باھار شامىلى سۆيۈپ ئۆتكەن كەنت

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 199   يوللانغان ۋاقتى: 2017-10-12 15:58:26

   باھار شامىلى سۆيۈپ ئۆتكەن كەنت

  − قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېڭىسار ناھىيە لومپا يېزا ئاتۇشباغ كەنتىدىكى زىيارەتتىن خاتىرىلەر
  
  ئۆز مۇخبىرىمىز جاڭ شۈەن
  
   
  ئاتۇشباغ كەنتىدىكى بىر موماي نەۋرىسى بىلەن بىللە.
  
  «قەشقەر» تولىمۇ قەدىمىي، سىرلىق شۇنداقلا تىلغا ئېلىنىپ كېلىنىۋاتقىنىغا نەچچە مىڭ يىللار بولغان ئۆزگىچە بىر نام. بېشى پامىر ئېگىزلىكىدىكى كۆك ئاسماندىن باشلىنىپ، ئايىغى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي گىرۋىكىگە سوزۇلغان بۇ قەدىمىي بوستانلىق ۋاقىتنىڭ ئۆزگىرىشلىرىگە  تەمكىنلىك بىلەن نەزەر سېلىپ تۇرماقتا. قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ جەنۇبى، شىمالى ۋە ئوتتۇرىسىدىن ئىبارەت ئۈچ لىنىيە تۇتاشقان خەلقئارا سودا ئۆتىڭى بولمىش قەشقەر شەھىرىنىڭ يەر شارىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇۋاتقىنىغا نەچچە مىڭ يىللار بولدى، غەربىي يۇرتتىكى بۇ «تىرىك شەھەر» يىللار قوينىدا قاشتېشىدەك جۇلالىنىپ تۇرماقتا.
  جاھان ئىللىپ، گۈللەر ئېچىلىشقا باشلىغان ئاپرېل ئېيىدا، قەشقەر شەھىرىدىن يولغا چىقىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا جەنۇبقا بىر سائەتچە ماڭغاندىن كېيىن، «قەشقەرنىڭ ئارقا ھويلىسىدىكى گۈللۈك» دەپ نام ئالغان يېڭىسار ناھىيەسىگە يېتىپ كەلدۇق. يېڭىسار «يېڭى شەھەر» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئۇمۇ تارىختا قەدىمكى قۇرۇقلۇق يىپەك يولىدىكى بىر ئۆتەڭ، شۇنداقلا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 8 چوڭ بازارنىڭ بىرى بولغان. ئۇنىڭ «جۇڭگو پىچاق ماكانى»، «جۇڭگو سەمەت ئۆرۈكى ماكانى»، «جۇڭگو دارۋاز ماكانى»... دېگەندەك چىرايلىق ناملىرى بار.
  بىزنىڭ بۇ قېتىمقى مەنزىلىمىز ناھىيە بازىرىغا 35 كىلومېتىر، يېزا بازىرىغا 22 كىلومېتىر كېلىدىغان ئاتۇشباغ كەنتى ئىدى.
  
  «گۈللۈك»نىڭ يېڭى قىياپىتى
  
  قەشقەردە نەچچە مىڭ يىللىق تېرىقچىلىق مەدەنىيىتى بىلەن چارۋىچىلىق ۋە سودا بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ، شۇ يەرنىڭ بايلىقى ھەم مۇھىتىغا ئۇيغۇنلاشقان تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرگەن. يېڭىسار بولسا يېزا ئىگىلىكىدە چوڭ، سانائەتتە كىچىك ناھىيە، شۇنداقلا مەملىكەت بويىچە نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ناھىيە.
  ئاتۇشباغ كەنتىدە 273 ئائىلە، 1134 نوپۇس بولۇپ، خەنزۇ ئائىلىسىدىن پەقەت بىرىلا بار ئىكەن. قۇملۇق تاشيولىدىن ئاتۇشباغ كەنت ئېغىزىغا ئۇدۇل بارغىلى بولىدىكەن. كەنتنىڭ ئاسفالت يولىنىڭ ئىككى قاسنىقىغا رەتلىك، چىرايلىق ئەمىن ئۆيلەر سېلىنغان بولۇپ، تېخى قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان ئۆيلەرمۇ ئانچە - مۇنچە ئۇچراپ قالىدۇ. قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان جايدا پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان، ساقاللىرى ئۇچتەك ئاقارغان بولسىمۇ، لېكىن ناھايىتى روھلۇق كۆرۈنىدىغان ئىككى بوۋاي بىزنىڭ بېيجىڭدىن كەلگەنلىكىمىزنى ئاڭلاپ، بىزگە: «بۇ يېڭى ئۆيلەرنى بىزگە ھۆكۈمەت سېلىپ بېرىۋاتىدۇ، ھۆكۈمەت بىر يۈرۈش ئۆيگە 28 مىڭ يۈەن تولۇقلىما بېرىدۇ. بىزنىڭ يېڭى ئۆيىمىز 90 كىۋادىرات مېتىر كېلىدۇ، تېخى ئاشخانىسى، ھاجەتخانىسىمۇ بار» دېدى. ئىلگىرىكى كېسەك ئۆيلىرى بىلەن خوشلىشىپ، مۇشۇنداق يېڭى ئەمىن ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرگەن دېھقانلار يېڭىساردا ناھايىتى كۆپ ئىكەن. بۇ، قەشقەردە يولغا قويۇلۇۋاتقان «ئالتىدە ياخشى گۈزەل يېزا - كەنت» بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ بىرى − ياخشى تۇرالغۇ ئۆيلەر بولۇش قۇرۇلۇشى بولۇپ، 2015 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ناھىيە بويىچە ئولتۇراقلاشتۇرۇپ خەلقنى بېيىتىش ئەمىن ئۆيىدىن جەمئىي 31 مىڭ 860 يۈرۈش سېلىنىدىكەن.
  يولدا كېتىۋېتىپ، «ئالتىدە ياخشى گۈزەل يېزا - كەنت» قۇرۇلۇشىنىڭ ياخشى تۇرالغۇ ئۆيلەر بولۇشتىن باشقا، يەنە «بەشتە ياخشى گۈزەل يېزا - كەنت»نىڭ مەزمۇنىنىڭ ئېتىزلىرى سالالاشقان بولۇش، يوللىرى ياخشى بولۇش، ئېرىق - ئۆستەڭلىرى ياخشى بولۇش (بۇ ئىككى يىلدا ئاتۇشباغ كەنتىدە 1500 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا تاش ئۆستەڭ ياسالغان)، دەل -دەرەخلىرى ياخشى بولۇش ۋە قورۇسى ياخشى بولۇشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكى كۆز ئالدىمىزدا تولۇق نامايان بولدى. بىز باقمىچىلىق ئائىلىسى بولغان تالىپ يۇنۇسنىڭ يېڭى ئۆيىگە كىرىپ كۆرۈپ باقتۇق. ئۇنىڭ قورۇسىدىكى قوتاننىڭ تاملىرى تېخى ئاقارتىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئازادە، پاكىز بۇ قوتىنى ئاللىقاچان ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ بولغان ئىكەن.
  يىراقتىن كەنت ئاھالىسى ئەيساجان سېيىتنىڭ ئۆيىدىكى كەپتەرلەرنىڭ ئۈنلىگەن ئاۋازى ئاڭلاندى، بىز ئۇنىڭ قورۇسىغا كىرگىنىمىزدە، ئۇ ھەدەپ كەپتەرلىرىگە دان بەرگىلى تۇرغان ئىكەن. ئۇ بىزگە مۇنداق دېدى: «مەن كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ <بىرگە بىر ياردەم بېرىش> تۈرىدىن نەپكە ئېرىشكۈچى. خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر يىل بېشىدا ماڭا 600دىن كۆپرەك كەپتەر سىغىدىغان كەپتەرخانا سالدۇرۇپ بەردى، بۇ يىللىق كىرىمىم 45 مىڭ يۈەنگە يېتىشى مۇمكىن.» مەزكۇر كەنت دېھقانچىلىق قىلىشقا ماس كېلىدىغانلارنى دېھقانچىلىق قىلىشقا، چارۋىچىلىق قىلىشقا ماس كېلىدىغانلارنى چارۋىچىلىق قىلىشقا تەشكىللەش پىرىنسىپى بويىچە، يەنە 70 دانە كۆكتات پارنىكى ياسىغان بولۇپ، بۇ يىل يەنە يېڭىدىن 100نى ياسىماقچى ئىكەن، كەنتنىڭ ھويلا - ئاران ئىگىلىكىمۇ خېلى ئوبدان تەرەققىي قىلىۋېتىپتۇ.
  «ئالتىدە ياخشى گۈزەل يېزا - كەنت» قۇرۇلۇشىنىڭ بىرى بولغان يول قۇرۇلۇشىغا كەلسەك، مەزكۇر كەنتتە 6 گۇرۇپپا بار بولۇپ، 8 سېمونت يول بىلەن ئاسفالت يول كەنتنىڭ تاشيول تورىنى شەكىللەندۈرگەن. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىلگىرى كەنت يوللىرىنىڭ ھەممىسى توپا يول بولۇپ، ھاۋا ياخشى كۈنلىرى يولدىن توپا ئۆرلەپ تۇرىدىكەن، يامغۇر ياغقان كۈنلىرى يوللار پۈتۈنلەي پاتقاق بولۇپ كېتىدىكەن. يېزا - كەنت يولى قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئارقىسىدا، 2015 - يىل ئاخىرىدا، ناھىيە بويىچە يېزا يوللىرىنىڭ ھەممىسى تۇتاشتۇرۇلۇپتۇ، بارلىق كەنتلەرنىڭ يوللىرىغا ئاسفالت ياتقۇزۇلۇپتۇ، يېزا - بازارلارغا نۆۋەتچى ئاپتوبۇس قاتناش نىسبىتى %100كە يېتىپتۇ. 
  بىز يولدا كېتىۋاتقاندا، بىر نەچچە دېھقان جىددىي كۆچەت تىكىۋاتقان ئىكەن. ئەسلىدە، ئاتۇشباغ كەنتىدە قۇم بوران كۆپ چىقىدىغانلىقى، شامال ئېغىزىغا يېقىن، ئېكولوگىيەسى ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن، خىزمەت گۇرۇپپىسى 2016 - يىل 70 مىڭ يۈەنگە 5000 تۈپ جىگدە كۆچىتى كىرگۈزۈپ، كەنتنىڭ غەربىي شىمالىدىكى شامال ئېغىزىدا 100 مو ئېكولوگىيە ئورمىنى بەرپا قىلىشنى پىلانلىغان ئىكەن. كەنت ئاھالىلىرى دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش كۈنلىرىدىمۇ نۆۋەت بىلەن بۇ يەرگە كېلىپ كۆچەتلەرنى پەرۋىش قىلىپ تۇرىدىكەن. ئۇلار يېشىللىقنى ئادەتتىن تاشقىرى قەدىرلەيدىكەن، بەزىلىرىنىڭ ھەتتا كۆچەتلەرنىڭ ئەتراپىغا ئۆسۈپ قالغان ئوت - چۆپلەرنىمۇ يۇلۇۋېتىشكە كۆزى قىيمايدىكەن.
  يولدا كېتىۋېتىپ، «نېمانداق ئادەم ئۇچرىمايدۇ» دەپ سەل ئىچىم پۇشۇپ قالغان ئىدى. ئەسلىدە، 300دىن ئارتۇق دېھقان كەنت قورۇسىغا يىغىلىپ، ھەر دۈشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان بايراق چىقىرىش، دۆلەت شېئىرى ئېيتىش، قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىۋاتقان ئىكەن. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ «يېڭىسارنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم، يېڭىسارنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم، يېڭىسارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم، يېڭىسارنى گۈللەندۈرۈش مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم، يېڭىسارنى مەدەنىي ناھىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم، يېڭىساردا ئىناق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم» دېگەن ياڭراق شوئار ساداسى كەنت قورۇسىدىن يىراق - يىراقلارغا تارىلىۋاتاتتى...
  كەنتتە چوڭ تىپتىكى مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيەت سورۇنى يوق بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، قەشقەر ۋىلايەتلىك مىللەتلەر - دىن ئىشلىرى كومىتېتى 80 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، كەنتنىڭ قورۇسىنى قاتتىقلاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىپتۇ. كەنت قورۇسىنىڭ شارائىتى ياخشىلانغاندىن كېيىن، كەنتتىكى 1990 - يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان ياش - ئۆسمۈرلەر دائىم بۇ يەرگە كېلىپ ۋاسكېتبول ئوينايدىغان، 1980 - يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان ياشلار ۋە ئاياللار بولسا بۇ يەرگە كېلىپ ساما ئۇسسۇلى، بەدەن چېنىقتۇرۇش گىمناستىكىسى ئوينايدىغان بوپتۇ. ئۇلارنىڭ سەنئەت نومۇرلىرى يېزىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەردە كۆپ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشىپتۇ... ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش جەھەتتە ئارتۇقچىلىقى بار بەزى قىز - چوكانلار سەھنىگە چىقىپ ماھارىتىنى كۆرسىتىشنى خالايدىغان بوپتۇ. بەزىلىرى مودېل بولۇپ مېڭىشنى ئۆگىنىپتۇ. ئۇلارنىڭ ئۇچىسىدىكى چىرايلىق، نەپىس مىللىيچە كىيىم - كېچەكلەرنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇ كەنتتىكى قىز - چوكانلار ئۆزلىرى لايىھەلەپ، ئۆزلىرى تىككەن ئىكەن. 
  ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بۇ كەنتتە جوۋ ۋۇلىن ئائىلىسى ھەقىقىي «ئاز سانلىق مىللەت ئائىلىسى» ئىكەن. ئوتتۇرا ياشلارغا كىرىپ قالغان بۇ خېنەنلىك ئادەم 2015 - يىلى 5 - ئايدا مۇشۇ كەنتنىڭ نوپۇسىغا رەسمىي ئۆتۈپتۇ. ئۇ 10 نەچچە يېشىدا يۇرتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، شۇنىڭدىن بېرى دېڭىز بويى رايونلىرىدا ئىشلەمچىلىك قىپتۇ، شىزاڭنىڭ ئالىي ۋىلايىتىدە دېھقانچىلىقمۇ قىلىپ بېقىپتۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ يەنىلا دېھقانچىلىق قىلىشقا بەكرەك ماس كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، بىر دوستىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن 6 يىل ئىلگىرى بۇ كەنتكە كەپتۇ. ئۇ قويۇق خېنەن تەلەپپۇزىدا بىزگە مۇنداق دېدى: «كەنتىمىزدە تېرايلى دېسەك يەر تاپقىلى بولىدۇ، سۇمۇ كەمچىل ئەمەس. مۇھىمى كەنتىمىزدىكى دېھقانلار بەكلا ساددا، بىز گەرچە ئۆزئارا تىل ئۇقۇشمىساقمۇ، لېكىن ناھايىتى ئىناق ئۆتىمىز، موتوسىكلىتىم ياكى باشقا دېھقانچىلىق سايمانلىرىم بۇزۇلۇپ قالسا، ئۇلار مەيلى مېنى تونۇسۇن ياكى تونۇمىسۇن دەرھال كېلىپ ماڭا ياردەملىشىدۇ. مەن كەنت پارتىيە ياچېيكىسى شۇجىسىنىڭ <مەن سېنى ئۆز قېرىندىشىمدەك كۆرىمەن، قىيىنچىلىققا ئۇچرىساڭ كېلىپ مېنى ئىزدە> دېگەن بىر ئېغىز گېپى بىلەن بۇ كەنتتە تۇرۇپ قالغان.» ھازىر ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر 8 مو باغ بىلەن 40 مو قاقاسلىقنى كۆتۈرە ئېلىپ، كۆڭلىگە نۇرغۇن گۈزەل ئارزۇ - ئارمانلارنى پۈكۈپ ئىشلەۋېتىپتۇ، ئۇنىڭ بۇ يەردىكى تۇرمۇشى ناھايىتى خاتىرجەم ئىكەن. 
  
  ئۆرۈكلەر ئوخشاپ كەتتى
  
  بىز ئاتۇشباغ كەنتىدە مۇنداق بىر تەسىرلىك ھېكايىنى ئاڭلىدۇق: بۇ يىل 78 ياشقا كىرگەن زەينەپ ئانا بۇنىڭدىن 30 يىل ئىلگىرى بىر خەنزۇ قىزنى بېقىۋالغان بولۇپ، ئۇنى تۇتىيادەك ئەتىۋارلاپ بېقىپ كېلىۋېتىپتۇ. كۈن ئولتۇرغان مەزگىلدە بىز بۇ بەختلىك، ئىناق ئائىلىدە زىيارەتتە بولدۇق. 
  زەينەپ ئەمەت مۇشۇ كەنتتە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بولۇپ، ياش ۋاقتىدا ئارىشاڭ ناھىيەسىدىكى بىرەيلەنگە ياتلىق بولغان. 1986 - يىلى 9 -ئاينىڭ بىر ئەتىگىنى ئۇ سۇ ئالغىلى سىرتقا چىقىپ، قۇچىقىدا بوۋاق كۆتۈرۈۋالغان بىر خەنزۇ يىگىت بىلەن ئۇچرىشىپ قاپتۇ، ھېلىقى يىگىت زەينەپ ئەمەتكە: «موما، ئايالىم بىلەن زىددىيەتلىشىپ قالغان ئىدۇق، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىزنى تاشلاپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى، بۇ بوۋاقنىڭ تۇغۇلغىنىغا ئەمدى ئۈچ كۈن بولغان، ئېغىر كۆرمەي بوۋاققا بىر كۈن قاراپ تۇرغان بولسىڭىز. مەن ئايالىمنى تېپىۋېلىپ، كەچتىلا بوۋاقنى ئېلىپ كېتىمەن» دەپتۇ. زەينەپ ئەمەت قىلچە ئىككىلەنمەيلا بوۋاقنى ئېلىپ قاپتۇ، ئەمما ھېلىقى يىگىت شۇ كەتكەنچە قايتىپ كەلمەپتۇ...
  «ئېرىم ئىككىمىز ئارتۇق ئويلىشىپ ئولتۇرمايلا قىز بوۋاقنى ئۆز بالىمىزدەك كۆرۈپ بېقىشقا باشلىدۇق. ئۇ ناھايىتى زېرەك ئىدى، 6 ياشقا كىرگەندە موڭغۇلچە، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلەيدىغان بولدى. ئەينى چاغدا تۇرمۇشىمىز غۇربەتچىلىك ئىچىدە ئىدى، بالىنى بېقىش ئۈچۈن مەن تويلۇق زىبۇ - زىننەتلىرىمنى گۆرۆگە قويۇپ، بوۋاققا سۈت پاراشوكى ۋە باشقا لازىمەتلىكلەرنى سېتىۋالدىم. 1992 - يىلى بىز يۇرتىمىزغا قايتىپ كەلدۇق. شۇنىڭدىن كېيىن بىز بالىلىق بولمىدۇق، قىزىمىز ناھايىتى ۋاپادار چوڭ بولدى. يېقىندىن بېرى ئاغرىقچان بولۇپ قالدىم، ئۇ مېنىڭ ھالىمدىن ناھايىتى ياخشى خەۋەر ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ ھەر كۈنى سائەت 6دە ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭا ناشتىلىق تەييارلايدۇ، ئاندىن ئېرى بىلەن بالىلىرىنىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇپ ئىشقا كېتىدۇ...» موماي سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئىختىيارسىز يىغلاپ تاشلىدى.
  موماينىڭ قىزى مەريەمگۈل ئېزىز باشلانغۇچ مەكتەپنى لومپا يېزىسىدا ئوقۇپتۇ. كېيىن يەكەن پېداگوگىكا مەكتىپىدە ئوقۇپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئانىسىدىن خاتىرجەم بولالماي كەنتىگە قايتىپ كېلىپ باشلانغۇچ مەكتەپتە خىزمەتكە ئورۇنلىشىپتۇ. ئۇ بىزگە مۇنداق دېدى: «ئۇ مېنى باققان ئىكەن، ئەلۋەتتە مېنىڭ ئۆز ئانام بولىدۇ. مەنمۇ ئۆيلۈك - ئوچاقلىق بولۇپ ئىككى بالىنىڭ ئانىسىغا ئايلانغاندىن كېيىن، ئانا بولۇشنىڭ ئەسلىدە ناھايىتى جاپالىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم. ھازىر مېنىڭ خىزمىتىم بار، مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم ئانامنى بېيجىڭغا ئاپىرىپ ئوينىتىپ كېلىش!» مەريەمگۈل باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4 - يىللىقىدا ئوقۇۋاتقاندا، زەينەپ ئەمەت بىر ئۇيغۇر ئوغۇل بالىنى بېقىۋالغان ئىكەن، ھازىر ئۇ يېڭىسار ناھىيەلىك تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىدە ئوقۇۋېتىپتۇ.
  بىز ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندا، مەريەمگۈلنىڭ 6 ياشلىق قىزى يەسلىدىن قايتىپ كەلدى، ئۇ كېلىپلا ساپ خەنزۇ تىلىدا بىزدىن ئەھۋال سورىدى، ئاندىن ئانىسى بىلەن ئازراق كۇسۇرلىشىۋالغاندىن كېيىن، بىزگە «ۋەتەنگە مەدھىيە» دېگەن ناخشىنى ئېيتىپ بەردى. ئۇنىڭ جاراڭلىق ناخشىسى قورۇ دەرۋازىسىنىڭ ئۈستىدىكى بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقتەك قەلبىمنى لەرزىگە سالدى. زەينەپ موماي كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «نەۋرەمنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى ساقچى بولۇش، ئۇ <قارا مۈشۈك ساقچى باشلىقى> دېگەن كارتون فىلىمنى كۆرۈشكە بەكلا ئامراق.»
  شۇ ئارىدا ھويلىغا رەت - رېتى بىلەن تىزىۋېتىلگەن سولياۋدىن ياسالغان يېمەكلىك قاچىلىرىغا كۆزۈم چۈشۈپ، ئۇلاردىن بۇ قاچىلارنىڭ نېمىگە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى سورىدىم. مەريەمگۈل ناھايىتى خۇشال ھالدا: «بۇنى ئۆرۈك قۇرۇتۇشقا ئىشلىتىمىز، ئۆرۈكنىڭ پايدىسى بىلەن يېڭى ئۆي سېلىۋالدۇق. ئېرىم بىلەن ئىنىم دېھقانچىلىق قىلغاندىن باشقا، كەنتنىڭ 26 مو ئۆرۈكلۈكىنى سېتىۋېلىپ گۈلە قۇرۇتۇۋاتقان ئىدى. 2015 - يىلى ئازراق كەم 20 مىڭ يۈەن مەبلەغ سالغان ئىدۇق، 40 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدۇق. بىزنىڭ يېڭى ئۆيىمىز ئانامنىڭ ئۆيىنىڭ يېنىدا، ھۆكۈمەت بىزنىڭ ئۆي سېلىشىمىزغا 28 مىڭ يۈەن تولۇقلىما بەردى. بۇنىڭغا ناھىيەدىن ئاياللارغا بېرىلگەن ئاز سوممىلىق قەرز ۋە ئۆسۈمسىز قەرزنى قوشۇپ، يېڭى ئۆينىمۇ پۈتكۈزۈۋالدۇق ھەمدە 2013 - يىلى كۆچۈپ كىردۇق. ئەمدى كونا ئۆينى ئىنىمغا بېرىپ، ئانامنى ئۆيىمىزگە كۆچۈرۈپ كەتمەكچى بولۇۋاتىمىز.»
  مەريەمگۈل ئېزىز ئائىلىسىدىكىلەر يېڭىسار ناھىيەسى يولغا قويغان «ئۆرۈكچىلىك كەسپى» ئارقىلىق ناھىيەنى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىنىڭ پايدىسى بىلەن ئەنە شۇنداق كىرىمىنى ئاشۇرغان ئىدى. «سەمەت ئۆرۈك» يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ داڭلىق ماركىسى بولۇپ، مەزكۇر ناھىيە باشلامچى كارخانا + كەسپىي جەمئىيەت + دېھقانلاردىن ئىبارەت باغۋەنچىلىكنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرگەن. ھازىر پۈتكۈل ناھىيەدىكى دېھقانلار كىرىمىنىڭ %30ى ئۆرۈكچىلىكتىن كېلىدىكەن.
  لومپا يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن لۇڭ يېزىنىڭ ئۆرۈكچىلىك كەسپى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئاتۇشباغ كەنتىدىكى ئۈرۈكلەرنىڭ دانىسى چوڭ، تەمى تاتلىق، ئەتلىك كېلىدۇ، ئەمما پەقەت ئۈچ - تۆت كۈنلا ساقلىغىلى بولىدۇ. ئىلگىرى كەنت ئاھالىلىرى ئۆرۈكنى ھويلىسىغا يېيىتىپ قۇرۇتىدىغان بولغاچقا، شامال ۋە يامغۇرنىڭ تەسىرىدىن ناھايىتى سۈپەتسىز چىقىپ قالاتتى، يەنە كېلىپ ئېغىر دەرىجىدە خوراپ كېتەتتى. 2014 - يىلى بىز بۇ كەنتتە ئۆرۈك قۇرۇتۇش ئىسكىلاتىدىن 4نى سالدۇق، بۇنىڭغا ھۆكۈمەت 80 مىڭ يۈەن، دېھقانلار بىرلىشىپ 5000 يۈەن چىقاردى. بۇ ئىسكىلاتلاردا ئۆرۈك قۇرۇتقىلى بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە كۆكتات، چىلان قاتارلىقلارنىمۇ قۇرۇتقىلى بولىدۇ؛ بىز بۇ كەنتتە يەنە سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتىدىن 7نى قۇرۇپ، دېھقانلارنى بۇ ئىسكىلاتلاردىن پايدىلىنىش بويىچە مەخسۇس تەربىيەلىدۇق. بۇ ئىسكىلاتلارنى سېلىش ئۈچۈن يەر تاللاشتىن تارتىپ قۇرۇش، ئىشلىتىشكىچە بولغان جەرياندا، بۇ كەنتكە 20 نەچچە قېتىم كەلدىم. بۇ جەرياندا دېھقانلارمۇ نۇرغۇن جاپا چەكتى، ئەمما بۇ جاپالارنى تارتىشىمىز ئەرزىيدۇ. چۈنكى، ھازىر بىز ئاتۇشباغ كەنتىنىڭ ئۆرۈكلىرىنى قەشقەر يەرمەنكىسى ئارقىلىق بېيجىڭ، شاڭخەي، ھەتتا كورېيەلەرگىچە ساتالايدىغان بولدۇق. ئىلگىرى، يېڭى ئۆرۈكنىڭ كىلوسى ئاران 5 يۈەن ئىدى، ھازىر ئايروپىلان بىلەن كورېيەگە توشۇلسا، كىلوسىنى 28 يۈەنگە ساتقىلى بولىدۇ.» ئۇنىڭ چىرايىدىن بىر خىل مەمنۇنلۇق چىقىپ تۇراتتى.
  
  زەينەپ ئانىنىڭ بەختلىك ئائىلىسى.
  
  بۈگۈنكى كۈندە، ئۆرۈك، ياڭاق قاتارلىق ئۆزگىچە مېۋىلەر يېڭىسارنىڭ ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئاساسلىق كەسىپلەرنىڭ بىرى بولۇپ قاپتۇ.
  
  قولمۇ قول تۇتۇشۇپ نامراتلارغا ياردەم بېرىش
  
  2016 - يىل چاغان بايرىمى ئاخىرلىشىشى بىلەنلا، قەشقەر ۋىلايەتلىك مىللەتلەر - دىن ئىشلىرى كومىتېتىدىكى 8 نەپەر كادىردىن تەشكىللەنگەن خىزمەت گۇرۇپپىسى ئاتۇشباغ كەنتىگە چۈشۈپ، 3 - تۈركۈمدىكى «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەل قەلبىنى مايىل قىلىش» پائالىيىتىنى باشلىۋەتكەن. قىسقىغىنە ئىككى ئايدا، خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر كەنت ئاھالىلىرى بىلەن قوشماق بولۇش، ئۆز ئارا «قوش تىل» ئۆگىنىش، دوستلىشىش، سىردىشىش، دېھقانلارغا ئەمىن ئۆي تولۇقلىمىسى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىش تولۇقلىمىسى، مەجبۇرىيەت مائارىپى قاتارلىق جەھەتلەردىكى سىياسەت - چارىلەر ۋە پارتىيەنىڭ مىللەتلەر، دىن سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش نىسبىتىنى %100كە يەتكۈزگەن. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «نامراتلارنى يۆلەش بويىچە قايتا تەكشۈرۈش» تەلىپىگە ئاساسەن، خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى بارلىق ئەزالار نامرات ئاھالىلەرنى يۆلەش بويىچە ئارخىپ - كارتا تۇرغۇزۇش ۋە نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى ئىستاتىستىكا قىلىش خىزمىتىنى ئىشلەپ، ئۆلچەمگە توشمايدىغان 43 ئائىلىنى چىقىرىۋېتىپ، يېڭىدىن 24 ئائىلىنى قوشقان، شۇنىڭ بىلەن كەنت بويىچە نامرات ئائىلىنىڭ سانى 152 بولغان.
  كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، كەنتنىڭ 1 - شۇجىسى سابىرجان تىلىۋالدى مۇنداق دېدى: «بىز بۇ كەنتكە چۈشكەندىن كېيىن، دائىم دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ تۇردۇق، ئۇلار بىللە نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزدۇق... بۇ ئارقىلىق، دېھقانلار بىلەن بولغان ئارىلىقىمىز تېخىمۇ يېقىنلاشتى. بىز ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى قىلىنىۋاتقان پەيتنى چىڭ تۇتۇپ، قۇرۇلۇش مەيدانلىرىغا بېرىپ، كۆپچىلىكتىن تەكلىپ - پىكىر ئالدۇق. يۈز تۇرا سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق، دېھقانلارنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەتكە بولغان مىننەتدارلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇق. يېرىم ئاي ئىلگىرى مۇنداق بىر ئىشقا ئۇچرىدۇق: بىر موماينىڭ ئەسلىدىكى كونا ئۆيى چېقىلىپ، ئورنىغا يېڭىدىن ئەمىن ئۆي سېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىكەن. موماي كونا ئۆيىنى بوشىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ئۆيىدىكى بارلىق نەرسە- كېرەكلىرىنى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ، ئۆزى ۋاقىتلىق چېدىر تىكىپ ئولتۇرۇپتۇ، <قىزىل بايراقنى كۆرسەم پارتىيەنى كۆرگەندەك بولىدىكەنمەن، كۆڭلۈممۇ توق تۇرىدىكەن> دەپ چېدىرنىڭ يېنىغا بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى قاداپ قويۇپتۇ.»
  بىز كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، قەشقەر ۋىلايەتلىك مىللەتلەر - دىن ئىشلىرى كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى يۈەن جيەنشىننى ئىزدەپ بارغىنىمىزدا، ئۇ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يەرلەرنى نۆۋەت بويىچە سۇغىرىش ئىشىنى ماسلاشتۇرۇۋاتقان ئىكەن. بۇ، دەل ئەتىيازلىق سۇغىرىشنىڭ ئەڭ ئالدىراش مەزگىلى ئىدى.
  يۈەن شۇجى ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇلتۇر ئاز سانلىق مىللەتلەر تەرەققىيات مەبلىغىگە ئىلتىماس سۇنۇش ئارقىلىق، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىدىن 2 مىليون يۈەن تۈر مەبلىغى ھەل قىلدۇق، بىز بۇ مەبلەغدىن پايدىلىنىپ، كەنتكە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى مەركىزى» سېلىپ بەرمەكچى بولۇۋاتىمىز. بۇ مەركەز قۇرۇلسا، كەنتىمىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ئەل قەلبىنى مايىل قىلىشقا دائىر پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرىدىغان سورۇنغا ئىگە بولىدۇ. كەنتىمىز چەت، يىراققا جايلاشقان بولسىمۇ، لېكىن پارتىيە، ھۆكۈمەت بۇ يەرنى ئەزەلدىن ئۇنتۇپ قالغىنى يوق. 2015 - يىلى 12 - ئايدا دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ 2 مىليون يۈەنلىك تۈر مەبلىغى ھەل بولغاندىن كېيىن، كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش ۋەزىپىسى ئېغىر بولۇۋاتقان ئەھۋالدىمۇ، كەنت رەھبەرلىك كوللېكتىپىدىكىلەرنى يەكەن ناھىيەسىگە ۋە مەزكۇر يېزىدىكى 4 كەنتكە بېرىپ ئېكىسكۇرىسىيە قىلىش - تەجرىبە ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، قۇرۇلۇشنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك پىلانىنى ياخشى تۈزۈپ چىقتۇق.»
  ناھىيە، يېزا، كەنتنىڭ ئۈچ دەرىجىلىك پىلانىغا ئاساسەن، ئاتۇشباغ كەنتىدىكى بۇ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى پائالىيەت مەركىزى» ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى، «بەش تونۇش» تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپلا قالماي، يەنە بۇ يەردە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ توي - تۆكۈن، نەزىر - چىراغ قاتارلىق پائالىيەتلىرىنىمۇ ئۆتكۈزگىلى بولىدىكەن؛ مەركەزدىكى ئۈسكۈنە - جابدۇقلار ھەتتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش ۋە يىراق مۇساپىلىك تەربىيەلەش خىزمىتىنىڭمۇ ھۆددىسىدىن چىقالايدىكەن. پائالىيەت مەركىزى كەنت پارتىيە ياچېيكىسى قورۇسىنىڭ ئۇدۇلىغا سېلىنغان بولۇپ، كۆلىمى 12 مىڭ 816 كىۋادرات مېتىر كېلىدىكەن (بۇنىڭ ئىچىدە قۇرۇلۇش كۆلىمى 1662 كىۋادرات مېتىر، يېشىللىق كۆلىمى 534 كىۋادرات مېتىر)، ھازىر بۇ قۇرۇلۇشقا تور ئارقىلىق خېرىدار چاقىرىلىۋېتىپتۇ. خېرىدار چاقىرىش خىزمىتى ئاخىرلاشسىلا قۇرۇلۇش باشلىنىدىكەن، ئۇلار بۇ قۇرۇلۇشنى «1 - ئىيۇل»دىن بۇرۇن پۈتكۈزۈپ، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىغا سوۋغا قىلماقچى بولۇۋېتىپتۇ. پائالىيەت مەركىزى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ئەل قەلبىنى مايىل قىلىش پائالىيەتخانىسى، گۈزەل يېزا ئۇسسۇل سەھنىسى، شىپاخانا، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت مەركىزى، پۇتبول مەيدانى، ۋاسكېتبول مەيدانى، سۈنئىي ھەمراھ زاۋۇتى (پەلەي زاۋۇتى)، ئاشخانا قاتارلىق يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
  
  كۆچەت تىكىش ئەمگىكىگە قاتنىشىۋاتقان كەنت ئاھالىلىرى.
  
  يۈەن جيەنشىن شۇجى يەنە مۇنداق دېدى: «كەنتنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئويلاشقىنىمىزدا، ئەڭ كاللا قاتۇرىدىغىنىمىز خەلق تۇرمۇشىنى قانداق قىلىپ ياخشىلاش بىلەن نامراتلارنى تۈجۈپىلىك يۆلەشنى تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈپ، چۆنتەكنىمۇ، كاللىنىمۇ بېيىتىش مەسىلىسى. بىز ئاساسلىقى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ياردەم مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ، يادرولۇق كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى، باغ - ئورمانچىلىق، مال - چارۋا باقمىچىلىقى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت تۆت ھەمكارلىق كوپېراتىپى قۇرۇپ، ھەم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتتۇق، ھەم بۇ پائالىيەتنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتتۇق. خىزمەت گۇرۇپپىسى بىلەن كەنت <ئىككى كومىتېت>ىنىڭ بۇ جەھەتتىكى قارىشى بىردەك. كەنت ئاھالىلىرىمۇ دېھقانچىلىق قىلىشتا ئىلمىي ئۇسۇلغا تايىنىش كېرەكلىكىنى، سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلغاندىمۇ قورساقتا ئۇماچ بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ.»
  
  ھەسەنجان سېيىتنىڭ ئۆيىدىكى كەپتەرخانا.
  
  كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى ھازىر ناھىيە تەۋەسىدىكى مىللىي كارخانىلارنى بۇ كەنتكە كېلىپ پەلەي زاۋۇتى قۇرۇشقا ماسلاشتۇرۇۋېتىپتۇ، بۇنداق بولغاندا كەنتتىكى قىز - ئاياللار، بولۇپمۇ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار قىز - ئاياللار بۇ زاۋۇتقا كېلىپ ئىشلىيەلەيدىكەن. 2016 - يىلى ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، ئاتۇشباغ كەنتىدە قۇرۇشقا تەييارلىنىۋاتقان پەلەي زاۋۇتى قۇرۇلسا، كەنتتىكى ھەر بىر ئائىلىدىن ئاز دېگەندە بىردىن ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدىكەن، بۇ زاۋۇتنىڭ ئادەتتىكى خىزمەتچىلىرى بىر ئايدا ئاز بولغاندا 800 يۈەن، كۆپ بولغاندا 2000 - 3000 يۈەندىن كىرىم قىلالايدىكەن. پەلەي زاۋۇتىنى قۇرۇش بىلەن بىللە يەنە كېيىنكى مەزگىللەردىكى بازار ئۆزگىرىشى كۆزدە تۇتۇلۇپ، زاۋۇت ئۆيلىرىدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئۆرۈك پىششىقلاش دېگەندەك ئىشلارغا كېرەكلىك ئۈسكۈنىلەرمۇ كىرگۈزۈلىدىكەن. 
  يېڭىسارلىقلار ئىشىك ئالدىغا «سۈنئىي ھەمراھ زاۋۇتى» قۇرۇلىدىغىنىدىن ناھايىتى خۇشال ئىكەن. «باش ئىشتابتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش زاۋۇتى + سۈنئىي ھەمراھ زاۋۇتى»تىن ئىبارەت تىجارەت ئەندىزىسى ئۇلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپتۇ. دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشى ۋە شىنجاڭنىڭ «مىليون ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى»نىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، قەشقەر ۋىلايىتىگە ساھەلەر بويىچە ياردەم بەرگۈچى ئۆلكە بولغان شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى ئەمگەك كۆجۈملەشكەن توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كارخانىلىرى يېڭى پۇرسەتنى كۈتۈۋالغان، يەنى شەرقىي رايوندىكى بىر قىسىم كارخانىلار ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنلىرىنى غەربىي رايونغا يۆتكەشكە باشلىغان. مەسىلەن، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنەن شەھىرىدىكى جۇڭشىڭ گۇرۇھىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش زاۋۇتى يېڭىسار ناھىيەسىگە رەسمىي ماكانلاشقان. 2014 - يىلىدىن باشلاپ جۇڭشىڭ گۇرۇھى لومپا، ساغان كەنتلىرىدە ئاياللارنى تىككۈچىلىك تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەش بازىسى قۇرۇپ، ئىككى قاراردا 3300دىن ئارتۇق ئادەمنى تەربىيەلىگەن. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ناھىيە بازىرى ئەتراپىدىكى كەنتلەردە قۇرۇلغان 30دىن ئارتۇق سۈنئىي ھەمراھ زاۋۇتلىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشقان. دېمەك، «جۇڭشىڭ ئەندىزىسى» ئاممىنى ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئاياللارنىڭ ئورنىنى ۋە كىرىمىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن. 
  
  كەنتتىن بىر كۆرۈنۈش.
  
  دېھقانلارنى بېيىشقا يېتەكلەش
  
  تۈن پەردىسى يېيىلىشقا باشلىغاندا، خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى لياۋ بوۋېن ئىسىملىك يىگىت ئادەتتىكىدىن يېرىم سائەت بۇرۇن كەچلىك تاماققا تۇتۇش قىلىپ، ئوخشىتىپ پولۇ ئەتكەن ئىدى. ئۇ بىزگە مۇنداق دېدى: «ھەممەيلەن مېنى <ئەتكەن تاماقلىرىڭدا سىچۈەن قورۇمىلىرىنىڭ تەمى بار> دېيىشىدۇ، مەن سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ نەنچۇڭ شەھىرىدىن. بۇرۇن تاماق ئېتىشنى زادىلا بىلمەيتتىم، كېيىنچە ئاتا - ئانامدىن تېلېفوندا سوراپ يۈرۈپ تاماق ئېتىشنى ئۆگەندىم. خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ تامىقىنى ياشراق بىر نەچچىمىز تالىشىپ تۇرۇپ ئېتىپ كېلىۋاتىمىز. بىز كەنتكە يېڭى كەلگەن چاغلاردا تاماقنى يۈەن شۇجى ئېتەتتى، ئەمما ئۇنىڭ سالامەتلىكى ئانچە ياخشى ئەمەس، ئادەتتە گۆشسىز تاماقلارنى يەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىز بەس - بەستە تاماق ئېتىشنى ئۆگىنىپ، تاماق ئېتىش ۋەزىپىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىمىزگە ئالدۇق. يۈەن شۇجى ھەركۈنى سائەت 6دە ئورنىدىن تۇرۇپ بىزنىڭ ناشتىلىق تەييارلىشىمىزغا ياردەملىشىدۇ.»
  كەچلىك تاماقتىن كېيىن، دېھقانلار ئۆزلۈكىدىن كەنت قورۇسىغا يىغىلىپ مەشرەپكە چۈشۈپ كەتتى، چوڭ - كىچىك ھەممەيلەننىڭ چىرايىدا كۈلكە جىلۋىلىنىپ تۇراتتى، ھەممەيلەن شۇ قەدەر روھلۇق ئىدى.
  ئەمما، خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىلەن كەنت كادىرلىرى بۇ ۋاقىتتا بىرلەشمە يىغىن ئېچىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار كەپتەر باقىدىغان دېھقانلارنىڭ مەبلەغ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى (دىن ئىشلىرى ئىدارىسى)دىن 200 مىڭ يۈەن مەبلەغ ياردىمى ئېلىش توغرۇلۇق ئىلتىماس يېزىش بىلەن ئالدىراش ئىدى.
  ئەسلىدە، ئاتۇشباغ كەنتى نوپۇس سانى جەھەتتە يېزا بويىچە 3 - ئورۇندا، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى جەھەتتە 1 - ئورۇندا (4.3 مو) تۇرىدىكەن. ئەمما، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسى بىرلا خىل، يەرنىڭ قۇملىشىپ كېتىشى ئېغىر بولغاچقا، دېھقانلارنىڭ كىرىمى تۆۋەن ئىكەن. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى كونا - يېڭى نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئارقىلىق، بۇ كەنتتە گۆش كەپتىرى، گۆش توخۇسى قاتارلىق ئۆي قۇشلىرى باقىدىغان ھەمكارلىق كوپېراتىپى قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى يېڭى سالغان ئەمىن ئۆيلىرىدە ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىلھاملاندۇرۇشنىڭ نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇشتىكى ئۈنۈملۈك چارە ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ئاتۇشباغ كەنتى چۆل بويىغا جايلاشقان بولۇپ، كەڭ كۆلەمدە قوي - كالا باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغاندا، ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدىكەن، مەبلەغ قىينچىلىقىمۇ ئېغىر ئىكەن، باشقا قىيىنچىلىقلارغا ئۇچراش ئېھتىماللىقىمۇ بار ئىكەن. شۇڭا گۆش كەپتىرى ۋە گۆش توخۇسى بېقىشقا ناھايىتى ماس كېلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ سودىسىمۇ ناھايىتى ياخشى ئىكەن. 
  «كەنتىمىزدىكى دېھقانلارنىڭ باقمىچىلىق تېخنىكىسىنىڭ بىرقەدەر ئارقىدا قالغانلىقىنى، كۆلەم شەكىللەندۈرەلمەيدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئاپتونوم رايون ئاجرىتىپ بېرىدىغان 200 مىڭ يۈەن، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىراجىتىگە ئۆزىمىز غەملىگەن 120 مىڭ يۈەن ۋە ۋىلايەتلىك مىللەتلەر - دىن ئىشلىرى كومىتېتىدىكى 49 نەپەر كادىر نامرات دېھقانلارنى بىرمۇ بىر يۆلەش ئۈچۈن چىقارغان 49 مىڭ يۈەننى قوشۇپ، ھەر بىر كەنت ئاھالىسىنىڭ ھەر يىلى 1000دىن كەپتەر سېتىۋېلىشىغا ياردەم بەرمەكچى بولۇۋاتىمىز. بۇ خىل يۆلەش تەدبىرى ئۇدا ئۈچ يىل قوللىنىلىدۇ، يۇقىرىقى مەبلەغكە دېھقانلار چىقىرىدىغان مەبلەغنى قوشۇپ، پائالىيەت مەركىزىنىڭ يېنىغا زامانىۋى كەپتەرخانا سېلىپ، ئۆلچەملىك باقمىچىلىقنى يولغا قويماقچى بولۇۋاتىمىز. شۇنداق بولغاندا، دېھقانلار بېقىش، پەرۋىش قىلىش، سېتىش، توشۇش قاتارلىق ھالقىلاردا ئۆزىنىڭ تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ. نامراتلارنى تۈجۈپىلىك يۆلەش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بىز يەنە كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ئالاقە تورى+ خىزمەتخانىسى سودا ئەندىزىسى ئورنىتىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇچۇر راۋان بولماسلىق ھالىتىنى ئۆزگەرتمەكچىمىز، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بازار ئېچىشىغا يېتەكچىلىك قىلماقچى بولۇۋاتىمىز...» كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ كۆڭلىدە سان بار بولۇپ، دېھقانلارنى بېيىشقا يېتەكلەش جەھەتتە يۇقىرىقىدەك پىلانلارنى تۈزۈپتۇ.
  «بۇ يەردىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلار بەكلا قىزغىن، سەمىمىي. بىز ئۇلارنىڭ ئارزۇ - ئۈمىدلىرىنى ئىگىلەپ، ئۇلارغا كىرىم قىلىش يولىنى تېپىپ بەرسەكلا، جەنۇبىي شىنجاڭدا سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇپ چىقىش، ئېجىل - ئىناق ۋەزىيەت يارىتىش نىشانىغا چوقۇم يەتكىلى بولىدۇ.» بۇ، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى بەك كۆپ تىلغا ئالىدىغان سۆزلەر ئىكەن.
 
  ئاتۇشباغ كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىدە «قوش تىل» ئۆگىنىۋاتقان بالىلار.
  
  خەلقنىڭ چوڭقۇر ھىمايىسىگە ئېرىشكەن «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتىدە ئاساسىي قاتلامنى تولۇق قاپلاش، كادىرلارنى تولۇق قاپلاش، ۋەزىپە ئارقىلىق تولۇق قاپلاشتىن ئىبارەت مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى يارىتىلغان بولۇپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق - مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار پىلاننى سانسىز قېتىملىق نەق مەيداندا ئىش بېجىرىش، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈشى ئۈچۈن پات - پات قوي - كالىلارنى ئاپىرىپ بېرىش، دېھقانلارنىڭ كۆپرەك كىرىم قىلىشى ئۈچۈن ئۇلارنى تەكرار تەربىيەلەش، كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش بويىچە «قوش تىل» ئۆگىنىش كۇرسى ئېچىش، ياشانغانلارغا مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش بويىچە خالتا - خالتىلاپ ئۇن - گۈرۈچ ئاپىرىپ بېرىش قاتارلىق ئەمەلىي ھەرىكەتلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ كەلگەن.
  «قەلبلەر ئارىسىدىكى <ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر> نى تۇتاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى خەلقنىڭ كۆڭلىگە يېقىشلىق ھالدا ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرىمىز!» − ئاتۇشباغ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر دېگىنىنى ئەمەلىيەتتە روياپقا چىقىرىشقا باشلىدى! بۇ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نۇرغۇن كەنتلەرگە يۈكلەنگەن ئارزۇ - ئارمانلاردۇر.
  
  
  «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژرۇنىلىنىڭ 2017 - يىللىق 1 - ساندىن تاللاپ ئېلىندى