇ...
 
  تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن ئۆزى چىقالمايدىغان ما كېمىڭ بوۋاي، ياشانغان ۋاقتىدا ئوغلىدىن ئايرىلىپ قالغان ليۇ گوچۈن ئەر - خوتۇن، تۇرمۇشتا يۆلەنچۈكسىز قالغان يەن پېيشيا ئانا، ئەقىلىي ئىقتىدار جەھەتتە مېيىپ بولۇپ قېلىپ تۇل ياشاۋاتقان جاڭ شياۋخۇا موماي، ئائىلە قىيىنچىلىقى ئېغىر بولغان رىزۋانگۈل چوڭ ئانا... بىر - بىرىدىن نامرات ۋە قارىغۇچىسى يوق مانا مۇشۇنداق «دادا» ۋە «ئانا»لاردىن 11 نەپەر ئاتا - ئانا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ باھارگۈلنىڭ «ئاتا - ئانىسى»غا ئايلاندى. باھارگۈل ھەر ئايدا ئۆزىنىڭ مائاشىدىن تېجەپ ۋە يىغىپ دېگۈدەك تۆت - بەش يۈز يۈەن پۇلنى ئاشۇ ئاتا - ئانىلىرىغا بېرىپ، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ پەرزەنتىگە خاس ۋاپادارلىقىنى يەتكۈزۈپ تۇردى.
  
     ئەجدادلاردىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئېسىل روھ
  
  باھارگۈلنىڭ دادىسى نىغمەت ئاكا بىر ئۆمۈر بالا ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغان مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ھايات ۋاقتىدا تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قولىنى سۇنغانىدى. دادىسىنىڭ مۇشۇنداق ئېسىل پەزىلىتى كىچىكىدىلا قەلبىگە مۆھۈر بولۇپ ئويۇلغان باھارگۈل ياردەمگە ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ياردەم قىلىشنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى قىلدى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق بالىلىرىنىڭ قەلبىگىمۇ باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى مۇھىم ئىش قاتارىدا كۆرىدىغان قىممەتلىك روھنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشتى، بالىلىرىنى ئەنە شۇنداق ئېسىل روھ بىلەن تەربىيەلەشكە كۈچىدى. باھارگۈلنىڭ بالىلىرى دەسلەپتە ئانىسىنىڭ مۇنداق قىلغىنىنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمىدى، ھەتتا ئانىسىنىڭ نېمىشقا ياشانغان ياكى كېسەلچان كىشىلەرگە مۇنچىۋالا كۆپ ياردەم قىلىدىغىنىغا، بەزىدە ھەتتا ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ئاتا - ئانىسى ياكى بىر تۇغقان قېرىندىشىدىنمۇ ئارتۇق كۆيۈنىدىغانلىقىغا ھەيران بولۇپ، تەئەججۈپلۈك سوئاللارنىمۇ سورىدى. باھارگۈل بالىلىرىنىڭ بۇ سوئاللىرىغا سەۋرچانلىق بىلەن ئۇلار قايىل بولغۇدەك جاۋاب بەردى. كېيىنچە باھارگۈلنىڭ بالىلىرى ئانىسىنىڭ ياشانغانلارغا ھەم ئاجىزلارغا مېھىر - مۇھەببەت ۋە ۋاپادارلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتىگە بىۋاسىتە قاتناشقاندىن كېيىن ئانىسى 15 يىلدىن بېرى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان مۇنداق ياخشى ئىشلارنىڭ ئەھمىيىتىنى بارا - بارا چۈشىنىپ، بۇ ياخشى ئىشلاردىن چەكسىز خۇشاللىققا ئېرىشكەنلىكىنى چىن كۆڭلىدىن ھېس قىلىشتى... نىغمەت ئاكا ۋە گۈلسۈمخان ھەدە ئىككىيلەننىڭ بالىلىرىغا كىچىدىنلا قاتتىق تەلەپ قويۇشى، ھەقىقىي ئادەم بولۇشنىڭ يوللىرىنى ۋە ئىلىم ئۆگىنىشكە بارلىق زېھنىنى ئاتاشنى ئۆگىتىشى نەتىجىسىدە، باھارگۈلنىڭ بىر تۇغقانلىرىنىڭ ھەممىسى ھەرقايسى جايلاردىكى خىزمەت ئورۇنلىرىدا تەشكىلنى رازى قىلغۇدەك ئىشلەپ، باھارگۈلگە ئوخشاش ياخشى ئىشلارنى تالىشىپ قىلىشنىڭ ئۈلگىلىرىگە ئايلاندى...
  باھارگۈل ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ۋە گەپ - سۆزى ئارقىلىق بالىلىرىغا تەسىر كۆرسەتتى، يولدىشىنىڭ باشتىن - ئاخىر قىزغىن قوللىشىنى قولغا كەلتۈردى؛ ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەپ، ئۇلارغا ۋاپادار بولۇش ھەم كۆيۈنۈشتىن ئىبارەت مۇنداق ئېسىل پەزىلەتنى پۈتۈن بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ قەلبىگە مەھكەم سىڭدۈردى؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۇرۇقلىرىنى بالىلىرىنىڭ ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ قەلبىدە بىخلاندۇردى. باھارگۈلنىڭ يولدىشى ۋە بالىلىرىمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاشلا ياشانغانلارغا كۆيۈنۈش ھەم ئۇلارغا ۋاپادارلىقنى يەتكۈزۈش پائالىيىتىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ، قولۇم - قوشنىلارنىڭ ۋە ئەتراپتىكىلەرنىڭ قىزغىن ماختىشىغا سازاۋەر بولدى... 15 يىل جەريانىدا مەنچېڭلۇ مەھەللىسىدە باھارگۈل ياردەم قىلغان يالغۇز، مېيىپ ۋە ياشانغانلارنىڭ سانى 50 نەچچە ئادەمگە يەتتى. ئەمما، باھارگۈل بۇ ئىشلارنى قىلىش جەريانىدا ھېچقانداق غەيرى مەقسەت - مۇددىئا قوغلاشمىدى، قىلغانلىرى ئۈچۈن تەشكىلگە ياكى ئەتراپىدىكىلەرگە ھېچقانداق ئارتۇقچە تەلەپ قويمىدى.
  ـــ مەن بىر كومپارتىيە ئەزاسى، يەنە كېلىپ مەھەللە كادىرى. مەن ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ ئىچىدە ئاجىزلار توپىغا تەۋە بولغان كىشىلەر ۋە  نامرات ئائىلىلەر بار. مەن ئۇلارغا چوقۇم ئۇلارنىڭ ئۆز قىزىغا ئوخشاش كۆڭۈل بۆلۈشۈم، ئۇلارغا ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىنى ھېس قىلدۇرۇشۇم كېرەك. ھازىر ناھىيەمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەر پىدائىيلار ئەترەتلىرىگە قاتنىشىپ، قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى سەمىمىي مېھىر - مۇھەببەتنى ۋە ئىللىقلىقنى باشقىلارغا تەقدىم قىلماقتا. مەن ئۇلار بىلەن بىرلىكتە تەڭ قول تۇتۇشۇپ، 15 يىلدىن بېرى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان باشقىلارغا خالىسانە ياردەم قىلىش ۋە سەمىمىي كۆيۈنۈش مەجبۇرىيىتىمنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىمەن، ـــ مۇخبىر باھارگۈلدىن ئۇنىڭ كېيىنكى پىلانى ھەققىدە سورىغاندا ئۇ ئەنە شۇنداق جاۋاب بەردى.
  
      باھارگۈل تارقىتىۋاتقان ئاكتىپ ئېنېرگىيە
  
  باھارگۈل ئەل - جامائەتنىڭ ئىشلىرى ئۈچۈن مانا مۇشۇنداق ئۈن - تىنسىز خالىس تۆھپە قوشۇش روھى بىلەن ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە ئۈلگە بولۇپ، ئۇلارنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش ۋە ھايات قارىشىغا تەسىر كۆرسەتتى. ئۇنىڭ ئۆز خىزمىتىنى ئەستايىدىل ئىشلەش، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىش روھى جەمئىيەتنىڭ قوللىشىغا ۋە ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى. ئۇنىڭ تەسىرىدە جىمسار ناھىيەسىدە مەخسۇس ياشانغانلارغا ۋە نامرات ئائىلىلەرگە ياردەم بېرىشنى باش مەقسەت قىلغان «قىزىل دوپپا پىدائىيلار گۇرۇپپىسى» بارلىققا كېلىپ، ھازىرغىچە سەككىز تارماق گۇرۇپپىسى بار بولدى، ئەزا سانى دەسلەپكى قۇرۇلغان ۋاقىتتىكى 16 كىشىدىن 260 كىشىگە يەتتى. بۇ گۇرۇپپىنىڭ تەشكىللىشى ۋە خالىس مۇلازىمىتى نەتىجىسىدە نۇرغۇن كىيىم - كېچەك ۋە نەق پۇل يىغىلىپ، قىيىنچىلىقى بار، ياردەمگە ئېھتىياجلىق كىشىلەرنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلدى.
  جىمسار ناھىيەسى باھارگۈلنىڭ نەمۇنىلىك ئىش ئىزلىرى ئارقىلىق پۈتكۈل ناھىيەدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنى يېڭى دەۋرگە خاس ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىشقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش پائالىيىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈشكە ۋە جەمىئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى ياشانغانلارغا ھەم تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بارلارغا مېھىر - مۇھەببەت ۋە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش خىزمىتىگە ھەيدەكچى بولۇش ئۈچۈن، بۇ يىل 4 - ئايدا مەنچېڭلۇ مەھەللىسىدە «باھارگۈل خىزمەتخانىسى» قۇرۇپ چىقتى. باھارگۈلنىڭ مەسئۇللۇقىدىكى بۇ خىزمەتخانا كومپارتىيە ئەزالىرى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەزالىرى ۋە باشقا ھەر ساھەدىكى ئاكتىپلاردىن تەشكىللەنگەن پىدائىيلارنى ھەم خەير - ساخاۋەتچىلەرنى تەشكىللەپ، جەمئىيەتتىكى قىيىنچىلىقى بار ھەر مىللەت ئاممىسىغا، ئاجىزلار توپىغا ۋە ياردەمگە ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە خالىسانە مۇلازىمەت قىلىپ ئىللىقلىق يەتكۈزۈشنى ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيىتى قىلغان. بۇ خىزمەتخانا ئاساسىي قاتلامدىكى بىر مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ ئالىيجاناب پەزىلىتىنى ۋە ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئاۋامنىڭ ئىشلىرى ئۈچۈن بەجانىدىل بېغىشلاشتىن ئىبارەت گۈزەل ئەخلاقىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە تەشۋىق قىلىپ، باھارگۈلنىڭ روھىي دۇنياسىدىن بالقىپ تۇرۇۋاتقان ئەڭ نۇرانە روھنى ئەتراپقا تېخىمۇ كەڭ تاراتماقتا.
  جىمسار ناھىيەسىدە باھارگۈلنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنسا ماختىمايدىغان ئادەمدىن بىرسىمۇ يوق. چۈنكى، ئۇ جىمسار ناھىيەسىنىڭ ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ماركىسى»غا ئايلاندى. باھارگۈلدىن ئىبارەت ئاساسىي قاتلامدىكى ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان بىر كادىرنىڭ ۋۇجۇدىدا ئېسىل پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ چىن ئىنسانغا خاس روھ بىلەن تەربىيەلىنىشىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى؛ قانۇن - ئىنتىزامغا ئاكتىپلىق بىلەن رىئايە قىلىپ، ھەممە جايدا پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئاكتىپلىق ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ھەر قايسى مىللەتلەردىن بولغان كەڭ ئاممىغا، بولۇپمۇ قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا سەمىمىيلىك بىلەن كۆيۈنۈشى؛ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ۋاقتى - ۋاقتىدا يەتكۈزۈشتەك مۇنداق ئېسىل روھنى 15 يىلدىن بېرى ئىزچىل تۈردە ئۈزمەي داۋاملاشتۇرۇشى... ھەرقانداق بىر كىشىنى قايىل قىلغاچقا، ھەر دەرىجىلىك تەشكىل ۋە جەمئىيەت ئۇنىڭ ئەجرىگە يۇقىرى باھالارنى بەردى. باھارگۈلنىڭ نەمۇنىلىك ئىش ئىزلىرى جەمئىيەتتە ئالاھىدە ياخشى تەسىرلەرنى قوزغىغاچقا، تۈرلۈك تاراتقۇلاردا كەڭ دائىرىدە تەشۋىق قىلىندى. ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، «ئەڭ گۈزەل مەھەللە كادىرى»، «جىمسار ناھىيەسىنى تەسىرلەندۈرگەن شەخس»، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىسى»، «1 - ماي ئەمگەك مېدالى» ساھىبى، «8 - مارت قىزىل بايراقدارى»، «ئەڭ گۈزەل شىنجاڭلىق»، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە «ئۈچتە ياخشى ئىشچى - خىزمەتچى»، «جۇڭگودىكى ياخشى كىشىلەر سەھنىسى»نى باھالاش تۈرلىرىگە قاتناشقان مۇنەۋۋەر شەخس، «ئەڭ گۈزەل ئاساسىي قاتلام خەلق ئىشلار كادىرى» قاتارلىق نۇرغۇن نام ۋە شەرەپلەرگە ئېرىشتى. نۆۋەتتە، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا سىڭگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىدەك ئاسراپ، باشقىلارغا خالىسانە ياردەم قىلىشنى ھەممىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويىدىغان نەمۇنىلىك ئىش - ھەرىكىتى، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان ئېسىل پەزىلىتى سانسىزلىغان ئادەمگە ئۈلگە بولماقتا.
  مۇخبىر جىمسار ناھىيەسىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقاندا، كىشىلەرنىڭ باھارگۈل ھەققىدە مۇنداق دېگەنلىرىنى ئاڭلىدى: باشقىلارغا ياردەم بېرىش قارىماققا ھەم ئاڭلىماققا ناھايىتى ئوڭاي ئىشتەك بىلىنىدۇ، ئەمما ئۇنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش، يەنە كېلىپ 10 نەچچە يىل چىن كۆڭلى بىلەن بىر خىل ئىزچىللىقنى ساقلاپ داۋاملاشتۇرۇش ئاسانغا توختىمايدۇ. باھارگۈل ھەر خىل مىللەتتىن بولغان، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار، يار - يۆلەكسىز «11 ئاتا - ئانىسى»غا كۆيۈنۈش، ياردەم بېرىش ۋە ھەمراھ بولۇشنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرغان؛ نۇرغۇن ئادەم بۇنىڭدەك قىلالماسلىقى مۇمكىن... 
  باھارگۈل ئۆزىنىڭ «11 ئاتا - ئانىسى»غا ۋاپادارلىق كۆرسەتكەندىن باشقا، يەنە «باھارگۈل خىزمەتخانىسى» ئارقىلىق مەنچېڭلۇ مەھەللىسىدىكى ھەر مىللەتتىن بولغان 28 نامرات ئائىلىگە، تاغلىق رايونلاردىكى تۆت نەپەر نامرات ئانىغا، تۈرلۈك مېيىپ كىشىلەردىن ئالتە كىشىگە، مېيىپ بالىلاردىن بەشكە، نامرات ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدىن 11گە، نامرات ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدىن تۆتكە ياردەم بەردى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات  دېھقانلارغا 198 قۇر كىيىم - كېچەك ئىئانە قىلدى. «باھارگۈل خىزمەتخانىسى» ئارقىلىق ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھازىرغىچە باشقىلارغا قىلىنغان ياردەم جەمئىي 100 نەچچە مىڭ يۈەنگە يەتتى.
  
      باھارگۈلنىڭ ئىش ئىزلىرى رەھبەرلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى
  
  بۇ يىل 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىكى «نۇر گېزىتى»نىڭ 1 - بېتىدە «نۇر گېزىتى» مۇخبىرى ۋاڭ سېن يازغان «ئۇلارغا ئۆز قىزىدەك مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش ـــ شىنجاڭدىكى مەھەللە كادىرى باھارگۈل نىغمەتنىڭ 15 يىلدا 11 كىشىنى ئۆزىگە ئاتا - ئانا قىلغانلىقى ھەققىدە» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنىدۇ. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ شۇ ۋاقىتتا بۇ خەۋەر ماقالىسىدىن باھارگۈلنىڭ تەسىرلىك ئىش ئىزلىرىدىن خەۋەر تېپىپ، «ئاساسىي قاتلامدىكى مانا مۇشۇنداق مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزالىرىنى تەقدىرلەش ھەم تەشۋىق قىلىش كېرەك» دەپ تەستىق سالدى...
  دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى باتېرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مەدەنىيەت - تەشۋىقات مەھكىمىسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى تىپىك ئىش ئىزلارنى تەشۋىق قىلىپ كېڭەيتىش ئۈچۈن، مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتى، «مىللەتلەر رەسىملىك ژۇرنىلى» ۋە «جۇڭگو مىللەتلىرى گېزىتى» مۇخبىر ئەۋەتىپ، 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جىمسار ناھىيەسىگە بېرىپ، كومپارتىيە ئەزاسى باھارگۈل نىغمەتنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ئەتراپلىق زىيارەت قىلىپ خەۋەر قىلىشقا تەشكىللىدى...
  
 
      خېنەنگە سەپەر
  
  مۇخبىر مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتى پارتكومىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 9 - ئاينىڭ 19 - كۈنى مەركەزنىڭ ئالاقىدار ئاخبارات - تەشۋىقات ئورۇنلىرىدىكى مۇخبىرلاردىن تەشكىللەنگەن زىيارەت گۇرۇپپىسى تەركىبىدە سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جىمسار ناھىيەسىگە مەخسۇس بېرىپ، نەق مەيداندا زىيارەت قىلىش ئارقىلىق باھارگۈلنىڭ ئىلغارلىق ئىش ئىزلىرى ھەققىدىكى مەزكۇر خەۋەرنى يېزىپ پۈتكۈزۈپ بولغان كۈنلەردە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق مىللەتلەر - دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىشخانىسىدىن مۇنۇ خەۋەرگە ئېرىشتى: دۆلەت بايرىمى ھارپىسىدا باھارگۈلنىڭ خەنزۇ ئاتا - ئانىسى ليۇ گوچۈن ئەر - خوتۇن ئايرىلغىنىغا 44 يىل بولغان يۇرتى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شاڭچيۇ شەھىرى مىنچۈەن ناھىيەسى شۇاڭتا بازىرى نيۇمۇگاڭ كەنتىدىكى تۇغقانلىرىنى يوقلاشقا بارماقچى بولۇپ، باھارگۈلنى ئۆزلىرى بىلەن بىللە يۇرتىغا بېرىپ تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ كېلىشكە تەكلىپ قىلماقچى بولىدۇ، ئەمما ئېغىزىدىن چىقىرالمايدۇ. چۈنكى، ئۇلار قىزى باھارگۈلنىڭ بالىلىرىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلىقىنى، يولدىشى ئوقۇتقۇچى بولغاچقا، خىزمىتىنىڭ بەكلا ئالدىراش ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. شۇنداقتىمۇ، ئۇلار يەنىلا باھارگۈلنىڭ ئۆزلىرى بىلەن بىللە بېرىپ كېلىشىنى بەكلا ئارزۇلايدۇ - دە، مەھەللە كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئويلىغانلىرىنى دەيدۇ. باھارگۈل ليۇ گوچۈن «ئاتا - ئانىسى»نىڭ يۇرتقا بېرىپ كېلىشى ئۈچۈن پويىز بېلىتى ئېلىپ بەرمەكچى بولۇپ، ئۇلاردىن كىملىكلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن بارغاندا، ئۇلار تىل قىسىنچىلىق ئىچىدە ئويلىغانلىرىنى ئاخىر باھارگۈلگە دەيدۇ. باھارگۈل ئۇلارنىڭ تەكلىپىنى ئاڭلاپ، ئويلايدۇ: بۇ بىر جۈپ خەنزۇ «ئاتا - ئانىسى»نىڭ ئۆزىنى يۇرتقا بىللە بېرىشقا تەكلىپ قىلغىنى ياخشى ئىش، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزىنىڭ قىزى ھەم قەدىردان كىشىسى دەپ بىلگىنى. ئەڭ مۇھىمى «ئاتا - ئانىسى» ليۇ گوچۈن ئەر - خوتۇن ياشىنىپ قالغان، يەنى ھەر ئىككىسىنىڭ يېشى 80گە بېرىپ قالغان، سالامەتلىك ئەھۋالىمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس، شۇڭا ئۇلارنىڭ سەپەر ئۈستىدە ھەر تەرەپتىن قىينىلىپ قېلىشى تۇرغانلا گەپ. ناۋادا ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ بىللە بارسا، گەرچە ئۆزى بەزى تەرەپلەردە قىينالسىمۇ، ئەمما «ئاتا - ئانىسى»غا بىللە ھەمراھ بولۇپ بارغاندىكىن، ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدىن ھەم سەپەر ئۈستىدە قىينىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىشىنىڭ ھاجىتىمۇ يوق بولۇپ، كۆڭلى توق ھەم خاتىرجەم بولىدۇ... شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن مەنچېڭلۇ مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى فەن يەنپىڭ، مەھەللە مۇدىرى ۋۇ شياۋلىڭ باھارگۈلنى چاقىرتىپ، ليۇ گوچۈن ئەر - ئايال ئىككىيلەننىڭ ئۇنى خېنەنگە تۇغقان يوقلاشقا ئۆزلىرى بىلەن بىللە بېرىپ كېلىشنى ئارزۇلاپ تەشكىلدىن ئالاھىدە تەلەپ قىلىپ كەلگەنلىكىنى، شۇڭا ناۋادا ئائىلىسىدىكىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا بەك چوڭ قىيىنچىلىق بولمىسا ليۇ گوچۈن ئەر - ئايال ئىككىيلەنگە ھەمراھ بولۇپ خېنەنگە بىللە بېرىپ كېلىش تەكلىپىنى بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ... باھارگۈل دەرھال يولدىشى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ليۇ گوچۈن «ئاتا - ئانىسى»غا ھەمراھ بولۇپ خېنەن ئۆلكىسىگە بېرىپ قايتىپ كەلگۈچە بولغان ئارىلىقتا ئىككى بالىسىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ۋە ئۆگىنىشىگە ئۇنىڭ مەسئۇل بولۇپ تۇرۇشى ھەققىدە پىكىر بىردەكلىكىگە كېلىدۇ. ليۇ گوچۈن ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن بۇنى ئاڭلاپ بەكلا خۇشال بولىدۇ. باھارگۈل خەنزۇ ئاتا - ئانىسىنىڭ پويىزدا ئولتۇرۇپ 3000 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى خېنەن ئۆلكىسىگە بېرىپ بولغۇچە يولدا نۇرغۇن جاپالارنى تارتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇلارنىڭ پويىز بېلىتىنى قايتۇرۇۋېتىپ، بىللە مېڭىشقا ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋالىدۇ. جىمسار ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئامما بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇلارنىڭ سەپىرىگە ئاقيول تىلەپ، ئۇلارنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشىنى قولايلىق شارائىتلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. باھارگۈل ليۇ گوچۈن «ئاتا - ئانىسى»غا ھەمراھ بولۇپ، 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىكى ئايروپىلاندا يولغا چىقىشنىڭ تەييارلىقلىرىنى قىلىشقا جىددىي كىرىشىدۇ...
  ھەممىمىزنىڭ ئورتاق تىلىكى: سەپىرىڭلارغا ئاقيول بولسۇن!...
 
  
  2017 - يىلى 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى. ئۈرۈمچى
  
   ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2017 - يىللىق 6 - سانىدىن تاللاندى