پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر مىللەتلەر خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرەيلى

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 1575   يوللانغان ۋاقتى: 2018-08-10 10:31:59

 

 

 پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر مىللەتلەر خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرەيلى

 

  
  ـــ پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرى باتېر بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت

 
  پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ـــ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھازىرقى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى. مىللەتلەر خىزمىتى ساھەسىدە تېزدىن 19 - قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى قوزغاش ھەمدە 19 - قۇرۇلتاينىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ «ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بېرىش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش، ئۇلۇغ ئىشنى ئالغا سىلجىتىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش»تىن ئىبارەت خىزمەت ئومۇمىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزگىرىش ياساپ، يېڭىلىق يارىتىش؛ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر مىللەتلەر خىزمىتى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى توغرىسىدىكى يېڭى قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ تەپسىلىي، ئەمەلىي، نەتىجىلىك بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇيۇشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك.
  
  18 - ئۆكتەبىردىن 24 - ئۆكتەبىرگىچە دۆلىتىمىز ئۆز قەرەلىدە «19 - قۇرۇلتاي ۋاقتى»غا كىرىپ، ھەممىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە قارىتىپ، پۈتۈن دۇنيانى جەلپ قىلدى. پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرى باتېر پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا «جۇڭگو مىللەتلىرى گېزىتى»نىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
  
  يولداش شى جىنپىڭنىڭ دوكلاتىدا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېڭى دەۋرنى كۈتۈۋالغان، يېڭى دەۋرگە قۇچاق ئاچقان، يېڭى دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلغاندىكى مەردانىلىكى ۋە مۇستەھكەم ئىشەنچى روشەن ئىپادىلەندى
  
  مۇخبىر: ئالدىراشلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت! سىز پارتىيە 15 - قۇرۇلتىيىدا مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزاسى بولۇپ سايلانغانىدىڭىز، شۇنىڭدىن باشلاپ ھەر قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىغا قاتناشتىڭىز ھەمدە 16 -، 17 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغانىدىڭىز. بۇ قېتىم پارتىيە ۋەكىلى سۈپىتىدە پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ، نەق مەيداندا يولداش شى جىنپىڭنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىكى ئەڭ چوڭقۇر تەسىراتىڭىز نېمە؟
  باتېر: يولداش شى جىنپىڭ پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ئۈچ سائەت 26 مىنۇت دوكلات بەردى. يولداش شى جىنپىڭ 90 نەچچە يىلدىن بۇيان دۇنيا ئەھۋالى، دۆلەت ئەھۋالى، پارتىيە ئەھۋالىدا زور ئۆزگىرىشلەر بولغان تارىخىي پەيتتە، مەۋقەنى ئورۇندىن دەس تۇرۇش، بېيىش، قۇدرەت تېپىش ھەمدە ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتەك دەۋر ئېقىمىغا قارىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار نەزەرىيەۋى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرگە ئىچكىرىلەپ جاۋاب بەردى؛ بىر قاتار زور ئىدىيەۋى ھۆكۈم ۋە سىياسەت - تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇلار قۇلاق تۈۋىمىزدە جاراڭلاپ، دىللارنى يورۇتتى، قەلب تارىمىزنى چەكتى، قۇرۇلتاي نەق مەيدانىدا 71 قېتىم ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. نەق مەيداندا قەلبىم لەرزىگە كەلدى، بەكلا ھاياجانلاندىم، يولداش شى جىنپىڭنىڭ دوكلاتىنى پۈتۈنلەي قوللايمەن ۋە ھىمايە قىلىمەن.
  مېنىڭ ئومۇمىي تەسىراتىم شۇكى، يولداش شى جىنپىڭنىڭ دوكلاتىدا ماركسىزملىق ھەقىقەتنىڭ باشتىن - ئاخىر نۇرى چاقناپ تۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭغا پۈتكۈل جۇڭگو خەلقىنىڭ ئارزۇ - ئۈمىدلىرى يۈكلەنگەن. ئۇ شى جىنپىڭنىڭ ئۆتكەن بەش يىلدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنىڭ جۇغلانمىسى؛ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى سىستېمىلىق بايان قىلىدىغان يەنە بىر شانلىق ھۆججەت؛ شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇشى، يېڭى مۇساپىنى باشلىشى، يېڭى سەھىپىنى يېزىشىدىكى سىياسىي خىتابنامە ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. ماڭا ئالاھىدە چوڭقۇر تەسىر قىلغان مۇنداق نەچچە نۇقتا بار:
  بىرىنچىسى، دۆلەت ئەھۋالى جەھەتتىكى كۈچلۈك ئاڭ نامايان قىلىندى. «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى» دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ يېڭى دەۋرنى تەكىتلەش دۆلەتنىڭ تەرەققىيات تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى، دۇنيا سوتسىيالىزمىنىڭ تەرەققىيات تارىخى ۋە ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە؛ دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى يېڭى ئاساسىي زىددىيەت ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇنى تەكىتلەش ئومۇمىيەتكە مۇناسىۋەتلىك تارىخىي ئۆزگىرىش بولۇپ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تارىخىي ئورنى ئېنىق كۆرسىتىلىپ، سىياسەت، فاڭجېن بېكىتىشىمىزنى تۈپ - ئاساس بىلەن تەمىنلىدى.
  ئىككىنچىسى، نەزەرىيە جەھەتتىكى ئالاھىدە جاسارەت نامايان قىلىندى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، «سەككىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇش»، «14تە چىڭ تۇرۇش» ئارقىلىق، بۇ ئىدىيەدىكى روھىي مەزمۇن ۋە ئاساسىي تەدبىر مەركەزلىك شەرھلىنىپ، بۇ ئىدىيەنىڭ ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى ئىكەنلىكى ئېنىق تەكىتلىنىپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىكى يېڭى ھالقىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، بىزنى تۈپ يېتەكچى بىلەن تەمىنلىدى.
  ئۈچىنچىسى، يۈكسەك تارىخىي مەسئۇلىيەت نامايان قىلىندى. «جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى ــــ جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش»تىن ئىبارەت ئاساسىي مەقسەت باشتىلا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، 2020 - يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ خەلقنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەنلىكى، تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقى ئېنىق تەكىتلىنىپ، 2020 - يىلىدىن مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان مەزگىلنى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇشتەك ئىستراتېگىيەلىك قەدەم - باسقۇچ، يەنى 1 - باسقۇچتا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىشنى ئاساسەن ئەمەلگە ئاشۇرۇش، 2 - باسقۇچتا باي، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بىزنى كۈرەش نىشانى ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى بىلەن تەمىنلىدى.
  تۆتىنچىسى، ئومۇمىيلىققا ئىگە ئىستراتېگىيەلىك نەزەر نامايان قىلىندى. يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بېرىش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش، ئۇلۇغ ئىشنى ئالغا سىلجىتىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش چۆرىدىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق، ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، پارتىيەنى، دۆلەتنى، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق تەرەپلەر ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، بىزنى جەڭ پىلانى، ۋەزىپىنامە، ۋاقىت جەدۋىلى بىلەن تەمىنلىدى.
  ماڭا ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قىلغىنى ـــ يولداش شى جىنپىڭ دوكلاتتا نامايان قىلغان جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېڭى دەۋرنى كۈتۈۋالغان، يېڭى دەۋرگە قۇچاق ئاچقان ۋە يېڭى دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلغاندىكى مەردانىلىكى ۋە مۇستەھكەم ئىشەنچى بولدى. كۆپچىلىككە مەلۇمكى، جۇڭخۇا مىللىتى تارىختا شانلىق، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مەدەنىيەت ياراتقانىدى، لېكىن يېقىنقى زاماندا جاھانگىرلارنىڭ كۈچلۈك قورالى ئاستىدا يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئودالىزم ھاڭىغا پاتتى، ئىرادىلىك سانسىزلىغان زات ۋەتەننى، خەلقنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن جاپالىق ئىزدەندى، ئالدىدىكىلەر يىقىلسا كېيىنكىلەر ئۇنىڭ ئورنىنى باستى، ئاخىرىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلىشى بىلەن «ئۈچ چوڭ تاغ»نى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ چىقتى؛ 60 نەچچە يىل بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئاخىر دەۋر ئېقىمىغا يېتىشتى، ھازىر قايتىدىن دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە قاراپ مېڭىۋاتىدۇ. يولداش شى جىنپىڭنىڭ دوكلاتىدا «مىللەت» دېگەن سۆز 80 نەچچە قېتىم، «يېڭى دەۋر» دېگەن سۆز 36 قېتىم، «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى» دېگەن سۆز 27 قېتىم تىلغا ئېلىندى. مۇنداق تەكرار تىلغا ئېلىش ۋە ئىنتوناتسىيەدىكى كەسكىنلىك يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇش، ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مىللىي ئىپتىخارلىق، مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى تولۇق ئىپادىلەپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلب ساداسىنى ۋە ئىرادىسىنى مەركەزلىك ئىپادىلەپ بەردى.
  پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى ئىجادىي ئىلگىرى سۈرۈلدى، ئەڭ مۇھىم نەتىجە «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر مىللەتلەر خىزمىتى ئىدىيەسى»نىڭ شەكىللىنىشى بولۇپ، بۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقىنىڭ تىپىك كارتىنىسىغا ئايلىنىپ قالدى
  
  مۇخبىر: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىل پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى تولىمۇ ئۆزگىچە بەش يىل بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا تارىخىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. مىللەتلەر خىزمىتى ساھەسىدە قانداق يېڭى نەتىجە، يېڭى ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى؟
  باتېر: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىلدا پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىز قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر ـــ ھەر تەرەپلىمە، ئىجادىي مۇۋەپپەقىيەت، ئۆزگىرىش ـــ چوڭقۇر قاتلاملىق، نېگىزلىك ئۆزگىرىش. يولداش شى جىنپىڭ دوكلاتىدا ئۆتكەن بەش يىللىق مىللەتلەر خىزمىتىنى «ئىجادكارلىق بىلەن ئالغا سىلجىدى» دېگەن سۆز بىلەن يۈكسەك دەرىجىدە ئومۇملاشتۇردى ۋە تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. مېنىڭ تەسىراتىم ئاساسلىقى مۇنداق «تۆت يېڭى»دا:
  بىرىنچى، مىللەتلەر خىزمىتى تۈزۈلمىسى، مېخانىزمىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى قوزغىتىلدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مىللەتلەر، بىرلىك سەپ، دىن، شىنجاڭ خىزمىتى، شىزاڭ خىزمىتى، يۆلەش - ئېچىش، شەرقىي رايونلار بىلەن غەربىي رايونلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىقى، كۆك نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىقلار توغرىسىدا مۇھىم يىغىنلارنى ئېچىپ، مىللەتلەر خىزمىتىنى پارتىيە، دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىدە تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ پىلانلاپ، ئورۇنلاشتۇرۇپ، مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكى لايىھەسىنى ئۈزۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى؛ مەركەز بىرلىك سەپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئەزالىرى تۈزۈمىنى تەڭشەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى قاتارلىقلار توغرىسىدىكى قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى چوڭ جەھەتتىن ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈپ، جايلار، تارماقلارنىڭ تۈزۈلمە، مېخانىزمنى بەرپا قىلىشىنى، مۇكەممەللەشتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر خىزمىتىدە تەڭ تۇتۇپ، ئورتاق باشقۇرىدىغان يېڭى ۋەزىيەتنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شەكىللەندۈردى.
  ئىككىنچى، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدا ماس قەدەمدە ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش يېڭى ۋەزىيىتى يارىتىلدى. يولداش شى جىنپىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدا كۆپ قېتىم چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا بىر مىللەت كەم بولسىمۇ بولمايدۇ» ۋە «نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش» ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئالاھىدە رايون، ئالاھىدە مەسىلە، ئالاھىدە ئىشلارغا قارىتا پەرقلىق مەدەت بېرىش سىياسىتىنى تۈزۈش، يولغا قويۇشنى تەكىتلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرى تەرەققىياتنى تېزلىتىشتە تېپىلغۇسىز تارىخىي پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى. مەسىلەن، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەركەزلەشكەن سەككىز ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم ئورنىنى بېكىتتى؛ شەرقىي رايونلار بىلەن غەربىي رايونلارنىڭ نامراتلارنى نىشانلىق يۆلەش ھەمكارلىقى بويىچە قوشماقلىشىش 30 ئاپتونوم ئوبلاستنى تولۇق قاپلىدى؛ يېقىندا تارقىتىلغان كۆك نامرات رايونلاردا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى ھۆججەتتە «ئۈچ ئاپتونوم رايون، ئۈچ ئوبلاست»قا نۇقتىلىق مەدەت بېرىلدى. يەنە مەسىلەن، «چېگرا رايونلارنى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتى»، «ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرى ۋە نوپۇسى بىر قەدەر ئاز مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش»تىن ئىبارەت دۆلەت دەرىجىلىك ئىككى يىرىك پىلان تۈزۈلدى ھەمدە چېگرا رايونلارنى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش ـــ غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش، ئوتتۇرا رايوننى قەد كۆتۈرگۈزۈش، شەرقىي شىمال رايونىنى گۈللەندۈرۈش بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇلدى. بەش يىلدىن بۇيان، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدا ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى، شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولدى، نامراتلىق نىسبىتى %21تىن %9كە چۈشۈپ، 12 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلىدى.
  ئۈچىنچى، جۇڭخۇا مىللىتى ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلەيدىغان يېڭى يۆنىلىشكە يېتەكلەندى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ئىگىلىنىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانى بەرپا قىلىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەشۋىقات - تەربىيە ۋە بەرپا قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، راۋاجلاندۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلدى. مەملىكەت بويىچە شەھەرلەرنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى قاتارلىق يىغىنلار ئېچىلىپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىسى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» ئۈزۈكسىز كۈچەيتىلدى.
  تۆتىنچى، مىللەتلەر ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى باسقۇچى باشلاندى. مىللەتلەر ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان كۆچمە ئاھالىلەرگە قارىتىلغان مۇلازىمەت، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى سىياسەت خاراكتېرلىك ھۆججەتلەر تۈزۈلدى، بۇ، تارىختا تۇنجى قېتىم ھېسابلىنىدۇ. قانۇن ئالدىدا بىردەك باراۋەر بولۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، جۇڭگوچە مىللەتلەر ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، مىللەتكە چېتىلىدىغان تاسادىپىي دېلو (ۋەقە)لار مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنىپ، «مۇسۇلمانچىنى كېڭەيتىۋېتىش» ۋە مىللەتكە چېتىلىدىغان كەمسىتىش خاراكتېرىدىكى سۆز - ھەرىكەتلەر قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ئىناق، مۇقىم بولۇپ، قانۇن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ھامىيسى بولۇپ قالدى.
  مۇشۇنداق تارىخىي نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىنىڭ سەۋەبىنى بىر نۇقتىغا يىغىنچاقلىغاندا، بۇلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر مىللەتلەر خىزمىتى ئىدىيەسىنىڭ توغرا يېتەكچىلىكىدىن بولدى. يېقىنقى يىللاردا جەمئىيەتتە بىر مەھەل پارتىيەنىڭ مىللەتلەر نەزەرىيەسى، سىياسىتىدىن گۇمانلىنىدىغان، ھەتتا ئۇنى ئىنكار قىلىدىغان سادالار چىقىپ، قىسمەن كادىرلار، ئامما مىللەتلەر خىزمىتىگە نىسبەتەن ئىدىيە ۋە ھەرىكەتتە گاڭگىراپ قالدى. يولداش شى جىنپىڭ مۇشۇنداق مۇھىم تارىخىي پەيتتە «پارتىيەنىڭ مىللەتلەر نەزەرىيەسى، سىياسىتى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدىكى ئەمەلىيىتىگە قانداق باھا بېرىش كېرەك»، «دۆلىتىمىزنىڭ بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىنى قانداق تونۇش ۋە ئىگىلەش كېرەك»، «يېڭى ۋەزىيەتتىكى مىللەتلەر خىزمىتىنى قانداق كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش كېرەك» دېگەندەك زور مەسىلىلەرنى زىچ چۆرىدەپ، مەنبەدىن ئېنىقلاپ، كەسكىن بولۇپ، گۇماننى يېشىپ، بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى ھۆكۈم، يېڭى قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار يېڭى قارار، يېڭى ئورۇنلاشتۇرما، يېڭى تەلەپنى چىقىرىپ، ماركسىزملىق مىللەتلەر نەزەرىيەسىنىڭ جۇڭگوچىلاشتۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى بارلىققا كەلتۈردى. بۇ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ قالدى. بۇ، ئۆتكەن بەش يىللىق مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ مۇھىم نەتىجىسى، شۇنداقلا دۆلىتىمىز مىللەتلەر خىزمىتىدە چوقۇم ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرىدىغان تۈپ قائىدە.
  يېڭى دەۋر مىللەتلەر خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، باتۇرلۇق بىلەن يول ئېچىپ، يېڭىلىق يارىتىش كېرەك
  
  مۇخبىر: پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى 24 - ئۆكتەبىر ئاياغلىشىپ، ھازىر پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتە  پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. قانداق قىلغاندا پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگەنگىلى، ئىزچىللاشتۇرغىلى، يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگىلى بولىدۇ؟
  باتېر: يولداش شى جىنپىڭ «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى» دەپ تەكىتلىدى. بۇ يېڭى دەۋردە، پارتىيەمىز ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئېلىپ بارىدىغان كۈرەشنىڭ نىشانى، ۋەزىپىسى، ئوتتۇرىغا قويغان يېتەكچى ئىدىيەسى، چىڭ تۇرىدىغان ئاساسىي تەدبىر، چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ ھەممىسى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىدى. بولۇپمۇ دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ خەلقنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئۆزگەرگەنلىكى ئېنىق كۆرسىتىلىپ، قاراتمىلىق يېڭى قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلار چىقىرىلدى. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىنىڭ ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە، پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق بۆلەكلىرىدە دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، زامانىۋىلىشىشىنى ۋە ئورتاق بېيىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش نۇقتىلىق تەكىتلىنىپ ۋە ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، بۇ ئاز دېگەندە 18 يەردە ئېنىق تىلغا ئېلىندى. بۇلار بىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە يۆنىلىشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ كۆرسىتىپ بەردى، يېڭى تارىخىي پۇرسەت ئاتا قىلدى.
  پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھازىرقى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى. مىللەتلەر خىزمىتى ساھەسىدە تېزدىن پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنى قوزغاش ھەمدە پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بېرىش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش، ئۇلۇغ ئىشنى ئالغا سىلجىتىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت خىزمەت ئومۇمىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزگىرىش ياساپ، يېڭىلىق يارىتىش؛ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر مىللەتلەر خىزمىتى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى توغرىسىدىكى يېڭى قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ تەپسىلىي، ئەمەلىي، نەتىجىلىك بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇيۇشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك.
  بىرىنچى، دىققەتنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا قارىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدىكى نىشان، ۋەزىپىلىرىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. بۇ نىشان، ۋەزىپە يولداش شى جىنپىڭ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان «جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ، بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش»تىن ئىبارەت. بۇ نىشان، ۋەزىپىنى ئىگىلەش بىزدىن چوقۇم جۇڭخۇا مىللىتى ۋە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىگە توغرا قاراشنى ۋە ئۇنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشنى؛ ھەم «چوڭ ئائىلە»نىڭ ئىچىدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى، ھەم «چوڭ ئائىلە»نىڭ مۇستەھكەملىكىنى ۋە تەرەققىياتىنى ياخشىلاشنى؛ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى تېخىمۇ كۈچلۈك، كەڭ قورساقلىقى تېخىمۇ چوڭ بولغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە قاراپ يۈزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى ئۈزۈكسىز ئۇيۇشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.
  ئىككىنچى، دىققەتنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قارىتىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى كۈچەپ تېزلىتىش كېرەك. ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرى، غەربىي رايونلار ۋە چېگرا رايونلار ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا ۋە يېتەرسىزلىككە ئىگە نۇقتا ھېسابلىنىدىغان رايون، شۇنداقلا ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا غايەت زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە رايون. مەركەز، تەرەققىي قىلغان رايونلار ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، غەربىي رايونلارنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش، «چېگرا رايونلارنى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتى» قاتارلىق بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، پەرقلىق رايون سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە يولغا قويۇش؛ ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى زىچ چۆرىدەپ تەرەققىياتنى تۇتۇشىغا ئۈزۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، كۆك نامرات رايونلاردا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ھەمدە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتەك يېڭى مۇساپىدە ئوخشىمىغان ئىجتىمائىي فورماتسىيە، تەرەققىيات سەۋىيەسىگە قەدەم ئېلىشقا، پەرق زور بولغان ھەرقايسى مىللەتلەرنى تەڭ قەدەمدە ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشقا، تەڭ قەدەمدە زامانىۋىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەش؛ ھەرقانداق بىر مىللەت، ھەرقانداق بىر رايوننى سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىقتەك ئۇلۇغ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى مۆجىزىنى يارىتىش كېرەك.
  ئۈچىنچى، دىققەتنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئۆزگىرىشىدىن ئىبارەت تارىخىي يۈزلىنىشكە قارىتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىسى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئۈزۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ـــ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تېخىمۇ كەڭ قورساق بولغان،  ئۇيۇشۇشچانلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە ئايلىنىشىدىكى تۈپ يول بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا يول يوق. بوشاشماي تىرىشىپ، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەشۋىقات - تەربىيە ۋە بەرپا قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر، سىجىل قانات يايدۇرۇش؛ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىپ، ئۆزئارا گىرەلىشىش شەكلىدىكى جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتىنىڭ بەرپا قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ھەرقايسى مىللەتلەرنى جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە ئېجىل - ئىناق ئۆتۈش، ئۆزئارا تەڭ قوغدىنىپ، ھەمدەم بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش؛ ئۇلارنىڭ ئىناق ئۆتۈشى، بىر ياقىدىن باش چىقىرىشى، ماس تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
  تۆتىنچى، دىققەتنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا قارىتىپ، مىللەتلەر خىزمىتىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى پۇختا ئۆستۈرۈش كېرەك. مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە، ئادەمدە. تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش؛ پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈلمە، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئالاقە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات قاتارلىق يېڭى پەن - تېخنىكا ۋاسىتىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى قانۇنلاشتۇرۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، ئىنچىكىلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۈزۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.
  بەشىنچى، دىققەتنى ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشقا قارىتىپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر نەزەرىيەسى، سىياسىتىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش ماركسىزمنىڭ نەزەرىيەۋى سۈپىتى بولۇپ، نەزەرىيە، سىياسەت جەھەتتە دەۋرگە يېتىشىۋېلىش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر مىللەتلەر خىزمىتى ئىدىيەسىنى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىدىيەۋى بايرىقى ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى قىلىپ، دىققەتنى مىللەتلەر ساھەسىدىكى مۇھىم نەزەرىيەۋى، ئەمەلىي مەسىلىلەرگە قارىتىپ، ئاكتىپلىق ھەم پۇختىلىق بىلەن پارتىيەنىڭ مىللەتلەر نەزەرىيەسى، سىياسىتىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ ماركسىزملىق مىللەتلەر نەزەرىيەسى بىلەن جۇڭگونىڭ مىللەتلەر مەسىلىسى ئەمەلىيىتىنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزۈكسىز يېزىپ چىقىش كېرەك.
  باشتىن - ئاياغ يېڭى دەۋردىكى قەيسەر، جاسارەتلىك، كۈرەشچان كىشىلەردىن بولۇپ، مەۋقەنى ئۆزى شۇغۇللانغان خىزمەتكە قويۇپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، توختىماي يېڭى نەتىجە يارىتىش، ئاكتىپ ئېنېرگىيە قوشۇش كېرەك
  
  مۇخبىر: پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەردىن بولغان پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرىنىڭ سانى سەل ئېشىپتۇ، بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
  باتېر: پارتىيەمىز جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى، شۇنداقلا جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى. پارتىيەنىڭ 1 - قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان 12 ۋەكىل ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان بىر ۋەكىل، يەنى شۈيزۇ مىللىتىدىن بولغان ۋەكىل دېڭ ئېنمىڭ بار ئىدى. پارتىيەمىز ئاز سانلىق مىللەتلەردىن بولغان پارتىيەلىك كادىرلارنى تەربىيەلەش - ئۆستۈرۈش خىزمىتىگە ئىزچىل يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرىنىڭ باشلىرىدا لى داجاۋ موڭغۇل - زاڭزۇ مەكتىپىدە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تۇنجى پارتىيە ياچېيكىسىنى سەپەرۋەرلىك قىلىپ قۇردى، ئاز سانلىق مىللەتلەردىن بولغان ئۇ لەنفۇ قاتارلىق بىر تۈركۈم ئىنقىلابچىلار بۇ يەردە يېتىشىپ چىقتى. پارتىيەمىز 1924 - يىلى دېھقانلار ھەرىكىتى كۇرسى ئاچتى، يولداش ماۋ زېدۇڭ كۇرسانتلارغا «جۇڭگونىڭ دېھقانلار مەسىلىسى» قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتۈپ، موڭغۇل، خۇيزۇ، مانجۇ، جۇاڭزۇ، ياۋزۇ، چاۋشيەنزۇ، تۇجيازۇ قاتارلىق مىللەتلەردىن بولغان كادىرلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى. 1941 - يىلى پارتىيەمىز يەنئەن مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنى قۇردى، يولداش ماۋ زېدۇڭ مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا مۇۋاپىق ئېتىبار بېرىپ، ئۇلارغا «ئالاھىدىرەك مۇئامىلە قىلىش، ئالاھىدىرەك غەمخورلۇق قىلىش»نى تەكىتلىگەن. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاز سانلىق مىللەتلەر ئالىي مەكتەپلىرى، سىنىپلىرى، تەييارلىق سىنىپلىرىنى قۇرۇش، ئېچىش شەكىللىرىنى قوللىنىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەردىن بولغان كادىرلارنى، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، تەربىيەلەش سالمىقىنى ئۈزۈكسىز ئاشۇردى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى تەربىيەلەش - ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارغا مۇھىم ھوقۇقنى بېرىش، ئېغىر ۋەزىپىنى يۈكلەشنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى ھەمدە «ئۈچ ئالاھىدە»دىن ئىبارەت مىللەتلەر خىزمىتىدىكى ياخشى كادىرلار ئۆلچىمىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 2016 - يىلى دۆلىتىمىزدە ئاز سانلىق مىللەتلەردىن 179 مىڭ ئادەم پارتىيەگە ئەزا بولۇپ، مەملىكەت بويىچە تەرەققىي قىلدۇرۇلغان پارتىيە ئەزاسى ئومۇمىي سانىنىڭ %9.4ىنى ئىگىلەپ، 2015 - يىلىدىكىدىن 0.5 پىرسەنت پوئىنت ئاشتى؛ دۆلىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەردىن بولغان پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 6 مىليون 300 مىڭ بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى پارتىيە ئەزاسى ئومۇمىي سانىنىڭ %7.0ىنى ئىگىلەپ، 2015 - يىلىدىكى نىسبەت بىلەن ئوخشاش بولدى. بۇ يىل سايلانغان پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەردىن بولغان پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىلى 264 بولۇپ، 18 - قۇرۇلتايدىكىدىن 15 ۋەكىل كۆپىيىپ، 43 ئاز سانلىق مىللەتنى قاپلاپ، ۋەكىللەر ئومۇمىي سانىنىڭ %11.5ىنى ئىگىلەپ، ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيە ئەزالىرى ئومۇمىي سانىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىدىن يۇقىرى بولدى. بۇلار پارتىيەمىزنىڭ ئاز سانلىق مىللەت پارتىيەلىك كادىرلار خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، پارتىيەمىزنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى تولۇق ئىپادىلەپ بەردى.
  مەن پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەربىيەسىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن ئاز سانلىق مىللەت كادىرى، مېنىڭ پارتىيەنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە، غەمخورلۇقىغا چوڭقۇر مىننەتدارلىقىم بار، مەن ئۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلەيمەن. پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدا يېڭى دەۋر سىگنالى چېلىندى، يېڭى مۇساپىنىڭ پىلانى تۈزۈلدى. يېڭى دەۋر ـــ يېڭى كەيپىياتنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ، يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا چاقىرىق قىلىدۇ؛ يېڭى بۇرچ ـــ يېڭى رول ئويناشنى تەلەپ قىلىدۇ، يېڭى بۇرچ يېڭى كېلەچەككە يول باشلايدۇ. مەن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچۇمنى ئېسىمدە چىڭ تۇتۇپ، مىننەتدارلىق ھېسسىياتىم بىلەن ئىلگىرىلەپ، «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى مۇستەھكەملەپ، «قەيسەر، جاسارەتلىك، كۈرەشچان كىشىلەر»دىن بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنى ۋە نوپۇزىنى قەتئىي قوغدايمەن؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدايمەن؛ ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن ئىزچىل يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن مېڭەمنى پۇختا قوراللاندۇرىمەن، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىمەن، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرىمەن. غايە، ئېتىقادىمنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، ئۆگىنىش، سىياسىي رەھبەرلىك، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، ئىلمىي تەرەققىيات، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، ئاممىۋى خىزمەت، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش، خەۋپ - خەتەرنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىمنى ئۈزۈكسىز ئۆستۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر خىزمىتى سېپىدىكى يولداشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، بوشاشمايدىغان ۋە باتۇرلۇق بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان روھىي ھالەت بىلەن «جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ، بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش»نىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يېزىپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشىمەن.
  
  خەنزۇچە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىدىن پولات ئېزىز تەرجىمىسى
  
  ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2017 - يىللىق 6 - سانىدىن تاللاندى