ج ك پ مەملىكەتلىك 19 - قېتىملىق قۇرۇلتىيى يېپىلدى

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 164   يوللانغان ۋاقتى: 2017-11-01 14:24:54

 


جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19 - قېتىملىق قۇرۇلتىيى 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى بېيجىڭدا يېپىلدى
  
يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى سايلاپ چىقىلدى
  
18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى(تۈزىتىلمە)» توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى

  
  شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى
  
  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى جۇڭگو خەلقىنىڭ بەخت - سائادىتىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشىنى كۆزلەش. بۇ ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچ جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنى ئۈزۈكسىز ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار چوقۇم مەڭگۈ خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى مەڭگۈ كۈرەش نىشانى قىلىپ، مەڭگۈ بەل قويۇۋەتمەسلىك روھىي ھالەت ۋە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىنتىلىشتەك كۈرەش ھالىتى بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇلۇغۋار نىشانىغا قاراپ جاسارەت بىلەن داۋاملىق ئىلگىرىلىشى كېرەك. پۈتۈن پارتىيە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىسلاھات قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى يېتەكلەپ، 19 - قۇرۇلتايدا بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى كېرەك.
 قۇرۇلتايدا پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ۋە ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىشقا چاقىرىلدى.