«جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ، بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش»نىڭ دەۋر يېڭى سەھىپىسىنى يېزىپ چىقايلى

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 163   يوللانغان ۋاقتى: 2017-10-16 09:46:48

   

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ، بىرلىكتە مەزمۇت قەدەم ئېلىش / سۈي جيەن فوتوسى
  
«جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ، بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش»نىڭ دەۋر يېڭى سەھىپىسىنى يېزىپ چىقايلى
  
  * باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بىر تۇغقان قېرىنداشلاردەك ئىناق ئۆتۈش ھەم ئۆزئارا ھەمدەمدە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتۈپ، بىر نىيەت - بىر مەقسەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش»نىڭ دەۋر يېڭى سەھىپىسىنى يېزىپ چىقىشىمىز كېرەك. 
  * بۇ يىل پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ئېچىلىدۇ، مىللەتلەر خىزمىتىنى چوقۇم بۇ ئومۇملۇق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك تەييارلىقلارنى پۇختا ئىشلەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئورتاق كۈرەش قىلىدىغان، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىدىغان ھالىتى ئارقىلىق 19 - قۇرۇلتاينى قىزغىن كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.
  * خەينەن ئۆلكىسىدە مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ تۇتىدىغان ئورنى ئىنتايىن مۇھىم، تەجرىبىلەر ئىنتايىن قىممەتلىك، ئالاھىدىلىكلەر ناھايىتى گەۋدىلىك.
  * نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىدە داۋاملىق «گۈل كەشتىلەش» ماھارىتىنى ئىشقا سېلىش؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ پەرقلىق بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىپ، پەرقلەرگە ھۆرمەت قىلىپ، پەرقلەردىن ئوبدان پايدىلىنىش؛ تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈش؛ تەدبىرلەرنى دەل جايىدا يولغا قويۇپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنى باراۋەرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە سۈرئەتنى تېزلىتىش؛ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىنىدىغان  كەنت - مەھەللىلەرنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئالدىراقسانلىق قىلماي ئىنچىكە ئىش كۆرۈش كېرەك. 
  * پۈتكۈل رايون ساياھەتچىلىكىنى داۋاملىق ياخشى يولغا قويۇپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا دېھقانچىلىق بىلەن ساياھەتچىلىكنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتكۈل رايوننىڭ ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مەملىكىتىمىزدە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىسى، ئالماشتۇرۇشى ۋە ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىشنىڭ يېڭى يولىنى تېپىش جەھەتتە ئىزدىنىشىمىز، بولۇپمۇ مىللىي مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكىنى خەينەن پۈتكۈل رايونى ساياھەتچىلىكىنىڭ «گۈلتاجى»غا ئايلاندۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى خەينەن خەلقئارا ساياھەت ئارىلى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن قىلىشىمىز كېرەك. 
  * مىللىي مائارىپنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن داۋاملىق كۈچ چىقىرىپ، خەينەن مىللىي مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ئۈزۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەينەن ئۆلكىسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۈركۈملەپ ھەرخىل ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ چىقىشىمىز كېرەك. 
  * ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە داۋاملىق كۈچەش؛ مىللەتلەر خىزمىتى قانۇن - نىزام سىستېمىسىنى ئۈزۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش؛ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەم قاتتىق ئىجرا قىلىش؛ پارتىيەنىڭ مىللەتلەر نەزەرىيەسى - سىياسىتى توغرىسىدىكى ئۆگىنىش، تەشۋىقات - تەربىيەنى كۈچەيتىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ «ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى ۋە نوپۇسى بىر قەدەر ئاز مىللەتلەرنىڭ <13 - بەش يىل>لىق تەرەققىيات يىرىك پىلانى»نى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ مىللەتلەر خىزمىتى ساھەسىدىكى نۇقتىلىق، قىيىن، قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە ھەل قىلىش؛ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئۇسۇل - تەدبىرىدە ۋە سۇپا - ۋاسىتىسىدە ئۈزۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. 
  
  − دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى باتېرنىڭ 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە خەينەن ئۆلكىسىدە مىللەتلەر خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا قىلغان سۆزىدىن. 
  
  «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2017 - يىللىق 3- سانىدىن تاللاندى