دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەنلەر قۇرۇلۇشى خىزمىتى مۇھاكىمە يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 4986   يوللانغان ۋاقتى: 2018-06-08 10:57:10

   

    دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەنلەر قۇرۇلۇشى خىزمىتى مۇھاكىمە يىغىنى 2018 – يىلى 5 – ئاينىڭ 21 – كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش ھوقۇقىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللار خۇلاسىلاندى. دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى چېن گەيخۇ يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ھەيئىتى، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى جاڭ جىڭزې يىغىنغا قاتناشتى ۋە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا ۋاكالىتەن خىزمەتلەرنى دوكلات قىلدى. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئىلمىي ئۇنۋان باشقۇرۇش ۋە ئاسپىرانتلار مائارىپى مەھكىمىسى (گوۋۇيۈەن ئۇنۋان ئىشخانىسى) ئىلمىي ئۇنۋان باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى لۈەن زۇڭتاۋ تەكلىپ بىلەن يىغىنغا قاتنىشىپ، ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش ھوقۇقىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ئالاقىدار بىرقىسىم ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. 


  چېن گەيخۇ دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىغا قاراشلىق 6 ئالىي مەكتەپنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاپ چىققاندىن كېيىن، مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ نۆۋەتلىك ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش ھوقۇقىنى تەكشۈرۈشتە، شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى «دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى بېرىش ئورنى» سالاھىتىگە، داليەن مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى «ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانى بېرىش ئورنى» سالاھىتىگە ئېرىشتى. يۇقارقى ئورۇنلارنىڭ نەتىجىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ. ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: گوۋۇيۈەن ئۇنۋان ئىشخانىسىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن، ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش ھوقوقىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى ھازىر دائىملىق خىزمەتكە ئايلاندى، 2020 – يىلى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش ھوقوقىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى يولغا قويۇلىدۇ؛ دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىغا قاراشلىق ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر ئۆز ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، پەنلەر قۇرۇلۇشى ئۇزاق مۇددەتلىك پىلانىنى تۈزۈپ، يېقىنقى مەزگىلدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى بېكىتىشى، ئۆزلىرىنىڭ پەنلەر تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى جەلىپ قىلىپ، پەنلەر قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى يەنە بىر پەللە يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مىللەتلەر خىزمىتى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.
  دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مائارىپ، پەن - تېخنىكا مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى تيەن ليەنگاڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش مەھكىمىسى، مائارىپ - پەن – تېخنىكا مەھكىمىسى، خەلقئارا ئالماشتۇرۇش مەھكىمىسى، مالىيە مەھكىمىسى، كادىرلار مەھكىمىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىغا قاراشلىق 6 ئالىي مەكتەپنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ۋە پەنلەر قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە مەسئۇل فۇنكىسىيەلىك باشقارما ۋە ئىشخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.
  
  دىلشات ئىدرىس تەرجىمىسى