2017 – يىللىق 5 - ساندىكى تەۋسىيەلىك ماقالە - ئەسەرلەر

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 223   يوللانغان ۋاقتى: 2017-10-25 16:36:29


  ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەشكە ئائىت مەخسۇس مەزمۇنلار بۇ سان ژۇرنالنىڭ ئاساسىي مەزمۇنلىرىدىن بىرى قىلىنىدى، يەنى «بىرىنچى كۆزنەك» سەھىپىسىگە مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىغا خاتىرە بۇيۇمى تەقدىم قىلغانلىقى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكىنىڭ كۆكخوت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەنلىكى، يۈ جېڭشېنىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ كۆكخوتقا بارغانلىقى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكىدىكى چوڭ تىپتىكى ناخشا - ئۇسسۇل ـــ «مەڭگۈلۈك مەدھىيە»نىڭ ئورۇنلانغانلىقى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ يىغىنى كۆكخوت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەنلىكىدىن ئىبارەت بىر قاتار مۇھىم مەزمۇنلار بېرىلدى.

  ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىدىكى «مەركەزدىن كەلگەن سادا» سەھىپىسىگە «ليۇ يەندۇڭ: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرەيلى»، «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتى ھەققىدىكى يېڭى تەلەپ، يېڭى يوليۇرۇقىنى ئىزچىللاشتۇرايلى، ئەمەلىيلەشتۈرەيلى» قاتارلىق ماقالىلارنى ئېلان قىلدۇق.

  «نەزەر» سەھىپىسىدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقىنىڭ «شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرايلى»، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل ئەھمەدنىڭ «ۋەتەنپەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغدايلى»، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىتنىڭ «پارتىيەمىزنىڭ شەرەپلىك تارىخىنى ئۇنتۇماي، ئىناق، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى» ناملىق ئىمزالىق ماقالىسىنى ئېلان قىلدۇق.

  «ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز» سەھىپىسىدە «باتېر: ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى ئالەمشۇمۇل ئىجادىيەت»، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ «بىپايان يايلاقتا قاناتلانغان گۈزەل ئارزۇ»، «ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇش كۆلىمى ۋە دەرىجىسى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى» قاتارلىق ماقالىلارنى ئېلان قىلدۇق. 

  «سۈرەتلىك ئالبوم» سەھىپىسىدە «ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى يېڭىلىقلارغا نەزەر»، «ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوردوس شەھىرىدىكى ئات فىرمىسى» ناملىق ئاخبارات سۈرەتلىرىنى ئېلان قىلدۇق.

  «مەخسۇس ماقالە. شىنجاڭ. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى» سەھىپىسىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك  باش نىشانىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇش توغرىسىدىكى قارار»ىنى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەييارلىغان «<مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش> پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ئۈزۈكسىز ئالغا سىلجىتايلى» ناملىق ماقالىنى ئېلان قىلدۇق.

  «مىللەت ۋە قانۇن - تۈزۈم» سەھىپىسىدە «قانۇن رەسمىيىتى ئۆتىمەي، دىنىي ئۇسۇلدا توي قىلغان ياكى ئاجراشقانلارنى جەزمەن قانۇن بويىچە جازالاش كېرەك»، «نىقاپلىق كىيىم كىيىش ئەسەبىيلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر» ناملىق ماقالىنى ئېلان قىلدۇق.

  «يارقىن سىيمالار» سەھىپىسىدە ئەيساجان تۇردى ئاچچىقنىڭ مەملىكەت بويىچە «ئاساسىي قاتلام نەزەرىيە - تەشۋىقات سېپىدىكى ئىلغار شەخس»، مائارىپ تەتقىقاتچىسى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىلھام روزى ھەققىدە يازغان «ئاغزىدىن ھېكمەت تۆكۈلىدىغان ئادەم» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلدۇق.

  «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولايلى» سەھىپىسىدە شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ «كۈندۈلۈك خاتىرىدىن رېئاللىققىچە: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى توغرىسىدىكى مېھرى - مۇھەببەت ھېكايىلىرى»، ئۆركەش جاپپارنىڭ «چياۋزى كەنتىدىكى ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ غەمگۇزارى ـــ شۈ جيې» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلدۇق.

  «ئىناقلىق مىلودىيەسى» ناملىق سەھىپىدە جۈرئەت مەمتىمىننىڭ «ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلدۇق. 

    «مىللەت ۋە تەنتەربىيە» سەھىپىسىدە ئەركىن ئەبەيدۇللانىڭ «مەمەتتۇرسۇن چوڭ بوكسچىلىق ھاياتىدا 21 ئالتۇن مېدال ئالدى» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلدۇق.

  «كروران رەسىم كارىدورى» سەھىپىسىدە مەمەت جۈمەنىڭ «بىزدە مۇنداق رەسساملار بار ــــ كۇچا دېھقان رەسساملىرى سىزغان رەسىملەر» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلدۇق.

   ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سان مۇقاۋىسىدا ئابلىز غوجامنىيازنىڭ «ئۈزۈم پىشتى» ناملىق فوتو سۈرىتىنى ئېلان قىلدۇق. مۇقاۋىنىڭ 2 - بېتىدە «<جۇڭگو مىللەتلىرى> ژۇرنىلى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، باتېر سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىپ، مىللەتلەر ئاخبارات - تەشۋىقات خىزمىتىگە قارىتا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى» ناملىق سۈرەتلىك خەۋەرنى، مۇقاۋىنىڭ 3 - بېتىدىكى «بىز ئۇچراشقان كىشىلەر. <جۇڭگو مىللەتلىرى> ژۇرنىلى تۆھپىكارلار ئالبومى» سەھىپىسىدە بالىلار كېسەللىكلىرىنى داۋالاش بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن ياش مۇتەخەسسىس، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بالىلار دوختۇرخانىسى بالىلار تاشقى كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئالىمجان ئابدۇرېھىمنى ئالاھىدە تونۇشتۇردۇق؛ «سۈزۈك قەترىلەر» سەھىپىسىدە بولسا «ھاياتقا كۈلۈمسىرەپ مۇئامىلە قىلىڭ» ناملىق ماقالىنى ئېلان قىلدۇق.

  قەدىردان ئوقۇرمەن دوستلار: ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىدىكى ماقالىلاردىن تولۇق خەۋەردار بولماقچى، نادىر فوتو سۈرەتلەردىن قانغىچە بەھر ئالماقچى بولسىڭىز، دىققىتىڭىز ژۇرنىلىمىزنىڭ رەڭدار بەتلىرىدە بولسۇن!