ج ك پ مەملىكەتلىك 19 - قېتىملىق قۇرۇلتىيى ئېچىلدى

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 156   يوللانغان ۋاقتى: 2017-11-01 14:16:14

   

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەيلى
  
  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك  19 - قېتىملىق قۇرۇلتىيى 10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

  
  شى جىنپىڭ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا دوكلات بەردى
  
  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۇزاق مۇددەت تىرىشىش ئارقىلىق جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، مانا بۇ دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تارىخىي ئورنىدۇر. بۇ، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئۆزگەرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ
  يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قەتئىي چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى باش ۋەزىپە «سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىشنى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئاساسىدا، ئىككى قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىپ، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا باي، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش» ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
    قۇرۇلتايغا لى كېچياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى، 2338 ۋەكىل ۋە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىل قاتناشتى.
  
  قۇرۇلتاينىڭ باش تېمىسى: ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش.