دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان 7 – قارارلىق ئوتتۇرا ياش، ياش كەسپىي تېخنىكا تايانچلىرىنىڭ دۆلەت ئەھۋالى تەربىيەسى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشى كۇرسى ئېچىلدى

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 126   يوللانغان ۋاقتى: 2018-06-08 10:47:36

   باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى سىستېمىسى بويىچە ئىقتىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، 5 – ئاينىڭ 28 – كۈنى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى 7 – قارارلىق ئوتتۇرا ياش، ياش كەسپىي تېخنىكا تايانچلىرىنىڭ دۆلەت ئەھۋالى تەربىيەسى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشى كۇرسى مەركىزىي مىللەتلەر كادىرلار ئىنستىتۇتىدا ئېچىلدى. دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ھەيئىتى سۈن شۆيۈ كۇرسنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە مەخسۇس تېمىدا لىكسىيە سۆزلىدى.


  كۇرسقا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ھەيئىتى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى دەنجۇ ئاڭبېن، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، چىڭخەي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ گۇاڭچيەن قاتارلىق داڭلىق مۇتەخەسىس، ئالىملار دەرس بېرىشكە تەكلىپ قىلىندى. كۇرسانتلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر مەدەنىيەت قارىشى، مىللەتلەر خىزمىتىگە ئائىت يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى قارىشى ۋە يېڭى ئىستىراتېگىيەسى، پارتىيەنىڭ ئىرادىسى ۋە «غەربكە كۆچۈش روھى»، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ۋە پەن – تېخنىكا سىياسىتى قاتارلىق مەزمۇنلار بويىچە كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى ھەمدە قۇرۇلمىلىق مۇھاكىمە، گۇرۇپپىلار ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش، نەق مەيدان ئوقۇتۇش، كۇرسانتلار مۇنبىرى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇلدى.
  دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپ ۋە مەدەنىيەت كەسپىي ئورۇنلىرىدىن كەلگەن 57 نەپەر ئوتتۇرا ياش، ياش كەسپىي تېخنىكا تايانچلىرى ۋە ئىختىساسلىقلار خىزمىتىگە مەسئۇل يولداشلار كۇرسقا قاتناشتى. دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى كادىرلار مەھكىمىسى، مەركىزىي مىللەتلەر كادىرلار ئىنستىتۇتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار كورسنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
  دىلشات ئىدرىس تەرجىمىسى