شى جىنپىڭ: پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەقىقىي چۈشىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردە تىرىشىپ يېڭى سەپەرنى باشلاپ، داۋاملىق يېڭى سەھىپە پۈتۈش كېرەك

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 206   يوللانغان ۋاقتى: 2018-08-10 10:13:33

 شى جىنپىڭ: پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەقىقىي چۈشىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردە تىرىشىپ يېڭى سەپەرنى باشلاپ، داۋاملىق يېڭى سەھىپە پۈتۈش كېرەك


  شى جىنپىڭ ج ك پ 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 1 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى سىياسىيدا، نەزەرىيەدە، ئەمەلىيەتتە بىر قاتار زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى؛ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرى توغرىسىدا زور سىياسەت - فاڭجېنلارنى شەرھلىدى؛ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇردى. بۇ، پارتىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋردە يېڭى سەپەرنى باشلىشى، داۋاملىق يېڭى سەھىپە پۈتۈشىدىكى سىياسىي خىتابنامىسى ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى. پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ـــ پۈتۈن پارتىيەدە بىر قېتىملىق چوڭ ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.
  پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى. 
  پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا، چۈشىنىشكە كۈچەش كېرەك. چۈشىنىش ئالدىنقى شەرت. پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدا نۇرغۇن يېڭى ئىدىيە، يېڭى ھۆكۈم ئوتتۇرىغا قويۇلدى، نۇرغۇن يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەدبىرلەر بېكىتىلدى، بۇلارنى ئۆگىنىش ئارقىلىق توغرا ئۆزلەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. مۇھىمى كۆپرەك تەپەككۇر قىلىپ، كۆپرەك ئويلاپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى روھىنىڭ سىياسىي ئەھمىيىتى، تارىخىي ئەھمىيىتى، نەزەرىيەۋى ئەھمىيىتى، ئەمەلىي ئەھمىيىتىنى تىرىشىپ ئىگىلەش كېرەك. نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەت، تارىخ بىلەن رېئاللىق، ھازىر بىلەن كەلگۈسىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەربىر نۇقتىنى چوڭقۇر، پىششىق ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر ۋە ئۇسۇلدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىش كېرەك.
  پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا، ئۆزلەشتۈرۈشكە كۈچەش كېرەك. پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەككە ئەمەس بىرلەشتۈرۈپ، تارقاق ئەمەس سىستېمىلىق، قىسمەن ئەمەس ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىپ، نېمە ئىش بولسا شۇ ئىش ئۈستىدىلا توختالماسلىق، شەكىلۋازلىق قىلماسلىق، پىراگماتىزملىق قىلماسلىق كېرەك. پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىسىنى ئۆگىنىش بىلەن، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بېرىش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش، ئۇلۇغ ئىشنى ئالغا سىلجىتىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئەمەلىيىتىمىز بىلەن، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى توغرىسىدىكى تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى، باغلىنىشچانلىقى، ماسلىشىشچانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.
  پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچەش كېرەك. قۇرۇق گەپ ساتماي، ئەمەلىي ئىشلەپ ئەلنى گۈللەندۈرۈش كېرەك، ھەرقانداق ئىش ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە باغلىق. ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىش، ۋاقىت، نۇقتا بويىچە ئىلگىرى سۈرۈپ، مىخ قېقىش روھى بويىچە ئومۇميۈزلۈك، ئەتراپلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ياخشى باشلامچى بولۇپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، ئۆزى مەسئۇل بولغان خىزمەتنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى بىرتۇتاش پىلانلىشى، پەۋقۇلئاددە مۇھىم نىشان - ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەپ ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ۋە مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر ئاڭلىق ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۆز مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدىكى ۋەزىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەت لايىھەسىنى توغرا پىلانلاپ، ۋەزىپە جەدۋىلى، ۋاقىت جەدۋىلى، لىنىيە خەرىتىسىنى ئېنىق تۈزۈپ، خىزمەتكە ئېنىق تەلەپ قويۇشى، مۇھىمى سۈپەت تەلىپىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەر يېقىنقى، ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىلگە ئايرىلغان بولۇپ، ئىشنىڭ ئېغىر - يېنىكلىكىنى، ئالدىراش - ئالدىراش ئەمەسلىكىنى ئېنىق ئايرىپ، پىلانلىق، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جايلار ۋە تارماقلار ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقىنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. «پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات» دەيدىغان ئىدىيەنى چىڭ تۇرغۇزۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن نىشان - ۋەزىپىلەر ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
  يېڭى سەپەردە ھەممىسى داغدام يول بولۇشى ناتايىن، بىز زور خىرىس، زور خەۋپ، زور توسالغۇ، زور زىددىيەتلەرگە دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن. رەھبىرىي كادىرلاردا جەزمەن كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق روھى بولۇشى كېرەك، رەھبىرىي كادىرلاردا دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان جاسارەت، ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان ماھارەت بولۇشى كېرەك. ھەم سىياسىيغا دادىل ئەھمىيەت بېرىش، ھەم سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشكە ماھىر بولۇش؛ ھەم ئىرادە تىكلەپ تەرەققىياتنى چىڭ تۇتۇش، ھەم تەرەققىياتنى چىڭ تۇتۇشقا ماھىر بولۇش؛ ھەم ئىسلاھاتنى دادىل چىڭ تۇتۇش، ھەم ئىسلاھاتنى چىڭ تۇتۇشقا ماھىر بولۇش؛ ھەم زىددىيەت ۋە مەسىلىگە دادىل يۈزلىنىش، ھەم زىددىيەت ۋە مەسىلىنى دادىل ھەل قىلىشقا ماھىر بولۇش؛ ھەم ئىش قىلىشنى خالايدىغان، ھەقىقىي ئىش قىلىدىغان ئاڭ بولۇش، ھەم ئىش قىلىشنى بىلىدىغان، ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان ماھارەت بولۇش كېرەك.
  ھازىر پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىۋاتىدۇ، تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ، ئىزچىللاشتۇرۇۋاتىدۇ. يىغىن ئېچىش، ھۆججەت تارقىتىش قۇرۇلتاي روھىنى يەتكۈزۈشنىڭ زۆرۈر ئۇسۇلى، قويۇق كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشمۇ ئىنتايىن زۆرۈر. لېكىن، «يىغىن ئارقىلىق يىغىننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش»، «ھۆججەت ئارقىلىق ھۆججەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش» ھادىسىسى كۆرۈلۈشتىن ساقلىنىش، قۇرۇق شوئار توۋلىماسلىق، شەكىلۋازلىق قىلماسلىق كېرەك. جايلار ۋە تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە كۆپ خىل ئۇسۇل قوللىنىپ، كۆپ خىل ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى تېز قوزغىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ناھىيە، باشقارما باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۆگىنىشىنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇشى، پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لارنىڭ مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىلىرى پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى دەپ بىلىشى كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپلىرى، مەمۇرىيەت ئىنستىتۇتلىرى پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى كادىرلارنى تەربىيەلەشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىشى كېرەك؛ جايلار ۋە تارماقلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، كادىرلارنى نۆۋەت بىلەن مەركەزلىك تەربىيەلەشكە تەشكىللىشى كېرەك. ئاممىغا يۈزلەنگەن تەشۋىق - تەربىيەنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئاممىغا ئەتراپلىق، ياخشى تەشۋىق قىلىشى ۋە چۈشەندۈرۈشى كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار ھەم ئەمەلىي ئىشلىگۈچى، ھەم تەشۋىقاتچى بولۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن تەشۋىق قىلىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئاممىغا ياخشى تەشۋىق قىلىشى كېرەك. يەنە پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ لېكسىيە سۆزلەشكە، كەچۈرمىشلىرى، تەسىراتلىرى ئارقىلىق پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىشقا تەشكىللىشى كېرەك.
  
  ـــ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭنىڭ ج ك پ 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە 1 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە تەكىتلەپ ئېيتقانلىرىدىن. 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى.
  ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2017 - يىللىق 6 - سانىدىن تاللاندى