باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرەيلى

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 187   يوللانغان ۋاقتى: 2017-10-16 10:19:21

 باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرەيلى

  
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى                       شۆھرەت زاكىر
  
  12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - يىغىنى مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىگە ئالايىتەن كېلىپ ۋەكىللەرنى يوقلاپ، قاراپ چىقىشقا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ ئىدىيەسى چوڭقۇر، مەزمۇنى مول. يۇقىرى قاتلامدىن سۆزلەنگەن بۇ مۇھىم سۆز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى سىستېمىلىق پىلانى ۋە چوڭقۇر تەپەككۇرىنىڭ مەركەزلىك ئەكس ئەتكۈزۈلۈشى؛ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقىنىڭ تولۇق نامايان قىلىنىشى؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنىڭ شىنجاڭ زېمىنىدىكى جانلىق ئەمەلىيىتىنىڭ جەۋھىرى؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ تېخىمۇ بېيىتىلىشى، تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى ۋە تاكامۇللاشتۇرۇلۇشى بولۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم نەزەرىيە يېتەكچىسى ۋە تۈپ مىزانىدۇر.
  بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ مول مەزمۇنى ۋە چوڭقۇر ئەھمىيىتىنى ئەستايىدىل، ئەينەن، قايتا - قايتا ئۆگىنىپ ۋە چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي، قىلچە چەتنىمەي ئىزچىللاشتۇرساق، ئەمەلىيلەشتۈرسەك، تونۇشىمىز ۋە ھەرىكىتىمىزنى ئاندىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرەلەيمىز؛ ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىدىيەسى ۋە ھەرىكىتىگە كاپالەتلىك قىلالايمىز؛ ھەر قاچان، ھەر قانداق ئەھۋالدا توغرا يۆنىلىشتىن قىلچە چەتنىمەي، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە سەمىمىي ئارزۇسىنى ھەقىقىي غايەت زور مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرالايمىز ھەم شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى قەدەم ئېلىپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتالايمىز.
  بىرىنچىدىن، ئۆگىنىشنى «پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش»تا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ: شىنجاڭ «ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇھىم بىخەتەرلىك توسۇقى، ئۇنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ئالاھىدە، دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىسى ئالاھىدە. شۇڭا، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور» دەپ كۆرسەتتى. بۇ «ئالاھىدە»لەر شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئورنىنى چۈشەندۈرۈپلا قالماستىن، يەنە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى. 60 نەچچە يىلدىن بۇيان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىدىغان داغدام يولدا مېڭىپ، شىنجاڭ تارىخىدا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان ئۇلۇغ نەتىجىلەرنى ياراتتى.
  پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك، مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىپ مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى؛ 2014 - يىلى 4 - ئايدا شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى؛ 2014 - يىلى 5 - ئايدا مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، «شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق - مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش»تىن ئىبارەت مەركەزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى بېكىتتى؛ بىر يۈرۈش ئالاھىدە سىياسەت ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنى ھەر ۋاقىت ئەستىن چىقارماي، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ غېمىنى يېدى، خىزمىتى شۇنچە ئالدىراش بولسىمۇ، يەنىلا لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ شىڭپىڭ يېزىسى داشى كەنتىدىكى بارلىق ئاممىغا ھەم قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سەمىمىي ۋە تەسىرلىك جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، بىر چوڭ دۆلەت داھىيسىنىڭ ئالىيجاناب ئىستىلى ۋە ئەل - يۇرتقا بولغان چۇڭقۇر مۇھەببىتىنى نامايان قىلدى.
  تارىخ «پارتىيەمىزنىڭ ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ مەنپەئەتىدىن باشقا، ئۆزىنىڭ ئالاھىدە مەنپەئەتى يوقلۇقى»نى قايتا - قايتا ئىسپاتلاپ بەردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىغان بولسا، جۇڭگو خەلقى ئۆزىگە ئۆزى غوجا بولالمىغان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى بولمىغان، شىنجاڭدا ھازىرقىدەك گۈللەپ - ياشنىغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەت بولمىغان، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاق، باراۋەر، ئازادە، كۆڭۈللۈك ياشايدىغان بەختىيار تۇرمۇشى بولمىغان بولاتتى. بۇرۇنقى بىلەن ھازىرقىنى سېلىشتۇرساق، بىز پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى چىن دىلىمىزدىن ھېس قىلىپ، پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىشىمىز؛ باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن چىن قەلبداش بولۇشىمىز؛ قەتئىي تەۋرەنمەي، چەكسىز سادىق بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، تىرىشىپ ئىناق - ئىتتىپاق، باي - باياشات، مەدەنىي - تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.
  ئىككىنچىدىن، ئۆگىنىشنى «شەرەپ بىلەن نومۇسنى بىلىشكە، گۈللىنىش ياكى خارابلىشىشقا يۈزلىنىشكە باغلاپ» ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ: شىنجاڭ ھازىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيىتى قۇترىغان، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى كەسكىنلەشكەن، قول سېلىپ <كېسەل ئاسارىتى>نى تۈگىتىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ» دەپ كۆرسەتتى. بۇ بىزنىڭ ۋەزىيەتنى ئەتراپلىق تونۇپ، مېڭىنى سەگەك تۇتۇپ، خەۋپ - خەتەر ئېڭى، كىرىزىس ئېڭىنى كۈچەيتىشىمىزنى، خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە تەخىرسىزلىك ئېڭىنى كۈچەيتىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. بىز «دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە خارابلىشىشىدا ھەر بىر پۇقرانىڭ مەسئۇلىيىتى بار، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق خەلقنى بالايىئاپەتكە ئۇچرىتىدۇ» دەيدىغان ھەقىقەتنى باشتىن - ئاخىر ئېسىمىزدە چىڭ ساقلىشىمىز كېرەك. شىنجاڭ نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز تېررىتورىيەسىدە بولۇپ كەلگەن، ھەرقايسى مىللەتلەر ئەۋلادمۇ ئەۋلاد چېگرا رايوندا ئورتاق يىلتىز تارتىپ، بىر - بىرىنىڭ ئىزىنى بېسىپ، بۇ مۇنبەت زېمىندىن ئايرىلمىغان، ۋاز كەچمىگەن. ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تارىخىي ئەنئەنىسى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ھەر بىر شىنجاڭلىقنىڭ ئاڭلىق مەسئۇلىيىتى. بىز «ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باش نىشاننى باشتىن - ئاخىر يېتەكچى قىلىپ، باش نىشاننى ئومۇمىي پىروگرامما، يادرولۇق ۋەزىپە، كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى باش نىشاننى چۆرىدەپ پىلانلىشىمىز، ئىلگىرى سۈرۈشىمىز؛ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق - مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، بارلىق خىزمەتلەردە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا بويسۇنۇشىمىز؛ مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يىراق كەلگۈسىنى پىلانلاپ، ئاساسنى پۇختىلاپ، ئەبەدىي ئەمىنلىك ۋە خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان ۋەزىيەت يارىتىشىمىز؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئوتتۇرىغا قويغان ئىجتىمائىي مۇقىملىق خىزمىتى توغرىسىدىكى «ئالتىنى ياخشى تۇتۇش»، «بەشنى ياخشى باشقۇرۇش»، «تۆتتە ئومۇميۈزلۈك قاپلاش»نى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز؛ قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش، تەرتىپكە سېلىش، چۆچۈتۈش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، «قالدۇق كۈچلەرنى قېزىپ چىقىش، ئېشىۋاتقان كۈچلەرنى ئاجىزلىتىش، مەنبەدىن تەلتۆكۈس يوقىتىش»نى داۋاملاشتۇرۇپ، زوراۋان - تېررورچىلارغا تېز ئىنكاس قايتۇرۇپ، كەسكىن زەربە بېرىپ، يىلتىزىدىن قۇرۇتۇپ، بىر ئوچۇم زوراۋان - تېررورچىلارنى شەپىنى ئاڭلىسىلا يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كېتىدىغان، دەككە - دۈككىدە يۈرىدىغان ھالەتكە چۈشۈرۈشىمىز كېرەك.
  ئۇيغۇر مىللىتى جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ شەرەپلىك بىر ئەزاسى. ئۇيغۇرلار تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا ھەرقايسى مىللەتلەر بىلەن بىرلىكتە ۋەتەننىڭ بىرلىكى، زېمىن پۈتۈنلۈكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشقا باشتىن - ئاخىر مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە سىياسىتىنىڭ پارلاق نۇرىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك ھوقۇق - مەنپەئەتى ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەت قېرىنداشلارغا ئوخشاش تولۇق قوغدىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى؛ مۇنەۋۋەر مىللىي مەدەنىيەتكە ياخشى ۋارىسلىق قىلىنىپ، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار تاللاپ ئىشقا قويۇلدى؛ ھەرقايسى سەپ، ھەرقايسى ساھەلەردە بىر تۈركۈم ۋەكىل خاراكتېرلىك كىشىلەر بارلىققا كېلىپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدا شۆھرەت قازىنىپ، ۋەتەنگە شەرەپ كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق پەخرىگە ئايلاندى.
  ئەمما، مۇشۇنداق ئاددىي - ساددا، ئاق كۆڭۈل، ئىناق - ئىتتىپاق، ئەمگەكنى قەدىرلەيدىغان، تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدىغان، مۇنەۋۋەر ئەنئەنىگە ئىگە مىللەت يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىدى. «ئۈچ خىل كۈچ» باي - باياشات، ئىناق - مۇقىم بولغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى كۆرۈشنى خالىماي، ۋەتەننى پارچىلاش، شىنجاڭدا قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنۇشتەك جاھىل نىيىتىدىن يانماي، تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى سىڭدۈرۈپ، تاشقى دۇنياغا بولغان چۈشەنچىسى چوڭقۇر بولمىغان ياشلارنىڭ قارىغۇلارچە ئەگىشىشىگە، ھەتتا زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلمىشى بىلەن شۇغۇللىنىشتەك تۇيۇق يولغا مېڭىشىغا قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي سۇيىقەستىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇردى. بولۇپمۇ بىر ئوچۇم زوراۋان - تېررورچىلار غالجىرلىشىپ، ئىنسانىيلىقىنى يوقىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى پەيدا قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان سېلىپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىققا ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىپ، ئۇيغۇر ئاممىنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىگە ئېغىر ھاقارەت كەلتۈردى. ئۇلارنىڭ جىنايىتىنى يېزىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، بۇ كەچۈرگۈسىز جىنايەت، ئۇلار پۈتكۈل جەمئىيەت، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. ئۇيغۇر قېرىنداشلار ئويغىنايلى، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىسكەنجىگە ئېلىۋېلىشى، زوراۋان - تېررورچىلارنىڭ رەزىل قىلمىشى ئالدىدا «بۇنىڭ مەن بىلەن ئالاقىسى يوق» دەپ سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىش، بىپەرۋالىق بىلەن چەتتە قاراپ تۇرۇش ھەم تار، يىراقنى كۆرەلمەيدىغان ئاتالمىش «مىللىي مۇرەككەپ ئىدىيەۋى ھالەت»نىڭ ھەممىسى جىنايەتچىلەرنى قانات ئاستىغا ئالغانلىق، ئۇلارغا يول قويغانلىق ۋە ئۇلارنىڭ كۈچىيىشىگە ياردەم بەرگەنلىك. بىز جەزمەن قىلچە ئىككىلەنمەي ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىشىمىز؛ بايرىقىمىز روشەن ھالدا بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، بىر ئوچۇم بۆلگۈنچى، ئەسەبىي كۈچلەر، زوراۋان - تېررورچىلارنى تەلتۆكۈس تارمار قىلىشىمىز؛ ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، ئاسان قولغا كەلمىگەن بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك.
  ئۈچىنچىدىن، ئۆگىنىشنى «تەرەققىياتنى كۆزلەش، يېڭى تەرەققىيات»تا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەركەز، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش؛ ئالاھىدە، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى زور كۈچ بىلەن قوغداپ، «ئۈچ يۇقىرى» تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قەتئىي چەكلەپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاسمىنى كۆك، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مەركەزلىك نامايان قىلىپ بەردى، شۇنداقلا بۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتىغا قويغان كونكرېت تەلىپى بولۇپ، بىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىشىمىز، ئۇنى ئىگىلەپ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىمىزنى ھەرىكەت قىبلىنەماسى بىلەن تەمىنلىدى.
  ئەبەدىي ئەمىنلىكنى يۈكسەلدۈرۈشنى كۆزلەش ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ مۇھىم مەنبەسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ قۇدرەتلىك ئىتتىرىش كۈچى، شۇنداقلا خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ تۈپ كاپالىتى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قويغان ۋەزىپە تەلىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە ياخشى تاماملاشنىڭ ئاچقۇچى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئىپادىلىنىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، يېڭىلىق يارىتىش، ماس بولۇش، يېشىل بولۇش، ئوچۇق بولۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدا ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇش؛ تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئاساسلىق لىنىيەنى چىڭ تۇتۇش؛ «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش»نى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تۈگىتىپ، «مۇردا كارخانا»لارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش؛ ئۆي - زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش؛ پۇل مۇئامىلە خەۋپىنىڭ ئالدىنى قەتئىي ئېلىش؛ كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ كارخانىلارنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. 1 - كەسىپنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، 2 - كەسىپتە مۇھىم نۇقتىلارنى چىڭ تۇتۇش، 3 - كەسىپنى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئالاھىدە ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈپ زورايتىش، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا كۈچەش كېرەك. ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرى قۇرۇلۇشىنى «باشلامچى» قىلىپ، تۇراقلىق مۈلۈككە 1 تىرىليون 500 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىش ۋەزىپىسىنى تاماملاش، بوغما ھالەتتىن بۆسۈپ چىقىش، ئاساسنى پۇختىلاش، زاپاس كۈچنى ئاشۇرۇشقا كۈچ چىقىرىش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول» دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە پائال قاتنىشىپ، «بەش چوڭ مەركەز» قۇرۇلۇشىنى تۇتقا قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. «مۇھىتنى ئاسرىغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قوغدىغانلىق، ياخشى ئېكولوگىيە بايلىقىمىزدۇر» دەيدىغان ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «ئۈچ يۇقىرى» تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى چەكلەش؛ ئېكولوگىيەنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بۇلغىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش سالمىقىنى زورايتىش، ئاسمىنى كۆك، يەرلىرى يېشىل، سۇلىرى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. 
  تۆتىنچىدىن، ئۆگىنىشنى «ئىتتىپاقلىقنى تەكىتلەش، ئىناقلىق بەرپا قىلىش»تا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەملىكىتىمىز بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخى ھەر مىللەت ئىتتىپاقلىشىپ ئۇيۇشقان، ئورتاق ئىلگىرىلىگەن تارىختۇر. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىشىدىكى ئۇل تاش، شۇنداقلا 1 مىليارد 300 مىليون جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورتاق ئىرادىسى. شىنجاڭدەك كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولغان مۇشۇنداق يىراق چېگرا رايونغا نىسبەتەن بىز چوقۇم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «تۆتنى كۈچەيتىش» (مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ئارمىيە بىلەن ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ساقچى بىلەن ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت پولاتتەك سېپىلىنى مۇستەھكەملەش)، «بەشنى تونۇش» (پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈش، ھەر مىللەت ئاممىنى ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە، جۇڭخۇا مىللىتىگە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەش)، «ئۈچ ئوخشاش» (مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغانغا ئوخشاش ئاسراش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمىزنى قوغدىغانغا ئوخشاش قوغداش، ئانارنىڭ دانىسىغا ئوخشاش زىچ ئۇيۇشۇش) مۇھىم كۆرسەتمىسىنى ھەر ۋاقىت يادىمىزدا چىڭ ساقلىشىمىز؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «بىر جان تومۇر»نى ئىزچىللاشتۇرۇش تەلىپىگە ئاساسەن، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنى ئىزچىل قانات يايدۇرۇشىمىز؛ «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش»نىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز، «قوش تىل» تەربىيەسىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئۆزئارا سىڭىشىش شەكلىدە تەرەققىي قىلىدىغان ئىجتىمائىي قۇرۇلمىنى ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز؛ مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشىغا پايدىلىق مەدەنىيەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىشقا، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئورتاق ئىشلەپچىقىرىشى، ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرۈشى، ئورتاق خىزمەت قىلىشى ۋە ئورتاق ئۆگىنىشىگە پايدىلىق مۇھىت يارىتىشىمىز؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈندىلىك تۇرمۇش، خىزمەت ۋە ئۆگىنىشىمىزدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەكتەپ تەربىيەسى، ئائىلە تەربىيەسى، جەمئىيەت تەربىيەسىدىكى ھەرقايسى ھالقا، تەرەپلەردە ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز؛ مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، ھۆرمەت قىلىشى، كەڭ قورساق بولۇشى، ھۇزۇرلىنىشى، ئۆگىنىشى، ياردەم بېرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» قويۇق كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈشىمىز ھەم ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ ئۈزۈكسىز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.
    مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشى قوغدىغانلىق ۋە تەرەققىي قىلدۇرغانلىق − پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ھەم مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرغانلىق، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشىنى كۈچەيتكەنلىك، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ بىرىكمە كۈچىنى ئۈزۈكسىز مۇستەھكەملىگەنلىك ۋە راۋاجلاندۇرغانلىق، مىللەتلەرنىڭ بىردەك باراۋەرلىكىدە چىڭ تۇرغانلىقتۇر. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، پارتىيەمىز مىللەتلەرنىڭ بىردەك باراۋەر بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، مىللىي زۇلۇم، مىللىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى يولغا قويدى. بۇ، پارتىيەمىزنىڭ مىللەتلەر مەسىلىسىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشتىكى تۈپ سىياسىتى ۋە دۆلەتنىڭ بىر تۈرلۈك ئاساسىي سىياسىي تۈزۈمى، شۇنداقلا پارتىيەمىز مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ يادروسى. شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىش كېرەككى، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانداقتۇر مەلۇم مىللەت ئۆز ئالدىغا بەھرىمەن بولىدىغان ئاپتونومىيە ئەمەس، شۇنداقلا مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەلىك جايلار مەلۇم مىللەتكە خاس جايمۇ ئەمەس. بۇ زېمىندا ياشاپ كەلگەن ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما تۈرلۈك ھوقۇقلاردىن باراۋەر بەھرىمەن بولۇپ، مەجبۇرىيىتىنى باراۋەر ئادا قىلىپ، جەمئىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا باراۋەر قاتنىشىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەتلىرىگە باراۋەر قاتناشتۇرغاندىلا، ئاندىن ھەقىقىي مەنىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىشقا ئاشىدۇ. شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىش كېرەككى، مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىنسانىيەت تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىشى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ قانۇنىيىتى. مىللەتلەر زامانىۋى بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا زامانىۋىلىشىشقا قەدەم قويۇپ، زامانىۋى مىللەتلەر قاتارىدىن تەدرىجىي ئورۇن ئېلىش ئۈچۈن ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىپ، ئۆزئارا ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش ۋە ئارىلىشىشنى كۈچەيتىشى، ئورتاق تەرەققىي قىلىپ، ھەقىقىي ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇشى كېرەك. شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىش كېرەككى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ سۇبيېكتى باشتىن - ئاخىر ھەر مىللەت ئاممىسى بولىدۇ، ھەممەيلەن شىنجاڭنىڭ ئۇزاق كەلگۈسى تەرەققىياتىنى چىقىش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى كۆزدە تۇتۇشى؛ «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ياخشى ئىش ۋە ئەمەلىي ئىشنى باشلامچىلىق بىلەن قىلىشى؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان خاتا سۆز - ھەرىكەتلەرگە باشلامچىلىق بىلەن قارشى تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان ۋە بىرلىكتە گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىدىغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى، ئىناق، مۇقىم بولغان ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋەزىيەتنى ھەسسىلەپ قەدىرلىشى؛ ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان ۋە مۇستەھكەملەيدىغان نەمۇنىچىلاردىن بولۇپ، مىللەتلەر بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان، بىرلىكتە گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىدىغان ۋەزىيەتنى ئۈزۈكسىز مۇستەھكەملىشى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك.
  بەشىنچىدىن، ئۆگىنىشنى «خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، ئەل رايىنى مۇجەسسەملەش»تە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلدى: شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئەمىن تاپتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن چىقىش قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايدىغان تۈرلەرنى كۆپرەك يولغا قويۇش؛ خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك بېجىرىپ، ھەر مىللەت ئامما ئەندىشە قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى كۆپرەك ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە باش شۇجى شى جىنپىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدا مۇنداق كۆرسەتتى: «نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ئاساسىي جەڭگاھىغا ئايلاندۇرۇپ، يېزىلاردا ئەمىن تاپتۇرۇش ۋە كۆچمەن چارۋىچىلارنى ماكانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، شەھەر - بازارلارنىڭ كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى ياخشى يولغا قويۇش؛ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە چېگرا رايونلىرىنىڭ ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشكە تىرىشىش كېرەك.» باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا بولغان چوڭقۇر غەمخورلۇقنى نامايان قىلدى. شىنجاڭ ئېلىمىزنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ئاساسىي بازىسى، شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ئاساسىي جەڭگاھى. بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىزنىڭ چىڭ ۋەزىپىمىز. شىنجاڭدا خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش - قىلماسلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە، ئەل رايىغا، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرۇشقا بېرىپ تاقىلىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا ھەرقاچان كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇردى، بولۇپمۇ ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم «توققۇز تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى»نى باشلىدى ۋە يولغا قويدى، يېزىلاردىكى «مەجبۇرىيەت ئەمگىكى» ۋە «بەش بىر تۇتاش»نى ئومۇميۈزلۈك بىكار قىلدى، شۇ دەرىجىلىك مالىيەدىن خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ئاجرىتىلغان چىقىم %74.7نى ئىگىلىدى، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنىڭ ئۈچ يىللىق ھەقسىز مائارىپىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشىنى ئەمەلىيلەشتۈردى، ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرتۈش قاتارلىقلارنى يولغا قويدى، يۇقىرىقىدەك خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش خىزمىتىنىڭ سالمىقى، ئۈنۈمى مىسلىسىز بولدى.
  بىز بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇشىمىز، كۈچ چىقىرىپ، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىمىز؛ ھەر خىل چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى تەدرىجىي ھەل قىلىپ، كىشىلەر قەلبىنى ئەڭ زور چەكتە مايىل قىلىشىمىز كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، تېررورلۇققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، نوپۇسنى توغرا پەرقلەندۈرۈش ۋە مۇلازىمەت قىلىپ باشقۇرۇش، تېرىلغۇ يەردىن ئەڭ زور چەكتە پايدىلىنىش، پۈتكۈل جەمئىيەت مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى، يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش ھەم شىنجاڭنى ئېلېكتىرلەشتۈرۈش، گازلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، مەركەزنىڭ شىنجاڭنى، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق بىر قاتار ئاساس سالىدىغان، كەلگۈسىگە پايدىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلىشىمىز كېرەك.
  ئالتىنچىدىن، ئۆگىنىشنى «ئىستىلنى ياخشىلاش، ئاساسنى پۇختىلاش»تا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ: شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە سىياسىي جەھەتتە، ئىقتىدار جەھەتتە، ئىستىل جەھەتتە جەزمەن كۈچلۈك يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇپ چىقىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ھازىر شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتىدىكى ئىككى «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كېتىش» ۋەزىيىتى ئۈزۈل - كېسىل ئۆزگەرمىدى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكلىكى، ئۆتكۈرلۈكى ۋە ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادنى سىجىل، مۇقىم، ساغلام يۈكسەلدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋەزىيىتىدىكى ۋەزىپىلەر ھەر مىللەت كادىرلىرىنى سىنىماقتا. ۋەزىپە قانچىكى ئېغىرلاشقانسېرى، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇتلەق نوپۇزىنى شۇنچە قوغدىشىمىز؛ ئىدىيەدە جەزمەن يادرونى تونۇپ، سىياسىيدا يادرونى قوغداپ، تەشكىلىي جەھەتتە يادروغا بويسۇنۇپ، ھەرىكەتتە يادروغا ئەگىشىپ، يادرونى قەتئىي قوغداش، يادروغا سەمىمىي - سادىق بولۇشنى شۇنچە قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك؛ ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، بارلىق ھەرىكىتىمىزدە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قوماندانلىقى ۋە بۇيرۇقىغا شۇنچە بويسۇنۇشىمىز كېرەك؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى سىياسىي ئىنتىزامنى چىڭىتىش تەلىپىگە ئاساسەن، كادىرلارنىڭ ئىنتىزام، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «راست سۆزلەپ، غەيرەتكە كېلىپ، ئەمەلىي چارە تېپىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ياخشى باشلاپ ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ياخشى ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان» كادىرلار قوشۇنىنى شۇنچە تىرىشىپ بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى داۋاملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم قانات يايدۇرغان «سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز؛ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشكە كۈچەپ، ھەقىقىي ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئىگىلەپ، مېڭىمىزنى ئاڭلىق قوراللاندۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز؛ خىزمەت ئىستىلىنى ئۆزگەرتىشكە ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، «تۆت خاھىش»، «تۆت كەيپىيات»نى قەتئىي تۈگىتىپ، سىياسىي جەھەتتە، ئىقتىدار جەھەتتە، ئىستىل جەھەتتە كۈچلۈك باشلامچىلاردىن بولۇشىمىز؛ خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا باش نىشاننى كۆزلەپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.
  يىلتىز چوڭقۇر بولسا، دەرەخ باراقسان بولىدۇ. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا باشتىن - ئاخىر يېقىنلىشىپ، بىللە بولۇشىمىز؛ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، بولۇپمۇ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى بىرىنچى سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى، قاتتىق سىياسىي ئىنتىزام ۋە كۈچلۈك خىزمەت ئىستىلى ئارقىلىق ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش مۇقەددەس بۇرچىمىزنى ئاڭلىق ئادا قىلىشىمىز؛ ئىناق - ئىتتىپاق، باي - باياشات، مەدەنىي - تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىمىز بىلەن كۈتۈۋېلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىرلىكتە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ئورتاق ئېچىشىمىز كېرەك.
  
  «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2017 - يىللىق 3 - سانىدىن تاللاندى
1