2017 – يىللىق 6 - ساندىكى تەۋسىيەلىك ماقالە - ئەسەرلەر

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 1893   يوللانغان ۋاقتى: 2017-12-21 16:19:47

   ۋەتەنگە بولغان مۇھەببەت ئەڭ ئۇلۇغ مۇھەببەتتۇر. ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق ھەر ۋاقىت ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە بولغان چەكسىز مىننەتدارلىق ۋە ھۆرمەت ھىسسىياتى ئىچىدە مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىق مارشىنى ھەر ۋاقىت ياڭراتماقتا. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بىپايان شىنجاڭ زېمىنىدا بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ، ئۆزئارا ئىناق – ئىتتىپاق ئۆتۈپ، قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ئۇرغۇپ چىققان ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان چەكسىز مېھىر – مۇھەببىتىنى ھەر ۋاقىت ئىزھار قىلماقتا. سىز بۇ مۇھەببەتنى ژۇرنىلىمىزنىڭ مەزكۇر سانىدىن تولۇق ھېس قىلالايسىز... 

  ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىنىڭ مۇقاۋىسىغا «ئۇلۇغ ۋەتەن ـــ مېنىڭ ئائىلەم» ناملىق سۈرەتنى بەردۇق. بۇ سۈرەتتە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان چەكسىز مۇھەببىتى ئۆزگىچە ئۇسۇلدا ئوبرازلىق ئەكس ئەتكۈزۈلگەن...
  ژۇرنىلىمىزنىڭ ئوقۇرمەنلىرىگە ۋە تورداشلىرىمىزغا ئالاھىدە ئەسكەرتىدىغىنى شۇكى: ژۇرنالنىڭ بەت چەكلىمىسى سەۋەبىدىن، بۇ سان ژۇرنالنىڭ مۇندەرىجىسىگە يەنە نۇرغۇن قىممەتلىك ئۇچۇرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالدۇق. بۇ قىممەتلىك ئۇچۇرلاردىن ژۇرنالنى قولىڭىزغا ئېلىپ ۋاراقلىسىڭىز، تولۇق خەۋەردار بولالايسىز. ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىغا بىرمۇنچە قىممەتلىك سۈرەت ۋە مۇھىم ماقالىلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، «ھەر بىر بەت دەۋرنىڭ ۋە تارىخىنىڭ ئۇنتۇلماس خاتىرىلىرى بىلەن تولغان» دېيىشكە بولىدۇ. شۇڭا بۇ سان ژۇرنال مەڭگۈلۈك خاتىرە قىلىپ ساقلاپ قويۇشىڭىزغا ئەرزىيدۇ!... 
  بۇ سان ژۇرنالنىڭ «سۈزۈك قەترىلەر» سەھىپىسىگە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ شاڭخەيدە جۇڭگو كوممۇنىسىتىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 1 – قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جايغا ۋە جېجياڭ جياشىڭنىڭ نەنخۇ كۆلىدىكى قىزىل كېمىگە ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، نەنخۇ ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيىدىكى ئېكسكۇرسىيەنى ئاياغلاشتۇرغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ «پارتىيەنىڭ كۈرەش مۇساپىسىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەسلىي مەقسەتنى ھەر ۋاقىت ئۇنتۇماي، پارتىيەنىڭ ئالىي بۇرچىنى زىممىمىزگە ئېلىپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن مەڭگۈ كۈرەش قىلايلى» ناملىق سەرلەۋھەدىكى ئۈزۈندىنى ئېلان قىلدۇق.
  «يېڭى دەۋر يېڭى كەيپىيات يېڭى ئىشقا تۇتۇش قىلىش. بىرىنچى كۆزنەك. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنەيلى، ئىزچىللاشتۇرايلى» ناملىق سەھىپىدە «شى جىنپىڭ: يېڭى دەۋردە يېڭى كەيپىيات بولۇشى، تېخىمۇ مۇھىمى يېڭى نەتىجە بولۇشى كېرەك؛ جۇڭگو خەلقىنىڭ تۇرمۇشى جەزمەن يىلدىن يىلغا تېخىمۇ ياخشىلىنىدۇ»، «شى جىنپىڭ: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەقىقىي چۈشىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردە تىرىشىپ يېڭى سەپەرنى باشلاپ، داۋاملىق يېڭى سەھىپە پۈتۈش كېرەك» ناملىق مۇھىم سۆزنى ھەمدە «پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر مىللەتلەر خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرەيلى ـــ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرى باتېر بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت»، «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيلى ـــ باتېر»، «يېڭى دەۋردە تىرىشىپ جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھپىسىنى پۈتۈپ چىقايلى ـــ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش تەسىراتلىرى ھەققىدە كەڭ – كۇشادە پاراڭلاشتى ـــ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى (دىن ئىشلىرى ئىدارىسى)» قاتارلىق ماقالىلارنى ئېلان قىلدۇق.
  «سۈرەتلىك خەۋەر. 56 مىللەت بىر ئائىلە» سەھىپىسىدە «گۇيجۇ يىنجياڭ تۇجيازۇ – مياۋزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز»، «گۇيجۇ يەنخې تۇجيازۇ ئاپتونوم ناھىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز»، «گۇيجۇ ۋۇچۈەن مۇلاۋزۇ – مياۋزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز»، «خۇنەن جىڭجۇۋ مياۋزۇ – دۇڭزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز»، «گۇاڭشى خۇەنجياڭ ماۋنەنزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز» قاتارلىق سۈرەتلىك خەۋەرلەرنى ئېلان قىلدۇق.
  «نەزەر» سەھىپىسىدە «چىقىش نوقتىسى يۇقىرى، تەرەققىياتى تېز، ئالاھىدىلىكى روشەن، تۆھپىسى چوڭ. باتېر <جۇڭگو مىللەتلىرى> ژۇرنىلى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىپ، مىللەتلەر ئاخبارات – تەشۋىقات خىزمىتىگە قارىتا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى» ناملىق ماقالىنى ئېلان قىلدۇق.
    «مەخسۇس ماقالە. يېڭى پەللە، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى نەتىجە. <جۇڭگو مىللەتلىرى> ژۇرنىلى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى» سەھىپىسىدە ج ك پ مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتى پارتكومى تەييارلىغان «مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى، بۈيۈك تەرەققىياتى ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ياخشى بايان قىلىمىز» ناملىق ماقالىنى ئېلان قىلدۇق.
  «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولايلى» ناملىق سەھىپىدە مۇخبىرىمىز مۇھەممەدسالىھ مەتروزىنىڭ «مەن سىلەرنىڭ ئۆز قىزىڭلار» ناملىق ئاخبارات ماقالىسىنى ئېلان قىلدۇق. بۇنىڭدا ئەڭ گۈزەل ئاساسىي قاتلام كادىرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىسى باھارگۈل ۋە ئۇنىڭ 11 ئاتا - ئانىسى ھەققىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلەر بايان قىلىنىدۇ.
  بۇ سان ژۇرنال مۇقاۋىسىنىڭ 2 – بېتىدە «قەشقەردە <جۇڭگو مىللەتلىرى> ژۇرنىلىنىڭ مۇنداق بىر ئىخلاسمەن ئوقۇرمىنى بار» ناملىق سۈرەتلىك ئاخبارات ماقالىسىنى ئېلان قىلدۇق.
   مۇقاۋا 3 – بېتىدە «بىز ئۇچراشقان كىشىلەر. تۆھپىكارلار ئالبومى. ئەڭ گۈزەل مەھەللە كادىرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىسى ـــ باھارگۈل نىغمەت» ناملىق ماقالىنى ۋە سۈرەتنى ئېلان قىلدۇق.
  بۇ ساندىكى سەرخىل ماقالىلەرنى ئەستايىدىل ئوقۇپ، نادىر سۈرەتلەردىن قانغىچە ھۇزۇرلانماقچى بولسىڭىز، ژۇرنالنى تولۇق ۋاراقلاپ چىققايسىز. 
  2017 - يىلى غەلىبىلىك ھالدا ئاخىرلىشىپ قالدى. ژۇرنىلىمىز سىز بىلەن داۋاملىق سىرداش، قەلبداش بولۇشنى خالايدۇ. ئەمدى دىققىتىڭىز ژۇرنىلىمىزنىڭ كېلەر يىللىق سانلىرىدا بولسۇن!
  دوستانىلىق ۋە سەمىمىيلىك بىلەن شۇنى ئىسىڭىزگە سالىمىزكى: ژۇرنىلىمىزغا مۇشتەرى بولۇشنى تاللىغىنىڭىزنىڭ ئاقىلانە تاللاش بولغانلىقىغا ئىشەنگەيسىز!
  ژۇرنىلىمىزغا پوچتىدىن مۇشتەرى بولماقچى بولسىڭىز، جايلاردىكى پوچتىخانىلارغا بېرىپ، مۇنۇ پوچتا ۋاكالەت نومۇرى دەپ بەرسىڭىز ھەر ۋاقىت بىمالال مۇشتەرى بولالايسىز:
  117 ـــ 58 (新) 
  ناۋادا تەھرىر بۆلۈمىمىز ئارقىلىق مۇشتەرى بولۇشنى ئويلىسىڭىز، مۇنۇ تېلېفۇن نومۇرغا تېلېفۇن ئۇرۇپ ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ:
  8530016 (0991)