شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيلى

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 1754   يوللانغان ۋاقتى: 2018-08-10 10:43:08

 شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيلى

  
  دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرى باتېر
  
  10 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىن 24 - كۈنىگىچە پارتىيەنىڭ 19 - قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك ئېچىلدى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى چۆرىدەپ، ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلدى؛ بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى ھۆكۈم، يېڭى قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ بىر قاتار يېڭى تەدبىر، يېڭى ئورۇنلاشتۇرما، يېڭى تەلەپلەر چىقىرىلدى. بۇ، بىر قېتىملىق ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، پۈتۈن مەملىكەت دىققەت قىلغان، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىنتايىن مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە قۇرۇلتاي بولدى. پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش، شۇنداقلا نۆۋەتتە ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بىرىنچى سىياسىي ۋەزىپىسى. دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى سىستېمىسىدا دەرھال ئۆگىنىش - ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى قوزغاپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.
  مەن 19 - قۇرۇلتاينىڭ دوكلاتى توغرىسىدىكى تەسىراتىمنى قۇرۇلتاي ئېچىلىۋاتقان مەزگىلدە «جۇڭگو مىللەتلەر گېزىتى» قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان چېغىمدا دەپ بولغانىدىم. بۇ يەردە مەن يەنە بىر نۇقتىنى تەكىتلەپ ئۆتەي: يولداش شى جىنپىڭنىڭ دوكلاتىدا يۈكسەك دەرىجىدىكى تارىخىي مەسئۇلىيەت، كۈچلۈك دۆلەت ئەھۋالى قارىشى، ئاجايىپ نەزەرىيە جاسارىتى، قالتىس سىياسىي پاراسىتى، ئۇلۇغۋار ئىدىيە ۋە نەزەر دائىرە مەركەزلىك نامايان قىلىنغان. ئۇ ماركسىزم ئىدىيەسى چاقناپ تۇرغان شانلىق ھۆججەت، پارتىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇش، يېڭى مۇساپىنى ئېچىش، يېڭى سەھىپىلەرنى يېزىشىدىكى سىياسىي خىتابنامە، ھەرىكەت كۆرسەتمىسىدۇر. پۈتۈن دوكلاتتىن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغان، يېڭى دەۋرنى قارشى ئالغان، يېڭى دەۋرگە قۇچاق ئاچقان ۋە يېڭى دەۋرنى يېتەكچى قىلغان مەردانە ھېسسىياتى ۋە قەتئىي ئىرادىسى ئۇرغۇپ، يېڭى دەۋردە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى تولۇق ئىپادىلەنگەن؛ پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ساداسى، قەتئىي ئىرادىسى مەركەزلىك ئىپادىلەنگەن. مەن بۇ دوكلاتنى تامامەن قوللايمەن ۋە ھىمايە قىلىمەن. تۆۋەندە مەن دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى سىستېمىسىدا تېزدىن پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش - ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى قوزغاش توغرىسىدا ئۈچ تۈرلۈك پىكرىمنى ئوتتۇرىغا قويىمەن.
  بىرىنچى، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ دەۋر بۆلگۈچ زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇش ۋە ئىگىلەش كېرەك
   پارتىيەمىز قۇرۇلغان 90 نەچچە يىلدىن بۇيان، ھەر نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھاتنىڭ تەجرىبە - ساۋاقلىرىنى ۋاقتىدا يەكۈنلەپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، كېيىنكى خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇھىم تەسىرلەرنى پەيدا قىلدى. پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشى ـــ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، يېڭى دەۋرنىڭ مۇساپىسىنى ئېچىشتەك مۇھىم تارىخىي پەيتتە، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ماسلىشىپ، «يېڭى دەۋرنىڭ سوئالى»غا جاۋاب بېرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. بۇ قۇرۇلتاي زور سىياسىي ئەھمىيەتكە، نەزەرىيەۋى ئەھمىيەتكە، رېئال ئەھمىيەتكە ۋە دۇنياۋى ئەھمىيەتكە ئىگە.
  پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ھالقىلىق ۋاقىتتا ئېچىلغان، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان كاتتا قۇرۇلتاي بولدى. ئۆتكەن بەش يىل پارتىيە ۋە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە شۇنداقلا دۇنيانىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ئىنتايىن ئۆزگىچە يىللار بولدى. دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن قارايدىغان بولساق، «جۇڭگونىڭ تىنچلىقى بىلەن دۇنيانىڭ مالىمانچىلىقى» روشەن سېلىشتۇرما بولدى؛ جۇڭگو نەزەرىيەسى، جۇڭگو يولى، جۇڭگو قىممىتى، جۇڭگو تەشەببۇسى بارغانسېرى كۆپ دۆلەتلەرنىڭ دىققىتىگە، چۈشىنىشىگە ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا سازاۋەر بولدى. جۇڭگو چوڭ قەدەملەر بىلەن دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە قەدەم تاشلاپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشماقتا. دۇنيانىڭ ئورتاق ھەرىكەت تارىخىدىن قارايدىغان بولساق، دۇنيا سوتسىيالىزم ھەرىكىتى 500 يىلدىن بۇيان ھەم شانلىق، ھەم ئەگرى - توقاي مۇساپىلەرنى باشتىن كەچۈردى. بۈگۈنكى كۈندە سوتسىيالىزم جۇڭگودا ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، «كاپىتال»نى قايتىدىن بازار تاپتۇردى؛ غەرب ئالىملىرىنى ھەيران قالدۇرۇپ، «سوتسىيالىزمنى جۇڭگودىن ئۆگىنىش كېرەككەن» دېگۈزدى؛ دۇنيا سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى تۆۋەن ھالەتتىن قايتا گۈللىنىشكە يۈزلەندۈردى. ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات باسقۇچىدىن قارايدىغان بولساق، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇپ، بىر تەرەپتىن، ئېلىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، بېيىپ، قۇدرەت تېپىپ، ئۇلۇغ گۈللىنىشكە قاراپ قەدەم باسماقتا؛ يەنە بىر تەرەپتىن،  ئېلىمىز يەنىلا سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قاياققا بارىدۇ؟ جۇڭگو قاياققا بارىدۇ؟ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قاياققا بارىدۇ؟ شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، پارتىيەنىڭ 19 - قۇرۇلتىيى ئېچىلىپ، جۇڭگو دۇنياغا نەزەر سالدى، دۇنيامۇ جۇڭگوغا نەزەر سالدى. چەت ئەللەردىكى نۇرغۇن سىياسىي ئەربابلار: 19 - قۇرۇلتاي جۇڭگو ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى دۇنيا ئۈچۈنمۇ ئوخشاشلا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارىدى. نۇرغۇن چەت ئەل رەھبەرلىرى، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەلەر ۋە تەشكىلاتلار تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاپ، 19 - قۇرۇلتاينىڭ غەلىبىلىك ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش نەتىجىلىرىگە يۇقىرى باھالارنى بەردى.
  پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى كەڭ دائىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان، ئاساسىي قاتلام گەۋدىلەندۈرۈلگەن قۇرۇلتاي بولدى. بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا سايلانغان ۋەكىللەرنىڭ ئەھۋالىدىن قارايدىغان بولساق، ۋەكىللەرنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە تارقىلىشى مۇۋاپىق، ھەرقايسى تەركىبلەرنىڭ نىسبىتى كەڭ دائىرىلىك ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە. بۇنىڭ ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدىن كەلگەن پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى 771 كىشى بولۇپ، ئومۇمىي ۋەكىل سانىنىڭ %33.7ىنى ئىگىلەيدۇ، بۇ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىكىدىن 3.2 پىرسەنت پوئىنت يۇقىرى؛ ئايال پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرىنىڭ سانىدا كۆپىيىش بولغان ھەمدە ياشلىشىشقا، يۇقىرى مەلۇماتلىق بولۇشقا قاراپ يۈزلەنگەن. بولۇپمۇ پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل بولۇپ سايلانغان ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزالىرى 264 نەپەر بولۇپ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىكىدىن 15 نەپەر ۋەكىل كۆپەيگەن، بۇ ئومۇمىي ۋەكىل سانىنىڭ %11.5ىنى ئىگىلەيدۇ، 43 مىللەتتىن تەركىب تاپقان. 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە شەھەردىكى  ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزالىرىنىڭ شۇ رايوندىكى پارتىيە ئەزالىرى ئومۇمىي سانىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىدىن يۇقىرى بولغان. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەمىزنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەردىن بولغان پارتىيەلىك كادىرلارنى تەربىيەلەش، تاللاپ ئۆستۈرۈش خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى، غەمخورلۇق قىلغانلىقىنى، پارتىيەمىزنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر  بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى تولۇق نامايان قىلىدۇ. قۇرۇلتاي مەزگىلىدە باش شۇجى شى جىنپىڭ قاتارلىق مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلار ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ پارتىيە ۋەكىللىرى بىلەن يەر ھۆددىگەرلىكى، كەسىپلەر تەرەققىياتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى قاتارلىقلار ھەققىدە يۈزتۇرا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى ۋە مۇزاكىرە قىلدى، بۇ ئەھۋال كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.
  پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى مول نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن، كىشىنى روھلاندۇرىدىغان بىر قېتىملىق قۇرۇلتاي بولدى. قۇرۇلتايدا 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى (تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى)» توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى؛ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى پارتىيەمىزنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى قىلىپ بېكىتىلدى؛ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئاساسىي تەدبىرلىرى ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭى مۇساپىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى؛ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ يول خەرىتىسى، ۋاقىت جەدۋىلى سىزىپ بېرىلدى. قۇرۇلتاي مەيلى نەزەرىيەۋى ئەھمىيىتى جەھەتتىن بولسۇن ياكى رېئال ئەھمىيىتى جەھەتتىن بولسۇن، ھەممە جەھەتتە تارىخ بېتىدىن چوقۇم ئورۇن ئالىدۇ.
  پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان، تەسىرى چوڭقۇر بولغان بىر قېتىملىق قۇرۇلتاي بولدى. قۇرۇلتايدا سايلام ئارقىلىق 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلدى، 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 1 - ئومۇمىي يىغىنىدا سايلام ئارقىلىق يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركەز رەھبەرلىك كوللېكتىپى ۋۇجۇدقا كەلدى. 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇرۇسى دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرى «خەلق سارىيى»دا جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى، پارتىيەنىڭ مەركەز رەھبەرلىك كوللېكتىپى ئوڭۇشلۇق ئالماشتى. بىر تۈركۈم رەھبىرىي يولداشلار ياش سەۋەبىدىن مەركىزىي كومىتېتتىن چېكىنىپ چىقتى، ئۇلار پارتىيەمىزنىڭ ئىشلىرىغا زور تۆھپىلەرنى قوشقان بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ پارتىيە ئىشلىرىغا بولغان چەكسىز ساداقەتمەنلىكىنى ۋە ئالىيجاناب خىسلىتىنى نامايان قىلدى. ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك، ياش ھەم ئىقتىدارلىق بىر تۈركۈم رەھبىرىي كادىرلار يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا كىردى. مانا بۇ ھال پارتىيەمىزنىڭ گۈللەپ تەرەققىي قىلىشىغا، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا پۇختا ئاساس سېلىپ بەردى. ئومۇمەن ئېيتقاندا، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا، دۇنيا سوتسىيالىزمىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز «تۆت قاراش»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»تە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كەم - كوتسىز تۇتۇپ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى جۇڭگوچە ھەل قىلىشنىڭ تېخىمۇ كەڭ يولىنى ئېچىشىمىز كېرەك.
  ئىككىنچى، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى روھىنىڭ مول مەزمۇنلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك
  پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھى باش شۇجى شى جىنپىڭ قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا بەرگەن دوكلاتتا مەركەزلىك ئىپادىلەنگەن. بۇ، شانلىق ھۆججەت، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆتكەن بەش يىلدا قىلغان بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى ۋە يېڭى ئىستراتېگىيەسىنىڭ يىغىندىسى؛ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى سىستېمىلىق بايان قىلىنغان يەنە بىر شانلىق ھۆججەت؛ شۇنداقلا پارتىيەمىز يېڭى دەۋرگە قەدەم قويىدىغان، يېڭى دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان سىياسىي خىتابنامە ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. دوكلاتنىڭ باش تېمىسى روشەن، مەزمۇنى مول، بايرىقى ئېنىق، جاسارىتى ئالەمشۇمۇل. مۇقەررەركى، ئۇ دۆلەتكە ۋە دەۋرگە قوشقان تارىخىي خاراكتېرلىك تۆھپىسى بىلەن تارىخ بېتىدىن ئورۇن ئالىدۇ.
  دوكلاتتا پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، «پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا ئومۇميۈزلۈك يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلغان»لىقى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دېموكراتىيە - قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، ئىدىيە - مەدەنىيەت، خەلق تۇرمۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن خىزمىتى، دىپلوماتىيە ئىشلىرى، پارتىيەنى باشقۇرۇش - پارتىيەنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق 10 جەھەتتىن سىستېمىلىق خۇلاسىلەنگەن؛ «بەش يىلدىن بۇيانقى مۇۋەپپەقىيەتلەر ـــ ھەر تەرەپلىمە، ئىجادىي مۇۋەپپەقىيەت، بەش يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىش ـــ چوڭقۇر قاتلاملىق، نېگىزلىك ئۆزگىرىش» ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن؛ «ئۆز يولىمىزدا مېڭىش»، «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش» ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىز يەنىمۇ كۈچەيتىلگەن؛ «جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقى» ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان؛ «ئۈچ دېرەك بېرىدۇ»، «بەش دەۋر» مەزمۇنىدا، ھەم ئۆتكەن ئىشلار خۇلاسىلىنىپ، ھەم كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، چوڭقۇر شەرھلىنىپ، «دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تارىخىي ئورنى ئەنە شۇ» ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن؛ دۆلىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى «يېڭى زىددىيەت» ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئاساسىي زىددىيەت «خەلقنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ماددىي مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا بولغان تەلىپى بىلەن قالاق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت»تىن «خەلقنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئۆزگەردى» دەپ كۆرسىتىلگەن؛ بۇنىڭ «ئومۇمىيەتكە تاقىلىدىغان تارىخىي ئۆزگىرىش بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىگە بىرمۇنچە يېڭى تەلەپ قويغان»لىقى تەكىتلەنگەن؛ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ «يېڭى بۇرچ»ى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان، «جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى ـــ جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش» ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن؛ تۇنجى قېتىم «تۆت ئۇلۇغ»نىڭ مۇناسىۋىتى چوڭقۇر شەرھلىنىپ، بۇ تۆت تەرەپنىڭ «بىر - بىرىگە زىچ باغلىنىدىغانلىقى، بىر - بىرىگە سىڭىدىغانلىقى ۋە بىر - بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى» تەكىتلىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسى بەرپا قىلىنغان؛ پارتىيەمىزنىڭ «يېڭى ئىدىيە»دە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى ئۈزۈكسىز راۋاجلاندۇرۇشى لازىملىقى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدۇر. «سەككىز ئايدىڭلاشتۇرۇش» ئارقىلىق، بۇ ئىدىيەنىڭ چوڭقۇر مەزمۇنى مەركەزلىك شەرھلىنىپ، بۇ ئىدىيەنىڭ ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى ئىكەنلىكى، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتا يېڭى سەكرەشنىڭ ئىشقا ئاشقانلىقى، بىزنى تۈپ يېتەكچىلىككە ئىگە قىلغانلىقى ئېنىق تەكىتلەنگەن؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش يېڭى تەدبىرى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان، «14تە چىڭ تۇرۇش» ئارقىلىق، بۇ ئاساسىي تەدبىر مۇپەسسەل خۇلاسىلىنىپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى بىلەن بىر قاتاردا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇلغان ھەم ئۇنى «ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ»، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى يېتەكچىلىك قىلىش شەرتلىكى تەكىتلەنگەن؛ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى ئېچىش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان؛ 2020 - يىلىغا بارغاندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئۇنىڭ خەلقنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىشى، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلىشى كېرەكلىكى ئېنىق تەكىتلەنگەن؛ 2020 - يىلىدىن مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە «ئىككى قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش» ئىستراتېگىيەلىك باسقۇچى، يەنى بىرىنچى قەدەمدە 2035 - يىلىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىككىنچى قەدەمدە يەنە 15 يىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، دۆلىتىمىزنى باي، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بىزنى كۈرەش نىشانى ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى بىلەن تەمىنلەپ، نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان؛ «زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش»، «خەلق غوجايىن بولۇش تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش»، «سوتسىيالىستىك كۈچلۈك مەدەنىيەت دۆلىتى قۇرۇش»، «خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سەۋىيەسىنى  ئۆستۈرۈش»، «گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش»، «دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش»، «<بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم> بولۇشتا چىڭ تۇرۇش»، «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش» قاتارلىق تەرەپلەرنى چۆرىدەپ، ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىپ، بىزنى جەڭ خەرىتىسى، ۋەزىپىنامە، ۋاقىت جەدۋىلى بىلەن تەمىنلىگەن؛ قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى تەلەپلىرى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان؛ «پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش» قاتارلىق سەككىز تەرەپتىكى ئورۇنلاشتۇرۇش يولغا قويۇلغان؛ «پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقى»نى قوزغاپ، پارتىيەنى ئىزچىل دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان، مەملىكەت خەلقىنىڭ غەمگۇزارى بولىدىغان، كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولىدىغان قىلىش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن. 
  يۇقىرىدىكى «توققۇز يېڭى» پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشىمىزدا مەھكەم ئىگىلەيدىغان، ئىزچىل چىڭ تۇرىدىغان يادرولۇق مەزمۇن ھېسابلىنىدۇ. 19 - قۇرۇلتاينىڭ دوكلاتىدا، مىللەتلەر خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئورنىغا قويۇلۇپ، گەۋدىلىك تەكىتلەنگەن ۋە نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان، دوكلاتنىڭ 18 يېرىدە ئېنىق تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇ، ھەر قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتى ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قېتىملىقى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدا ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە ئالاھىدىلىك بار:
  بىرىنچىدىن، مىللەتلەر خىزمىتى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەمىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىشتەك ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، بىر قاتار مۇھىم يىغىنلارنى ئېچىپ، مىللەتلەر خىزمىتىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر مىللەتلەر خىزمىتى ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى؛ ماركسىزملىق مىللەتلەر نەزەرىيەسىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى؛ ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ تەڭ قەدەمدە ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ياراتتى، مىللەتلەر ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشنىڭ يېڭى باسقۇچىنى ئېچىپ بەردى، مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ تۈزۈلمە - مېخانىزمىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى، مىللەتلەر مەسىلىسىنى جۇڭگوچە ھەل قىلىش توغرا يولىنىڭ تېخىمۇ كەڭ مەنزىلىنى ئېچىپ بەردى. باش شۇ جى شى جىنپىڭ دوكلاتتا پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى مىللەتلەر خىزمىتىنى «ئىجادكارلىق بىلەن ئالغا سىلجىدى» دېگەن تۆت خەت بىلەن يۈكسەك دەرىجىدە يىغىنچاقلىدى ۋە مۇئەييەنلەشتۈردى. بۇ سۆز ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا دەل جايىدا ئېيتىلغان بولۇپ، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ. 
  ئىككىنچىدىن، مىللەتلەر خىزمىتى يۈكسەك ئورۇندا ئىلگىرى سۈرۈلگەن. مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىغا كىرگۈزۈش ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، بۇ يېڭى دەۋرنىڭ «پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان، ئۈزۈكسىز گۈزەل تۇرمۇش يارىتىدىغان، بارلىق خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى پەيدىنپەي ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان دەۋر» ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن؛ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىگە كىرگۈزۈپ، پارتىيەمىز يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ زور دەۋر تېمىسىنى چۆرىدەپ، يېڭى ئەمەلىيەتكە ئاساسەن، مىللەتلەر ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىن نەزەرىيەۋى تەھلىل قىلىپ ۋە سىياسەت جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتا يەنە بىر قېتىملىق سەكرەشكە تۈرتكە بولغانلىقى تەكىتلەنگەن؛ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى «تۆت ئۇلۇغ»دىن ئىبارەت يېڭى بۇرچقا كىرگۈزۈپ، «دۆلىتىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىنى تېخىمۇ ئاڭلىق قوغدىشى، ۋەتەننى پارچىلايدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق قىلمىشلارغا قەتئىي قارشى تۇرۇش» لازىملىقى تەكىتلەنگەن؛ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى پارتىيەنىڭ ئاساسىي تەدبىرىگە كىرگۈزۈپ، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن. بۇ «تۆت كىرگۈزۈش» مىللەتلەر خىزمىتىنى مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىنىڭ تېخىمۇ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورنىغا قويغان، دېيىشكە بولىدۇ.
  ئۈچىنچىدىن، مىللەتلەر خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلغان. «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش»نى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك»نى ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشتا، ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە، پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىن ئېنىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلغان ۋە تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەسىلەن: «پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى ۋە ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى ۋە ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك»؛ «كونا ئىنقىلابىي رايونلار، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرى، چېگرا رايونلار، نامرات رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى تىزلىتىشنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش»؛ «چېگرا رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، چېگرا رايونلارنىڭ مۇستەھكەملىكى ۋە چېگرا بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك»؛ «رايونلارنى ئېچىۋېتىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ياخشىلاپ، غەربىي رايوننى ئېچىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش لازىم»؛ «كىشىلەرنى توغرا تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، دۆلەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشىنى تىكلىشىگە يېتەكلەش لازىم»؛ «شەرقىي رايون بىلەن غەربىي رايوننىڭ نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى نوقتىلىق ئورۇنلاش»؛ «جۇڭگو تېبابەتچىلىكى بىلەن غەرب تېبابەتچىلىكىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو تېبابەتچىلىك - دورىگەرلىك ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇش لازىم»؛ «تېرىلغۇ يەر، يايلاق، ئورمان، دەريا، كۆللەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، بازارلاشقان، كۆپ مەنبەلەشكەن ئېكولوگىيەلىك تولۇقلىما مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك»؛ «ئايال كادىرلار، ئاز سانلىق مىللەتلەر كادىرلىرى ۋە پارتىيە سىرتىدىكى كادىرلارنى تەربىيەلەش - ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى بىرتۇتاش ئوبدان ئىشلەش لازىم»؛ «ئىختىساسلىقلارنىڭ چەت - ياقا، نامرات رايونلار، چېگرا رايونلار، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرى، كونا ئىنقىلابىي رايونلارغا ۋە ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە يۆتكىلىشىگە ئىلھام بېرىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش» دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىگە، ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنىڭ، غەمخورلۇق قىلغانلىقىنىڭ تولۇق نامايەندىسىدۇر. 
   تۆتىنچىدىن، رەھبەرلىك كۈچەيتىلگەن. مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى پارتىيەدە، ئادەمدە. باش شۇجى شى جىنپىڭ «پۈتۈن پارتىيە چوقۇم پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى ئاڭلىق قوغداپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملىشى»، «بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت پارلاق ئىستىقبالغا يۈرۈش قىلىشى كېرەك» دەپ ئېنىق تەكىتلىدى. بۇ قىسىمنىڭ خەت سانى ئاز، ئەمما ۋەزنى ئېغىر، مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى خىزمىتى ئىكەنلىكى، پۈتۈن پارتىيە قىلىدىغان خىزمەت ئىكەنلىكى ئېنىق كۆرسىتىلگەن. بۇ، يېڭى دەۋردە ئېلىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىدا يېڭىلىق يارىتىشىمىزغا ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشىمىزغا كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت ۋە غايەت زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلىدۇ. يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن تۆت نۇقتىدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر مىللەتلەر خىزمىتى ئىدىيەسىنىڭ يادروسى ۋە جەۋھىرى مەركەزلىك ئەكس ئەتكۈزۈلگەن، بۇ، بىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، ئاساسىي مىزان بىلەن تەمىنلىدى. شۇڭا، بىز ئەستايىدىل ئۆگىنىشىمىز، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشىمىز، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز كېرەك.
  ئۈچىنچى، دەرھال پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنى قوزغاش كېرەك
  يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنى شاد - خۇراملىق بىلەن كۈتۈۋېلىش، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش ـــ بىز پىلانلىغان، ئورۇنلاشتۇرغان ۋە قانات يايدۇرغان خىزمەتلىرىمىزنىڭ روشەن لىنىيەسى بولدى. بىز «ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرى ۋە نوپۇسى بىر قەدەر ئاز مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش» ۋە «چېگرا رايونلارنى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش»تىن ئىبارەت ئىككى «13 - بەشيىللىق يىرىك پىلان»نى تۈزۈپ چىقتۇق ھەم پۇختا يولغا قويدۇق؛ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش مەرىكىسىگە تەييارلىق كۆرۈش، مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكىنى تەشكىللەش قاتارلىق مۇھىم پائالىيەتلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇيۇشتۇردۇق؛ مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش، ئاپتونوم ئوبلاستلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئاز سانلىق مىللەتلەردىن شەھەرلەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقانلارغا تىل، مەدەنىيەت، سىياسەت تەربىيەسى مۇلازىمىتى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق تەجرىبە ئالماشتۇرۇش نەق مەيدان يىغىنلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق؛ «ئۈچ ئاپتونوم رايون، ئۈچ ئوبلاست»تا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر مۇلازىمىتى ۋە ئۇنى باشقۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەدبىر كۆرسىتىش خىزمىتىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇردۇق. بۇنىڭ بىلەن مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ساھەلىرىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ئىناق، مۇقىم بولۇشىنى داۋاملىق ساقلاشقا يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشىغا ئىناق - ئىتتىپاق بولغان ياخشى كەيپىيات بەرپا قىلدۇق. پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ئېچىلىۋاتقان مەزگىلدە، بىز تېلېۋىزىيەدىن بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى كۆرۈشكە تەشكىللەپ، قاراتمىلىق ھالدا تەشۋىق قىلىش ۋە خەۋەر بېرىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ياخشى كەيپىياتىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈردۇق. ئەمدى بىز پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ بىرىنچى سىياسىي ۋەزىپىسى قىلىپ، ئۈزۈكسىز يېڭى دولقۇن قوزغىشىمىز، كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، مۇنۇ تۆت تەرەپتىكى خىزمەتنى ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك:

  بىرىنچىدىن، ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ  ھەربىر قېتىملىق زور بۇرۇلۇش مەزگىلىدە، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەر ئالدىدا، پارتىيەمىز ھامان پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىشكە چاقىرىدۇ، ۋاھالەنكى، ھەر قېتىملىق ئۆگىنىش دولقۇنى پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ زور تەرەققىي قىلىشى، زور ئالغا بېسىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، دەپ تەكىتلىگەن. نۆۋەتتە، ئەڭ مۇھىم بولغىنى پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ياخشى ئۆگىنىشتىن ئىبارەت. ئۆگەنگەندە مەقسەتلىك ئۆگىنىش كېرەك، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى بىلەن كاللىمىزنى ھەقىقىي قوراللاندۇرۇپ، ئۇنى ئەمەلىيەتكە يېتەكچى قىلىش، «تۆت ئاڭ»، «تۆت ئىشەنچ»نى ئۈزۈكسىز چىڭىتىپ، يېڭى دەۋرنىڭ «قەيسەر، جاسارەتلىك، كۈرەشچان» كىشىلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك. ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇپ، ئەسلىي مەزمۇنىنى چۈشىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرلەشتۈرۈش؛ ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىشتە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر مىللەتلەر خىزمىتى ئىدىيەسىنى نۇقتىلىق ئۆگىنىپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىشنى «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش - تەربىيەلەشنىڭ دائىملاشقان، تۈزۈملەشكەن خىزمىتىگە كىرگۈزۈپ، پارتگۇرۇپپا مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ۋە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ مەخسۇس ئۆگىنىشىنى قانات يايدۇرۇش، مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ شۇجىلىرىغا پارتىيە دەرسى ئۆتۈش، كادىرلار ئىنستىتۇتلىرى ۋە كومىتېتىمىزغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دەرسخانىلىرىغا كىرگۈزۈپ ئۆگىنىش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئۆگىنىشنى پىلانلىق، قەدەم - باسقۇچلۇق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئومۇمەن، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، ھەرىكەتتە بىردەك بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنى ۋە نوپۇزىنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە باشتىن - ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. بۇ جەھەتتە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، مەمۇرىيەت رەھبەرلىك بەنزىلىرى، بولۇپمۇ «بىرىنچى قول باشلىق»لار ياخشى باشلامچىلىق قىلىپ، ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، يۇقىرى ئارقىلىق تۆۋەنگە يېتەكچىلىك قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك.
  ئىككىنچىدىن، كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىش كېرەك. تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇش ـــ پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، شۇنداقلا پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى تۇتۇشىمىزنىڭ مۇھىم تۇتقىسى. دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى سىستېمىسىنىڭ تەشۋىقات سۇپىلىرى ۋە ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەخسۇس تېما، مەخسۇس سەھىپىلەرنى ئېچىپ، مەخسۇس لېكسىيەلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدىكى مىللەتلەر خىزمىتىگە ئالاقىدار يېڭى ئىدىيە، يېڭى ھۆكۈم، يېڭى تەدبىر ۋە يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ۋاقتىدا، توغرا تەشۋىق قىلىش كېرەك. بولۇپمۇ 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىنى ئاز سانلىق مىللەت تىللىرىدا تەرجىمە قىلىش، نەشر قىلىش، تارقىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدىكى ئاممىغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈش كېرەك. تەشۋىق قىلىش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلغان ئاساستا بايان قىلىش سىستېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىش؛ تور بېكىتى، ئۈندىدار قاتارلىق يېڭى ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، تەشۋىقات سۇپىسى ۋە ۋاسىتىسىدە يېڭىلىق يارىتىش؛ ھەر مىللەت ئاممىسى ياقتۇرىدىغان، ئاسان قوبۇل قىلىدىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەرگە جۇڭگونىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەش كېرەك. كومىتېتىمىزغا قاراشلىق ئورگانلار، ئالىي مەكتەپلەر، مەدەنىيەت ئورۇنلىرىنىڭ ئۆزى مىللەتلەر ئىشلىرىنى تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدىغان سۇپا ۋە كۆزنەك بولۇش سۈپىتى بىلەن پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ قويۇق كەيپىياتىنى يارىتىشى كېرەك. 
  ئۈچىنچىدىن، بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك. مىللەتلەر خىزمىتىدە پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئومۇمىيىتى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشتا ئالدى بىلەن ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، بىر تۇتاش پىلانلاش كېرەك. ھەرقايسى تارماقلار ۋە ئورۇنلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك يېڭى تەدبىر ۋە يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىلارغا سېلىشتۇرۇپ، تەپسىلىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش لايىھەسى ۋە خىزمەت پىلانىنى تۈزۈپ، ۋەزىپىلەرنى ئىنچىكە تەقسىم قىلىشى كېرەك. ھەربىر ۋەزىپىدە ئېنىق خىزمەت پىكىر يولى، رېئال شەكىل، ۋاقىت چېكى ۋە باھالاش چارىسى بولۇش، كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەپ، ئىنچىكە تەشكىللەپ، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋاقىت، سۈپەت ۋە مىقدارغا كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مىللەتلەر خىزمىتى جەھەتتىكى مەسىلىھەتچىسى ۋە ياردەمچىسى. ھەرقانداق ئىشتا ئالدىن ئويلىغان، ئالدىن پىلانلىغاندىلا، رولىمىزنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرالايمىز، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىدە ئورنىمىز بولىدۇ. ئۇزاقنى پىلانلاش، يېڭى دەۋر ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە ئۆزگىرىشىنى، «تۆت ئۇلۇغ»دىن ئىبارەت بۇرچنى، كېيىنكى 30 يىلدا «ئىككى قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش» ئىستراتېگىيەلىك قەدەم - باسقۇچنى، ئېلىمىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى ساھەسى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى كۆزلەپ، ياخشى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، قاراتمىلىققا ئىگە تەدبىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز كېرەك. ئىشنى ئالدىن پىلانلاش كېرەك، بۇ يىل ئۆتۈپ كېتىشكە ئاران ئىككى ئايلا ۋاقىت قالدى، ئىشلەۋاتقان خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرى سۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە مەركەزنىڭ ئەڭ يېڭى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن، تېزلىتىشكە تېگىشلىكلىرىنى تېزلىتىش، تەڭشەشكە تېگىشلىكلىرىنى تەڭشەش، تولۇقلاشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇقلاش كېرەك. بىز دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش كادىرلار يىغىنى ئاچقاندىن باشقا، يەنە پايتەختتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى ئاچىمىز؛ مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى سىستېمىسىنىڭ پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسى ئۇيۇشتۇرىمىز؛ دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئومۇمىي ئەزالار يىغىنى، مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مۇدىرلىرى يىغىنى قاتارلىق مۇھىم يىغىنلارنى ئېچىپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى يەنىمۇ ياخشى پىلانلايمىز ۋە ئورۇنلاشتۇرىمىز. ئالاقىدار خىزمەتلەرنى بالدۇر ئويلىشىپ، بالدۇر تۇتۇش قىلىپ، بالدۇر ئورۇنلاشتۇرۇپ، كېلەر يىللىق خىزمەتلەردە ياخشى باشلىنىش بولۇش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كېرەك.
  تۆتىنچىدىن، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى يەنىمۇ ياخشى تۇتۇش ئاخىرقى ھېسابتا، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە ئەمەلىيلىشىدۇ. پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدا، يولداش شى جىنپىڭ «سەككىز قابىلىيەت»نىڭ ئېنىق تەلەپلىرىنى، يەنى ئۆگىنىش قابىلىيىتى، سىياسىي رەھبەرلىك قابىلىيىتى، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش - يېڭىلىق يارىتىش قابىلىيىتى، ئىلمىي تەرەققىيات قابىلىيىتى، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قابىلىيىتى، ئاممىۋى خىزمەت قابىلىيىتى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش قابىلىيىتى، خەۋپ - خەتەرنى تىزگىنلەش قابىلىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ، بىزنىڭ داۋاملىق تىرىشىپ، ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈشتە ئەمەل قىلىدىغان مىزانىمىز. مىللەتلەر خىزمىتى سىياسىيلىقى، سىياسەتچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك خىزمەت. شۇڭا، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى سىياسىي جەھەتتىن ئىگىلەش، مىللەتلەر مەسىلىسىگە سىياسىي جەھەتتىن قاراش، سىياسىي پىرىنسىپقا، سىياسىي تەدبىرگە، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئۆلچىمىگە ئەھمىيەت بېرىش؛ ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشقا ماھىر بولۇش؛ ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيە مەركىزىي كومېتىتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە توپلاپ، بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، بىرلىكتە گۈللەپ راۋاجلىنىش كېرەك. بارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئاخىرقى نىشانى − ئەمەلىيلەشتۈرۈش. ئومۇمەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم قارار - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى، مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ مۇھىم تەستىق - يوليورۇقلىرىنى چوقۇم شۇ ھامان، كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز؛ ھەربىر ئىشنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز، ھەربىر ئىشتىن جاۋابقا ئېرىشىشىمىز لازىم. ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدىكى مۇھىم، قىيىن مەسىلىلەرنى قەتئىي قويۇپ بەرمەسلىك روھى بىلەن ياخشى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئالاقىلىشىش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈپ، خىزمەتتە ئۈزۈكسىز بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك. قىسقىسى، مەڭگۈ بوشاشمايدىغان روھىي ھالىتىمىز ۋە توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش قىياپىتىمىز بىلەن پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى مىللەتلەر خىزمىتى ساھەسىدە ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك.
   يېڭى دەۋردە يېڭى قىياپەت، يېڭى بۇرچتا يېڭى جۈرئەت بولۇشى كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرۇلۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ، بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش» ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشايلى!
  
  (بۇ ماقالە ئاپتورنىڭ 10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى «دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى سىستېمىسىدىكىلەرنىڭ پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە كادىرلار چوڭ يىغىنى»دا سۆزلىگەن سۆزنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ، سەرلەۋھەسى مۇھەررىر تەرىپىدىن قويۇلدى)
  
  ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى تەرجىمە باشقارمىسىدىن نېغمەت ئابلىمىت تەرجىمىسى
  
  ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2017 - يىللىق 6 - سانىدىن تاللاندى