قانۇن رەسمىيىتى ئۆتىمەي، دىنىي ئۇسۇلدا توي قىلغان ياكى ئاجراشقانلارنى جەزمەن قانۇن بويىچە جازالاش كېرەك

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 146   يوللانغان ۋاقتى: 2017-11-02 10:30:12

 قانۇن رەسمىيىتى ئۆتىمەي، دىنىي ئۇسۇلدا توي قىلغان ياكى ئاجراشقانلارنى جەزمەن قانۇن بويىچە جازالاش كېرەك

  
  −«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» توغرىسىدا يەشمە
  ۋاڭ پىڭ

  «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى. بۇ نىزامنىڭ 2 - ماددىسىدىكى «ئەسەبىيلىكنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى»دە، ئەسەبىيلىكنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان 14 خىل ئاساسلىق گەپ - سۆز ۋە ھەرىكەت ئېنىق كۆرسىتىلدى، تۆۋەندە «قانۇن رەسمىيىتى ئۆتىمەي، دىنىي ئۇسۇلدا توي قىلىش ياكى ئاجرىشىش» قىلمىشىنىڭ ئىجتىمائىي زىيىنى ۋە قانۇن رەسمىيىتى ئۆتىمەي، دىنىي ئۇسۇلدا توي قىلغان ياكى ئاجراشقانلار ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك قانۇنىي ئاقىۋەتلەر ئۈستىدە توختىلىمىز:
  
  بىرىنچى، قانۇن رەسمىيىتى ئۆتىمەي، دىنىي ئۇسۇلدا توي قىلىش ياكى ئاجرىشىش جەمئىيەتكە ئېغىر زىيان سالىدۇ
  دىنىي ئۇسۇلدا توي قىلىش ياكى ئاجرىشىش، ئاساسلىقى مۇنداق ئۈچ خىل ئەھۋالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: 1. توي خېتى ئالماي، «نىكاھلىنىش» قاتارلىق دىنىي مۇراسىملاردىن پايدىلىنىپ «نىكاھلىنىش»؛ 2. قانۇن بويىچە نىكاھتىن ئاجرىشىش رەسمىيىتى ئۆتىمەي، «تالاق» دەپلا «نىكاھتىن ئاجرىشىش»؛ 3. دىننى سەۋەب قىلىپ، قوش نىكاھلىنىش. بۇ ھەرىكەتلەر بىر قىسىم ئائىلىلەرنىڭ ئەسلىدىكى ئىناق، گۈزەل تۇرمۇشىنى بۇزۇپ، جەمئىيەتتە ئېغىر ئىجتىمائىي ئاقىۋەت پەيدا قىلدى.
  بەزى ئەر - ئاياللار «نىكاھ قىلىش» قاتارلىق دىنىي مۇراسىم ئارقىلىقلا توي قىلىپ، توي خېتى ئالمايدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتى قانۇننىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمەي، توي قىلىشتا باشباشتاقلىق قىلىش، بالدۇر توي قىلىش، كۆپ پەرزەنتلىك بولۇشتەك ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىپ، ئائىلە تۇرمۇش سۈپىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ. بالدۇر توي قىلىش، كۆپ پەرزەنتلىك بولۇش، ئاجرىشىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ئىجتىمائىي ئىناقسىزلىق ئامىلىغا ئايلىنىپ، ئائىلىنىڭ ئىناقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا زىيان سالىدۇ.
  بۇلاردىن سىرت، قانۇن رەسمىيىتى ئۆتىمەي دىنىي ئۇسۇلدا توي قىلىش ياكى ئاجرىشىش بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگىمۇ زىيانلىق. ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەكشۈرۈشىدىن قارىغاندا، ھازىر جەمئىيەتتىكى سەرگەردان بالىلار ئىچىدە، ئاتا - ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن ياكى جورىسىز ئائىلىدىن كېلىپ چىققان سەرگەردانلار مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلەيدىكەن، بالىلارنىڭ كوچا - كويلاردا لاغايلاپ يۈرۈشى جەمئىيەتتە مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىدىغان بىر ئامىل.
  ئىككىنچى، قانۇن رەسمىيىتى ئۆتىمەي، دىنىي ئۇسۇلدا توي قىلىش ياكى ئاجرىشىش ئېلىمىز قانۇنىغا ئوچۇق - ئاشكارا ئىغۋاگەرچىلىك قىلغانلىق بولىدۇ
  ئېلىمىزنىڭ نىكاھ قانۇنىدا نىكاھ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلغان: نىكاھ ئەركىنلىكى، بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق بولۇش، ئەر - ئاياللار باراۋەر بولۇش قاتارلىق نىكاھ تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ؛ ئاياللار، بالىلار ۋە ياشانغانلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئەتى قوغدىلىدۇ؛ نىكاھقا چات كېرىۋېلىش، نىكاھ سودىسى قىلىش ۋە نىكاھ ئەركىنلىكىگە ئارىلىشىشتەك باشقا ھەرىكەتلەر چەكلىنىدۇ؛ قوش نىكاھلىنىش چەكلىنىدۇ؛ جورىسى بارلارنىڭ باشقىلار بىلەن بىر ئۆيدە تۇرۇشى چەكلىنىدۇ؛ توي قىلماقچى بولغان ئەر - ئايالنىڭ ئۆزى نىكاھ تىزىملاش ئورگىنىغا بېرىپ، نىكاھلىنىشقا تىزىملىتىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. نىكاھلىنىشقا تىزىملاتمىغانلار جەزمەن تولۇقلاپ تىزىملىتىشى كېرەك. قانۇن رەسمىيىتى ئۆتىمەي، دىنىي ئۇسۇلدا توي قىلىش ياكى ئاجرىشىش − ئېلىمىزنىڭ نىكاھ قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىگە خىلاپ بولۇپ، ئېلىمىز قانۇنىغا ئوچۇق- ئاشكارا ئىغۋاگەرچىلىك قىلغانلىق بولىدۇ.
  بۇلاردىن سىرت، ئېلىمىز ئەڭ يېڭى جىنايەتلەرگە «ئەسەبىيلىكتىن پايدىلىنىپ قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى» دېگەن تۈرنى قوشتى ھەم جىنايى ئىشلار قانۇنى تۈزىتىلمىسى (9) 120 - ماددىسىنىڭ 4 - تارمىقىدا مۇنداق دەپ بېكىتىلدى: «ئەسەبىيلىكتىن پايدىلىنىپ ئاممىنى دۆلەت قانۇنىدا بېكىتىلگەن نىكاھ، ئەدلىيە، مائارىپ، جەمئىيەت باشقۇرۇش قاتارلىق تۈزۈملەرنى يولغا قويۇشقا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا قۇتراتقانلار، مەجبۇرلىغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش ياكى رېجىمغا ئېلىش جازاسى بېرىلىدۇ ھەم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ ھەم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئالاھىدە ئېغىر بولغانلارغا يەتتە يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ ھەم جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.» شۇڭا قانۇن رەسمىيىتى ئۆتىمەي، دىنىي ئۇسۇلدا توي قىلىش ياكى ئاجرىشىش قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، جىنايەت شەكىللەندۈرسە، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ.
  ئۈچىنچى، قانۇن رەسمىيىتى ئۆتىمەي، دىنىي ئۇسۇلدا توي قىلغان ياكى ئاجراشقانلارنى جەزمەن قانۇن بويىچە جازالاش كېرەك
  ئېلىمىزنىڭ نىكاھ قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، قوش نىكاھلىنىش ئىناۋەتسىز بولۇپ، ئالاقىدار تەرەپلەر ئەر - خوتۇنلۇق ھوقۇق، مەجبۇرىيەتكە ئىگە بولمايدۇ. قوش نىكاھلىنىش داۋامىدىكى مال - مۈلۈك ماجىراسىدا، قانۇنلۇق نىكاھلانغان ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مال - مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلىشقا بولمايدۇ.
  «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى»دىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، قانۇن رەسمىيىتى ئۆتىمەي، دىنىي ئۇسۇلدا توي قىلىش ياكى ئاجرىشىش قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارنى ج خ ئورگانلىرى، خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ۋە ئالاقىدار ئورۇنلار بىرلىكتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، تەنقىدىي تەربىيە بېرىدۇ ياكى قانۇن - تۈزۈم تەربىيەسى بېرىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراق، ئەمما جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرگە ج خ ئورگىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى» ھەم «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى»گە ئاساسەن جازا بېرىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت قىلغانلارنىڭ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، باشقىلارغا زىيان سالغانلارنىڭ ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولسا، جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرىدۇ.
  بۇلاردىن باشقا، ئېلىمىز قوش نىكاھلىنىش جىنايىتىنىڭ مۇناسىپ جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنى بېكىتتى. ئەڭ يېڭى جىنايەتلەرگە «ئەسەبىيلىكتىن پايدىلىنىپ قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى» قوشۇلۇپ، جىنايى ئىشلار قانۇنى تۈزىتىلمىسى (9) 120 - ماددىسىنىڭ 4 - تارمىقىدىمۇ «ئەسەبىيلىكتىن پايدىلىنىپ قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى»نىڭ تېگىشلىك جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ئايدىڭلاشتۈرۇلدى. شۇڭا، قانۇن رەسمىيىتى ئۆتىمەي، دىنىي ئۇسۇلدا توي قىلىش ياكى ئاجرىشىش قىلمىشى جىنايەت شەكىللەندۈرسە، جىنايى ئىشلار قانۇنىغا ئاساسەن جىنايەت بېكىتىلىپ جازا بېرىلىدۇ.