يېشىللىقتىن ۋۇجۇدقا كەلگەن ھاللىق تۇرمۇش ئارزۇسى

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 244   يوللانغان ۋاقتى: 2017-10-16 10:58:26

 


يېشىللىقتىن ۋۇجۇدقا كەلگەن ھاللىق تۇرمۇش ئارزۇسى
  − خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن ناھىيە بوزاق يېزا ئازنابازار كەنتىدىكى زىيارەتتىن خاتىرىلەر
  
  ئۆز مۇخبىرىمىز نيۇ جىنەن
  
  خوتەن تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقانلىقتىن، ئاپرېل ئېيى بۇ يەردە بىر يىلدىكى قۇم بورانلىق ھاۋا رايى ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئاي ھېسابلىنىدۇ. بىراق، «ئىشنىڭ بېشى باھاردىن» دېيىلگىنىدەك، ھەرقانداق چوڭ قۇم بوران بولسىمۇ كىشىلەرنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ. باھار پەسلىدىكى خوتەندە ھاياتىي كۈچ يېشىللىق ئىچىدە تېخىمۇ جۇشقۇن ھالەتتە ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. 
  خوتەن مەن ئۈچۈن ئانچە ناتونۇش ئەمەس. مەن 2010 - يىلى بىر خىزمەتدىشىم بىلەن بىللە بۇ يۇرتقا زىيارەتكە كەلگەندە، مىڭ چاقىرىملىق ئۈزۈم كارىدورى، خوتەن سۇ قۇرۇلۇشى خاتىرە مۇنارى، ئەتلەس، گىلەم قول ھۈنەرۋەنچىلىك كارخانىسى، ياڭاقچىلىق كەسپى، شۇنداقلا خوتەن قاشتېشى قاتارلىقلار ماڭا ئۇنتۇلغۇسىز تەسىراتلارنى قالدۇرغانىدى. شۇ قېتىمقى جەنۇبىي شىنجاڭ سەپىرىگە ئوخشىمايدىغىنى، بۇ قېتىم مەن نۇقتىلىق ھالدا كەنتلەردە زىيارەتتە بولۇۋاتاتتىم. 
   ئەگەر يورۇڭقاش دەرياسى بىلەن قاراقاش دەرياسى ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان خوتەن شەھىرىنى تۇخۇمنىڭ سېرىقىغا ئوخشاتساق، ئۇنداقتا خوتەن ناھىيەسىنى تۇخۇمنىڭ ئېقىغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭغا قاراشلىق ئون يېزا، بىر بازار خوتەن شەھىرى ئەتراپىغا تارقاق جايلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ يىراق يېزا - بازار شەھەر رايونىدىن 150 كىلومېتىر يىراقلىقتا. خوتەن ناھىيەسىدە ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، خۇيزۇ قاتارلىق 13 مىللەت بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار نوپۇسى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ  %99ىنى ئىگىلىگەن. يېزا ئىگىلىك چوڭ ناھىيەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تۇتاش كەتكەن، پاكار ۋە زىچ تىكىلگەن قەغەز ياڭاق بازىسى پۈتكۈل ناھىيە تەۋەسىنى ياپيېشىل مېۋىلىك باغدەك بېزىۋەتكەن. 
  مەن خوتەنگە يېتىپ بارغان كۈنى كەچتە بۇ ناھىيەدە بىر مەيدان ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، مۇسابىقىگە قاتناشقان ئىككى تەرەپ شۇ جايدىكى ئىككى كارخانىغا ۋەكىللىك قىلغان ۋاسكېتبول كوماندىلىرى ئىكەن. گەرچە دوستلۇق مۇسابىقىسى بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا CBA بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ سەنشى كوماندىسىدا توپ ئوينىغان ئاسىيا ۋاسكېتبول چولپىنى ئابباس بىلەن ئىلگىرى شىنجاڭ كوماندىسىدا توپ ئوينىغان داڭلىق ۋاسكېتبولچى ئالانغا ئوخشاش بىر قىسىم داڭلىق ماھىرلارمۇ بار ئىكەن. مۇسابىقە كەسكىن ئېلىپ بېرىلدى، مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا ۋاقىت ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 12 (بېيجىڭ ۋاقتى سەھەر سائەت 2) بولۇپ قالغانىدى. 
  بۇ كېچىدىن باشلاپ مەن يەنە بىر قېتىم «شىنجاڭ ۋاقتىغا كىردىم». 
  جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ھەر بىر يېزا - بازاردا بىردىن بازار بار بولۇپ، دۇشەنبىدىن يەكشەنبىگىچە بازار بولۇپ تۇرىدۇ. مەن بۇ قېتىم زىيارەت قىلغان ئازنابازار كەنتى ئۇيغۇر تىلىدا «جۈمە بازىرى» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئىسمىدىنلا بۇ يەرنىڭ ئۇزاق يىللار ئىلگىرى روناق تاپقان جاي ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى. 
  مېنىڭ زىيارىتىمگە خوتەن ناھىيەلىك مىللەتلەر - دىن ئىشلىرى كومىتېتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى شى جيالۇڭ، كادىرى دىلمۇرات ۋە شوپۇرى ئىلھام ھەمراھ بولدى. شى جيالۇڭ خوتەنلىك خەنزۇ ئىدى. ئۇ شۇ جاينىڭ ئەھۋالىغا پىششىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۇيغۇر تىلىدا ئازراق سۆزلىيەلەيدىكەن ۋە ئۇيغۇرچىنى چۈشىنەلەيدىكەن. ياش، قامەتلىك كەلگەن دىلمۇرات تولۇق كۇرسنى پايتەخت پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان، ئىلگىرى تۈركىيەنىڭ جۇڭگودىكى ئەلچىخانىسىدا پىراكتىكانت تەرجىمان بولغانىكەن. 50 ياشتىن ئاشقان ئىلھام ئۇستام مۇلايىم كىشى بولۇپ، ئۇ مېنىڭ شۇ جاينىڭ مىللىي ئۆرپ - ئادىتىنى تېخىمۇ كۆپ چۈشىنىشىمگە ياردەم قىلدى.  
  ئازنابازار كەنتى خوتەن شەھىرىدىن 17 كىلومېتىر نېرىدا بولۇپ، ناھىيەدىكى بارلىق كەنتلەر ئارىسىدا شەھەر رايونىغا ئەڭ يېقىن، قاتناش ئەڭ قولاي كەنت ھېسابلىنىدىكەن. شەھەر رايونىدىن چىقىپ، ئىككى تەرىپىدە تېرەكلەر قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان يولغا چۈشتۇق؛ بۇ يولدا ھارۋا ئاز بولۇپ، ئۈچ چاقلىق توكسىكلىت، موتوسىكلىت، چوڭ تىراكتور ۋە ئاپتوموبىللار كۆپ ئىدى. 
  ئازنابازار كەنتىگە جايلاشقان بوزاق يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتىدە شۇ كۈنى نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، بىرنەچچە يېزا كادىرى تەشۋىقات پىلاكاتلىرىنى ئېسىۋاتقانىدى، كانايدىن ئۇيغۇر تىلىدا تەشۋىقات ئاڭلىنىپ تۇراتتى. خوتەننىڭ يېزا - كەنتلىرىگە ئوخشاش بۇ يەرمۇ ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان جاي بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىنى چۈشەنمەيدىغان ۋە ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىيەلمەيدىغان كادىرلارنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرمىقى تەس ئىدى. يېزا كادىرى خو چېڭمېينىڭ ئەھۋالى ئالاھىدە بولۇپ، ئاۋۋال ئۇيغۇرچە تىلى چىقىپ، بەش - ئالتە ياشتا باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىدىغان چاغدا ئاندىن خەنزۇ تىلىنى ئۆگەنگەنىكەن. خو چېڭمېينىڭ ئاتا - ئانىسى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدا چېگرا رايونغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن خوتەنگە كەلگەن بولۇپ، ئەتراپىدىكى دوستلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلار بولغاچقا، ئۇ دائىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ - چىقىپ چوڭ بولغانىكەن. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ يەنە شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىدا ئۇيغۇر تىلى بويىچە بىلىم ئاشۇرۇپ، خوتەن ۋىلايىتى ۋە ناھىيە تەشكىللىگەن ئۇيغۇر تىلى بويىچە نۆۋەت بىلەن تەربىيەلەشكە قاتناشقانىكەن. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇيغۇر تىلىنى ياخشى سۆزلەپلا قالماستىن يەنە ئوبدان يېزىشى كېرەك ئىكەن. 
   بوزاق يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمى ئاساسلىقى ياڭاقتىن كىرىدىكەن، پۈتكۈل يېزىدا 15 يىلدىن ئاشقان ياڭاق دەرەخلىرى كۆپ بولۇپ، تازا مول ھوسۇل ئېلىش مەزگىلىگە كىرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئازنابازار كەنتىنىڭ 8 - گۇرۇپپىسىدا يەنە كەڭرى كەتكەن ئاپتاپقا سېلىش مەيدانى بار ئىكەن. خوتەن ۋىلايىتى، ھەتتا ئاقسۇ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ بىر قىسىم ياڭاق، چىلانلىرى ھەر يىلى مۇشۇ يەرگە ئېلىپ كېلىنىپ، بىر تۇتاش يەشىكلەرگە قاچىلىنىپ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىتىلىدىكەن. ياڭاقچىلىق كەسپى بۇ جاينىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپتۇ.
  
  پېشقەدەم تېخنىك مەمتىمىن
  
   يېزا - كەنت تاشيولى بوزاق يېزىسىنى توغرىسىغا ۋە بويىغا رەتلىك كېسىپ ئۆتكەن بولۇپ، قاتار - قاتار كەتكەن دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرغان ئاسفالت يوللار يېزىدىكى ھەر بىر كەنتكە تۇتىشىدۇ. ھەممە يەر دېگۈدەك تېرەك بوستانلىق بولۇپ، ئېتىزلاردىكى دەرەخلەرنىڭ ھەممىسى ياڭاق دەرىخى، ياڭاق دەرەخلىرىنىڭ ئارىلىقىغا بۇغداي كىرىشتۈرۈپ تېرىلغانىدى. 
  ئازنابازار كەنت ئېغىزىغا كەلگەن يول بويلىرىدا تېرەك ئەمەس، ياڭاق دەرەخلىرى كۆرۈندى. ئىككى بالا دەرەخ سايىسىدا ئويناۋاتاتتى. بىر بوۋاي ئاسفالت يولنى سۈپۈرۈۋاتاتتى. بوۋاينىڭ ئىسىمى ھۇشۇر نىياز بولۇپ، ئازنابازار كەنتىدىن ئىكەن. ئۇ ياڭاقلىقنىڭ ئالدىدىكى يولنى سۈپۈرۈۋاتاتتى. كەنتتىكى ھەر بىر دېھقان چوقۇم ئۆزىگە تەۋە يوللارنى پاكىز سۈپۈرۈپ تۇرۇشى كېرەك ئىكەن.
  
  يېڭىدىن ئۇلانغان ياڭاق دەرىخىنىڭ شاخلىرىنى پۇتاۋاتقان مەمتىمىن بوۋاي. 
  
  ياڭاقلىققا سەپسېلىپ، بىر قىسىم ياڭاق دەرەخلىرىنىڭ ئۇلانغانلىقىنى كۆردۈم. شى جيالۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ياڭاقنىڭ يۇقىرى مەھسۇلات مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئازنابازار كەنتىنىڭ ياڭاقچىلىق كەسپىگە ياردەم قىلغان 2 مىليون يۈەننىڭ 500 مىڭ يۈەنى ياڭاق دەرەخلىرىنى ئۇلاش ۋە ئوغۇت بېرىشكە ئىشلىتىلدى. بىر تۈپ ياڭاق دەرىخى ئەي بولۇپ ئۆسۈپ بەلگىلىك مەزگىلگە كەلگەندىن كېيىن، ئەگەر ھوسۇلى بەك تۆۋەن ياكى بەرگەن مېۋىسىنىڭ سۈپىتى ياخشى بولمىسا، ئۇنى قايتا ئۇلاشقا توغرا كېلىدۇ. بولمىسا بۇ ياڭاق دەرىخىنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتى يۇقىرى بولمايدۇ.» 
  شۇ ۋاقىتتا كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جېلىل مەتنىياز تېز - تېز مېڭىپ يېنىمىزغا كەلدى. ئۇ 54 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ياچېيكا شۇجىسى بولغىنىغا 26 يىل بوپتۇ. ئۇ تېخى يېقىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە مۇنەۋۋەر تەشۋىقاتچى» بولۇپ باھالىنىپتۇ، ئۇ تەقدىرلەنگەن ئالتە كىشى ئىچىدىكى ئاساسىي قاتلامدىن چىققان بىردىنبىر تەشۋىقاتچى ئىكەن. 
  جېلىل شۇجى ماڭا مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە ئىلگىرى بۇغداي بىلەن كېۋەزلا تېرىلاتتى، 2001 - يىلىدىن باشلاپ ياڭاق دەرىخى تىكىلىپ، پۈتكۈل ناھىيەدە ياڭاق دەرىخى تىكىشنى ئەڭ بالدۇر قانات يايدۇرغان كەنت بولۇپ قالدى. ئازنابازار كەنتىمىزدە 1640 مو يەر بار، بۇنىڭدىن 1220 مو يەرگە ياڭاق كۆچىتى تىكىلدى. دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بۇ قېتىم كەنتىمىزنى ياڭاقچىلىق كەسپىنى يۆلەيدىغان كەنت قاتارىغا كىرگۈزگەندىن كېيىن، كەنتىمىزدىكىلەرنىڭ ياڭاقچىلىق كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، باي بولۇش ئارزۇسىنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشىغا تېخىمۇ ئاز قالدى.»
  بىزدىن ئانچە يىراقتا بولمىغان ئورۇندا بىر بوۋاي شاخلارنى چاتاۋاتاتتى. مەمتىمىن ئىسىملىك بۇ بوۋاي 70 ياشتا بولۇپ، كەنتنىڭ پېشقەدەم تېخنىكى ئىكەن. ياشىنىپ قالغىنىغا قارىماي، ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرى چاققان ۋە ئەپچىل ئىدى. ئۇ بىر قولىدا شوتا، يەنە بىر قولىدا چوڭ قايچىنى كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، بىردەمدىلا بىر نەچچە تۈپ دەرەخنىڭ شاخلىرىنى چاتاپ بولدى. باشقىلارنىڭ دېيىشىچە، ئۇ يول بويىدىكى ھەر - ھەر ئېگىز ياڭاق دەرەخلىرىگىمۇ چىقالايدىكەن. 
  مەمتىمىن بوۋاينىڭ پارتىيەگە ئەزا بولۇپ كىرگىنىگە 40 يىل بوپتۇ. ئىلگىرى كەنتتە يالغۇز ئۆزىلا ياڭاق دەرىخىنى ئۇلاپ - چاتالايتتىكەن. مانا ئەمدى دۆلەت ياڭاقچىلىق كەسپىگە ياردەم بەرگەندىن كېيىن، ئۇ ھۈنىرىنى كەنتتىكى 16 نەپەر ياشقا ئۆگىتىپ، ئۇلارغا باشلامچى بولۇپ ئىشلەۋېتىپتۇ... ئۇ بۇلارنى سۆزلەپ بىرىۋاتقاندا كۆز جىيەكلىرى نەملەندى. 
  دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ياردەم مەبلىغى بۇلتۇر ئەمەلىيلەشكەندىن كېيىن، كەنت 40 نەپەر ياشنى ئۇلاقچى قىلىپ تەربىيەلىگەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى گۇۋاھنامىگە ئېرىشكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 1 مىليون 500 مىڭ يۈەن ياردەم قىلىنغان ياڭاقچىلىق كەسپى بويىچە پىششىقلاپ ئىشلەش تۈرىنىڭ تەرەققىياتىمۇ ئوڭۇشلۇق بولغان. كەنتتىكى ياڭاق پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىنىڭ ئورنى بېكىتىلىپ، خېرىدار چاقىرىلىۋېتىپتۇ. شۇجى شى جيالۇڭ مۇنداق دېدى: «دەسلەپكى قەدەمدە بۇ يىل ئىيۇندا قۇرۇلۇشنى تاماملاش، ئۈسكۈنە سېتىۋېلىشنى ماس قەدەم بىلەن ئېلىپ بېرىش، ناھىيە ئوتتۇرىغا قويغان 15 - سېنتەبىردىن بۇرۇن ياڭاقلارنى يىغىپ بولۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش پىلانلاندى.» 
  ئايرىلىدىغان چاغدا، دۆلەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا كۆپ رەھمىتى بولغان مەمتىمىن بوۋاي سول قولىنى كۆكرىكىگە قويۇپ تۇرۇپ جېلىل شۇجىغا: «مەن تېخىمۇ ياخشى ئىشلەيمەن!» دېدى.
  
  كەنتتىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەر
  
   ئاپرېلدا ئېتىز بېشىدىكى ياڭاقلار باراقسانلىشىپلا قالماستىن، كەنتتىمۇ ئاستا - ئاستا يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولۇشقا باشلايدۇ. 
  چۈش بولاي دېگەندە ياڭاقلىقتىن چىقىپ كەنتكە كىرىپلا، بىر ئائىلىلىكنىڭ يېڭى ئۆي سېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. يېڭى ئۆينىڭ ئۇلى كولىنىپ، چوڭ - چوڭ تاشلار تىزىلغان، ئەتراپقا خىشلار ۋە تورۇسقا ئىشلىتىش ئۈچۈن پوستى سويۇلغان تېرەك ياغاچلىرى دۆۋىلەپ قويۇلغانىكەن. بۇ كەنت ئاھالىسى سېلىۋاتقان يەر تەۋرەشكە چىدامچان ئەمىن ئۆي ئىكەن. 
  بۇ ئۆي ئىگىسىنىڭ ئىسمى ئەلى جۈمە بولۇپ، تېخى يېقىندىلا چېقىۋېتىلگەن كونا ئۆيىدە 13 يىل ئولتۇرغانىكەن. ئۇ: «ئىلگىرىكى ئۆيۈم كىچىك، ئايرىم ئاشخانا ۋە ھاجەتخانىسى يوق بولۇپ، تۇرمۇشىمىزغا سەل قولايسىز ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆي بەك كونىراپ، تاملار يېرىلىپ كەتكەچكە، خاتىرجەم تۇرالمايتتۇق. ھازىر يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمىن ئۆي سېلىۋاتىمەن، بۇنىڭدىن بەك خۇشالمەن» دېدى. 
  
    سۈرەتتە: ئوسمان تاغا ئائىلىسىدىكىلەر يېڭىدىن سېلىنىۋاتقان يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمىن ئۆينىڭ ئالدىدا.
  
  جېلىل شۇجىنىڭ دەپ بېرىشىچە، ھازىر كەنتتىكىلەرنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمىن ئۆي سېلىش قىزغىنلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، 2012 - يىلىلا 170 نەچچە ئائىلىلىك ئۆي سالغان، بۇ يىل يەنە 11 ئۆي سېلىنىپتۇ، ئەڭ ئاخىرىدا پۈتكۈل كەنت قاپلىنىدىكەن. يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمىن ئۆي سالغان ئائىلىلەرگە ھۆكۈمەت 28 مىڭ 500 يۈەن ياردەم قىلغان، پولات چىۋىق، سېمونت، دېرىزە قاتارلىقلارنى ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىپ تارقاتقان بولغاچقا، باھاسى ئەرزان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ناھىيە يەنە ئۆي سېلىشتا باسقۇچ خاراكتېرلىك تەكشۈرۈپ يېتەكچىلىك قىلىپ، يەر تەۋرەشكە ھەقىقىي چىداملىق بولۇش تەلىپىگە يېتىشىگە كاپالەتلىك قىلغان.  
  ئوسمان ئاكىنىڭ يېڭى سېلىۋاتقان ئۆيى كونا ئۆيىنىڭ ئالدىدا بولۇپ، پىششىق خىش تام بىلەن ئارقا ھويلىنىڭ كونا كېسەك تېمى بىر - بىرىدىن روشەن پەرقلىنىپ تۇراتتى. 63 ياشلىق ئوسمان ئاكا 3 - سىنىپتا ئوقۇيدىغان نەۋرىسى تاھىرجان بىلەن بىللە مېنى يېڭى ئۆيىگە باشلاپ ئەكىرىپ كۆرسەتتى. بۇ ئۆيدە ئىككى ھۇجرا، بىر مېھمانخانا، شۇنداقلا ئاشخانا ۋە ھاجەتخانا بار بولۇپ، تورۇسى يېپىلمىغانىدى. ئوسمان ئاكىنىڭ چىرايىدىن خۇشاللىقى چىقىپ تۇراتتى. ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: «ئۆيۈمدە توققۇز جان، ئالتە مو ياڭاقلىقىم بار. ياڭاقتىن بىر يىلدا 15 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىمەن. كەنجى ئوغلۇم خوتەن شەھىرىدىكى بىر بانكىدا ئامانلىق ساقلىغۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ، ئايلىق كىرىمى 2000 يۈەن. بۇ ئۆينى شۇ ئوغلۇمنىڭ تويىغا ئاتاپ سالدىم.» 
  
  ئازنابازار كەنتىنىڭ بىر بۇرجىكىدىن كۆرۈنۈش.
  
  كەنت ئىچى تىنچ ۋە ئىناق كەيپىياتتا ئىدى. يول ۋە ھويلىلار رەتلىك بولۇپ، بەزى ئۆيلەرنىڭ ئالدىدا پىكاپلار توختاقلىق ئىدى. خوتەن ناھىيەسى 2014 - يىلى «تۆت ياخشى قۇرۇلۇش» (ياخشى يول، ياخشى كۆكەرتىش بەلبېغى، ياخشى سالا ئېتىز، ياخشى ھويلا قۇرۇلۇشى) پائالىيىتىنى باشلىغان بولۇپ، شۇنىڭدىن بۇيان كەنت تاشيول ۋە كۆكەرتىش بەلباغلىرىنى رەتلىگەن، ھەر بىر  ئائىلە كىشىلىرى ھويلىسىنى رەتلەپ، مېۋىلىك دەرەخ تىككەن ياكى كوكتات تېرىغان، شۇنىڭ بىلەن كەنت قىياپىتىدە زور ئۆگىرىش بولغان. 
   ئۇيغۇرلاردا «ئەجر قىلساڭ مېۋىسىنى كۆرىسەن» دەيدىغان گەپ بار. مەيلى يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي بولسۇن ياكى «تۆت ياخشى قۇرۇلۇش» بولسۇن، پۇقرالارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ زامانىۋى يېڭى تۇرمۇشقا ئىنتىلىش قارىشىنىمۇ كۈچەيتكەن. 
  
  ياشانغانلار ساناتورىيەسىدىكى بەختلىك تۇرمۇش
  
   كەنت يوللىرىنىڭ ئېغىزىدا «نامراتلىقتىن تۈجۈپىلەپ قۇتۇلدۇرۇش»، «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش» قاتارلىق مەزمۇنلاردىكى تەشۋىقات تاختىلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. نۆۋەتتە نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى ئىگە - چاقىسىز ياشانغانلارنى بېقىش ھەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 
 
  سۈرەتتە: ساناتورىيەدىكى ئەمەر ھوشۇر بوۋاي (ئوتتۇرىدا) باشقىلارغا گېزىت ئوقۇپ بەرمەكتە.

   بوزاق يېزىلىق ياشانغانلار ساناتورىيەسى ئازنابازار كەنتىگە قوشنا بۇچاق كەنتىدە بولۇپ، ئاپتوموبىللىق بىر نەچچە مىنۇتتا بارغىلى بولاتتى. 2012 - يىلى ئەسلىدىكى ئورنىغا يېڭىدىن سېلىنغان بۇ ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە ھازىر 36 كىشى ئاخىرقى ئۆمرىنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈۋاتاتتى. يان تەرەپتە سېلىنىۋاتقان يەنە ئۈچ قەۋەتلىك بىنا پۈتسە، يېزا بويىچە تېخىمۇ كۆپ ياشانغان  ئىگە - چاقىسىز كىشىنىڭ كۈتۈنۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدىكەن. 
   ياشانغانلار ساناتورىيەسىنىڭ ھويلىسى كەڭرى بولۇپ، تال باراڭلىق يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش توغرىسىدىكى مەزمۇنلار ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە خەتلەر يېزىلغان تاختىلار ئېسىلغان؛ يەنە بىر تەرىپى كۆكتاتلىق بولۇپ، پەمىدۇر، كۆكمۇچ، يېسسىۋىلەك، پېدىگەن مايسىلىرى بوي تارتىپ ئۆسكەنىدى. ياشانغانلار چۈشلۈك ئارامدىن كېيىن بىر بۇلۇڭىدا بىليارت تاختىيى قويۇلغان زالدا پاراڭلىشىدىكەن ياكى تېلېۋىزور كۆرىدىكەن. ساناتورىيە باشلىقى تۇرسۇنبەكرى تاشپولات مۇنداق دېدى: «ساناتورىيەدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئائىلىسىدە قارىغۇچىسى يوق ياشانغانلار، ئۇلار بۇ يەردە ھەقسىز تۇرىدۇ، ئۆيلىرى ۋە يەرلىرى ساقلاپ قويۇلغان. ياشانغانلار ساناتورىيەسىنىڭ كۆپ قىسىم مەبلىغىنى دۆلەت بەردى، يەنە بىر قىسمىنى مۇشۇ جايدىكى بېيىغان كىشىلەر ئىئانە قىلدى.» 
   زالنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئەر ۋە ئاياللار ياتىقى بار بولۇپ، ئازادە، يورۇق كەلگەن ھەر بىر ياتاققا دوختۇرخانىنىڭكىدەك تەڭشىگىلى بولىدىغان ئۈچتىن كارىۋات قويۇلغانىكەن، ياتاقتا رەڭلىك تېلېۋىزور ۋە ھاجەتخانا بار ئىكەن. 65 ياشلىق رەجەپ قاسىم بوۋاينىڭ بۇ يەرگە كەلگىنىگە ئۈچ - تۆت كۈنچە بوپتۇ، ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: «پەرزەنتلىرىم يېنىمدا بولمىغاچقا، بەزىدە تاماق يېيىشمۇ بىر مەسىلە بولۇپ قالاتتى. مەن بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن ئوبدان - ئوبدان يەپ - ئىچتىم. بۇ يەرنىڭ ئۆيلىرى ئازادە ھەم يورۇق بولۇپ، يەنە قەدىناس ئاغىينىلىرىم بىلەنمۇ ئۇچراشتىم». ئازنابازار كەنتىدىن كەلگەن ئەمەر ھوشۇر بوۋاي بۇ يىل 70 ياشتا بولۇپ، ئۇنىڭ ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە تۇرۇۋاتقىنىغا ئون نەچچە يىل بوپتۇ، كۆرۈش قۇۋۋىتى ياخشى بولغاچقا، ئادەتتە باشقىلارغا گېزىت، ژۇرناللارنى ئوقۇپ بېرىدىكەن. ئۇ باش بارمىقىنى چىقىرىپ تۇرۇپ: «رەئىس شى جىنپىڭ بەك ياخشى ئىكەن!» دېدى. 
  پاكىز ۋە ئازادە كەلگەن ئاشخانىدا شىرە - ئۈستەللەر رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، تامغا تېلېۋىزور ئېسىلغان، گېزىتلەر جازىلارغا قىستۇرۇلغانىدى.
  ياشانغانلار ساناتورىيەسىنىڭ باقمىچىلىق رايونى تېخىمۇ جەلپكار ئىدى. بۇ يەردە توخۇ، كەپتەر ۋە قويلار ئايرىم - ئايرىم بېقىلغان بولۇپ، قوتان پاكىز ۋە سالقىن ئىدى. باقمىچىلىق رايونىنىڭ بىر تەرىپىدە يەنە پار قازان ئۆيى ۋە كۆكتات پارنىكى بار ئىكەن، بۇ يەردىكى ياشانغانلار يىلبويى خاتىرجەم، راھەت تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىكەن.
  
  جۈمە بازىرىدىكى سودىگەرلەر
  
  ئازنابازار كەنتىگە ئانچە يىراق بولمىغان تاشيولدا ھەر كۈنى ئاپتوموبىللار توختىماي ئۆتۈپ تۇرىدىكەن، ئادەملەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىكەن. 
  بىز جۈمە كۈنى چۈشتە بۇ يەردىكى «بەھرىيە» تاماقخانىسىغا كەلدۇق. كۆلىمى ئانچە چوڭ بولمىغان بۇ تاماقخانا پاكىز، يورۇق بولۇپ، ئەينەك بىلەن ئايرىلىۋېتىلگەن ئاشخانا ئىچىدىن ئۇستامنىڭ ئىش - مەشغۇلاتلىرىنى ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى. غوجايىن توختى بۇ يىل 36 ياشتا بولۇپ، ئىلگىرى ياڭاق سودىسى قىلغانىكەن، بۇ تاماقخانىنى ئاچقىنىغا ئەمدى بىر ھەپتە بوپتۇ. ئۇ ماڭا: «ھازىر تاماقخانىنىڭ مۇھىتى خېلىلا ياخشىلاندى. تىجارەت باشلاشتىن ئىلگىرى ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇلازىمەت مەركىزىگە بېرىپ ئاساسلىقى تازىلىق ۋە تىجارەت بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلەندىم. ھازىر تاماقخانىدا توققۇز خىزمەتچى بار، بۇنىڭدىن تۆتەيلەن لوپ ناھىيەسىدىن ۋە قەشقەردىن كەلگەن، قالغان بەشەيلەن مۇشۇ يېزىدىن» دېدى. ئازنابازار كەنتىدىكى روزىمەمەت تۇرسۇننىياز بۇ ئاشخانىدا كۆكتات توغراشقا مەسئۇل ئىكەن. غوجايىن چاقىرغاندىن كېيىن، ئاشپەزلەر كىيىمى ۋە بۆكىنى كىيگىنىچە روزىمەمەت ئىسىملىك بىر يىگىت چىقىپ كەلدى. 22 ياشلىق بۇ يىگىت ئۆزىنىڭ بۇ ئاشخانىدا ئىشلەشتىن بۇرۇن دېھقان ئىكەنلىكىنى، كېيىن كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىدە ئىككى يىل ئاشپەزلىكنى ئۆگىنىپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن بۇ يەردە ئىشلەۋاتقانلىقىنى، بۇ يەردە تامىقىنى كۆتۈرۈپ يەنە ئايدا 3700 يۈەن مائاش ئالىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن رازى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. 
   ياڭاقچىلىق كەسپىنىڭ پەسىل خاراكتېرى كۈچلۈك بولغاچقا، ئازنابازار كەنتىدىكى دېھقانلار كەنتتىكى ياڭاقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرىدە، يېزىدا ياكى شەھەردە ئىشلەۋېتىپتۇ. كەنتتىكى جۈمە بازىرى بىر قىسىم دېھقانلارنىڭ سودا قىلىدىغان ئوبدان جايى بولۇپتۇ. 
  بۇ كۈنى چۈشتە ياشانغانلار ساناتورىيەسىدىكى ئىككى موماي بازارغا بارماقچى بولغاچقا، مەنمۇ ھەمراھ بولۇپ باردىم. ياشانغانلار ساناتورىيەسىنىڭ خىزمەتچىسى تۇرسۇننىسا بىلەن ئۇنىڭ قىزى قەلبىنۇر ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتنى تەييارلاپ ئىشىك ئالدىدا ساقلاپ تۇرغانىكەن. بىز چىققاندىن كېيىن، ئۇلار ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتنى تاشيولىغا ھەيدەپ چىقتى. بىز يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تېرەكلىكلەرنى ئارقىمىزغا قالدۇرۇپ غۇيۇلداپ مېڭىپ كەتتۇق. شامال ئادەمگە راھەت بېغىشلايتتى. ئىككى موماي بىلەن پاراڭلاشتىم، لېكىن تەرجىمان بولمىغاچقا، بېشىمنى لىڭشىتىپ ياكى قول ئىشارىتى بىلەن سۆزلىسەم، ئۇلار كۈلۈشۈپ كەتتى.    
  بازارغا تېزلا يېتىپ كەلدۇق، ئادەملەر جىق بولۇپ، ناھايىتى ئاۋات ئىدى. قۇرۇق يەل - يېمىش، سامسا، گۆشنان، تونۇر كاۋىپى، لىغىرلاق، پىشۇرۇق، مېۋە - چىۋە شۇنداقلا ئاشلىق، كۆكتات، كىيىم - كېچەك، دېھقانچىلىق ئەسۋابلىرى... ئىشقىلىپ، ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىغا كېرەكلىك بولغان ھەممە نەرسە بۇ بازاردىن تېپىلاتتى. ئۇيغۇر قېرىنداشلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھەپتىدە بىر قېتىم بازار ئايلىنىش − كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى ئېلىشتىن باشقا، ئۇنى - بۇنى يەپ ھۇزۇرلىنىش ھېسابلىنىدىكەن. 
  ئازنابازار كەنتىدىكى ئىبادەت راخمان سىڭلىسى بىلەن بىللە بازاردا گۆشنان دۇكىنى ئاچقان بولۇپ، گۆشنان شۇ جاينىڭ ئەنئەنىۋى يېمەكلىكى ئىكەن. ئۇلار ھەر جۈمە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8دە بازارغا كېلىپ، بىر كۈندە 200 − 300 يۈەنلىك سودا قىلىپ كېتىدىكەن. تۆت مو يېرىدىكى ياڭاقلىق ھوسۇل بېرىدىغان مەزگىلگە تېخى كىرمىگەنلىكتىن، بىر يىللىق كىرىمىمۇ شۇ 3000 − 4000 يۈەن ئەتراپىدا ئىكەن. 45 ياشلىق ئىبادەت راخماننىڭ ئۈچ بالىسى بار بولۇپ، چوڭى بىلەن ئوتتۇرانچىسى ئۆي - ئوچاقلىق بوپتۇ، 19 ياشلىق كىچىك ئوغلى شەھەر رايونىدا ئاپتوموبىل زىننەتلەش دۇكىنى ئاچىدىكەن. زىيارىتىم ئاياغلاشقاندا بۇ قىزغىن ئاچا - سىڭىل مېنى ئۆزلىرى ئەتكەن گۆشناننى تېتىپ كۆرۈشكە تەكلىپ قىلىپ تۇرۇۋالدى. 
  بازاردا تونۇر كاۋىپى سېتىۋاتقان جاپپار سالىھ تەمكىن ۋە مۇلايىم، كېلىشكەن ئادەم بولۇپ، ئۇ ئادەتتە ئازنابازار كەنت باشلانغۇچ مەكتەپتە ئامانلىق ساقلىغۇچى بولۇپ ئىشلەيدىكەن، جۈمە كۈنى باشقىلار بىلەن ئىسمېنا ئالماشتۇرۇپ، بازاردا سودا قىلىدىكەن. 25 ياشلىق جاپپار سالىھنىڭ بۇ سودىنى قىلىۋاتقىنىغا تۆت يىل بوپتۇ، ئىككى يىل ئىلگىرى يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىدىكى «قىزىل يۇلتۇز» بازىرىدا سودا قىلغانىكەن، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان كەنتنىڭ جۈمە بازىرىدا سودا قىلىۋېتىپتۇ. ئۇ: «تونۇر كاۋىپى قىلىشنى شەھەردە شاگىرت بولۇپ ئىشلىگەن ۋاقتىمدا ئۆگەنگەن. ھازىر بازاردىن قوي ئېلىپ، ئۆيدە كاۋاپ قىلىپ، ئاندىن بازارغا ئەكېلىپ سېتىۋاتىمەن. بىر كۈندە ئۈچ قوي تۈگەيدۇ، 500 − 600 يۈەن تاپالايمەن. ئايلىق كىرىمىم 2000 يۈەنگە يېقىنلىشىپ قالىدۇ» دېدى. جاپپار سالىھنىڭ ئالتە مو ياڭاقلىقى بولۇپ، بىر يىلدا 30 مىڭ يۈەن كىرىم بولىدىكەن. ئۇ 2011 - يىلى ئۈرۈمچىگە ياڭاق ساتقىلى چىقىپتۇ، مېيىپ ئاكىسى بىلەن ياشانغان ئاتىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا توغرا كەلگەچكە، يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ تونۇر كاۋىپى سېتىۋېتىپتۇ. 
  تۇرسۇننىيازخان مەمەت يەڭگىنىڭ بازاردا قوناق سېتىۋاتقىنىغا تۆت - بەش يىل بوپتۇ. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى، 25 يىل گىلەم توقۇشتا ئىشلىتىلىدىغان يۇڭ يىپ سودىسى قىلغانىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، گىلەم توقۇشتا ئىشلىتىلىدىغان يۇڭ يىپ سودىسى ياخشى بولسىمۇ، يالغۇز ئادەم يېتىشىپ بولالماپتۇ. قوناق سودىسىنىڭ تاپاۋىتى ئاز بولۇپ، بىر كىلوگىرامدىن بىر كوي ئەتراپىدا پايدا قالىدىكەن. ئۇ مۇشۇ بازاردا سودا قىلغاندىن باشقا، ناھىيە تەۋەسىدە بازار قوغلىشىپ سودا قىلىدىكەن. بىر بازار كۈنى 200 يۈەندەك سودا قىلىدىكەن. تۇرسۇننىيازخان «بەھرىيە» تاماقخانىسىدا ئىشلەۋاتقان تۇرسۇنمەمەتنىڭ ئانىسى ئىكەن. 
  مەن يەنە قاسساپ بازىرىغا باردىم. بەستلىك كەلگەن مەمتىمىن ئەلىنىڭ كانارىغا يېڭى قوي گۆشلىرى ئېسىۋېتىلگەنىكەن. ئۇ 21 ياشقا كىرگەن بولۇپ، بالىسى ئەمدى بىر ئايلىق بوپتۇ. ئۇنىڭ دادىسى ۋە چوڭ دادىسىمۇ قاسساپ بولۇپ، 70 − 80 يىللىق تارىخى بار ئىكەن. ئۇنىڭ ئىنىسى بىلەن بىللە بۇ بازاردا سودا قىلىۋاتقىنىغا بەش يىل بولغان بولۇپ، ئاساسەن يېزا بازىرى ۋە جۈمە بازىرىدا سودا قىلىدىكەن. بىر يايما ئورنىنىڭ يىللىق ئىجارىسى 400 يۈەنچە بولۇپ، كۈنىگە ئۇ ئىككى - ئۈچ قوينىڭ گۆشىنى سېتىپ بولىدىكەن، تەخمىنەن 200 − 300 يۈەن پايدا ئالىدىكەن... زىيارىتىمىز ئاخىرلاشقاندا، ئەتراپىدىكى قاسساپ يىگىتلەر ئۇنى ئورىۋېلىپ، ئۇنىڭغا: «ئەمدى داڭقىڭ چىقىپ كېتىدىغان بولدى جۇمۇ سېنىڭ...» دەپ چاقچاق قىلىشتى.
  
  ياڭاقچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى
  
  كوئېنلۇن تېغى باغرىنىڭ يەر شەكلى بىر قەدەر ئېگىز، نىسبەتەن تۈزلەڭ بولۇپ، يېزىلارنى تۇتاشتۇرىدىغان بىر تاشيول بۇ يەردىن ئۆتكەچكە، قاتناش قولاي ئىكەن. يەر شەكلى ئېگىز بولغاچقا، شامال كۈچلۈك، قىروۋ يوق ئىكەن. تۇپرىقىنىڭ تۇز تەركىبى يۇقىرى بولغاچقا، بۇ يەردە چىلان ياكى ياڭاقلار يېيىلسا تېزلا قۇرۇيدىكەن. ئاپتاپقا سېلىش مەيدانىدا قارا داكا يېپىپ قويۇلغان، تېخى توشۇپ كېتىلمىگەن چىلانلارنى كۆرگىلى بولاتتى. داكىنى ئاچسا چىلانلارنىڭ پۇرىقى دىماققا ئۇرۇلاتتى. شامالدا قۇرۇغان مۇنداق چىلانلار تاشقا ئوخشاش چىڭ بولۇپ، چىلان قەندالەت ياساپ ياكى يەم - خەشەك قىلىپ ئىشلىتىلەتتى.  
    مۇشۇنداق ئۆزگىچە تەبىئىي شارائىتنىڭ بولغانلىقىدىنمۇ، ئىشقىلىپ، ئازنابازار كەنتىدىكىلەرنىڭ ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىش ئارزۇسى ئالاھىدە كۈچلۈك ئىدى. نۆۋەتتە كەنتتە ياڭاقچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن تۆتى بار ئىكەن، بىز شۇلاردىن بىر كوپىراتىپقا كەلدۇق. دەرۋازىدىن كىرسەك، تۇرسۇنمەمەت بىلەن ئۇنىڭ ئاكىسىنىڭ ئوغلى تۇرغۇنجان تېخى ئابايىلا سېتىۋالغان ياڭاقلارنى بىر تەرەپ قىلىۋېتىپتىكەن. ئۇلار مېنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىمنى قىزغىن قارشى ئالدى. ھويلىدا يوغان بىر لاپاس بار بولۇپ، خالتا - خالتىلارغا قاچىلانغان يەرلىك «قەغەزياڭاق»لار تىزىپ قويۇلغانىدى. بۇ ياڭاقلارنى بىرلا مىجىسا شاكىلى يېرىلاتتى، مېغىزى يېيىشلىك ئىدى.
  
    سۈرەتتە: ياڭاقچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى چوڭ ئائىلىسى تۇرسۇن مەمەت (ئوڭدىن 2 - كىشى) بىلەن تۇرسۇنجان (ئوڭدىن 1 - كىشى).
  
   تۇرسۇنمەمەت بۇ يىل 39 ياشتا بولۇپ، ئۇنىڭ ياڭاق سودىسى قىلىۋاتقىنىغا كۆپ يىللار بوپتۇ. ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ قۇرۇلغانلىقىغا ئىككى - ئۈچ يىلچە بولغان بولۇپ، 100 ئائىلىلىك ئەزاسى بار ئىكەن. ئۇلار ئۆز كەنتىدىكى ياڭاقلارنى يىغىپ بولۇپ، باشقا كەنتلەرگە بېرىپمۇ يىغىدىكەن، ھەر يىلى 300 توننىدىن 500 توننىغىچە ياڭاق سېتىۋالىدىكەن، يىللىق پايدىسى 200 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولىدىكەن. ئۇ گەپ ئارىلىقىدا لاپاسقا كىرىپ ئىككى ۋىۋىسكىنى كۆتۈرۈپ چىقتى، ۋىۋىسكىدا ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە قىلىپ «تىلەك ياڭاقچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى» دېگەن خەتلەر يېزىلغانىدى. 
  ياش، بوي - بەستى كېلىشكەن تۇرغۇنجان تاغىسىغا قارىغاندا خەنزۇچىنى ياخشى سۆزلەيدىكەن. ئۇلارنىڭ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ خەيديەن رايونىغا جايلاشقان «جىنشيۇ دادى» يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا باغچە رايونىدا «ياڭاق مەخسۇس دۇكىنى» بار ئىكەن. ھەر يىلى سېنتەبىر، ئۆكتەبىر ئايلىرىدا يېڭى ياڭاقلار بازارغا كىرگەندە، تۇرغۇنجان ياكى ئۇنىڭ تاغىسى بېيجىڭغا بېرىپ، بىر مەزگىل ياڭاق سېتىپ، بازار ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدىكەن. بېيجىڭدىكى خەنزۇ دوستلىرى ئۇلارغا ياردەملىشىپ سېتىشىپ بېرىدىكەن، ئۇلار بۇ يەردىن مال ئەۋەتىشكە مەسئول بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ھەپتىدە بىر - ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 توننىدىن 25 توننىغىچە مال سالىدىكەن. ئۇلار بېيجىڭدىكى بازىرىدىن باشقا، يەنە تيەنجىن بىلەن شەندۇڭغىمۇ مال سالىدىكەن. بازاردا مال يېتىشمەيۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلار ھەر كىلوگىرام ياڭاقتىن بىر يۈەن ئەتراپىدا پايدا ئالىدىكەن. 
  «مەندە ھازىرچە مەبلەغ يوق، كەلگۈسىدە مەبلەغ بولسا چوقۇم ئۆزۈم قىلىمەن.» تۇرسۇنمەمەت دەۋاتقان «ئۆزۈم قىلىمەن» دېگەن گەپنىڭ مەنىسى ياڭاقچىلىق كەسپىدىكى تېخىمۇ ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىشنى كۆرسىتىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە سالغان ياڭاق ۋە چىلانلىرىنىڭ بىر قىسمى بىۋاسىتە ئورىلىپ سېتىلىدىكەن، يەنە بىر قىسمى ئىچكى ئۆلكىلەردە پىششىقلاپ ئىشلەنگەندىن كېيىن، ئاندىن يۇقىرى پايدىغا سېتىلىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ياڭاقنىڭ بازىرى مۇقىم بولمىغانلىقتىن، بەزىدە مال ئەۋەتىلگەندىن كېيىن باھا تۇيۇقسىز تۆۋەنلەپ كېتىپ، زىيان بولىدىكەن. شۇڭا، ئۇلار: ئۆزىمىز ئوراپ، سىپتا پىششىقلاپ ئىشلەپچىقارساق بازار خىيىم - خەتىرىدىن تېخىمۇ ئوبدان ساقلانغىلى بولىدۇ، دەپ ئويلايدىكەن. 
   ئۇلار مۇخبىرغا ياڭاقلارنى يۇيۇش جەريانىنى كۆرسەتتى. پوستى سويۇلۇپ سەل قارىدىغان ياڭاقلار ياڭاق يۇيۇش ماشىنىسىدا سۇ چېچىپ تۇرۇپ يۇيۇلاتتى. يېيىپ قۇرۇتۇلغاندىن كېيىن، تاسقاش ماشىنىسى ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ياڭاقلارنى تاللاپ چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن ئوراپ قاچىلىنىپ تارقىتىلىدىكەن. ئالدىراش ۋاقىتلاردا تۇرسۇنمەمەتمۇ كەنتتىكىلەرنى ياردەمگە ياللايدىكەن. ياللانغانلار كۆپ ئىشلىسە ھەقنى كۆپ ئالىدىكەن، ئاز بولغاندا ئايدا 1500 يۈەن، كۆپ بولسا 4500 يۈەن ئالىدىكەن. 
  زىيارىتىم ئاخىرلىشىدىغان چاغدا، تۇرسۇنمەمەت بىلەن تۇرغۇنجان «تىلەك ياڭاقچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى» دېگەن ۋىۋىسكىنى يۇيۇپ، قايتىدىن دەرۋازا ئالدىغا ئېسىپ قويدى. تۇرغۇنجان كېيىن تېلېفون قىلىپ مېنى ئۆيىگە تاماققا تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ، ۋاقىت يەتمەي بارالمىدىم، بېيجىڭدا كۆرۈشۈشكە كېلىشتۇق.
  
  جېلىل شۇجىنىڭ ئارزۇسى
  
  ئازنابازار كەنتىدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلىمدە، كەنت ئاھالە كومىتېتى مەن ئەڭ كۆپ بارغان جاي بولۇپ قالدى. بۇ يەرنى كەنت كادىرلىرىنىڭ ئىش بېجىرىش سورۇنى دېگەندىن كۆرە، دېھقانلارنىڭ ئۆيى دېگەن تۈزۈك ئىدى. ئادەتتە دېھقانلار بۇ يەردە مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىدىكەن، ياشلار ۋاسكېتبول ئوينايدىكەن ياكى جېلىل شۇجىنىڭ خەلقنى بېيىتىش سىياسەتلىرى توغرىسىدىكى تەشۋىقاتىنى ئاڭلايدىكەن. بۇ يەردە تېخى يېقىندىلا يەنە ياڭاق پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرۇلۇپتۇ. 
  
  كەنت پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى جېلىل مەتنىياز (ئوڭدىكى كىشى) ياڭاقلىقتا.
  
  14 - ئاپرېل جۈمە كۈنى ئىدى. ئادەت بويىچە كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا كەنت ئاھالە كومىتېتىغا يىغىلىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ يىراق مۇساپىلىق ئۆگىنىش تەربىيەسىگە قاتناشتى. شۇ كۈنى ئۇلار ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش تېمىسىدىكى بىر فىلىمنى كۆردى. بۇ فىلىم يېزىدا بىر تۇتاش يىراق مۇساپىلىق كىنو قويۇش سىستېمىسىدا قويۇلۇۋاتقانىدى. 58 ياشلىق ياسىنجاننىڭ پارتىيەلىك ئىستاژى 20 يىل بولۇپ، كەنتتىكى 34 نەپەر پارتىيە ئەزاسىنىڭ بىرى ئىكەن. ئۇ فىلىمنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن ماڭا ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم پارتىيەنىڭ سىياسىتى، ئىنتىزامى قاتارلىقلار مەزمۇن قىلىنغان يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇشنىڭ ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى، ئۆزى ئۆگىنىپلا قالماستىن، يەنە كەنتتىكى ئاممىغا ۋاقتىدا تەشۋىق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. 
  شۇ كۈنى چۈشتە كەنت ئاھالە كومىتېتى ئالدىدىكى دۇكاندا تىجارەت باشلاندى. بۇ، بۇلتۇر كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ بۇ يەردىكى دېھقانلارنى يۆلەشتىكى بىر تۈر ئىكەن. بۇ كەنتتە تۇرغان سابىق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، خوتەن ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرىمۇ ئالايىتەن كېلىپ تەبرىكلىدى. ئازنابازار كەنتىگە بۇ يىل خىزمەت گۇرۇپپىسى چۈشمىگەنىكەن. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «يۇلتۇز»لۇق باھالاش ئۆلچىمى بويىچە، بۇ كەنت توققۇز «يۇلتۇز» ئالغانلىقتىن، ناھىيە بويىچە تەرەققىياتى ھەممىدىن ياخشى كەنتنىڭ بىرى بولغاچقا، بۇ يەردە كەنتتە خىزمەت گۇرۇپپىسى تۇرۇش خىزمىتى ئاياغلاشقانىكەن. 
  جېلىل شۇجى ناھايىتى ئالدىراش، ئەمما بەختلىك ئادەم ئىدى. ئۇنىڭ ئالدىراشلىقىنى دېسەك، بىر يىلنىڭ 365 كۈنىدە ئۆيىدىن ئەتىگەن چىقىپ كېتىپ كەچ قايتىدىكەن، كەنتتىكى چوڭ - كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا موھتاج ئىكەن، ھەتتا ئەر ـ خوتۇنلار جېدەللىشىپ قالسىمۇ ياكى قوشنىلار ئارازلىشىپ قالسىمۇ ئۇ دەرھال بارىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھەربىر كۆرسەتمىسىنى ئەڭ ئاساسىي قاتلامدا چوقۇم شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئىجرا قىلىشنى باشلاش كېرەك. كەنتتە ئىجرا قىلغۇچى دەل مەن.» ئۇنىڭ بەختلىكلىكىنى دېسەك، كۆپ يىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە ئازنابازار كەنتى ئۇ ياچېيكا شۇجىلىقىغا سايلانغان ۋاقىتتىكى قەرزى بار كەنتتىن ھازىرقى تۈرلۈك كەسىپلەر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان كەنتكە ئۆزگەرگەن. بۇلتۇر كەنت پارتىيە ياچېيكىسى يەنە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى» بولۇپ باھالانغان. 
   ئەلۋەتتە جېلىل شۇجىنىڭ يەنە بىر سالاھىيىتى بار، ئۇ بولسىمۇ تەشۋىقاتچى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېتىزلىقلار، كەنتتىكىلەرنىڭ ئۆيلىرى، بازار، شۇنداقلا كەنت ئاھالىلىرى يىغىنى، مەدەنىيەت پائالىيەت ئۆيى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ تەشۋىقات سورۇنى بولۇپ قالغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «پۇقرالارنىڭ بۈگۈنكىدەك بەختلىك كۈنگە ئېرىشىشى كومپارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن بولدى. مېنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى تەشۋىقاتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن يۇرتداشلار بىلەن بىرلىكتە پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ بىزگە ياخشى تۇرمۇش ئېلىپ كەلگەنلىكىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشۇم ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ئىش.» 
  زىيارەت ئاخىرلىشىدىغان ۋاقىتتا، جېلىل شۇجى قانداقتۇر بىر ئويغا چۆمگەن ھالدا ماڭا مۇنداق دېدى: «كەنتىمىزدە 325 ئائىلىلىك، 1295 دېھقان، 1220 مو يەردە ياڭاقلىقىمىز بار. ئاپتونوم رايون ۋە ناھىيەنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ كۆپ قېتىم ئېكسكۇرسىيە - ئۆگىنىشتە بولدۇم، بېيجىڭغىمۇ باردىم. سىزچە ياڭاقتىن قانداق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارساق بىر قەدەر ياخشى بولار؟» ئۇ مېنىڭ بىرەر تەكلىپ بېرىشىمنى ئۈمىد قىلىۋاتقانىدى. 
  «مەن 1987 - يىلى خىزمەتكە قاتناشتىم، 1991 - يىلى شۇجى بولدۇم. يەنە تۆت - بەش يىلدىن كېيىن پېنسىيەگە چىقىمەن. مېنىڭ ئۈمىدىم ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلىمدە كەنتنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە يەتكۈزۈش!» بۇ − جېلىل شۇجىنىڭ ئارزۇسى ئىدى.
  
  مۇخبىرلىرىمىزنىڭ تەسىراتى

  نيۇ جىنەن
  
 
  بۇ قىسقىغىنا خاتىرىنى يېزىش ئۈچۈن قەلەم تەۋرىتىشكە باشلىغان مىنۇتلاردا گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلەلمەي قالدىم. گەپ يوق ئەمەس، بەلكى دەيدىغانلىرىم بەك كۆپ ئىدى. ئەگەر 2010 - يىلى باش كۈزدىكى ئاشۇ قېتىملىق جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ زىيارىتىمنى «ھەيران قېلىش» دېگەن سۆز بىلەن تەسۋىرلىسەم، ئۇنداقتا، بۇ قېتىم جەنۇبىي شىنجاڭدىكى خوتەننىڭ ئىككى كەنتىدە قىلغان زىيارىتىم ماڭا ئالدىنقى قېتىمقىدىنمۇ چوڭقۇر تەسىراتلارنى قالدۇردى، دېسەم بولىدۇ.
  مەن 2016 - يىلى 13 - ئاپرېلدا خوتەنگە يېتىپ بېرىپ، 24 - ئاپرېل ئايرىلغانغا قەدەر بولغان 12 كۈنلۈك زىيارەتتە خۇددى بىرەر مۇھىم ھالقىنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ قويۇشتىن ئەنسىرىگەندەك ئىنتايىن ئەستايىدىل بولدۇم. زىيارەتتىن قايتىپ كېلىپ، بىر بۆلەك - بىر بۆلەك ئۈن سۆزلىرىنى بىر بەتتىن - بىر بەتتىن خاتىرىلەپ، ئۇنى ئاخىر 7000 − 8000 خەتلىك ماقالە قىلىپ يېزىپ چىققىنىمدا، بۇ خاتىرىلەر بىلەن مېنىڭ خوتەندىكى ئىككى كەنتتە كۆرگەن ۋە ھېس قىلغانلىرىمنىڭ يەنىلا ئازدۇر - كۆپتۇر پەرقى بارلىقىنى ھېس قىلدىم. بۇنىڭغا زىيارەتنىڭ چوڭقۇرلۇق دەرىجىسى ۋە يېزىقچىلىق سەۋىيەمدىكى ئاجىزلىقتىن باشقا، بۇ يەرنىڭ تارىخىي ۋەزنى ۋە رېئاللىقىدىكى مۇرەككەپلىكى قاتارلىق ئامىللار سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن. ماڭا، شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، قىسقىغىنا 10 نەچچە كۈنلۈك زىيارەت ۋاقتى ئېنىقكى يەتمەيتتى. 
  بۇ يەردىكىلەر مەندە چوڭقۇر تەسىراتلارنى قالدۇردى، ئۇلاردىن ئايرىلىشقا كۆزۈم قىيمىدى. مېنىڭ خوتەنگە كەلگەن تۇنجى كۈنۈمدە ناھىيە ۋە يېزىدىكى كادىرلار ماڭا ئەھۋال تونۇشتۇرغاندا تۇنجى بولۇپ دېگىنى: بۇ يەرنىڭ قانچىلىك بىخەتەرلىكى، پۇقرالارنىڭ قانچىلىك ساددىلىقى بولدى. مەنچە ئۇلار مەندە بىرەر ئەنسىزلىك بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرىمىگەن، چۈنكى بۇ يەر ھەقىقەتەن ئۇلار تەرىپلىگەندەك ئىدى.  مەيلى قېرى، مەيلى ياش، مەيلى ئايال، مەيلى بالىلار، مەيلى ئۇيغۇر، مەيلى خەنزۇ، مەيلى خۇيزۇ بولسۇن، ئۇلارغا يېقىنلاشسىڭىز، قەلبىگە قۇلاق سالسىڭىز ئۇلارنى چۈشىنىسىز، ئۇلارغا تېخىمۇ ئىشىنىسىز.
  

  مۇخبىرلىرىمىزنىڭ تەسىراتى
  
  خەن دۇڭجۈن
  
    
  مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇ قېتىمقى جەنۇبىي شىنجاڭ سەپىرى بىر ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى بولدى. 
  ئالدى بىلەن مەن ۋەتىنىمىز زېمىنىنىڭ بىپايانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم. بۇ قېتىمقى سەپەر مېنىڭ 2 - قېتىم ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشۇم، شۇنداقلا تۇنجى قېتىم دۆلەت ئىچىدە ئايروپىلانلىق سەپەر قىلىشىم ئىدى. ئاسپىرانتلىقنىڭ 2 - يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا كورېيەگە «ئالماشتۇرۇلغان ئوقۇغۇچى» بولۇپ ماڭغان ۋاقتىمدا تۇنجى قېتىم ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ چىڭداۋدىن سېئولغا بارغانىدىم. بىپايان دېڭىزدىن ھالقىپ چەت ئەلگە بېرىش ئۈچۈن نەق ئىككى يېرىم سائەت ئۇچقانىدۇق. بۇ قېتىم گەرچە دۆلەت ئىچىدە بولسىمۇ، بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگە بولغان 2400 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىنى ئۈچ يېرىم سائەتتە بېسىپ ئۈرۈمچىدە توختىغاندىن كېيىن يەنە داۋاملىق خوتەنگە قاراپ ئۇچتۇق. بېيجىڭدىن ئۇچقاندىن كېيىن مەن سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكنى كۆردۇم، ئۈرۈمچىدىن ئۇچقاندىن كېيىن ئاپپاق قار بىلەن قاپلانغان تاغ تىزمىسىنى كۆردۈم... ھاياجانلانغىنىمدىن  iPadنى ئېلىپ، ئايروپىلان دېرىزىسىدىن ھەيۋەتلىك مەنزىرىلەرنى سۈرەتكە ئېلىۋالدىم. گۇما ناھىيەسىگە كېلىپ بىز زىيارەتنى باشلىغاندا ئاندىن بېيجىڭ بىلەن بولغان ئىككى سائەتلىك ۋاقىت پەرقىگە ئاستا - ئاستا كۆنۈشكە باشلىدىم. 
  ئىككىنچىسى، نەق مەيدان زىيارىتنىىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدىم. يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى بىز نۇرغۇن تەييارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەنىدۇق، بىراق بۇ يەرگە كېلىپ نەق مەيداندىكى كۆرگەن - بىلگەنلىرىمىزنى خاتىرىگە ئالغاندىن كېيىن، ئىلگىرىكى ئويلىغانلىرىمىز بىلەن ئەمەلىيەتنىڭ ئوخشاشمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇق. زىيارەت مەنزىلىگە بارغىنىمىزدا كەنت خىزمەت گۇرۇپپىسى ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىنى سۆزلەپ بەردى، ئائىلىلەرگە بېرىپ زىيارەت قىلىشىمىزغا ھەمراھ بولدى ھەمدە بىزگە تەرجىمان بولدى. چۈشلۈك ۋە كەچلىك تاماق ۋاقتىدا خىزمەت گۇرۇپپىسى يەنە بىزنى تاماققا تەكلىپ قىلىپ، كەڭ - كۇشادە پاراڭلىشىشىمىزغا ۋە كەنت ئاھالىلىرى بىلەن ئالاقە قىلىشىمىزغا ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بەردى. خىزمەت گۇرۇپپىسى مېنى جەلپ قىلدى ۋە ئىلھام ئاتا قىلدى. ئەلۋەتتە مېنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان ۋە ماڭا ئىلھام بەرگەنلەر ئىچىدە يەنە ئاشۇ ئاددىي - ساددا، ئاق كۆڭۈل دېھقانلارمۇ بار. ئۇلار ماڭا كىتابلاردا ھېس قىلالمايدىغان مېھىر - مۇھەببەتنى ھېس قىلدۇردى. 
     ئەڭ ئاخىرىدا مەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى رېئاللىقنى بىۋاسىتە كۆزىتىپ بىر قەدەر بىۋاسىتە تونۇشقا ئىگە بولدۇم. مەن مائارىپنىڭ مۇھىملىقىنى، بولۇپمۇ مىللىي تەركىب بىرلا خىلدا دېگۈدەك بولغان جەنۇبىي شىنجاڭدا «قوش تىل» مائارىپىنى پائال ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتىم. چۈنكى، تىل مەدەنىيەت ۋە بىلىم توشۇغۇچى، بىر ئادەمنىڭ تىل چېگراسى ئۇنىڭ ئىدىيەسى ۋە قارىشىنىڭ چېگراسىنى بەلگىلەيدۇ. توغرا، ساغلام ئىدىيەلىك ۋە ئەقىل - ئىدراكلىق مېڭە بولغاندىلا، بولمىغۇر ئىدىيە ۋە لوگىكا ھېچقاچان شەكىللەنمەيدۇ ۋە ئۆز - ئۆزىدىنلا بىتچىت بولىدۇ.
  
  «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2017 - يىللىق 3 - سانىدىن تاللاندى