يېڭى دەۋردە تىرىشىپ جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقايلى

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 3627   يوللانغان ۋاقتى: 2018-08-10 10:51:20

  

 يېڭى دەۋردە تىرىشىپ جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ 

شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقايلى

  
  − شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش تەسىراتلىرى ھەققىدە كەڭ - كۇشادە پاراڭلاشتى
  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى (دىن ئىشلىرى ئىدارىسى)

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، بىپايان شىنجاڭ زېمىنىدىكى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى (دىن ئىشلىرى ئىدارىسى) 7 - نويابىر ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمەت كومىتېتى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلارنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگىلىك شەخسلەرنى، شۇنداقلا 22 مىللەتنىڭ ۋەكىلىدىن بولۇپ 100دىن ئارتۇق ئادەمنى پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشقا دائىر تەسىراتلىرى ئۈستىدە كەڭ - كۇشادە پاراڭلىشىشقا تەشكىللىدى.
  «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمىز، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، يەنە يولغا چىقىمىز.» سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى سۈي جۈەن ئۆگىنىش دەپتىرىگە مۇشۇ خەتلەرنى يازدى. ئۇ پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا ئۆزىنىڭ چوڭقۇر تەسىراتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «19 - قۇرۇلتاي دوكلاتى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى بىر قاتار زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش مەسىلىلىرىگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى سۈرەتلەپ بەردى؛ ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇش، يېڭى مۇساپىنى باشلاش، يېڭى سەھىپە يارىتىشىنىڭ سىياسىي خىتابنامىسى ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسىدۇر.»
  ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا، پۈتكۈل شىنجاڭغا پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چىقىرىلدى. سۈي جۈەن ئۆزىنىڭ ئۆگىنىپ چۈشىنىشكە، ئۆزلەشتۈرۈشكە ۋە ئەمەلىي ئىشلەشكە كۈچەپ، 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنى تولۇق ئوقۇپ چىقىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تۇنۇپ يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 
  پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى رازۋېدكا قىلىش - نازارەت قىلىش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى يەن كۈي ئۆزىنىڭ 19 - قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش ھەققىدىكى چوڭقۇر تەسىراتى ئۈستىدە ھەر مىللەت ۋەكىللىرى بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇ ئۆزىنىڭ بىڭتۈەنلىك بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى مۇستەھكەملەش شەرەپلىك بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چوقۇم شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈش، بىڭتۈەننىڭ پەۋقۇلئاددە رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، <دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى − بىڭتۈەننىڭ مەنپەئەتى، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىيىتى − بىڭتۈەننىڭ ئومۇمىيىتى> دېگەن ئومۇمىيەت ئېڭىنى مۇستەھكەم تىكلەپ، مەڭگۈ پارتىيەگە سادىق بولۇش غايە - ئېتىقادىنى تاۋلاش كېرەك.»
  يەن كۈي ئىلگىرى «ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك شەخس» دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن. ئۇ خىزمەت ئورنىدا تەپتىش - نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، ئەدلىيە ئادىللىقى بىلەن ھەربىر كىشىنى سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ رىئايە قىلغۇچىسى ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىسى بولۇپ چىقىشقا يېتەكلەيدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 
  قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى 6 - تارماق ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ساقىن سۆز قىلغاندا، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە غەمخورلۇقى، 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىشى نەتىجىسىدە شىنجاڭ زېمىنىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىدە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشلەرنىڭ بولغانلىقىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ۋە قىسىمدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ يادرونى قوغداش، بىر نىشاننى كۆزلەپ يېقىندىن ئەگىشىش ئېتىقادىنىڭ تېخىمۇ چىڭىغانلىقىنى سۆزلەپ، مۇنداق دېدى: «مەن نۆۋەتتە 19 - قۇرۇلتاي روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش سىياسىي ۋەزىپىمىز ۋە سىياسىي مەسئۇلىيىتىمىز قىلىپ، قۇرۇلتاي روھىنى چوقۇم چوڭقۇر ئىگىلەپ ۋە چۈشىنىپ، تىرىشىپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەكلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم.»
  پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنى زىلزىلىگە سالدى. گۇچۇڭ ناھىيەسى غەربىي بىلۇخې بازىرى شىگوبى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، 74 ياشلىق ما گولياڭ يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن 300 كىلومېتىردىن ئارتۇق يول بېسىپ كەلگەنىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەڭ ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەر مىللەت ئاممىنى گۇچۇڭ جامبۇلاق دۆلەتلىك A4 دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، كەنت ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇشىنى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تېخىمۇ بەختىيار ياشاشقا يېتەكلەيمەن.»
  سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى سېرىك بىر تەرەپتىن 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنى ئۆگەنگەچ، يەنە بىر تەرەپتىن ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: «مەن ئاساسىي قاتلامدا بىر قەدەم - بىر قەدەمدىن ئۆسۈپ يېتىلگەن ئاز سانلىق مىللەت كادىرى، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يۇرتىمىزنىڭ ھەممە يېرىدە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ باشلانغانلىقىغا، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشكەنلىكىگە، شەھەر - يېزىلارنىڭ قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىغا شاھىت بولدۇم، بۇ ياخشى ئىشلار، ئەمەلىي ئىشلار ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قەلبىدىن مەھكەم ئورۇن ئالدى.»
  مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى نامرات ئاھالىلەر 2016 - يىلى ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلغان بولۇپ، بۇ يەردىكى ئاپتونوم رايون بويىچە نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپتۇرۇشتىكى يەتتە نۇقتىلىق كەنتمۇ نامراتلىقتىن تولۇق قۇتۇلۇپ چىققان.
  يېڭى دەۋر يېڭى كەيپىيات يارىتىدۇ، يېڭى دەۋر يېڭى نەتىجىلەرنى روياپقا چىقىرىدۇ. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلار يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، تىرىشىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلەردىن بولۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ.
  ئۈرۈمچى تاموژنىسى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى فۇ يوڭشېڭ داغۇر مىللىتىدىن بولغان ئاز سانلىق مىللەت كادىرى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز چوقۇم ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئادا قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك. مەن تاموژنا كۆپ يىللاردىن بېرى تەربىيەلىگەن، داغۇر مىللىتىدىن بولغان كادىر، شۇنداقلا قوشۇمچە ئۈرۈمچى داغۇر مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۆزۈمنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتىم. مەن بۇنىڭدىن كېيىن 19 - قۇرۇلتاي روھىنى تېخىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆزلۈكىمدىن ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ساداقەتمەنلىك بىلەن بۇرچنى زىممەمگە ئېلىشتا دادىل بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۈلگىسى بولۇش ئۈچۈن تىرىشىمەن.»
  پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گۇرۇھى شىركىتى ئىجتىمائىي كاپالەت باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شېرىنگۈل ئابدۇرېھىم: پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى دوكلاتى كىشىنىڭ جاسارىتىنى، روھىنى ئۇرغۇتىدۇ، دەپ قارىدى. ئۇ ئىشلەۋاتقان شىركەت پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس «پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى كارخانىلارغا، ئىسمىنا - گۇرۇپپىلارغا كىرگۈزۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان. گۇرۇھ شىركەتنىڭ خىزمەتچىسى رۇڭ شۆلىڭ پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە قۇرۇلتاي روھىنى تەشۋىق قىلىش لېكسىيە ئۆمىكىگە قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ 19 - قۇرۇلتايغا قاتناشقاندىكى تەسىراتلىرى ۋە ھاسىلاتلىرىدىن كادىر ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىلەن ئورتاق بەھرىمەن بولدى.
  شېرىنگۈل ئابدۇرېھىم «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» ئائىلىسىدىن كەلگەن بولۇپ، بوۋىسى 1958 - يىلى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغان، يېڭى جۇڭگو تەربىيەلىگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئىختىساسلىق كەسپىي خادىمى ئىدى. شېرىنگۈلنىڭ كىچىك سىڭلىسى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدا بوۋىسى بېقىۋالغان مېيىپ، خەنزۇ يېتىم بالا بولۇپ، ھازىر بۇ بىر ئائىلىدىكى ئۈچ ئەۋلاد تۇرمۇش ۋە خىزمەتتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قەسىمىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىدە شېرىنگۈل ئابدۇرېھىمنىڭ ئاتىسى يەنە بىر خەنزۇ تۇغقان تۇتتى، بۇنىڭ بىلەن بۇ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» ئائىلىسىگە يەنە يېڭى بىر ئەزا قوشۇلۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىسى بۇ ئائىلىدە يەنە داۋاملاشتى.
  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى (دىن ئىشلىرى ئىدارىسى) پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خې چېڭگاڭ ئۆزىنىڭ تەسىراتلىرى ئۈستىدە يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇ پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ دەۋر بۆلگۈچ، ئابىدە خاراكتېرلىك زور ئەھمىيىتى، 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىنىڭ مول مەزمۇنى، يېڭى دەۋردىكى يېڭى ئىدىيەنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى قاتارلىق مەزمۇنلارنى چۈشەندۈرۈپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش تەسىراتىنى ئەركىن - ئازادە سۆزلىدى. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشقا يېتەكلىشىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشتىكى كۈچلۈك باشلامچىلاردىن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىدىكى ساداقەتمەن ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلەردىن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ قەتئىي قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
  شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى زۆرەم ياسىن ئوقۇغۇچىلارنى پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشكە ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشقا؛ مەدەنىيەت ئىشەنچىنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، خەلقنى مەركەز قىلغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىگە ۋارىسلىق قىلىپ، تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈشكە، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىشقا؛ سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ ئىجادىي ئايلىنىشىدا ۋە ئىجادىي تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇشقا؛ سەنئەت ئەسەرلىرى ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى، بۈيۈك تەرەققىياتى ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ياخشى بايان قىلىشقا يېتەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
  پىكىر ئالماشتۇرۇشتا ھەر مىللەتتىن بولغان، ھەرقايسى ساھەلەردىن كەلگەن ۋەكىللەر پارتىيە  19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ ئۆزلىرىنىڭ تەسىراتلىرىنى سۆزلىدى. كۆپچىلىك كەينى - كەينىدىن ئۆزلىرىنىڭ ھەرقايسى خىزمەت ئورۇنلىرىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرى ئۈچۈن داۋاملىق بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئىلغارلاردىن بولۇش ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن تىرىشىدىغانلىقلىرىنى؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ ئاكتىپ يېتەكلىگۈچىسى، تۆھپىكارى ۋە ئالغا سۈرگۈچىسى بولىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.
  شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم قىسمىنىڭ ئۇچقۇچىسى جاڭ شياۋجۇڭ پىكىر بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئارمىيە − خەلقنىڭ ئارمىيەسى، خەلق بىزنى تەربىيەلىدى؛ بىز جان - دىلىمىز بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش باش مەقسىتىمىزنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەر ۋاقىت خەلقنى قەلبىمىزنىڭ تۆرىگە قويۇشىمىز كېرەك.»
  ئۈرۈمچى شەھەرلىك تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىنىڭ شىبە مىللىتىدىن بولغان، پېنسىيەگە چىققان كادىرى ۋېن جۇڭشىن مۇنداق دېدى: «19 - قۇرۇلتاي دوكلاتى ھەم روھنى ئۇرغۇتىدۇ، ھەم كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ. مەن دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ۋەتىنىمىزنىڭ قۇدرەت تاپقانلىقىنى، زىممىمىزدىكى بۇرچنىڭ شەرەپلىك ئىكەنلىكىنى؛ بولۇپمۇ دوكلاتتىكى تۇرالغۇ، داۋالىنىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئوقۇش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش قاتارلىق جەھەتلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى ئىدىيە، ياخشى سىياسەتلەرنىڭ ئادەمنىڭ روھىنى ئورغۇتىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتىم.»
  يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ۋە ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش؛ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم  ئىدىيەسىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىل ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۇش؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇش ھەققىدىكى ئويلىغانلىرىنى، تەسىراتلىرىنى، كۆڭۈل سۆزلىرىنى بايان قىلدى. ئۆزلىرىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا، باش شۇجى شى جىنپىڭغا بولغان سەمىمىي مىننەتدارلىقىنى، ساداقەتمەنلىكىنى ۋە چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. كۆپچىلىك ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى شىنجاڭدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، يېڭى دەۋردە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.
  پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىنىڭ ئاخىرىدا ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى (دىن ئىشلىرى ئىدارىسى) نىڭ مۇدىرى (ئىدارە باشلىقى) تۇرغۇن پىدا خۇلاسە سۆزى قىلدى. ئۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچىلارنىڭ ۋە ھەر مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ دىققەتنى يېڭى ئىدىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى تەلەپلەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەسلىي ئەسەرنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشكە كۈچ سەرپ قىلىشىنى؛ ئىدىيە يېتەكچىلىكىگە ۋە ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە، شۇنداقلا چوڭقۇر ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ھەر جەھەتتىكى بىلىملەرنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىشىنى؛ ھەقىقىي ئۆگىنىشىنى ۋە چۈشىنىشىنى، ھەقىقىي تەتبىقلىشىنى ۋە ئىشلىتىشىنى تەكىتلىدى. ھەر مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلەرنىڭ ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشىنى؛ يېڭى دەۋرگە يېقىندىن ئەگىشىپ، باشتىن - ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئىدىيەنى ھەقىقىي تۈردە پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈشىنى؛ دىققەتنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈشىنى؛ ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيىتىنى چۆرىدەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش كۈچى، ئىجرا كۈچى، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كۈچىنى ئۈزۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ ۋە كۈچەيتىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلدى.
  يىغىندا ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ تەلىپى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش؛ «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «بەش تونۇش»نى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دوستلۇق پائالىيەتلىرىنى داۋاملىق، كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىر، ئاممىنىڭ ئالاقىسىنى، ئالماشتۇرۇشىنى ۋە ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ مۇستەھكەم كۈچ تىرىكى بولۇش تەلەپ قىلىندى.
  
  
  (سۈرەتنى پەن رۇي تارتقان)
  
  
  خەنزۇچە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىدىن روشەن ئابلىكىم تەرجىمىسى
  
  ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2017 - يىللىق 6 - سانىدىن تاللاندى