كەنتتىكى بەش كارتىنا

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 185   يوللانغان ۋاقتى: 2017-10-16 11:39:34

   كەنتتىكى بەش كارتىنا 

  − قەشقەر ۋىلايىتى مارالبېشى ناھىيە دۆلەتباغ يېزا كېۋەزلىك كەنتىدىكى زىيارەتتىن خاتىرىلەر
  
  ئۆز مۇخبىرىمىز لا مۇ
  
  (1)
  
  بېيجىڭ ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:30 بولغاندا بېيجىڭ بىلەن ئاز بولغاندىمۇ ئىككى سائەت ۋاقىت پەرقى بار بولغان جەنۇبىي شىنجاڭدا تېخى ئەتىگەن بولۇپ، ئەتىگەنلىك قۇياش نۇرىدا كېۋەزلىك كەنتى باشقىچە نۇرلىنىپ كەتكەنىدى. ئەتىيازلىق تېرىقچىلىق ئەمدىلەتىن بېسىققان، مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئۇلاش، شاخلارنى چاتاش باشلانغان بولۇپ، ئۆرۈك چېچەكلىرى تۆكۈلۈپ، تاللار باراڭلاشقا باشلىغانىدى. بۇ كەنتتىكى «ئاممىغا قولاي تاللا بازىرى»، «چالغۇ ئەسۋابلار دۇكىنى»، «تىككۈچىلىك دۇكىنى»، «گىلەم دۇكىنى» ۋە «سەھرا تائاملىرى ئاشخانىسى» قاتارلىق يېڭى شەيئىلەر كەنت ئاھالىلىرىگە نىسبەتەن يېڭىلىق ھېسابلىناتتى. 
  كەنت ئاھالە كومىتېتى دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدىكى ئىككى قەۋەتلىك سېرىق بىنانىڭ 1 - قەۋىتىدىكى كوچىغا قارىغان تۆت دۇكاننىڭ غوجايىنلىرى دۇكان ئىچى - سىرتىنى تازىلاپ، خېرىدار كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىنىۋاتاتتى. تەشۋىقات تېمىدىكى رەسىملەردە دوپپا كىيىشكەن ھەر مىللەت خەلقنىڭ دۆلەت بايرىقى ئاستىغا جەم بولۇشقان كۆرۈنۈشى سىزىلغان بولۇپ، رەسىمدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم - كېچەك ئۇسلۇبى ئالاھىدە گەۋدىلەنگەنىدى. يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى تاملاردىن ئارتىلىپ چۈشۈشكەن تال باراڭلىرى ئادەمگە راھەت بېغىشلايتتى. 
  قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مارالبېشى ناھىيە بازىرىدىن 4.5 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كېۋەزلىك كەنتىدە بىر ئائىلىلىك خەنزۇدىن باشقا، قالغان 283 ئائىلىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ئىدى. زەرەپشان دەرياسى ۋادىسىدىكى نۇرغۇن قەدىمىي كەنتلەرگە ئوخشاش كېۋەزلىكنىڭ تارىخىنى تېخى بىرەرسى تەتقىق قىلىپ باقمىغان. كەنتتىكىلەر بۇ يەرنىڭ قەدىمىي تارىخىنى بىلمەيدۇ، بىراق بۇ كەنتتە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغانلارنىڭ ھەممىسى كېۋەز تېرىش ۋە پاختا يىغىشتىن ئايرىلىپ باققان ئەمەس. پۈتكۈل كەنتتە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 4500 مو بولۇپ، بۇلتۇرقى كېۋەزلىكلەرنىڭ كۆلىمىلا 3200 موغا يەتكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكى، تارىم ئويمانلىقى ۋە تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېتىدە دەريا - بوستانلىقلارغا تايىنىپ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش بىلەن شۇغۇللانغان؛ كىشىلەر قەدىمىي يىپەك يولىغا جايلاشقان، شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيىتىنى باغلاپ تۇرغان ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ بۇ ئورنىنى «يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت» دەپ ئاتىغان. «كېۋەزلىك» ئۇيغۇر تىلىدا «كېۋەز تېرىيدىغان جاي» دېگەن مەنىدە. بۇ يېزا تەۋە بولغان مارالبېشى ناھىيەسى تىپىك يېزا ئىگىلىك چوڭ ناھىيەسى بولۇپ، يەر، كىلىمات شارائىتى كېۋەز، بۇغداي تېرىشقا ۋە مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئۆستۈرۈشكە ماس كېلىدۇ. بىراق، قۇم - بوران كۈچلۈك، شورلۇق چۆللەر كۆپ، ئىشلىتىدىغان سۇ كەمچىل، ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ ئاجىز بولۇشى تەرەققىياتنى توسۇپ قويغان ئاجىز تەرەپلەر ھېسابلىناتتى. 
  مارالبېشى ناھىيەسى قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ بولۇپ، دۆلەت تاشيولىنىڭ 314 - لىنىيەسى، ئۆلكە تاشيولىنىڭ 215 - لىنىيەسى، ئاچال - يەكەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى ناھىيە تەۋەسىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ. نۆۋەتتە پۈتكۈل ناھىيە نوپۇسى 382 مىڭ 200 بولۇپ، جەمئىي 25 مىللەت بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %95.11ىنى ئىگىلىگەن. 
  مانا، تۇرسۇنگۈل رۇسۇل «ئاممىغا قولاي تاللا بازىرى»نىڭ ئىچى - سىرتىغا سۇ سېپىپ، مال پەشتاختىلىرىغا تىزىلغان ماللارنى سۈرتۈپ بولدى. تاللا بازىرىدىكى ماللار ھاراق - تاماكا، يېمەك - ئىچمەك، مىلىچماللارنى ئاساس قىلغان بولۇپ، تىجارەت باشلىغان بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا تىجارەت سوممىسى 3000 يۈەندىن ئاشقان. خېرىدارلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇ كەنتتىكىلەر بولۇپ، بەزىدە باشقا كەنتتىكىلەرمۇ كېلىپ خېرىدارلىق قىلىدىكەن. 
  تۇرسۇنگۈل خېرىدارلارنى كۈتكەچ مۇنداق دېدى: «بۇ دۇكانغا ئۆزۈم 1000 يۈەن دەسمايە سالدىم، خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر مال كىرگۈزۈش ئىشلىرىغا ياردەملەشتى. مەن يەنە ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ۋە مېتال بۇيۇملىرىنى كىرگۈزۈشنى ئويلىشىۋاتىمەن. دۇكان ئاچقاندىن كېيىن كىرىمىم بار بولدى، تۇرمۇشۇممۇ ئىلگىرىكىدىن ياخشىلاندى. ھۆكۈمەتنىڭ يۆلىشىگىلا تايىنىپ، ئۆزى تىرىشمىسا بولمايدىكەن. نامرات ئائىلىلەرگە نامرات بولۇش پېشانىسىگە پۈتۈلگەن ئەمەس، ھۆكۈمەت بولسىلا بىزدە ئىشەنچ بولىدۇ.» ئۇ يېقىندا تاللا بازىرىغا بىرنەچچە ئۈستەل - ئورۇندۇق قويۇپ، قوشۇمچە ئۆزى ئۇيۇتقان لىغىرداقنى سېتىۋاتقاچقا، سودىسى خېلى يامان ئەمەس ئىكەن. 
  بۇ ۋاقىتتا تاللا بازىرىغا قوشنا «ئاچا - سىڭىللار چالغۇ ئەسۋابلىرى دۇكىنى»، «تىككۈچىلىك دۇكىنى»، «گىلەم دۇكىنى» ۋە «سەھرا تائاملىرى ئاشخانىسى»مۇ ئارقا - ئارقىدىن تىجارەت باشلىغان بولۇپ، ئاشخانا سىرتىدا ئالتە ئادەم تاماق بۇيرۇتۇۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرسى مۇنداق دېدى: «بۇ ئاشخانا ئۆيگە يېقىن، تاماقلىرىنىڭ باھاسى مۇۋاپىق؛ پولۇ، لەڭمەن، كاۋاپ، ھورنان، قورۇمىلىرىنىڭ تەمى ياخشى. ئىلگىرى يىغىلىش قىلساق ناھىيە بازىرىغا بارمىساق بولمايتتى، ھازىر تۇرمۇشىمىز قولايلاشتى. بىز بۇ كەنتتىن بولمىساقمۇ، بۇ ئاشخانىنىڭ دائىملىق خېرىدارلىرى. چوڭلار ۋە بالىلارنىڭ ھەممىسى بۇ يەردىكى پائالىيەت مەركىزىگە كېلىشگە ئامراق.» 
  
  (2)
  
  كەنتتىكىلەر دەۋاتقان «پائالىيەت مەركىزى» كېۋەزلىك كەنتىدىكى يېڭى شەيئى بولۇپ، دۆلەتباغ يېزىسى بىلەن ناھىيەلىك ئەلا سورتلۇق ئورۇقلارنى يېتىشتۈرۈش مەيدانىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى پائالىيەت مەركىزى ئىدى.
  دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى 2015 - يىلى كېۋەزلىك كەنتىگە نۇقتىلىق ياردەم قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى پائالىيەت مەركىزى بىلەن چىلان ئۇلاش ۋە تەربىيەلەشتىن ئىبارەت ئىككى تۈرنى يولغا قويغان بولۇپ، جەمئىي 2 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىنىڭ 2 - تۈركۈمدىكى «ئۈچ ئەل خىزمىتى» پائالىيىتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ياردىمىدە، پائالىيەت مەركىزى قۇرۇلۇشىدا شۇ يىلى ماي ئېيىدا ئىش باشلىنىپ، 22 - سېنتەبىر رەسمىي ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەن. 
  پائالىيەت مەركىزى قىلىنغان ئىككى قەۋەتلىك بىنانىڭ 1 - قەۋىتى كوچىغا قارايدىغان دۇكانلار، 2 - قەۋىتى پۈتۈن كۈن ئېچىۋېتىلىدىغان «بالىلار شادلىق باغچىسى» بىلەن قىرائەتخانا بولۇپ، قۇرۇلۇش كۆلىمى 320 كىۋادرات مېتىر كېلىدىكەن. ئىشىك ئالدىدىكى كەنت مەدەنىيەت مەيدانىغا قىزىل، يېشىل چىراغلار بىلەن بېزەلگەن بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق يۈرۈشلەشكەن ئۈسكۈنىلەر قويۇلغانىدى. 
  كەنت «ئىككى كومىتېتى» ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەستايىدىل ئويلىشىش ئارقىلىق، كەنتتىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ئالىدىغان 120 ئائىلىلىك ئارىسىدىن تۆت ئائىلىلىكنى تاللاپ، پائالىيەت مەركىزىدىكى تۆت دۇكاننى ئىجارىگە بېرىش ئارقىلىق نامرات ئائىلىلەرگە ياردەم بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئەمەلىي تەشۋىقاتىغا تۈرتكە بولغان.  مەسىلەن، تۇرسۇنگۈلنىڭ ئېرى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۆزى يالغۇز ئىككى بالىنى باققاچقا، تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالغان؛ تۇرسۇن داۋۇتنىڭ ئاشخانا ئېچىشىغا ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ئاشپەزلىك كەسپىدە ئوقۇغانلىقى، ناھىيە بازىرىدىكى ئاشخانىلاردا ئىشلەپ كۆرگەنلىكى سەۋەب بولغان. بۇ تۆت ئائىلىلىككە بېسىم پەيدا قىلماسلىق ئۈچۈن، ھەر بىرى ئائىلىدىن سىمۋول خاراكتېرىدە ئايدا 100 يۈەن ئىجارە ھەققى ئېلىنغان، بۇ پۇللار كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ پائالىيەت خىراجىتىگە ئىشلىتىلگەن. بۇ، ھېسابتا نامراتلارنى تۈجۈپىلەپ يۆلەش ئىدى. «بالىلار شادلىق باغچىسى» ئېچىلغاندىن كېيىن، كېۋەزلىك كەنتى بىلەن ناھىيەلىك ئەلا سورتلۇق ئۇرۇقلارنى يېتىشتۈرۈش مەيدانىدىكى ھەر مىللەت بالىلىرىغا بىرلىكتە ئويناپ، بىرلىكتە ئۆگىنىپ، بىرلىكتە ئۆسۈپ يېتىلىدىغان شارائىت ھازىرلاپ بېرىلگەن. ئۇيغۇرچە «قىزىل ئەسلىمە» ناملىق كىتابنى ئوقۇۋاتقان ئوسمان ئىبراھىم ئۆزىنىڭ دائىم بۇ قىرائەتخانىغا كېلىپ، دېھقانچىلىق تېخنىكىسى ۋە ئاۋىياتسىيەگە ئائىت كىتابلارنى ئوقۇيدىغانلىقىنى دېدى ھەمدە دۆلەتنىڭ يېڭى قانۇن - قائىدە، سىياسەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان كىتابلارنى كىرگۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 
  بۇ پائالىيەت مەركىزى تەشۋىقات، تەربىيە، تەربىيەلەش، بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش، يەسلى، تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق تۈرلۈك فۇنكسىيەلەرنى مەركەزلەشتۈرگەن بىر گەۋدە بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئورتاق بەرپا قىلىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىدىغان ياخشى سۇپا بولۇپ قالغان. 
  مۇخبىر زىيارەت قىلىۋاتقاندا، كەنت تۇيۇقسىز قايناپ كەتتى، «كاسېت» ماركىلىق ئىككى ئاپتوموبىل كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا توختىدى. ئەسلىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئابىلمەجىن قاتارلىقلار كەنتكە تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىشقا كەلگەنىكەن ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ دۆلەتباغ يېزىسىغا ئىئانە قىلغان يېزا ئىگىلىك ماشىنا سايمانلىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىش - تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەنىكەن. بۇ مۇراسىم كەنت مەدەنىيەت مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ مەيداندا ئىلگىرىمۇ تۈرلۈك تەشۋىقات - تەربىيە، بايراملىق پائالىيەت، توي - تۆكۈنلەر ئۆتكۈزۈلگەن. قىزىل لېنتا باغلانغان 600 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ئالتە يۈرۈش تىراكتور ۋە دېھقانچىلىق ماشىنا سايمانلىرى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئالتە كەنتتە تۇرۇشلۇق نۇقتىسىدىكى كەنت پارتىيە ياچېيكا شۇجىلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. رەئىس نۇرلان ئابىلمەجىن مۇراسىمدا سۆز قىلىپ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: «شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئاساسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدۇر. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بولسا كۈن نۇرىدۇر، ھاۋادۇر، ھاياتلىق مەنبەسىدۇر. 56 مىللەت بولسا ئاكا - ئىنى، ئاچا - سىڭىل، ئانىمىز بولسا بىزنىڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزدۇر!». 
  1 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان چىلان ئۇلاش ۋە تەربىيەلەش تۈرى 2016 - يىل مارت ئېيىدا باشلانغان. بۇ، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيانقى دۆلەت ئىچىدە پاختا باھاسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىگە قارىتا تاقابىل تۇرۇشنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ھالدا كېۋەزلىكلەرنىڭ كۆلىمىنى ئازايتىپ، باغ - ئورمانلارنىڭ كۆلىمىنى كۆپەيتىش، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، نامراتلارنى تۈجۈپىلەپ يۆلەش ئۈچۈن قوللىنىلغان تەدبىر ئىكەن. 
  كەنتتىكى 1500 مو كۆلەمدىكى چىلانلىققا كېۋەزنى ۋە بۇغداينى كىرىشتۈرۈپ تېرىش نەق مەيدانىدا تېخنىك خادىملارنى باشلاپ چىلان كۆچىتىنى ئۇلاۋاتقان يېزىلىق ئورمانچىلىق پونكىتىنىڭ باشلىقى مەمەت ياسىن ماڭا مۇنداق ھېسابات قىلىپ بەردى: چىلان كۆچىتى يىل بېشىدا تىكىلىپ، ئىككىنچى يىلى ئۇلانسا، تۆتىنچى يىلى مېۋە بېرىشكە باشلايدۇ. كۆچەت پۇلى، ئۇلاش ھەققى، باشاق چىقىرىش ھەققى، ئادەم كۈچى ھەققى، باشقۇرۇش ھەققى، يېتەكچىلىك ھەققى، تەربىيەلەش ھەققى قاتارلىق چىقىملارغا سۇ، ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ ھەققىنى قوشقاندا، زور تەبىئىي ئاپەت، كېسەللىك، ھاشارات زىيىنى بولمىغان ئەھۋالدا تۆت يىلدا قويۇق تېرىشقا بىر موغا 7000 - 8000 يۈەن كەتكەن بولسا، كىرىشتۈرۈپ تېرىشقا 3000 - 5000 يۈەن كېتىدۇ. بۇنىڭغا مەبلەغنى كۆپ سالغاندىن باشقا، تېخنىكا تەلىپىمۇ يۇقىرى، نەپكە ئېرىشىش ۋاقتى ئۇزاق بولىدۇ، دېھقانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا مېۋىلىك باغ كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى كەسىپ بولۇپ، بۇنىڭ يۈكى ۋە خېيىم - خەتىرى بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ.» 
  تارىختىن بۇيان كېۋەزلىك كەنتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى كېۋەز تېرىپ كەلگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پاختىنىڭ باھاسى سىجىل چۈشۈپ كەتكەنلىكتىن، دېھقانلار كېۋەز كۆلىمىنى ئازايتىپ، چىلان ئۆستۈرۈشكە باشلاپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش ئۈمىدىنى چىلانزارلىققا باغلىغان. نۆۋەتتە جەنۇبىي شىنجاڭدا مېۋىلىك باغ كەسپىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، مېۋىلىك دەرەخ مەھسۇلاتلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتى پاختا، بۇغداي، كوممىقوناق قاتارلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن يۇقىرى ئىكەن. ھازىر بۇ كەنتتىكى 320 مو يەرگە چىلان تولۇقلاپ تىكىلگەن بولۇپ، 600 مو يەردىكى چىلان ئۇلانغان؛ پۈتكۈل يېزىدا چىلاننى ئاساس قىلغان مېۋىلىك باغ كۆلىمى جەمئىي 79 مىڭ موغا، چىلان ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىنىڭ كۆلىمى 2100 موغا، ئەلا سورتلۇق چىلانلارنى ئۇلاش كۆلىمى 1880 موغا، 80 مىڭ تۈپكە يەتكەن؛ پۈتكۈل ناھىيەدە 37 مىڭ 200 مو چىلانلىق، ياڭاقلىق بەرپا قىلغان.
  بىراق، ئەي قىلىش تېخنىكىسى كەمچىل، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېتىزلار ئارا باشقۇرۇش سەۋىيەسى بىر قەدەر قالاق بولغانلىقتىن، كېۋەزلىك كەنتىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ چىلان مەھسۇلاتى ۋە دارامىتى كەنتكە قوشنا بولغان ئەلا سورتلۇق ئۇرۇقلارنى يېتىشتۈرۈش مەيدانىدىكى خەنزۇ ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ مەھسۇلاتى ۋە دارامىتىنىڭ ئاران %10 − %20ىگە يەتكەن. سورتلۇق ئۇرۇقلارنى يېتىشتۈرۈش مەيدانىدىكى خەنزۇ ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ چىلان يېتىشتۈرۈش سەۋىيەسى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى بولۇپ، ھەر مو يەردىن 10 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىدىكەن. 
  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار بازارغا سېلىش قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ يېتىشەلمەي قالغان. بازارنى تۇتاشتۇرۇش، كۆلەملەشتۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇش، ماركا يارىتىش، ھەتتا مەھسۇلات ماركىسى قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ تونۇشى يېتەرلىك بولمىغاندىن باشقا، ئېلېكتىرون سودا تىجارىتىدىن تېخىمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايدىكەن. ئەلا سورتلۇق ئۇرۇقلارنى يېتىشتۈرۈش مەيدانىدىكى خەنزۇ ئىشچى - خىزمەتچىلەر بولسا توردىن پايدىلىنىپ تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق ئالدىنئالا سېتىش يولىنى ئالاقىلىشىپ قويغانلىقتىن، بىر ھەپتىنىڭ ئىچىدىلا نەچچە ئون توننا چىلاننى نەق پۇلغا ئايلاندۇرالايدىكەن. 
  بۇنىڭغا قارىتا ھۆكۈمەت ئارىلىشىپ، تېخنىكا، مەبلەغ، تەدبىر بىلەن قوللاپ، ئۇيغۇرلار ئاممىسىنىڭ مېۋىلىك باغنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى غېمىنى تۈگىتىشنى ئەڭ مۇھىم ئىش سۈپىتىدە تۇتقان. مارالبېشى ناھىيەلىك  مىللەتلەر - دىن ئىشلىرى كومىتېتىدىكى جياڭ شۇجى ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ياردەم قىلغان تۈر مەبلىغى يېزىلىق ئورمانچىلىق پونكىتىنىڭ پۈتكۈل ئالتە كەنتتە تۇنجى قېتىم چىلان ئۇلاش بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىشىغا ئىشلىتىلگەندىن باشقا، قالغان مەبلەغنىڭ ھەممىسى 1500 مو يەردىكى چىلاننى ئۇلاشقا ئىشلىتىلدى.» 
  بۇنىڭدىن باشقا، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ياردەم قىلغان بىر قىسىم مەبلەغ يەنە كېۋەزلىك كەنتى بىلەن ئەلا سورتلۇق ئۇرۇقلارنى يېتىشتۈرۈش مەيدانى ئوتتۇرىسىدا ئىككى «قەلبداشلار يولى» ۋە يول بويىدىكى ئاھالە رايونىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش، كەنت «قەلبداشلار ئۆيى» ۋە مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرى بويىچە تەقدىرلەش پائالىيىتى قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا ئىشلىتىلگەن. 
  
  (3)
  
  كېۋەزلىكتىن ئىبارەت قۇملۇقنىڭ چېتىگە جايلاشقان بۇ  كەنتتە ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدىغان، خاتىرلەشكە تېگىشلىك شەخس ۋە ھېكايىلەر نۇرغۇن ئىكەن. بىز بۇ يەردە ئۇلارنىڭ بايانىنى ئاڭلاپ باقايلى، بۇ بەش كادىر، ئاممىنىڭ ھېكايىسى بۇ كەنتنىڭ كىچىك كارتىنىسى ھېسابلىنىدۇ. 
  
  
  خاسىيەت ياسىن، ئۇيغۇر، 43 ياش، دېھقان 
  
  (خاسىيەت قولىدىكى ياساۋاتقان دۇتارنى قويۇپ، مېنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى. ھويلا تېمىنىڭ يېرىمى تېخى قوپۇرۇلمىغان بولۇپ، 2015 - يىلى ئۆكتەبىردە سېلىنغان ھويلا تېخى تولۇق پۈتمىگەنىكەن. قوتاندا تۆت كۈنلۈك بولغان ئىككى ئوغلاق تۇراتتى، ئېرى ھويلىدىكى كارۋاتتا ئارام ئېلىپ ياتاتتى. تۇرمۇشى جاپالىق بولسىمۇ، بىراق خاسىيەت يەنىلا ئۈمىدۋار ئىدى.) 
  مەن توي قىلىشتىن ئىلگىرى دۇتار چېلىپ ناخشا ئېيتىشنى ياخشى كۆرەتتىم. بىراق، ھازىر ساز چالمىغىنىمغا خېلى ئۇزاق ۋاقىتلار بولدى. ھازىر دۇتارنى سازلاش ۋە سودا ئۈچۈنلا چالىمەن. مېنىڭ ئىلگىرىكى تۇرمۇشۇم راھەتتە ئۆتۈپ باقمىغان. 
  ئېرىم كۆپ يىللار ئىلگىرى ئېغىر دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغاچقا، ھەرىكەت قىلىشى قولايسىز، ئىشمۇ قىلالمايدۇ. قىزىم ياتلىق بولۇپ چىقىپ كەتتى، 13 ياشلىق ئوغلۇم مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ. ئائىلىمىزنىڭ ئىككى مو يېرى بار. بۇ يەرگە ئازراق بۇغداي، كۆممىقوناق تېرىپ ئاشلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىۋاتىمىز. مېنىڭ بۆرەك كېسىلىم بار، بىر بۆرىكىم يىگىلەپ قالغان. ئېرىم كېسەل بولماستا مەن ئۇنىڭدىن چالغۇلارنى ياساشنى ئۆگىنىۋاپتىكەنمەن، مانا ھازىر مەن ياسىغان چالغۇلارنى سېتىپ كۈن كەچۈرۈۋاتىمىز، يەنە تېخى كېسەل كۆرسىتىشىمىز كېرەك، لېكىن تاپقان پۇل خىراجەتكە يەتمەيۋاتىدۇ. 
  مەن دۇتار، تەمبۇر، غېجەك، داپلارنى ياسىيالايمەن، خام ماتېرىياللارغا ئۈجمە، ياڭاق ۋە چىلان ياغىچى كېتىدۇ. تېرە ئىسسىقتا كېڭىيىپ، سوغۇقتا تارىيىپ كېتىدىغان بولغاچقا، داپنى قىشتا ياسايمەن. بىر دۇتار بەش كۈندە پۈتىدۇ، ئىش ھەققىنى ھېسابلىمىغاندا تەننەرخى 100 يۈەن، ئادەتتىكىلىرىنى 400 − 500 يۈەنگە، نەپىسرەك ياسالغانلىرىنى 1000 يۈەندىن ئارتۇق پۇلغا ساتقىلى بولىدۇ. مەن ئادەتتە 50 چالغۇ ئەسۋابنى پۈتكۈزسەم شەھەرگە ئاپىرىپ سېتىپ كېلىمەن، بىر بېرىپ - كېلىشىمگە 20 نەچچە كۈن كېتىدۇ. قاراقاش، كەلپىن، ئاقسۇ، كورلا، تۇرپان ھەتتا ئۈرۈمچىگىمۇ باردىم. زاكاز مال ئالسام ئاسانراق بولىدۇ. بارغان يېرىمدە دوستلىرىم ياردەم قىلىپ، ياتىقىمنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىدىغان ۋاقىتلارمۇ بولىدۇ، لېكىن كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ياتاق - تاماقنى ئۆزۈم ھەل قىلىمەن. بىر قېتىم 1000 يۈەن قەرز قىلىپ تۇرپانغا باردىم. يولدا ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىت ئۆرۈلۈپ كېتىپ يارىلاندىم، بەدىنىمنىڭ ھەممە يېرى قان بولۇپ كەتتى، 50 تال چالغۇ ئەسۋابنىڭ ھەممىسى چېقىلىپ كەتتى. ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىتنىڭ ئىگىسىمۇ نامرات كىشى ئىكەن، يېنىدا بارىنى تۆلەپ بەردى. بۇ ئىشتىن كېيىن ئائىلىمىز ئۈچ - تۆت يىلغىچە قىسىلچىلىقتا ئۆتتى. مەن مۇشۇنداق قىسىلچىلىقتا 14 يىل ياشىدىم...
  كەنت پائالىيەت مەركىزى 2015 - يىلى ئۆكتەبىردە پۈتتى، كەنت كادىرلىرى مېنىڭ ئۆيۈمدىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقنى ئويلاپ ماڭا دۇكان ئايرىپ بەردى، بۇنىڭ بىلەن شارائىتىممۇ ياخشىلاندى. بۈگۈنگىچە ئىككى تۈركۈم مالنى كەلپىن ۋە ئاقسۇغا يولغا سالدىم. دۇكان سەل چوڭراق بولغاچقا، بىر تىككۈچى دوستۇم بىلەن دۇكان ئىجارىسىنى تەڭ كۆتۈرۈشۈپ، تەڭ ئېچىۋاتىمىز، دوستۇمنىڭمۇ كىرىمى بولىدىكەن. كەنتتىكىلەرمۇ بىزنى كۆپ قوللىدى. مۇقىم دۇكان بولغاندىن بېرى بۇرۇنقىدەك چاپمايدىغان بولدۇم، ئۆيىدىكىلەرنىڭ ھالىدىنمۇ ئوبدان خەۋەر ئالالايدىكەنمەن. 

  2015 - يىلى ئۆكتەبىردە دۆلەتنىڭ ياردىمىدە كۆلىمى 37 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان خەلقنى بېيىتىش ئەمىن ئۆيىنى سېلىۋالدىم، ئۆزۈم 2000 يۈەندىن كۆپرەك چىقاردىم، ئاخىر ئۆزۈمنىڭ ئۆيى بار بولدى. دۆلەت يەنە بىزگە ھەقسىز 50 كىۋادرات مېتىرلىق قوتان سېلىپ بەردى، ئۆيدە 12 قوي، ئالتە ئوغلاق بار. مەركەز بىزگە كۆڭۈل بۆلدى، قىيىنچىلىقىمىزنى ھۆكۈمەت ياردەملىشىپ ھەل قىلىپ بېرىۋاتىدۇ. مەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن!  لېكىن، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە رەھمىتىمنى قانداق بىلدۈرۈشنى بىلەلمەيۋاتىمەن.
  
  راخمان ئۆمەر، ئۇيغۇر، 56 ياش، كەنت مەسچىتىنىڭ ئىمامى
  
  (ئاسفالت ياتقۇزۇلغان 4 - دەرىجىلىك تاشيول − «قەلبداشلار يولى»دا ئاپتوموبىل ۋە پىيادىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. تاشيولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى دېھقانلارنىڭ ھويلىسى ۋە ئېتىزلىقلار رەتلىك بىر سىزىق ئۈستىگە جايلاشقانىدى. دېھقانلارنىڭ يېڭىدىن ئۇلىنى قوپۇرۇۋاتقان ئۆيلىرىنىڭ ئورنى كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى، يولدىمۇ قاتناش باشلانغانىدى. بۇ ئۆزگىرىشلەرنى ئىلگىرى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.) 
  مەن مۇشۇ ھويلىدا تۇغۇلغان، ئىشىك ئالدىدىكى «قەلبداشلار يولى»دا چوڭ بولغان، مەسچىتمۇ يول بويىدا. مەن يول بويىدىكى ھەر بىر ئائىلىلىكنى تونۇيمەن، بۇ يولدا كۆزۈمنى ئېتىپ قويسىمۇ كېتىۋېرىمەن. 
  بىزنىڭ بۇ يەر ئىلگىرى يوللىرى پاتقاق، يەرلەر شورلۇق ئىدى. «قەلبداشلار يولى» 2015 - يىلى ئاخىرىدا پۈتۈپ، كېۋەزلىك كەنتى بىلەن ناھىيەلىك ئەلا سورتلۇق ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش مەيدانىنى تۇتاشتۇردى. يول بويىدا 39  ئائىلىلىك بار. بۇ يول ئىلگىرىكى ئوت - چۆپ بېسىپ كەتكەن، ئەخلەت بىلەن تولغان، توپا ئۆرلەپ تۇرىدىغان يول ئىدى، يامغۇر ياغسا پاتقاقچىلىق بولۇپ، 20 كۈندىمۇ قۇرۇپ بولالماي، ماڭماقمۇ تەسكە توختايتتى. 
  بۇ يولدا ئاخىر 2015 - يىلى 11 - ئايدا ئىش باشلاندى. يول يۈزى كېڭەيتىلگەچكە، يول بويىدىكى بىر قىسىم جىغانلار كېسىۋېتىلدى، بەزىلەر بۇنىڭدىن نارازى بولۇشتى. كەنتكە چۈشكەن كادىرلار گۇرۇپپىسى ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ خىزمەت ئىشلىدى. ئىش باشلانغاندىن كېيىن، كەنتتىكىلەر چاي قاينىتىپ، تۇخۇم پىشۇرۇپ يول ياساش ئىشچىلىرىغا ئەكېلىپ بەردى، يەنە تېخى قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇشقا ياردەملەشتى. قاراماي ياتقۇزۇلغان يېڭى يول بىر ئايدىن كېيىن پۈتۈپ، يەنە تېخى ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئىشىك ئالدىنى يولغا تۇتاشتۇرۇپ سېمونتلاپ بەردى. ھۆكۈمەت بەكلا ئەتراپلىق ئويلاپتۇ! 
  «قەلبداشلار يولى» پۈتكەندىن كېيىن سىرتقا چىقىشىمىز قولايلاشتى، ھازىر بۇ يولدىن خىلمۇ خىل ئاپتوموبىللار ئۆتۈۋاتىدۇ، ناھىيە بازىرىدىكى سودىگەرلەرمۇ يول ياخشى بولغاچقا بىز تەرەپكە كېلىشنى خالايدىغان بولدى. ئاڭلىسام يەنە تېخى شەھەرلىكلەرنىڭ بەزىلىرى ئەلا سورتلۇق ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش مەيدانىدىكى خەنزۇلارنىڭ كۆكتات پارنىكىدا كۆكتات تېرىشقا كەپتۇ. 2015 - يىلى كەنتتىكى ئۇيغۇر كادىرلار، كومپارتىيە ئەزالىرى، دىنىي زاتلار ۋە ئەلا سورتلۇق ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش مەيدانىدىكى خەنزۇ ئىشچى - خىزمەتچىلەردىن بولۇپ ئون ئائىلىلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە تۇغقان بولۇش مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ تېخنىكا ئۆگەتتى. بۇنىڭ مۇنداق ياخشى ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنى ئويلىماپتىمەن. ئىلگىرى چىلان تىكسەك، كۆكتات تېرىساق، تېرىشنى بىلىپ، باشقۇرۇشنى بىلمەپتىكەنمىز، ھازىر باشقۇرۇشنىمۇ ئۆگەندۇق. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە تۇغقان بولۇش مۇناسىۋىتى ئورناتقان قېرىنداشلار بىزگە يەنە سېتىش يوللىرى جەھەتتىمۇ ياردەم بېرىۋاتىدۇ. 
  دىنىي زات بولۇش سۈپىتىم بىلەن قەلبىمدە ئىزچىل جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسى ئۇقۇمى بار، دىنغا ئىشىنىدىغان ئاممىغا باشلامچى بولۇپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمەن. نەچچە يىل ئىلگىرى قىزىمنى ياتلىق قىلغاندا ئىككى خەنزۇ دوستۇم ئۆيگە كېلىپ تەبرىكلىدى، بۇنىڭدىن بەك خۇشال بولدۇم. ئاڭلىسام كەنت 2016 - يىلى يەنە 16 ئائىلە ئارا «كۆكتات پارنىكى بويىچە تۇغقان بولۇش»، «چىلان يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسى بويىچە تۇغقان بولۇش» ۋە «<قوش تىل> ئۆگىنىش بويىچە تۇغقان بولۇش» پائالىيىتىنى يولغا قويماقچى بوپتۇ. مەن بۇ ئۈچ خىل تۇغقان بولۇش پائالىيىتىنىڭ ھەممىسىگە قاتنىشىشنى ئويلىغانىدىم، بىراق پەقەت بىرسىگىلا قاتنىشىشقا بولىدىكەن، شۇڭا «<قوش تىل> ئۆگىنىش بويىچە تۇغقان بولۇش» پائالىيىتىگە قاتنىشىشنى ئويلاشتىم. تىل ئۆگىنىش ئىنتايىن مۇھىم، تىل بىلسە ئالاقە ئورناتقىلى بولىدۇ. يېشىم چوڭىيىپ كەتكەن بولسىمۇ خەنزۇچىنى چوقۇم ئۆگىنىمەن. 
  «قەلبداشلار يولى»دا ئاپتوموبىل قاتناش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەندە، 1 - ئەترەتتىكى قۇربان ئۆمەر خىزمەت گۇرۇپپىسىغا «مەن ئۇيغۇر، شۇنداقلا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسى، شۇڭا كۆڭلۈمدىكى سۆزلەرنى خەنزۇچە يېزىپ، رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن» دېگەن خەنزۇچە خەتلەر يېزىلغان لەۋھەنى تەقدىم قىلدى. شۇ چاغدا مەنمۇ بار ئىدىم، بۇ كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلىدىكى سۆزلەر ئىدى. 
  
  مەربىخان ئابدۇۋايىت، ئۇيغۇر، 60 ياش، كومپارتىيە ئەزاسى، سابىق كەنت ئاياللار مۇدىرى
 
  (مەربىخان ئابدۇۋايىتنى ئۇچراتقان ۋاقتىمىزدا ئۇ كەنتتىكى مەجبۇرىيەت ئەمگىكىنى تۈگىتىپ، توخۇلارغا دان، قويلارغا يەم بېرىپ بولۇپ، ئۆيىدىكىلەرگە چۈشلۈك تاماق تەييارلاۋاتقانىكەن. ئۇنى سۈرەتكە تارتىدىغان چاغدا ئېرىنىڭ قولىنى تارتىپ ئېكرانغا تەڭ قاراشتى. ئېرى خەنزۇچىنى ئۇيغۇرچە تەلەپپۇزدا سۆزلەپ: «ئايالىم بەك ياخشى، توي قىلغىنىمىزغا 45 يىل بولدى، جېدەللىشىپ باقمىدۇق. ئائىلە ئىناق بولمىسا تىنچلىق بولمايدۇ، دۆلەتمۇ شۇنداق» دېدى.) 
  مەن كېۋەزلىك كەنتىگە توي قىلىپ كەلگەندىن كېيىن، كۈنلىرىم ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەت، بالا تەربىىيەلەش، چوڭلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش بىلەن ئۆتۈپ، كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە 40 نەچچە يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئېرىم ياقۇپ يۇنۇس ناھىيەلىك سۇچىلىق ئىدارىسىنىڭ شوپۇرى بولۇپ، ئۇ ئەينى ۋاقىتلاردا ھەر ئايدا 36 يۈەن مائاش ئالاتتى. ئۇ مائاشىنى يىغىپ، 350 يۈەن بولغاندا 50 يۈەننى ئاتامغا بەرگەن، 300 يۈەنگە تويىمىزنى قىلغان. شۇ چاغدا مەن 16 ياشتا ئىدىم. 
  ئۇ ۋاقىتلاردا تۇرمۇش شارائىتىمىز ناچار ئىـدى، ئائىلىمىزدە 16 جان بار ئىدى، بەش - ئالتىمىز بىر ئېغىزلىق كېسەك ئۆيدە ئولتۇراتتۇق، قورساققا تويغۇدەكمۇ يېيەلمەيتتۇق. مەن چوڭ كېلىن بولغانلىقىم ئۈچۈن، ھەر كۈنى ئەمگەك قىلغاندىن سىرت، يەنە ئائىلىدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمىسام بولمايتتى. قېيناتام بىلەن قېينانامنىڭ مىجەزى ياخشى ئىدى، بىز بىر ئۆمۈر بىللە ياشاپ، بىرەر قېتىم قىزىرىشىپ باقمىدۇق، ھەممىمىز تىرىشىپ ئىشلەيتتۇق. 
  ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70 -، 80 - يىللىرىدىكى جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدا مەدەنىيەت سەۋىيە ئومۇميۈزلۈك تۆۋەن ئىدى، ئاياللارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىدىن سۆز ئېچىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. مەن كەنتىمىزدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن بىردىنبىر ئايال بولۇپ، گېزىت - كىتابلارنى ئوقۇيالايتتىم. كەنت ياچېيكا شۇجىسى مەن بىلەن سۆزلەشكەندىن كېيىن، 32 يېشىمدىن باشلاپ كەنتنىڭ ئاياللار مۇدىرى بولۇپ ئىشلەپ، تېخى 2016 - يىلى دەم ئېلىشقا چىقتىم.
  ئاياللار خىزمىتى ئاساسلىقى توي قىلىش يېشىغا يەتكەن قىزلارغا پىلانلىق تۇغۇتنى تەشۋىق قىلىش، يەنە ئاياللارنى باشلاپ ئەمگەككە قاتناشتۇرۇش ئىدى. 1990 - يىللىرى پىلانلىق تۇغۇت چىڭ تۇتۇلىدىغان، شۇنداقلا ئىشلەش تەس بولغان خىزمەت ئىدى. يېزىلاردا بەش - ئالتە بالىلىق بولۇش ئومۇملاشقانىدى. كەنتىمىزدىكى تۇرسۇنخاننىڭ تۆت ئوغلى، بىر قىزى بولۇپ، يەنە تۇغماقچى بولغاندا، خىزمەت ئىشلىسەكمۇ كار قىلمىدى. ئۇ كېيىن پىلاندىن سىرت يەنە بىر قىز توغقاندا 50 يۈەن جەرىمانە قويۇلدى. ئەينى ۋاقىتتا 50 يۈەن يېزىلاردا كۆپ پۇل ھېسابلىناتتى. تۇرسۇنخان ھازىر پىلاندىن سىرت بالىلىق بولۇشنىڭ گېپى چىقسا بەكمۇ پۇشايمان قىلىدۇ.
  يېزىلاردا بالىنى كىچىكىدە قوناق نان بىلەن بېقىپ كەتكىلى بولغىنى بىلەن، چوڭ بولغاندا تەس كېلىدۇ. ئوقۇمىسا، مەدەنىيەت سەۋىيەسى بولمىسا، خىزمىتى بولمايدۇ. بىرەر ھۈنەر ئۆگەنمىسە، يەر تېرىماقتىن باشقا ئامالى يوق، كىرىمىمۇ تۆۋەن بولىدۇ. قوشنامنىڭ ئۈچ ئوغلىنىڭ ھەممىسى ئوقۇمىغاچقا ھەم بەك كەمبەغەل بولغاچقا، ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ كەتتى. ئەگەر پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى بالدۇرراق باشلانغان بولسا، ئاياللارنىڭ يۈكى ئۇنداق ئېغىر بولمىغان، ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي بېسىمىمۇ يېنىك بولغان بولاتتى. ھازىر ئاياللارنىڭ ئورنى ئۆستى، سىرتلاردا ئىشلەپ پۇل تاپالايدىغان بولدى. 
  بىز ھازىر ئالتە مو يېرىمىزگە بۇغداي، كۆممىقوناق تېرىپ، ئۆزىمىز يەيمىز. ئېرىمنىڭ ھەر ئايلىق پېنسىيە مائاشى 3500 يۈەن، دۆلەت ھەر ئايدا ماڭا 120 يۈەن ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى بېرىدۇ. ئۈچ پەرزەنتىمنىڭ خىزمىتى بار، بىرسى ئۆيدە. مېنىڭ پارتىيەلىك ئىستاژىم 20 يىلغا توشسا، مەنمۇ «تۆت پېشقەدەم» خادىملار تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولالايمەن. مەن ھازىرقى تۇرمۇشۇمنى ئىنتايىن قەدىرلەيمەن، ئۆزۈمنىڭ سەرگۈزەشتلىرىم بىلەن دائىم ئاياللارغا: «ئەمگەك قىلغان كىشى پۇل تاپالايدۇ، ھۇرۇن ئادەمنىڭ ئىستىقبالى بولمايدۇ» دەپ تەربىيە قىلىمەن. 
  ئىلگىرى مەن، ھەم كوللېكتىپ ئەمگەككە قاتناشقان، ھەم ئاياللار خىزمىتىنى ئىشلىگەچكە، تاماق ئېتىدىغانغا ۋاقتىم چىقمايتتى، دائىم ئاچ قورساق ئەمگەككە قاتنىشاتتىم. دېھقانچىلىق قىلغاندا بالىنى يۆگەككە يۆگەپ ئېتىز بېشىغا قويۇپ، قارىغۇدەك ۋاقتىممۇ يوق ئىدى. بىر قېتىم بىرەيلەن: «ھەي، مەربىخان، ئوغلىڭىز يىغلاپ كەتتى» دەپ ۋارقىرىدى. يۈگۈرۈپ بارسام، ئوغلۇم چوڭ - كىچىك تەرەت قىلىپ، ھەممە يېرىنى بۇلغىۋېتىپتۇ. ئۆيگە بېرىپ، قېيناتام ۋە ئېرىمگە: «ئاياللار مۇدىرى بولمايمەن» دېدىم. قېيناتام: «دۆلەتنىڭ ئىشىنى قىلغۇلۇق. مەن سىزگە كۆپرەك ياردەملىشەي، سىزنىڭ خىزمىتىڭىزنى قوللايمىز» دېدى.
  كەنت كېيىنچە كەنت كادىرلىرىنىڭ يەتتە - سەككىز بالىسىنى يىغىپ بىر ئايالغا قاراتقۇزدى. مەن ھەر كۈنى ئەتىگەندە ناشتىلىقىنى قوشۇپ بالىنى ئاپىرىپ بەرسەم، يېرىم كېچىدە ئاندىن قايتۇرۇپ كېلەتتىم. بالام دائىم باشقىلارنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالاتتى. مېنىڭ بالىلىرىم مانا مۇشۇنداق چوڭ بولدى... ھازىر تۇرمۇشىمىز ياخشىلاندى، بالىلارمۇ «قوش تىل» يەسلىلىرىدە تۇرۇۋاتىدۇ، «قوش تىل» مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتىدۇ، مەكتەپتىن قايتىپ كەنت پائالىيەت مەركىزىدە كىتاب ئوقۇپ، ئويۇن ئويناپ، خەنزۇ تىلى ئۆگىنەلەيدۇ.
  
  جاڭ شۇسېن، خەنزۇ، مارالبېشى ناھىيەلىك ئەلا سورتلۇق ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش مەيدانىنىڭ خىزمەتچىسى 

  (جاڭ شۇسېن كەنتنىڭ كېۋەز بىلەن چىلان كىرىشتۈرۈپ تېرىلغان ئېتىزلىقىدا چىلان كۆچىتىنى ئۇلاۋاتاتتى. شاخلارنى چاتاپ، يىل بېشىدا تىككەن ياۋا چىلان كۆچىتىگە ئەلا سورتلۇق چىلان كۆچىتىنىڭ شېخىنى ئۇلىغانىدى. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، چىلان سورتىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولاتتى. جاڭ شۇسېن پىشقان بىر باغۋەننىڭ كۈندە 500 كۆچەتنى ئۇلىيالايدىغانلىقىنى دېدى.) 
  مەن 1989 - يىلى خېنەن شىنياڭدىن ئائىلەمدىكى چوڭ - كىچىكلەرنى ئېلىپ جەنۇبىي شىنجاڭغا تىرىكچىلىك قىلغىلى كەلگەنىدىم. دەسلىپىدە قۇرۇلۇش ئورنىدا كېسەك قۇيدۇم، خىش توشۇپ، بىر يىلدىن كېيىن ئەلا سورتلۇق ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش مەيدانىدىن يەر ئىجارىگە ئېلىپ تېرىقچىلىق قىلىشقا باشلىدىم. ئائىلەمدە جان سانىمىز كۆپ، يەر ئاز بولغاچقا، تۇرمۇشىمىز قىيىنچىلىقتا ئۆتتى. مەن شىنجاڭغا ئۆزۈم خالاپ كەلگەن دېھقان. مېنىڭ نوپۇسۇم ھازىر ئەلا سورتلۇق ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش مەيدانىدا بولغاچقا، 15 مو كېۋەزلىكىم ۋە 46 مو چىلانلىقىم بار. چىلان يېتىشتۈرۈۋاتقىنىمغا يەتتە - سەككىز يىل بولدى، ھازىر تازا ئاينىدى. تىرىشچانلىق بىلەن ئەمگەك قىلغان ئادەم بېيىيدىكەن، بىرنەچچە تۇغقىنىم مېنىڭ يېتەكچىلىكىمدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يۇرتىمىزدىن دۆلەتباغ يېزىسىغا كېلىپ ماكانلاشتى، نوپۇسىنىمۇ ئورۇنلاشتۇردى. 
  مەن يېڭى كەلگەن ۋاقىتلىرىمدا تىلىمىزنى بىلىشمىگەچكە، بىر - بىرىمىزنى چۈشىنەلمەيتتۇق. تاشلاندۇق بوز يەرنى ئىجارىگە ئالماقچى بولدۇم، بىراق تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى يەر ئىجارىگە ئېلىش تەسكە توختىدى. ئەلا سورتلۇق ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش مەيدانىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى مۇئاۋىن باشلىقى تۇردى مەمەت ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ خىزمەت ئىشلەپ، ماڭا 40 مو تاشلاندۇق بوز يەر ۋە ئۆيلۈك يەر ئېلىپ بەردى، يەنە تېخى دائىم ئۆيۈمگە كېلىپ ھال - ئەھۋال سوراپ تۇردى. ھەر يىلقى كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش مەزگىلىدىكى ئەڭ جاپالىق، ئەڭ جىددىي ۋاقىتلاردا تۇردى باشلىق ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ نان ۋە گۆش ئېلىپ، كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش تۇغىنىغا بېرىپ، ئىشلەۋاتقانلاردىن ھال سورايتتى. بىر خەنزۇ دېھقان ئائىلىسى كەلسە، ئۇ ئورۇنلاشتۇرۇپ، يەر ئىجارىگە ئېلىش، ئۆيلۈك يەر ۋە نوپۇسقا ئېلىش ئىشلىرىنى ھەل قىلىپ بېرەتتى. تۇردى باشلىق نەچچە يىل ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتتى، بۇ ئۇيغۇر كادىر بەك ياخشى ئىدى! 
  ھازىر ئەلا سورتلۇق ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش مەيدانىدا 1005 ئائىلىلىك ئىشچى - خىزمەتچى بار، خەنزۇلاردىن 78 ئائىلىلىك بار، ھەر بىر ئائىلە ئۇيغۇر ئىشچى - خىزمەتچى قوشنىلار بىلەن تۇغقان بولۇش مۇناسىۋىتىنى ئورناتقان، ھەممەيلەن ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. بىزنىڭ مەيداندا خەنزۇ يېتىم بالىلارنى بېقىۋالغان ئويغۇرلارمۇ، باشقا مىللەتلەر ئارا نىكاھلانغانلارمۇ بار، كۆپچىلىك بىر - بىرى بىلەن ئىنتايىن ئىچەركىشىپ كەتكەن. 
  خىزمەت گۇرۇپپىسى، كەنت كادىرلىرى ۋە مەيدان رەھبەرلىرىنىڭ تەشكىللىشىدە، بىز 2015 - يىلدىن باشلاپ كېۋەزلىك كەنتىدىكى ئون ئائىلىلىك بىلەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە تۇغقان بولۇش» ئالاقىسىنى ئورناتتۇق. ياڭ مەيدان باشلىقى مەندىن بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشنى خالايدىغان - خالىمايدىغانلىقىمنى سورىدى، مەن ئەلۋەتتە خالايمەن - دە! ئىككى تەرەپ ئالدى بىلەن ئېھتىياجلىرىنى بېكىتىشىپ، تۇغقان بولۇشۇپ، ئەمەلىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئاندىن چىلان يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ مۇھىم ۋاقىت جەدۋىلى ۋە خەنزۇلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيت - بايرام كۈنلىرىنىڭ ۋاقىت جەدۋىلىنى، قەلبداشلار كارتىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قوللانمىسىنى تارقىتىشتى، سۆھبەت ئۆتكۈزدى، بىرلىكتە غىزالاندى، كەيپىيات بەك ياخشى بولدى. 
  مەن ئىنىم ياسىن ئابلا بىلەن تۇغقان بولۇش مۇناسىۋىتى ئورناتتىم. ئۇ كېۋەزلىك كەنتىنىڭ پېشقەدەم بوغالتىرى ئىدى، ئۆزى پارتىيەلىك. ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ 13 مو چىلانلىقى مېۋە بېرىش مەزگىلىگە كىرگەن بولسىمۇ، بۇلتۇرقى ساپ پايدىسى ئاران 10 مىڭ يۈەن بوپتۇ. 13 مو يېرىدىن ئالغان ھوسۇلى بىزنىڭ بىر مو يەردىن ئالغان ھوسۇلىغىمىزغىمۇ يەتمەپتۇ. ئوغۇتنى يېتەرلىك بەرمەپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېخنىكىسى يوق ئىكەن. چىلان يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسىدا تەلەپ بەك يۇقىرى، پۇتاش، چېتىش، ئوغۇت بېرىش، سۇغىرىش، زىيانداش ھاشاراتلارنى يوقىتىش... قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تېخنىكىلىق ئىشلار بولۇپ، ئىنتايىن جاپالىق بولىدۇ. مەن ھەر يىلى ياسىنغا ھەر بىر مو يەرگە ئالدىن 150 كىلوگىرام ئوغۇت بەرگۈزۈپ، ئاندىن سۇغارغۇزۇپ، ئوت - چۆپلەرنى يۇلدۇرۇۋەتتىم. مەن باشقۇرۇشقا، خىمىيەۋى ئوغۇت سېتىۋېلىشقا مەسئۇل بولدۇم. خىمىيەۋى ئوغۇتنىڭ تەركىبى ئوخشىمايدۇ، كېۋەز بىلەن چىلانغا ئىشلىتىلىدىغىنىمۇ ئوخشىمايدۇ. مېۋە بەرگەندىن كېيىن مەن يەنە ۋاكالىتەن سېتىشىپ بېرىمەن. چىلاننى ئىچكى ئۆلكىلەردىكى سودىگەر سېتىۋالىدۇ. بىزدە كۆلەم، سۈپەت ۋە تىل ئەۋزەللىكى بار، ئۇلارغا ياخشى باھادا سېتىشىپ بېرەلەيمىز.
  ئىچكى ئۆلكىلەردىكى سودىگەرلەر 2015 - يىلى 11 - ئايدا مېنىڭ ئېتىزىمغا كېلىپ چىلان سېتىۋالدى. ئېتىز بېشىدا چىلانلار دۆۋىلەپ قويۇلغاندا، ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ ھەممىسى كۆرگىلى كېلىشىپ، ماڭا بەك ھەۋەس قىلىپ كەتتى. 2016 - يىلى ئەتىيازدا شاخلارنى پۇتايدىغان تۇنجى كۈنىلا ئۇلارنىڭ كەنتىدىن سەككىز دېھقان ئۆگەنگىلى كەپتۇ، ئەتىسى يەنە نەچچىسى كەپتۇ. ياسىنمۇ كەپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بىرەر ئىشنى بىلەلمەي قالسىلا ئېتىزغا، ئۆيۈمگە كېلىپ سوراپ بىلىۋالىدىغان بولدى. ئۇلارنىڭ كەنتىدىكىلەرنىڭمۇ ئاكتىپلىقى بىراقلا كۆتۈرۈلدى، 2016 - يىلى ئۇلارنىڭ كەنتىدىكىلەردىن تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى تەلەپ قىلغانلار كۆپ بولغاچقا، بىزنىڭ مەيداندىكى خەنزۇ ئىشچى - خىزمەتچىلەر يېتىشمەي قالدى. 
  تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىنى ئورناتقاندىكىن تۇغقانلارنىڭ غېمىنى يېمىسەك بولمايدۇ، ئېغىزدىلا دەپ قويۇپ، كۈچ چىقارمىساق بولمايدۇ - دە! ئۇيغۇر قېرىنداشلار ماڭا باشپاناھ بولۇپ، ماڭا ياردەم بەرگەن، مەن بۇلارنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن. 
  2015 - يىلى قۇربان ھېيت ۋە تاۋۇز چاغىنى بىللە كەلگەندە ئائىلەمدىكىلەر بىلەن بىللە كەمپۈت، تۇخۇم ئېلىپ ياسىننىڭ ئۆيىگە ھېيتلاپ باردىم. ئۇ بەك خۇشال بولۇپ بىزنى تاماققا تۇتۇپ قالدى. كېتىدىغان ۋاقتىمىزدا بىزنىڭمۇ تاۋۇز چاغىنىمىزنى تەبرىكلەپ، ئۆزى باققان يەرلىك توخۇنى سوۋغا قىلدى. ياسىن: «مەن ئۆلۈپ كەتسەم، ئوغلۇم سىلەر بىلەن تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىدۇ» دېدى. 
  2016 - يىلى دېھقانچىلىق ئىشلىرى ئارىسالدا ۋاقىتلاردا قوتان سېلىۋالدىم، ئائىلە باقمىچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇش ئويۇم بار. ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ باقمىچىلىق تېخنىكىسى جەھەتتە ئەۋزەللىكى بار، مەن ئۇلاردىن ئۆگىنىمەن.
   
  ليۇ جېنچياڭ، خەنزۇ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىن ئىككىنچى تۈركۈمدىكى «ئۈچ ئەل خىزمىتى» پائالىيىتىدە كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى ۋاقىتلىق پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، باش يېتەكچىسى.

  (زىيارەت جەريانىدا كۆپچىلىكنىڭ كۆپ قېتىم «ليۇ شۇجى» دەپ تىلغا ئالغىنىنى ئاڭلىدىم، ئۇيغۇر ئاممىسىدىن تارتىپ خەنزۇ كادىرلارغىچە ئۇنى ھۆرمەتلەيتتى ھەم ماختايتتى. ئۇلار تىلغا ئالغان كىشى ليۇ جېنچياڭ بولۇپ، ئوچۇق - يورۇق، خۇشچاقچاق، چىقىشقاق، دائىم ئېتىزلىقلاردا ۋە دېھقانلارنىڭ ئۆيىدە قاتراپ يۈرىدىغان، دېھقاندىن ئۆتە دېھقان سۈپەت كىشى ئىكەن. ئۇ جەنۇبىي شىنجاڭدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزگەن، ئىلگىرى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر - دىن ئىشلىرى كومىتېتىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن، مىللەتلەر - دىن ئىشلىرى خىزمىتىدە مول تەجرىبىسى بولغان پېشقەدەم كادىر بولۇپ، كېۋەزلىك كەنتىگە خىزمەتكە چۈشۈپ قايتقاندىن كېيىن پېنسىيەگە چىقىدىكەن.) 
  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىككىنچى تۈركۈمدىكى «ئۈچ ئەل خىزمىتى» پائالىيىتىنىڭ تەلىپى بويىچە، مەن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىنىڭ ئىككىنچى تۈركۈمدە كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى 43 يولداش بىلەن بىرلىكتە 2015 - يىلى 1 - مارتتا دۆلەتباغ يېزىسىدىكى ئالتە كەنتكە چۈشتۇق. ئاممىنىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى كۈچەيتىش، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»نى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ ئۈچ تۈرلۈك خىزمەتنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، «ئىككىلا قولدا چىڭ تۇتۇش»، «بەش ئاچقۇچ»نى جانلىق، ياخشى ئىشلىتىش، «ئۈچ ئەل خىزمىتى» پائالىيىتىنى ئۈزۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇردۇق.
  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش جەھەتتە، بىز تايىنىش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، ئاممىنىڭ ئالاقە، ئالماشتۇرۇشتىكى تۇنجى قەدەمنى بېسىشىغا يېتەكچىلىك قىلدۇق. 
  بىرىنچى خىزمەت گۇرۇپپىسى تۇرۇشلۇق كېۋەزلىك كەنتى بىلەن ناھىيەلىك ئەلا سورتلۇق ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش مەيدانى قوشنا بولۇپ، ئەلا سورتلۇق ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش مەيدانىدا 80گە يېقىن خەنزۇ ئاممىسى بار ئىدى. كەنتكە خىزمەتكە چۈشكەن دەسلەپكى ۋاقىتتا بىز ئەھۋال ئىگىلەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ باردى - كەلدىسى بىر قەدەر كۆپ بولۇشتەك ياخشى ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى جايدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە دېھقانلارنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش، ئورتاق بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەندۇق.
  ئىككى تەرەپ تېزلا پۈتۈشۈپ، بىرلىكتە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئىككى جايدىكى تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، ئائىلە ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق قاتارلىق ئەھۋاللارنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدۇق. مېۋىلىك دەرەخ تىكىش جەھەتتە ھەرقايسىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئەۋزەللىكى بار بولغاندىن باشقا، ئەلا سورتلۇق ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش مەيدانىدىكى خەنزۇ ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسىدە ئائىلە باقمىچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇش، كۆپ خىل ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىش ئويى بار ئىكەن، بىراق ھويلا - ئاران باقمىچىلىقى تېخنىكىسىنى يۇقىرى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدىكەن. شۇ جايدىكى ئۇيغۇر ئاممىنىڭ بۇ جەھەتتە ئەنئەنىۋى ئەۋزەللىكى بار بولۇپ، بولۇپمۇ بارچۇق قويى، سوقۇشقاق خوراز قاتارلىق جەھەتلەردە ئالاھىدىلىكى بار ئىدى. ئىككى تەرەپ ئاممىسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، مېۋىلىك دەرەخلەرنى تىكىش تېخنىكىسى ۋە باقمىچىلىق تېخنىكىسىدىن ئىبارەت بۇ «نۇقتا»نى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، ئىككى جايدىكى ئاممىنى ئۆزئارا ئۆگىنىشتە ئالاقە ئورنىتىپ، ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىپ، بىرلىكتە باي بولۇپ، شۇ ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ياردەم بېرىش، ئورتاق بەرپا قىلىش خىزمىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇردۇق. 
  ئاممىنىڭ ئىككى - ئىككىدىن تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش شەكلى بويىچە، خىزمەت گۇرۇپپىسى، ئەلا سورتلۇق ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش مەيدانى پارتىيە باش ياچېيكىسى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېتى» بىرلىكتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش، ياردەم بېرىپ ئورتاق بەرپا قىلىش لايىھەسىنى بېكىتتى. ئىككى تەرەپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش، ياردەم بېرىش، ئورتاق بەرپا قىلىدىغان ئورۇنلاردىن بولدى ھەمدە «بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر» لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقتى.  
  ئاممىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش روھىغا تولۇق ھۆرمەت قىلغاندىلا ھەمدە ئاممىنىڭ سۇبيېكتىپ ئېڭىنى قوزغاتقاندىلا، ئاندىن خىزمەتلەرنى چوڭقۇر، سىجىل راۋاجلاندۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلغىلى، تەشكىلنىڭ مەقسىتىنى ئاممىنىڭ ئاڭلىق ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. ھەر مىللەت ئاممىسى تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش پائالىيىتىدە چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكچى بولۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىشانى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. 20 ئائىلىلىكنىڭ تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش، ئۆزئارا ياردەم بېرىشتەك تىپىك ئۈلگىلىك رولى ئارقىلىق، ھازىر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش، ئورتاق بەرپا قىلىش كەيپىياتى ئىككى جايدا دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى. بىز ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك پىلان تۈزۈپ، تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش، ياردەم بېرىش كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتتۇق. ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە تىرىشىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈشنى يادرو قىلىپ، ئىككى جايدىكى كادىر، ئاممىنىڭ ئىدىيە جەھەتتە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەن، ھەرىكەت جەھەتتە قەدەمنى بىرلىككە كەلتۈرگەن، تۈزۈلمە ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرگەن، تەدبىر جەھەتتە ئىنچىكىلەشتۈرۈپ مۇكەممەللەشتۈرگەن، نىشان جەھەتتە بىر نىيەت، بىر يۆنىلىشتە بولغان، «تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش، قەلبداش بولۇش، غەمدىن خالاس بولۇش، تەڭ نەپ كۆرۈش، مېھرىبان بولۇش» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. 
  تايىنىش نۇقتىسىنى توغرا تېپىش، نۇقتىنى تۈجۈپىلەپ تاللاش، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئالاقە سۇپىسىنى قۇرۇپ چىقىش ئىنتايىن مۇھىم. خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىش، تومۇرنى توغرا تۇتۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسى ئوتتۇرىسىدا ئالاقە سۇپىسىنى بەرپا قىلىشنى ئۈزۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى ئالاقە نۇقتىسىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىققان. 
  بىرىنچى ئالاقە نۇقتىسى دۆلەتباغ يېزىسى بىلەن ناھىيەلىك سورتلۇق ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش مەيدانى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى پائالىيەت مەركىزى» بولۇپ، بۇ ئورۇن نۆۋەتتە مارالبېشى ناھىيەسىدىكى ۋىۋىسكا ئېسىلغان، ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەن تۇنجى ئۇنىۋېرسال «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى پائالىيەت سورۇنى» ھېسابلىنىدۇ. ئىككىنچى ئالاقە نۇقتىسى بولسا ئەلا سورتلۇق ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش مەيدانىنىڭ پەن - تېخنىكىدا ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى بولۇپ، ئەلا سورتلۇق ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش مەيدانى 60 مو تەجرىبە ئېتىزلىقىنى تۈجۈپىلەپ تاللاپ، گازىر، رەڭلىك يەر ياڭىقى، سۆسۈن بەرەڭگى قاتارلىق ئاشۇرما قىممىتى بىر قەدەر يۇقىرى ھەم ئۆزگىچە بولغان ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى سىناق قىلىپ تېرىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىنى تەجرىبە پىلانى تۈزۈپ بېرىش ھەمدە ئىز قوغلاپ يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، ئىككى جايدىكى ئاممىنىڭ تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئالماشتۇرىدىغان بازىسى قىلىنغان.
  بىز ھازىر «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى پائالىيەت مەركىزى» ۋە «پەن - تېخنىكىدا ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى»دا كۆپ قېتىم تەجرىبە ئۆگىنىش، تەربىيەلەش، تەشۋىق قىلىش - چۈشەندۈرۈش ۋە «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيىتىنى تەشكىللەپ، نۇرغۇن ئاممىنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشىنى جەلپ قىلدۇق.
  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىردەمدىلا تاماملىنىدىغان ئىش ئەمەس. كەنتتە تۇرۇپ تەكشۈرۈش تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھەممىسىدە ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ئىتتىپاقلىشىش ئارزۇسى بارلىقىنى ھېس قىلدىم. ئۇيغۇر ئاممىسى ئۆزىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىدىن پەخىرلىنىدىكەن. بۇلار مېنى ئىنتايىن تەسىرلەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ۋە مۇستەھكەملەشكە بولغان ئىشەنچىم ئاشتى، شۇنداقلا بىر - بىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ گىرەلىشىش، قەلبداش بولۇش، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇشتەك مىللىي مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتتىم. 
  
  
  «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2017 - يىللىق 2 - سانىدىن تاللاندى.