نىقابلىق كىيىم كىيىش ئەسەبىيلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 147   يوللانغان ۋاقتى: 2017-11-02 10:32:53

   نىقابلىق كىيىم كىيىش ئەسەبىيلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر

  
  −«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» توغرىسىدا يەشمە
  گاۋ شۆمىن

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدا بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەت ئاياللىرى دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، جامائەت سورۇنلىرىدا نىقابلىق كىيىم كىيىپ، بىر قاتار ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى پەيدا قىلدى. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىكى ئەسەبىي كۈچلەر شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلام ئىجتىمائىي فورماتسىيەسىگە، جۈملىدىن مەدەنىيەت فورماتسىيەسى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا خېلى زور زىيان يەتكۈزدى. شۇڭا، ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28 - يىغىنىدا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» ماقۇللاندى. «نىزام»نىڭ 2 - باب 7 - ماددىسىدا: نىقابلىق كىيىم كىيىش ياكى باشقىلارنى نىقابلىق كىيىم كىيىشكە مەجبۇرلاش، ئەسەبىيلىك بەلگىسى بار نەرسىلەرنى تاقاش ئەسەبىيلىشىش دائىرىسىگە كىرىدۇ، بۇنى چەكلەش كېرەك، دەپ بەلگىلەندى.
  بىرىنچى، نىقابلىق كىيىم شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىمى ئەمەس، مۇسۇلمانلار ياكى باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭمۇ كىيىمى ئەمەس، بەلكى سېپى ئۆزىدىن ئەسەبىيلىك كىيىمى
  ھازىرقى زامان ئىسلام ئەسلىيەتچىلىكىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش − كىيىنىش جەھەتتە نىقابلىنىش، چۈمبەل تارتىش، كۆزىنىلا ئوچۇق قويۇش، قارا كىيىم  بىلەن بېشىدىن ئايىغىغىچە تولۇق يۆگىنىپ يۈرۈشنى تەلەپ قىلىشتا ئەكس ئېتىدۇ. بۇنداق كىيىملەر ھەم مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىۋى  كىيىمى ئەمەس، ھەم ئۇيغۇر قاتارلىق ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىمىمۇ ئەمەس، ئەكسىچە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە مەزھىپىنى كۆز - كۆز قىلىدىغان كىيىمدۇر.
  نىقابلىق كىيىم كىيىش قارىماققا شەخسلەرنىڭ خۇسۇسىي ھەرىكىتىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئارقىسىغا دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە  يوشۇرۇنغان  بولۇپ، بۇلار دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ ئىپادىسىدۇر. دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە − ئەسەبىيلىك، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلىدىغان تۇپراقتۇر.
  بىر تەرەپتىن، «ئۈچ خىل كۈچ» مۇشۇنداق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، جەمئىيەتتە كىشىلەرنىڭ دىنىي سالاھىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، يات بەلگىلەر ياكى سالاھىيەت بەلگىسىدىن، قاراڭغۇلۇقنىڭ ئىپادىسى بولغان چۈمبەلدىن پايدىلىنىپ كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىنى بۇرمىلاپ، ھېسسىيات جەھەتتە قەستەن ئايرىمىچىلىق ۋە ئارىلىق پەيدا قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيزم كەيپىياتىنى تەرغىب قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، مىللىي مەدەنىيەت بىلەن دىنىي مەدەنىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى مەقسەتلىك ئارىلاشتۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش يوللىرىنى تەدرىجىي توسۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزدۈرۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە بولغان تونۇشنى ئىنكار قىلدۇرۇپ، ئاخىرىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش غەرىزىگە يەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. بۇ قىلمىشلار ھەم، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە، ھەم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە سىڭىپ كىرگەنلىك بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ مەدەنىيەت بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت سالدى، بۇ سېپى ئۆزىدىن ئەسەبىيلىك قىلمىشى بولۇپ، جەمئىيەتكە سالىدىغان زىيىنى ئىنتايىن زور.

گۈزەللەر                               ئۆركەش جاپپار فوتوسى

  ئىككىنچى، ئاياللارنى نىقابلىق كىيىم كىيىشكە مەجبۇرلاش ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتىگە ئېغىر دەخلى - تەرۇز قىلغانلىق 
  بىرىنچىدىن، نىقابلىق كىيىم كىيىشنىڭ دىنىي ئەقىدە، دىنىي كىيىم - كېچەك، مىللىي مەدەنىيەت بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. نۇرغۇن ئايال نىقابلىق كىيىمنى ئىچ - ئىچىدىن خالاپ كىيگىنى يوق، بەلكى باشقىلارنىڭ كۈشكۈرتۈشى، مەجبۇرلىشى بىلەن كىيگەن. نىقابلىق كىيىم كىيىۋالغان ئاياللارنىڭ يۈزىنى باشقىلار كۆرەلمىگەنلىكتىن، ئۇلار ئاسانلا يېتىم قالىدۇ ۋە جەمئىيەتتىن ئايرىلىپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئۇزاق داۋاملاشسا، ئۇلار ئاسانلا جەمئىيەتتىن بىزار بولىدۇ. شۇڭا، نىقابلىق كىيىم كىيىشنى چەكلەش ئەمەلىيەتتە ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى چەكلىگەنلىك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جامائەت سورۇنىدا  نىقابلىق كىيىم كىيىشمۇ ئېلىمىزنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىك سىياسىتىگە خىلاپ.
  ئىككىنچىدىن، ئاياللارنى نىقابلىق كىيىم كىيىشكە مەجبۇرلاش ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتىگە ئېغىر دەخلى - تەرۇز قىلغانلىق. ھازىرقى زامان مەدەنىيەت قاتلىمىدىن قارىغاندا، نىقابلىق كىيىم كىيگەندە ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشقا نۇرغۇن قولايسىزلىق ئېلىپ كېلىدۇ، ئاياللارنى سىياسىي ھوقۇقىدىن، مەدەنىيەت ھوقۇقىدىن، ئىقتىسادىي ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىدۇ. بىر تەرەپتىن، ئاياللار نىقابلىق كىيىم كىيگەندە، نورمال خىزمەت قىلالمايدۇ ۋە باشقا مەدەنىيەت، تەنتەربىيە پائالىيىتىگە قاتنىشالمايدۇ، بۇ، مۇسۇلمان ئاياللىرىنى زور دەرىجىدە چەكلەپ قويىدۇ؛ يەنە بىر جەھەتتىن، نىقابلىق كىيىم كىيىش پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەشكىمۇ زور تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئەگەر ئانىلار تۇرمۇشتا نادانلىق ئىچىدە ياشىسا، ئەۋلادلارغىمۇ تەسىر يېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، جىلباب كىيىش، چۈمبەل تارتىشنىڭ ئارقىسىغا «ئاياللار ئېرىنىڭ خۇسۇسىي مۈلكى» دېگەن خاتا قاراش سىڭگەن بولۇپ، ئاياللارنىڭ كىشىلىك قەدىر - قىممىتىگە ھاقارەت قىلغانلىق، ئەر - ئاياللار ھوقۇقتا باراۋەر دېگەن پىرىنسىپقا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىق.
  ئۈچىنچىدىن، مەدەنىيەت، ئۆرپ - ئادەت قاتلىمىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، نىقابلىق كىيىم كىيىشنىڭ شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە بولغان زەربىسى ئېغىر بولىدۇ. شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مول، رەڭدار كىيىم - كېچەك مەدەنىيىتى بار. مەسىلەن: ئەتلەس كۆڭلەك، دۇخاۋا دوپپا، كانۋا كۆڭلەك ۋە ھەر خىل رەڭلىك ياغلىق ھەم مومايلارنىڭ ئاق رومىلى قاتارلىقلاردا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۆزگىچە كىيىنىشى ۋە كىيىم - كېچەك جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى مۇجەسسەملەنگەن. ئەمما دەۋر ۋە جەمئىيەت ئۈزۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتقان ھەم ئىلگىرىلەۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە،  چوڭ - كىچىك كوچىلاردا نىقابلىق كىيىنگەن ئاياللارنىڭ پەيدا بولۇشى شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاياللىرىنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم - كېچەك مەدەنىيىتىدە ئېغىر دەرىجىدە چېكىنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
  ئۈچىنچى، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى چەكلەش كېرەك
   1. نىقابلىق كىيىملەرنى كىيىشنى چەكلەش دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىدۇر.
  يېقىنقى ۋە ھازىرقى زاماندىن قارىغاندا، ھەر قايسى دۆلەتلەر ئاياللارنىڭ كىيىنىشى توغرىسىدا ئوخشىمىغان سىياسەت، قانۇن - تۈزۈملەرنى تۈزۈپ چىقىپ، ئاممىۋى سورۇندا نىقابلىق كىيىملەرنى كىيىشنى چەكلىگەن.
   2. قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، نىقابلىق كىيىملەرنى كىيىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى تەرتىپكە سېلىش كېرەك.
  قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش تەشۋىقاتىنى دائىمىيلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى»نى ۋە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش نىزامى»نى پائال، كەڭ  تەشۋىق قىلىپ، كۆپچىلىكنى قانۇن - نىزامنى بىلىش، قانۇن - نىزامنى چۈشىنىش، قانۇن - نىزامغا رىئايە قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك. دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ رەزىل مەقسىتىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، دىنىي ئەسەبىيلىك، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو پاكىتلىرى ئارقىلىق ئاممىغا تەربىيە بېرىپ، ئاممىغا دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇتۇش كېرەك. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ ئاكتىپ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دىنىي ئەقىدىلەر ئارقىلىق دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ سەپسەتىلىرىگە  رەددىيە بېرىش كېرەك.
  قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش بىلەن تەربىيەلەشنى تەڭ تۇتۇش كېرەك. باشقىلارنى نىقابلىق كىيىم كىيىشكە مەجبۇرلايدىغان، قۇترىتىدىغان، تەشكىللەيدىغان، قايمۇقتۇرىدىغانلار ھەم نەسىھەت قىلسىمۇ ئاڭلىماي قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانغانلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش ۋە جازالاش كېرەك.
  ھەر مىللەت ئاممىسىغا  دۇنياۋىلاشقان، زامانىۋى تۇرمۇش شەكلىدە چىڭ تۇرۇش، ئۇنىڭغا ئىنتىلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىش ۋە ئۇلارنى يېتەكلەش كېرەك. تەشۋىق - تەربىيە ئارقىلىق كۆپچىلىكنى قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان پۇقرالاردىن بولۇشقا يېتەكلەپ، ھەممەيلەن شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدىن ئىبارەت باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا  تۆھپە قوشىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.