شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگونىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلادلىرىغا بولغان سەمىمىي كۆيۈنۈشى ۋە غەمخورلۇقىدىن خاتىرىلەر

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 172   يوللانغان ۋاقتى: 2017-10-16 10:34:05

   

  سۈرەتتە: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو كېرىيە ناھىيەسىنىڭ شەنبەبازار بازىرى ئۇرۇق مەيدان كەنتىگە كېلىپ، قوشماقلاشقان تۇغقىنى توختىخان قۇربان ئائىلىسىنى يوقلىدى. لۇ مىنيى فوتوسى
  
  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگونىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلادلىرىغا بولغان سەمىمىي كۆيۈنۈشى ۋە غەمخورلۇقىدىن خاتىرىلەر
  
  بىرىنچى خاتىرە
  
  چېن چۈەنگو قۇربان تۇلۇمنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى يوقلىغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنى، ۋەتەننى، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەشتەك شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرايلى
  
  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو 2016 - يىلى 13 - ئۆكتەبىر چۈشتە ئۈرۈمچىدە رەئىس ماۋ زېدۇڭ ئىلگىرى ئىككى قېتىم قوبۇل قىلغان قۇربان تۇلۇمنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى يوقلىدى.
  50 نەچچە يىل ئىلگىرى قۇربان تۇلۇمنىڭ بېيجىڭغا بېرىپ رەئىس ماۋزېدۇڭ بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. 50 نەچچە يىلدىن بۇيان قۇربان تۇلۇمنىڭ تەسىرىدە، ئۇنىڭ ئۇرۇق - ئەۋلادلىرى باشتىن - ئاخىر پارتىيەنى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۆيۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشقا ھەسسە قوشۇپ كەلدى. يېقىندا چېن چۈەنگو قۇربان تۇلۇمنىڭ چوڭ قىزى، 87 ياشلىق توختىخان قۇرباننىڭ قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى دوختۇرخانىسىدا ئۆتكە چۈشكەن تاشنى ئېلىش ئوپېراتسىيەسىنى ھەقسىز قىلدۇرۇپ، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، قۇربان تۇلۇمنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، قۇربان تۇلۇمنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئەسلەپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق ھەققىدە سۆزلەشمەكچى بولدى.
  − ياخشى بولۇپ قالدىڭىزمۇ؟ ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالىڭىز قانداقراق؟ − كۆرۈشكەندە چېن چۈەنگو توختىخاننىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، سالامەتلىك ئەھۋالىنى سورىدى.
  توختىخان بايرامدىكىدەك رەتلىك كىيىنگەن، خاسلىققا ئىگە كۆڭلىكى تولىمۇ كۆركەم بولۇپ، ياغلىقىنىڭ ئۈستىگە قوندۇرۇۋالغان كېرىيە تەلپىكى خۇددى گۈلدەك ياراشقانىدى. ئۇ چېن چۈەنگوغا سالامەتلىكىنىڭ تېز ئەسلىگە كەلگەنلىكى، دوختۇرخانا خادىملىرىنىڭ ئۆزىگە بەك ياخشى قارىغانلىقىنى ھاياجانلانغان ھالدا ئېيتتى.
  چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن قۇربان تۇلۇمنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن ھال سورىدى، قۇربان تۇلۇمنى چوڭقۇر ياد ئېتىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا بولغان ئالىي ھۆرمىتىنى بىلدۈردى. چېن چۈەنگو چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: «قۇربان تۇلۇمنىڭ بېيجىڭغا بارغانلىقىنىڭ تىللاردا داستان بولۇۋاتقىنىغا يېرىم ئەسىردىن ئاشتى. شىنجاڭ تىنچ ئازاد بولغاندىن كېيىن، قەد كۆتۈرۈپ ئازادلىققا ئېرىشكەن قۇربان تۇلۇم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە بولغان چەكسىز مىننەتدارلىقىنى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتىنى بىلدۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى چەكسىز قەدىرلىدى. سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش داۋامىدا ئۇ پارتىيەگە بولغان چوڭقۇر مېھرىنى پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلايدىغان، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئەمگەك نەمۇنىچىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىسى بولدى. قۇربان تۇلۇم شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى.»
  چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، قۇربان تۇلۇمنىڭ شەرەپلىك ئىش ئىزلىرىغا يۈكسەك باھا بەردى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇق قىلىشىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنى، ۋەتەننى، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەش شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرۇش، جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. قۇربان تۇلۇمغا ئوخشاش مەڭگۈ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش كېرەك. كومپارتىيە بولمىسا، يېڭى جۇڭگومۇ بولمايتتى، سوتسىيالىستىك شىنجاڭ ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمۇ بولمايتتى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پارتىيەدىن مىننەتدار بولۇپ، پارتىيەگە سادىق بولۇپ، ئىدىيە، سىياسىي ۋە ھەرىكەت جەھەتتە يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سىياسەتلىرى، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ئورتاق ئېچىشى كېرەك. قۇربان تۇلۇمغا ئوخشاش ئۇلۇغ ۋەتەننى مەڭگۈ قىزغىن سۆيۈشى كېرەك. دۆلەت ياخشىلانسا، مىللەت ياخشىلىنىدۇ؛ ۋەتەن گۈللىنىپ قۇدرەت تاپسا، ھەر بىر ئائىلە، ھەر بىر شەخس تېخىمۇ بەختلىك، تېخىمۇ ئىززەت - ئابرۇيى بىلەن ياشايدۇ. بىز ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى چىن دىلىمىزدىن قىزغىن سۆيۈپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز، جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان تونۇشىمىزنى ئۈزۈكسىز كۈچەيتىشىمىز كېرەك. قۇربان تۇلۇمغا ئوخشاش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مەڭگۈ قوغدىشىمىز كېرەك. ئېلىمىز − بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، ھەر بىر مىللەت جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ باراۋەر ئەزاسى بولۇپ، ئۆزئارا ئارىلىشىپ كەتكەن، بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان جۇڭخۇا مىللىتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى قۇرۇپ چىقتى. بىز قېرىنداشلاردەك ئىتتىپاقلىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشىمىز، ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلىشىمىز؛ ئىناق قېرىنداشلاردەك بىر - بىرىمىزگە ياردەم بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ئورتاق قوغدىشىمىز كېرەك. قۇربان تۇلۇمغا ئوخشاش ئىككى قولىمىزغا تايىنىپ گۈزەل تۇرمۇشىمىزنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. نۆۋەتتىكى تېپىلغۇسىز ياخشى پۇرسەت، ياخشى سىياسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمگەكچان ئىككى قولىمىز، ئەقىل - پاراسىتىمىزگە تايىنىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىپ، كۈنىمىزنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، ھەممەيلەن خاتىرجەم ياشايدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.» 
  چېن چۈەنگو قۇربان تۇلۇمنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ بوۋاينىڭ ئالىيجاناب پەزىلىتى ۋە شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى تەۋەررۈك قىلىپ، ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ياخشى ئائىلە ئىستىلىنى ساقلاپ، جەمئىيەت ۋە خەلققە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
  چېن چۈەنگو شۇجى توختىخان بىلەن ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ئازادلىقتىن ئىلگىرىكى جاپالىق تۇرمۇشىنى ۋە يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىنكى بەختلىك كۈنلىرىنى بىرلىكتە ئەسلەپ ئۆتكەندە، توختىخان كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالدى. ئۇ: «كومپارتىيە بولمىغان بولسا، بىزنىڭ يېڭى تۇرمۇشىمىز بولمىغان بولاتتى، بىز ئائىلە بويىچە كومپارتىيەگە سەمىمىي رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز» دېدى. قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋرە قىزى، ئىلگىرى «لياۋنىڭ» ناملىق ئاۋىياماتكىدا ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىگەن رۇقىيە مەتسەيدى: «بىز بوۋىمىزنىڭ يولىدا مېڭىپ، پارتىيەنى، ۋەتەننى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قىزغىن سۆيىدىغان نەمۇنىچىلاردىن بولۇشقا تىرىشىمىز» دېدى.
  كۆرۈشۈشتىن كېيىن، توختىخان چېن چۈەنگوغا ئۇيغۇر دوپپىسى سوۋغا قىلىپ، رەھمىتىنى بىلدۈردى. چېن چۈەنگو قۇربان تۇلۇمنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
    قۇربان تۇلۇمنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى شاۋكەت ئىمىن، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ قوماندانى گۇەن يەنمى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ سىياسىي كومىسسارى ۋاڭ ئەيگو، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى دوختۇرخانىسىنىڭ مەسئۇللىرى، خوتەن ۋىلايىتى، كېرىيە ناھىيەسى، كېرىيە ناھىيە شەنبەبازار بازىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك يولداشلار يوقلاشقا قاتناشتى.
  
  ئىككىنچى خاتىرە
  
  چېن چۈەنگو كېرىيە ناھىيەسىدە قوشماقلاشقان تۇغقىنى توختىخان قۇرباننى يوقلىغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: تۇغقانلار ئىزدەشكەنسېرى مېھىر - مۇھەببىتى چوڭقۇرلىشىدۇ، دوستلار ئارىلاشقانسېرى تېخىمۇ يېقىنلىشىدۇ. ھەر مىللەت كادىر، ئاممىنىڭ رىشتىنى تېخىمۇ چىڭىتايلى
  
  87 ياشلىق توختىخان قۇربان شۇجى چېن چۈەنگونىڭ ئالدىنقى قېتىم ئۈرۈمچىدە ئۆزى بىلەن كۆرۈشكىنىگە بىر ئاي بولمايلا، ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى يوقلاپ كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيى ئاياغلىشىپلا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو 2016 - يىلى 11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسىنىڭ شەنبەبازار بازىرى ئۇرۇق مەيدان كەنتىگە كېلىپ، قوشماقلاشقان تۇغقىنى، رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ ئىككى قېتىم قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولغان قۇربان تۇلۇمنىڭ چوڭ قىزى توختىخان قۇرباننى يوقلىدى. 
  توختىخان قۇرباننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئەتىگەندىلا چىرايلىق كىيىنىپ، ئىشىك ئالدىغا چىقىپ چېن چۈەنگونى ساقلىدى. چېن چۈەنگو: «ياخشىمۇ سىلەر!» دېگىنىچە قەدىمىنى تېز ئېلىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. توختىخاننىڭ 11 ياشلىق ئەۋرىسى رەيھانگۈل چېن چۈەنگوغا سالام بېرىپ: «چېن بوۋا، ياخشىمۇ سىز! ئۆيىمىزگە كەلگەنلىكىڭىزنى قارشى ئالىمىز» دېدى راۋان خەنزۇ تىلىدا. چېن چۈەنگو رەيھانگۈلنى مېھرىبانلىق بىلەن باغرىغا باستى. 
  تۇغقانلار دىدارلىشىپ ئىنتايىن خۇش بولدى، توختىخان چېن چۈەنگونىڭ قولىدىن تۇتقىنىچە ھويلىغا باشلاپ كىردى. ھويلا دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ قۇربان تۇلۇمنى قوبۇل قىلغاندىكى چوڭ سۈرىتى بار ئىدى. چېن چۈەنگو مۇشۇ يەردە ئائىلە بويىچە سۈرەتكە چۈشۈۋېلىشنى ئېيتتى. ئۇ: «ھېلىلا <قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيى>نى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ كەلدىم، قۇربان تاغىنىڭ پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ۋەتەننى سۆيۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەيدىغان ئىش ئىزلىرى كىشىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدۇ، بۇ شانلىق ئەنئەنىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك» دېدى.  
  مېھمانخانا ئۆيدىكى سۇپا ئۈستىگە قويۇلغان ئۈستەلگە ساڭزا ۋە يەل - يېمىشلەر تىزىلغان، چاينىڭ خۇش ھىدى ئۆينى بىر ئالغانىدى. چېن چۈەنگو باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇپ، بىر ئائىلە تۆت ئەۋلاد كىشىلىرى بىلەن سەمىمىي، قىزغىن مۇڭداشتى. چېن چۈەنگو توختىخاننىڭ ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى سالامەتلىكىدىن ئىنتايىن ئەنسىرەپ كەلگەنىدى، ئۇ توختىخاندىن: «ياخشى بولۇپ قالدىڭىزمۇ؟» دەپ سورىدى. توختىخان تەسىرلىنىپ: «سالامەتلىكىم ئەسلىگە كېلىپ بولدى، كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت، سىزدەك چوڭ باشلىقنى مەندەك بىر يېزىلىق موماي بىلەن تۇغقان بولىدۇ دەپ ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، تۈنۈگۈن مېنى يوقلاپ كېلىدىغانلىقىڭىزنى ئاڭلاپ خۇشاللىقىمدىن ئۇخلىيالمىدىم» دېدى. چېن چۈەنگو كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ: «سىلەردەك شەرەپلىك ئائىلە كىشىلىرى بىلەن تۇغقان بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇش بولدۇم؛ قۇربان تاغىنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى، سوتسىيالىزمنى سۆيۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەيدىغان شانلىق ئەنئەنىسىگە بىرلىكتە ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى جارى قىلدۇرايلى» دېدى.
  چېن چۈەنگو رەيھانگۈلدىن مۇلايىملىق بىلەن: «مومىڭىزنىڭ ئۆيۈمگە بېرىپ مېھمان بولغانلىقىنى بىلەمسىز؟» دەپ سورىدى، رەيھانگۈل: «بىلىمەن، تېلېۋىزوردىنمۇ كۆردۈم، مومام قايتىپ كېلىپ بىزگە سۆزلەپ بەردى» دېدى. چېن چۈەنگو رەيھانگۈلنى ئۆيىگە مېھمان بولۇپ بېرىشقا تەكلىپ قىلىپ: «تەتىلدە ئۆيىمىزگە بېرىپ ئويناپ كېلىڭ، بولامدۇ؟» دېدى. رەيھانگۈل: «ماقۇل، چوقۇم بارىمەن» دېدى. چېن چۈەنگو رەيھانگۈلنى ياخشى ئوقۇپ، تىرىشىپ ياراملىق ئادەم بولۇپ، چوڭ بولغاندىن كېيىن سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى. چېن چۈەنگو رەيھانگۈلنىڭ بالىلار چۆچەكلىرىنى ئوقۇشقا ئىنتايىن ئامراقلىقىنى ئاڭلاپ، قايتىپ بارغاندىن كېيىن بالىلار چۆچىكى كىتابلىرىنى ئەۋەتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. 
  چېن چۈەنگو رەيھانگۈلدىن: «خەنزۇچىنى ياخشى سۆزلەيدىكەنسىز، بىزگە تەرجىمان بولۇپ بېرەمسىز؟» دەپ سورىدى، رەيھانگۈل تارتىنىپ تۇرۇپ بېشىنى لىڭشىتتى. توختىخان ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى، كىرىمى توغرىسىدا پاراڭلاشقاندا، رەيھانگۈل خېلىلا قاملاشتۇرۇپ تەرجىمە قىلىپ بەردى، بىر ئائىلە كىشىلىرى خۇشال - خۇرام مۇڭداشتى، توختىخان ھاياجان يېشىنى سۈرتكەچ چېن چۈەنگونى پات - پات كېلىپ تۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. چېن چۈەنگو: «چوقۇم كېلىپ تۇرىمەن، سىلەرمۇ ماڭا تېلېفون قىلىڭلار، ئۈرۈمچىگە بېرىپ تۇرۇڭلار، ئۇرۇق - تۇغقانلار ئىزدەشكەنسېرى مېھىر - مۇھەببىتى چوڭقۇرلىشىدۇ» دېدى.
  بىردەمدىلا چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولۇپ قالدى. توختىخان چېن چۈەنگونى تاماققا تەكلىپ قىلىپ: «ئۆتكەن قېتىم مېنى ئۈرۈمچىدە مېھمان قىلغىنىڭىزنى ئۆمۈربويى ئۇنتۇيالمايمەن، بۈگۈن سىزمۇ بىزنىڭ ئۆينىڭ تامىقىنى تېتىپ بېقىڭ» دېدى. مەززىلىك لەڭمەن، پولۇ، گۆش قاتارلىق تاماقلار ئۈستەلگە تىزىلدى، چېن چۈەنگو بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن بىرلىكتە تاماق يېگەچ پاراڭلاشتى. توختىخان قاچىسىدىكى قورۇمىنى پات - پات چېن چۈەنگونىڭ قاچىسىغا سېلىپ قويۇپ، ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلدا مىننەتدارلىقىنى ۋە ھاياجىنىنى ئىپادىلىدى، چېن چۈەنگو تاماقنى ئىشتىھا بىلەن يېدى. 
  تاماقتىن كېيىن چېن چۈەنگو مائاشىغا سېتىۋالغان تۇرمۇش بۇيۇملىرى بىلەن ھال سوراش پۇلىنى توختىخاننىڭ ئائىلىسىگە بېرىپ، توختىخانغا سالامەتلىك ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلىدى، سوتسىيالىستىك شىنجاڭنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى. توختىخان ئالدىنقى كۈنى ئالايىتەن بازارغا بېرىپ سېتىۋالغان دوپپىنى چېن چۈەنگوغا كىيدۈرۈپ، رەھمىتىنى بىلدۈردى. 
  خوشلىشىدىغان چاغدا رەيھانگۈل چېن چۈەنگوغا: «چېن بوۋا، سىزنى قۇچاقلاپ قوياي» دېدى، چېن چۈەنگو: «ماقۇل، مەنمۇ نەۋرەمنى يەنە بىر قېتىم باغرىمغا بېسىۋالاي» دېدى. بوۋىسى بىلەن نەۋرىسى مەڭزىنى مەڭزىگە ياقتى، شۇنىڭ بىلەن چېن چۈەنگو بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ رىشتى مەھكەم باغلاندى.
  توختىخان ئائىلىسىدىكىلەر چېن چۈەنگونى ئاپتوموبىلنىڭ يېنىغىچە ئۇزىتىپ چىقىپ، كۆزى قىيمىغان ھالدا قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ خوشلاشتى، يەنە كۆرۈشۈشكە ۋەدىلەشتى. 
  
  ئۈچىنچى خاتىرە
  
  چېن چۈەنگو قوشماقلاشقان تۇغقىنى توختىخاننىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى يوقلىغاندا مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: باش شۇجىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، تېخىمۇ گۈزەل ئەتىنى يارىتايلى
  
  چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو قوشماقلاشقان تۇغقىنى توختىخاننىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى ياد ئەتتى. 2017 - يىلى 1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چېن چۈەنگو ۋاقىت چىقىرىپ، خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسىنىڭ شەنبەبازار بازىرى ئۇرۇق مەيدان كەنتىگە قايتا كېلىپ، تۇغقىنى توختىخاننىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى يوقلاپ، يولداش شى جىنپىڭنىڭ بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى ۋە يۇرتداشلارغا ئەۋەتكەن سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى.
  «چېن بوۋا، ياخشىمۇسىز! سىزنى قارشى ئالىمىز!» توختىخاننىڭ 11 ياشلىق قىز ئەۋرىسى رەيھانگۈل چېن چۈەنگونى كۆرۈپلا ئۆزىنى ئۇنىڭ قۇچىقىغا ئاتتى. چېن چۈەنگو مېھرىبانلىق بىلەن رەيھانگۈلنى يېتىلەپ ئۆيگە كىردى. قەھرىتان قىش مەزگىلى بولغاچقا، چېن چۈەنگو ئالايىتەن ئالدىن تېلېفون بېرىپ، توختىخان ئائىلىسىدىكىلەرگە 90 ياشقا يېقىنلاپ قالغان توختىخاننىڭ دەرۋازىغا چىقىپ ئۆزىنى كۈتۈۋالماسلىقىنى قايتا - قايتا جېكىلىدى.
  يېڭى يىل كىرىشى بىلەن توختىخاننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋە پۈتۈن كەنتتىكىلەر چوڭ خۇشاللىقنى كۈتۈۋالغان بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ توختىخانغا جاۋاب خەت ئەۋەتكەنىدى. چوڭ خۇشاللىق ئىچىدە تۇرۇۋاتقان توختىخان چېن چۈەنگونى كۆرۈپ، ئۇنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ ھاياجانلانغان ھالدا: «باش شۇجىنىڭ ماڭا جاۋاب خەت ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم. باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتىنى كۆرۈپ سالامەتلىكىم تېخىمۇ ياخشىلىنىپ، تېتىكلىشىپ قالدىم. سىزنى كۆرمىگىلى ئىككى ئايدىن ئاشقاچقا، سىزنىمۇ بەك سېغىندىم» دېدى.
  «چاغان كېلىۋاتىدۇ، ھەرقانچە ئالدىراش بولساممۇ سىزنى يوقلاپ كەلمىسەم بولامدۇ.» چېن چۈەنگو توختىخاننى يۆلەپ ئۆيگە كىرگەچ ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى سورىدى. چېن چۈەنگو توختىخاننىڭ سالامەتلىكىنىڭ يېقىندىن بۇيان ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ بەك خۇش بولدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، توختىخان ئائىلىسىدىكىلەر چەكسىز ھۆرمىتى ۋە مىننەتدارلىق ھېسسىياتى بىلەن ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە يېزىلغان جاۋاب خەتنى رامكىغا ئېلىپ، مېھمانخانا ئۆينىڭ تېمىغا ئېسىپ، كۈندە كۆرۈپ، بىرنەچچە قېتىم ئوقۇپ چىقىدىغان بولدى. مېھمانخانا ئۆينىڭ تېمىغا رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ قۇربان تۇلۇمنى قوبۇل قىلغاندىكى سۈرىتى ئېسىلغانىدى. شىرەگە ناۋات، قۇرۇق يەل - يېمىش، قېتىق، ساڭزا قاتارلىق نېمەتلەر تىزىلغان بولۇپ، يېڭىدىن سېتىۋالغان ھاۋا تەڭشىگۈچتىن ئىسسىق شامال چىقىپ تۇراتتى.
  چېن چۈەنگو: «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن ئالدىراش ئەھۋالدىمۇ توختىخان ئانىغا جاۋاب خەت يازغانلىقى باش شۇجىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى باشتىن - ئاخىر ياد ئېتىپ تۇرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ، قۇربان تاغىنىڭ ئىش ئىزلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىك، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىدىن كۈتىدىغان سەمىمىي ئۈمىد» دېدى. چېن چۈەنگونىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن رەيھانگۈل بىلەن رۇقىيە باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتىنى ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە ئوقۇپ بەردى. چېن چۈەنگو بىلەن بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنى قايتىدىن ئوقۇپ، بەخت ۋە ئىللىقلىقنى ئورتاق ھېس قىلدى. 
  توختىخان خەتنى ئوقۇپ ھاياجىنىنى باسالماي كۆزىگە ياش ئېلىپ: «ھەر قېتىم باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتىنى كۆرسەم، باش شۇجىنى كۆرگەندەك بەك خۇشال بولۇپ كېتىمەن. ناۋادا باش شۇجى بىلەن كۆرۈشۈپ قالسىڭىز، ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ باش شۇجىغا بولغان ھۆرمىتىمىز بىلەن تىلەكلىرىمىزنى يەتكۈزۈپ قويۇڭ» دېدى. چېن چۈەنگو بۇ ئائىلىدىكىلەرنىڭ كۆڭلىنى باش شۇجىغا چوقۇم يەتكۈزۈپ قويۇشقا ماقۇل بولدى.
  توختىخان چېن چۈەنگوغا تۈنۈگۈنلا ئۆزىنىڭ كەنتتىكىلەر بىلەن بىرلىكتە «قۇربان تاغىنىڭ بېيجىڭغا بېرىشى» ناملىق فىلىمنى كۆرگەنلىكىنى سۆزلەپ بېرىپ: «ئاتامغا ئۆزۈمنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ بەختلىك ئۆتۈۋاتقانلىقىمنى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە كۈنلىرىمىزنىڭ كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى دېگۈم كېلىدۇ» دېدى.
  چېن چۈەنگومۇ توختىخانغا بىر خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈپ: ئاپتونوم رايون قۇربان تاغىنىڭ ئىش - پائالىيەتلىرىنى قايتىدىن قېزىپ رەتلەپ، تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئىشلەپ، قۇربان تاغىنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەشتەك شەرەپلىك ئىش - پائالىيەتلىرىنى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا يەتكۈزۈپ، شىنجاڭدا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد تارقاتماقچى، دېدى.
  «ئېھ! رەئىس ماۋ زېدۇڭ، سىزنى كېچە - كۈندۈز سېغىنىمىز...» ئاتىسى قۇربان تۇلۇم تىلغا ئېلىنغاندا، توختىخان ئىختىيارسىز ھالدا ئاتىسى ئەڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان «رەئىس ماۋ زېدۇڭنى كېچە - كۈندۈز سېغىنىمىز» دېگەن ئۇيغۇر خەلق ناخشىسىنى ئېيتتى. چېن چۈەنگو بۇ ئائىلىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە توختىخاننىڭ ناخشىسىغا جور بولۇپ چاۋاك چالدى. لەرزان ئاھاڭ، ئاددىي تېكىست، سەمىمىي ھېسسىيات قۇربان تاغىنىڭ پارتىيەگە، ۋەتەنگە، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىگە بولغان چەكسىز مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ بېرەتتى.
  چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ توختىخانغا يازغان جاۋاب خېتى قۇربان تۇلۇم ئائىلىسىدىكىلەر ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئەستە تۇتۇشقا ئەرزىيدىغان شەرەپلىك ئىش، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىغا بېرىلگەن غايەت زور ئىلھام. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باش شۇجىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ياخشى ئىتتىپاقلىشىپ، ياخشى خىزمەت قىلىپ، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە چوڭقۇر مۇھەببىتىگە جاۋاب قايتۇرۇشىمىز كېرەك.
  ئايرىلىش ئالدىدا چېن چۈەنگو يەنە رەيھانگۈلگە كومپيۇتېر ۋە چاغانلىق پۇل بېرىپ، ئۇنى ياخشى ئۆگىنىپ، ساغلام چوڭ بولۇپ، تىرىشىپ سوتسىيالىزمنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىسى ۋە ئىزباسارى بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى.
  ئۇرۇق - تۇغقانلار كۆرۈشكەندە ۋاقىت بەك تېز ئۆتۈپ كېتىدىكەن. توختىخان ئائىلىسىدىكىلەر چېن چۈەنگونى دەرۋازىغىچە ئۇزىتىپ چىقىپ، ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىغان ھالدا خوشلاشتى. چېن چۈەنگو توختىخان بىلەن كېلىشىپ، ئەتىيازدا گۈللەر ئېچىلغاندا ئۇنى ئۈرۈمچىگە تەكلىپ قىلىدىغان بولدى.
  
  تۆتىنچى خاتىرە
  قۇربان تۇلۇم تاغىنىڭ ئەۋرىسى رۇقىيە بىلەن رەيھانگۈل چېن چۈەنگونى يوقلىدى
  
  قۇربان تۇلۇم تاغىنىڭ ئەۋرىسى رۇقىيە بىلەن رەيھانگۈل يېقىندا تەكلىپكە بىنائەن بېيجىڭدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» بويىچە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشتى. ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەن ئۈرۈمچىدىن ئايروپىلان ئالمىشىپ خوتەنگە قايتىش ئارىلىقىدا چېن چۈەنگو بوۋىسىنى يوقلاشنى مەسلىھەتلەشتى. 2017  - يىلى 2 - ئاينىڭ 23  - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو خۇشال - خۇرام ھالدا ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەن بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
  «بوۋا، ياخشىمۇسىز، سىزنى بەك سېغىندۇق!» دېگىنىچە رەيھانگۈل ئاچىسى رۇقىيەنىڭ قولىدىن تۇتۇپ چېن چۈەنگونىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ باردى. چېن چۈەنگو خۇشاللىق بىلەن رەيھانگۈلنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ، ئۇلارغا كۆيۈنگەن ھالدا: «بېيجىڭدا كۆڭۈللۈك ئوينىدىڭلارمۇ؟ قايسى جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدىڭلار؟ بېيجىڭ سوغۇقمىكەن؟» دەپ سورىدى. «بېيجىڭ بەك ياخشى ئىكەن، ئانچە سوغۇق ئەمەس ئىكەن» دېدى ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەن جاۋاب بېرىپ. 
  ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەن چېن چۈەنگو بوۋىسى بىلەن ناھايىتى قىزغىن كۆرۈشتى. چېن چۈەنگو ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەننىڭ قولىدىن تۇتۇپ كىرېسلودا ئولتۇردى. رۇقىيە بىلەن رەيھانگۈل ئۆزلىرىنىڭ بېيجىڭ سەپىرىنى ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي تونۇشتۇرۇپ: «بىز تيەنئەنمېن، رەئىس ماۋ زېدۇڭ خاتىرە سارىيى، دۆلەت مۇزېيى، سەددىچىن سېپىلىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇق. سەددىچىن سېپىلى بەك ھەيۋەتلىك ئىكەن، بىز توختىماي مېڭىپ، سېپىلنىڭ چوققىسىغىچە چىقتۇق. بىز ئاپتوموبىل بىلەن شىنخۇامېندىن ئۆتكەندە، ئەينى چاغدا قۇربان بوۋامنىڭ ئاشۇ جايدا رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلىپ ناھايىتى ھاياجانلاندۇق، پەخىرلەندۇق؛ شى جىنپىڭ بوۋامنىڭمۇ شۇ يەردە ئىش بېجىرىدىغانلىقىنى بىلىپ ناھايىتى يېقىنلىق ھېس قىلدۇق. بۇ بىرقانچە كۈندە ئالەمچە بەختكە چۆمدۇق» دېيىشتى.
  چېن چۈەنگو كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەننىڭ كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلىدى، ئارىلاپ سۆز قىستۇرۇپ، ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: «ئىككىڭلار مېنى كۆرگىلى كېلىپ، بېيجىڭدىكى بەختلىك تۇيغۇلىرىڭلارنى ئاۋۋال مەن بىلەن ئورتاقلىشىپ، بەكلا خۇشال قىلدىڭلار. موماڭلار ياشىنىپ قالدى، بېيجىڭغا بارالمايدۇ. سىلەر بۇ قېتىم بېيجىڭغا بېرىپ كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىڭلارنى، ھېس قىلغانلىرىڭلارنى موماڭلارغا سۆزلەپ بېرىڭلار؛ كەنتتىكىلەرگە ۋە خىزمەتداشلىرىڭلارغا، ساۋاقداشلىرىڭلارغا سۆزلەپ بېرىپ، بەخت ۋە خۇشاللىقتىن كۆپچىلىك بىلەن ئورتاق بەھرىلىنىپ، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ئورتاق ھېس قىلىڭلار.»
  رۇقىيە چېن چۈەنگو بوۋىسىغا مۇنداق دېدى: «بىز يەنە تيەنئەنمېن مەيدانىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشتۇق، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنىڭ ئاستا - ئاستا چىقىرىلغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزۈمنىڭ <لياۋنىڭ> ناملىق ئاۋىياماتكىدا ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن كۈنلىرىمنى ئەسلەپ، جۇڭگولۇق بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن پەخىرلەندىم.» چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: «ۋەتەن قۇدرەت تاپقاندىلا، بىز جۇڭگولۇقلار شاد - خۇراملىققا چۆمىمىز، بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشەلەيمىز. سىلەرنىڭ بوۋاڭلار قۇربان تۇلۇم تاغا بۇ نۇقتىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن، شۇڭا ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى چەكسىز قىزغىن سۆيۈپ، ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى چەكسىز قەدىرلىگەن. يېقىندا باش شۇجى شى جىنپىڭ سىلەرنىڭ ئائىلىدىكىلەرگە ئۆز قولى بىلەن جاۋاب خەت يېزىپ سەمىمىي ئارزۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، سىلەردەك شەرەپلىك ئائىلىنىڭ چەكسىز شان - شەرىپى. سىلەرنىڭ باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قۇربان تۇلۇم تاغىنىڭ روھىنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنى، ۋەتەننى، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەش شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشقا پائال كۈچ قوشۇپ، باش شۇجىنىڭ ئالاھىدە غەمخورلۇقى ۋە مۇھەببىتىگە ئەمەلىي ھەرىكىتىڭلار ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.» 
  رەيھانگۈل تەسىرلەنگەن ھالدا چېن چۈەنگوغا: «مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئېكسكۇرسىيەدە بولغاندا <شى جىنپىڭ جاۋاب خەت يېزىپ، قۇربان تۇلۇم تاغىنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئىلھاملاندۇردى> ناملىق خەۋەرنى ئاڭلاتقان دىكتور كاڭ خۇينى كۆردۈم. چوڭ بولغاندا مۇخبىر بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن» دېدى. چېن چۈەنگو ئۇنى ئىلھاملاندۇرۇپ: «ياخشى ئۆگىنىپ، ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، غايىڭىزنى بالدۇرراق ئەمەلگە ئاشۇرۇڭ» دېدى. چېن چۈەنگو يەنە رەيھانگۈلگە ئۇ ياقتۇرىدىغان بىر قانچە كىتابنى بېرىپ، ئۇنى كۆپرەك كىتاب ئوقۇش، كىتابنى ياخشى ئوقۇش، كىتابتىن ئوزۇق ئېلىپ، بىلىمىنى بېيىتىشقا ئىلھاملاندۇردى.
  چېن چۈەنگو رۇقىيەگە «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنى ھەدىيە قىلدى، ئۇنىڭ تەشۋىقات كادىرى بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنى ياخشى ئۆگىنىشىنى، ياخشى تەشۋىق قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى. چېن چۈەنگو يەنە ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەننىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، ئۇلارنىڭ خاتىرە قىلىپ ساقلىشى ئۈچۈن ئۇلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدى ۋە تىلىكىنى كىتابنىڭ تىتۇلىغا يېزىپ بەردى.
  يولغا چىقىش ئالدىدا چېن چۈەنگو رۇقىيە ۋە رەيھانگۈل ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەننىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ھەم يۇرتداشلارغا بولغان سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشىنى ئېيتتى؛ ئۇلارنىڭ مومىسى توختىخاننىڭ تېنىنىڭ سالامەت، ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
  
  «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2017 - يىللىق 3 - سانىدىن تاللاندى 
1