باتېر خېنەن ئۆلكىسىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، يېڭى دەۋردىكى شەھەرلەر مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 131   يوللانغان ۋاقتى: 2018-06-07 14:31:05

     5 – ئاينىڭ 9 – كۈنىدىن 11 – كۈنىگىچە،  دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرى باتېر خېنەن ئۆلكىسىگە بېرىپ مىللەتلەر خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى توغرىسىدىكى يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى پۇختا ئىگىلەپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى ۋە ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەپ، يېڭى دەۋردىكى شەھەرلەر مىللەتلەر خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئۈزۈكسىز ئۆستۈرۈپ، خېنەن مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يېزىپ چىقىش كېرەك.

  خېنەن ئۆلكىسىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر بىر مىليون 489 مىڭ بولۇپ، 56 مىللەت تەركىبى تولۇق. بۇ، ئېلىمىز تارقاق ئولتۇراقلاشقان ئاز سانلىق مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ تىپىك ئىخچام كۆرۈنۈشى ھېسابلىنىدۇ.
  باتېر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ نەنياڭ، شۈچاڭ ۋە جېڭجوۋدىكى مەھەللىلەر، مەكتەپلەر، ئاز سانلىق مىللەت سودا كارخانىلىرى، يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىگەنلەرنىڭ نامراتلارنى يۆلەش بويىچە كەسىپلەر باغچىسى قاتارلىقلارغا بېرىپ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىيات ئىشلىرى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى.
  
  
  باتېر شىفوشى بازىرىدىكى شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت سودا - سېتىقچىلىرىنىڭ تىجارەت ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. 
  
  باتېر نەنياڭ شەھىرى جېنپىڭ ناھىيەسى شىفوشى بازىرىدىكى «قاشتېشى ماكانى مەھەللىسى»دە شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ تىجارەت، تۇرالغۇ جاي، دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئۆگىنىش ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، ئۇلارنىڭ تىجارەتنى ياخشى قىلىش بىلەن بىر چاغدا، مىللەتلەر ئارا ئىتتىپاقلىقنى ياخشىلاپ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق – تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۈلگىلەردىن بولۇشنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.
  
  
  باتېر «1 – ئىيۇل» مەھەللىسىنىڭ ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن كۈندۈلۈك خەۋەر ئېلىش مەركىزىدە تۇرۇۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنى يوقلىدى.
  
  باتېر شۈچاڭ شەھىرى ۋېيدۇ رايونى نەنگۇەن كوچا ئىش باشقارمىسىنىڭ «1 – ئىيۇل» مەھەللىسىدە مەھەللە پائالىيىتىگە قاتنىشىۋاتقان ھەر مىللەت ئامما بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلىشىپ، ئۇلارنى قېرىنداشلارچە ئىناق ئۆتۈش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش روھىنى تىرىشىپ جارى قىلدۇرۇپ، «جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ، بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش» ئۈچۈن ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچ – قۇدرىتىنى تەقدىم قىلىپ تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈردى.
  
  
  باتېر جېڭجۇ شەھىرىدىكى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزى تۈرىنى كۆزدىن كەچۈردى.
  
  باتېر جېڭجۇدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، 2019 - يىلىدىكى 11 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئاساسلىق سارىيى سۈپىتىدە قۇرۇلۇۋاتقان جىڭجۇ شەھەرلىك ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزى تۈرىنى كۆزدىن كۆچۈردى. باتېر قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تەپسىلى ئىگىلەپ، تەنھەرىكەت يىغىنىغا ئالاقىدار تەييارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىشتىكى زور ئەھمىيىتىنى كۆرسىتىپ، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى خېنەن بىلەن بىرلىكتە بۇ قېتىمقى كاتتا مەرىكىنى ئېسىل ئۆتكۈزۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
  باتېر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، خېنەن ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىدىكى ئاساسلىق رەھبەرلەر بىلەن خىزمەتلەر ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇردى. دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شى يۈگاڭ ھەمدە بەنگۇڭتىڭ، ھەيدەكچىلىك قىلىش - تەكشۈرۈش مەھكىمىسى، ئىقتىساد مەھكىمىسى ۋە تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.
  
  (سۈرەتلەرنى خېنەن ئۆلكىلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى تەمىنلىگەن) 
  
  تۇرغۇن يىلتىز تەرجىمىسى