مېھىر - مۇھەببەتكە تولغان قۇربان تۇلۇم ئائىلىسى (1)

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 298   يوللانغان ۋاقتى: 2017-09-27 15:14:47

   

  

مېھىر - مۇھەببەتكە تولغان قۇربان تۇلۇم ئائىلىسى (1)

  − رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن ئۇيغۇر دېھقان قۇربان تۇلۇمدىن باشلىنىپ، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئۇلانغان گۈزەل ھېكايىلەر

  ئۆز مۇخبىرىمىز مۇھەممەدسالىھ مەتروزى

 
 باش شۇجى، دۆلەت رەئىسىدىن كەلگەن خەت
  
  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 2017 - يىلى 1 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، يەنى قۇتلۇق يېڭى بىر يىلنىڭ بېشىدا 1960 - يىللاردا ئېلىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەردىن يېتىشىپ چىققان پېشقەدەم ئەمگەك نەمۇنىچىسى قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلادلىرىغا جاۋاب خەت يېزىپ، پۈتكۈل جۇڭگودىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنى ھاياجانغا سالدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگونىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش كاتىپى لى پېڭشىن 1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى كېرىيە ناھىيەسىنىڭ شەنبەبازار بازىرى ئۇرۇق مەيدان كەنتىگە بېرىپ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ توختىخان قۇرباننىڭ ئائىلىسىگە يازغان جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇپ بەردى.
  توختىخان قۇربان ـــ رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ قوبۇل قىلىشغا ئېرىشكەن كېرىيەلىك ئاددىي دېھقان، ئەمگەك نەمۇنىچىسى، ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان قۇربان تۇلۇمنىڭ قىزى، ئۇ بۇ يىل 88 ياشقا كىردى. 
  توختىخان قۇرباننىڭ تەلىپى بويىچە، نەۋرىسى رۇقىيە مەتسەيدى يېقىندا باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، قۇربان تۇلۇم ئەۋلادلىرىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى ھەم كېرىيە ناھىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھازىرقى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ، ھەتتا پۈتكۈل شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى دوكلات قىلغانىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇنچە ئالدىراش بولسىمۇ، ۋاقىت چىقىرىپ توختىخان قۇربانغا جاۋاب خەت يازغانلىقى ـــ باش شۇجىنىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەيدىغان ئىش ئىزلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكى؛ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەت باغلىغانلىقى؛ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى؛ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ۋە بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە تىلەكداش ئىكەنلىكىنى تولۇق ئەكس ئەتكۈزۈپ بېرىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما ئۈچۈن زور مەدەت بولۇپلا قالماي، يەنە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، شىنجاڭلىقلارنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا ئۈندەيدىغان مۇھىم چاقىرىق بولدى.
  باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىگە ئىزچىل ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. باش شۇجى 2014 - يىلى 4 - ئاينىڭ ئاخىرى شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى − تەرەققىيات، ئالغا بېسىشنىڭ ئۇل تېشى. يەنە شۇ يىلى 5 - ئاينىڭ ئاخىرى ئېچىلغان مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ: شىنجاڭ مەسىلىسى ـــ  ئۇزاق مەزگىلدىن ئېيتقاندا يەنىلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـــ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى، دەپ تەكىتلىدى. ئۇ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھەر مىللەت خەلقى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشى كېرەك.» بۇ، ئاددىي ۋە ئوبرازلىق ئوخشىتىش ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.
  باش شۇجى شى جىنپىڭ مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىدىكى نەمۇنىچىلەرگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. 2015 - يىلى چاغاندىن ئىلگىرى، ئاساسىي قاتلاملاردىن كەلگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى 13 مۇنەۋۋەر ۋەكىلنى قوبۇل قىلىپ، كۆپچىلىكنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشى ئىشلەشتە، مۇھىمى كۆڭلىدىكىنى ئېيتىشقا، ئۆزىنىڭ روھىي ھالىتىگە قاراپ باشقىلارنىڭ ھالىغا يېتىشكە، سىردىشىشقا؛ ھەر مىللەت قېرىنداشلار ئىناق ئۆتۈپ، ئۆز ئارا ھەمدەم بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى بىرلىكتە قوغداشقا رىغبەتلەندۈردى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو 1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى توختىخان قۇربان ئائىلىسىدىكلەر بىلەن بىللە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قۇربان تولۇمنىڭ ئەۋلادلىرىغا يازغان جاۋاب خېتىنى قايتىدىن ئوقۇدى. سۈي جىجيەن فوتوسى
 
  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى بۇ بىر قاتار ئىجادىيلىققا باي يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈم، يېڭى تەلەپلىرى يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ مىزانغا ئىگە قىلدى؛ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش نىشانىنى كۆرسىتىپ بەردى.
  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ قىزى توختىخانغا يازغان مۇھىم جاۋاب خېتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا تەستىقىي يوليورۇق بەردى ھەمدە 1 - ئاينىڭ 13- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ھەم ئۆگەندى.
  بۇ قېتىمقى يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ۋە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭغا كۆڭۈل بۆلۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى دائىم كۆڭلىگە پۈكۈپ، شەخسەن ئۆزى شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيەمىزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىرلىرىنى بېكىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەشنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى ۋە ئۇنى تۈپ مىزانغا ئىگە قىلدى. چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۈندە ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن ئالدىراش بولسىمۇ، توختىخانغا جاۋاب خەت يازغانلىقى باش شۇجىنىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەيدىغان ئىش ئىزلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىنى، شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە سەمىمىي كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ۋە بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە تىلەكداشلىقىنى تولۇق ئەكس ئەتكۈزۈپ بېرىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتى، ھەم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما ئۈچۈن زور مەدەت، ھەم شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن بېرىلگەن تېخىمۇ زور مەدەت ۋە تۈرتكە ھېسابلىنىدۇ. بىز جەزمەن باش شۇجىنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇشىمىز، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجىنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھى بويىچە ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.
  بۇ قېتىمقى يىغىندا يەنە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئاپتونوم رايوننىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى قىلىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كۈچلۈك بىرىكمە كۈچنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەش؛ مۇھىم جاۋاب خەتنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىغا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىنى ۋە ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش؛ ياخشى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا يەنىمۇ زىچ ئۇيۇشۇشقا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش؛ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ھەم شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈش، باشتىن - ئاخىر ياخشى ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىدىيەسىگە ھەقىقىي سىڭدۈرۈش؛ ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھەر قېتىملىق سەمىمىي تەلىمىنى ئەستە چىڭ تۇتۇشقا يېتەكلەش ئارقىلىق، ئۇلارنى قۇربان تۇلۇمنى ئۈلگە قىلىپ، پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيۈش، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشقا، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە خۇددى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشقا يېتەكلەش تەلەپ قىلىندى.
  
توختىخان قۇربان ئائىلىسىدىكىلەر 1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنى ھاياجان بىلەن ئوقۇماقتا. سۇڭ جۈن فوتوسى  
 
  يىغىندا يەنە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ چوڭقۇر مەنىسىنى توغرا ئىگىلەش، باش شۇجىنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا ئۈزۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. باش نىشان ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باش نىشاننى ھەقىقىي يېتەكچى قىلىپ، باش نىشاننى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي پىروگراممىسى، يادرولۇق ۋەزىپىسى، كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىش كېرەك؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە تەشۋىق - تەربىيەنى، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تونۇشىنى كۈچەيتىش، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۇرۇق - تۇغقاندەك يېقىن ئۆتۈشىنى، ئۆز ئارا ھەمدەمدە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ پارتىيە بىلەن ئامما، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاش، خەلق ئاممىسىنى باشتىن - ئاخىر ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇش، ھەر مىللەت ئامما بىلەن قەلبداش، ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇش كېرەك؛ كادىرلار ئىستىلىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىش، ئالىيجاناب بولۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش، قۇرۇق گەپ سېتىشتىن ساقلىنىش، ئىشنى چاقماق تېزلىكىدە قىلىش، پەيتنى قولدىن بەرمەي، ئاساسىي قاتلامغا، ئالدىنقى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈش، ئاساسىي قاتلامنىڭ ساداسىغا، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا قۇلاق سېلىش، مۇقىملىق، تەرەققىيات ۋەزىپىلىرىنى، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشكە دائىر تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؛ تەرەققىياتقا دائىر ئىشلارنى ياخشى قىلىش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ئاساسىي خىزمەت رىتىمىدا چىڭ تۇرۇش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ماسلىشىش، تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، ساغلام راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك؛ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى سىجىل يولغا قويۇپ، ئەلگە پايدىلىق، ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى بېجىرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك؛ تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىناق - ئىتتىپاق، باي - باياشات، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش، باش شۇجى شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە مېھىر - مۇھەببىتىگە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇش كېرەك.
  *       *       *
  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش كاتىپى لى پېڭشىن 1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى توختىخان ئانىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇلارغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، توختىخان موماينىڭ نەۋرىسى رۇقىيە جاۋاب خەتنىڭ مەزمۇنىنى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ئۈنلۈك ئوقۇدى، نەق مەيداندىكى ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەر ۋە يۇرتداشلار خەتنىڭ مەزمۇنىنى ئاڭلاپ ناھايىتى ھاياجانلىنىپ، ئۇزاققىچە قىزغىن چاۋاك چالدى. 
  توختىخان ئانا تەسىرلىنىپ كۆزىگە ئىسسىق ياش ئالدى، ئۇ جاۋاب خەتنى تۇتقىنىچە مۇنداق دېدى: «باش شۇجىنىڭ خىزمىتى شۇنچە ئالدىراش بولسىمۇ، ئائىلىمىزدىكىلەرنى ۋە ھەر مىللەت يۇرتداشلارنى ياد ئېتىپ تۇرۇپتۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا رەھمەت! باش شۇجىغا رەھمەت! بىز جەزمەن دادام قۇربان تۇلۇمنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيۈش روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈش ئۈلگىلىرىدىن بولىمىز.» 
  لى پېڭشىن جاۋاب خەتنى تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا، شۇجى چېن چۈەنگوغا ۋاكالىتەن توختىخان موماينىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ چاغىنىنى قۇتلۇقلىدى ھەم ئۇلارغا ھال سوراش بۇيۇمى بەردى. لى پېڭشىن قايتىش ئالدىدا توختىخان قۇربان ئائىلىسىدىكىلەر ۋە ھەر مىللەت كەنت ئاھالىسى بىلەن بىللە رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ قۇربان تۇلۇم بىلەن كۆرۈشكەندىكى چوڭ سۈرىتى ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
  *       *       *
  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتى توختىخان ئانىنىڭ 100 ئادەمدىن ئاشىدىغان چوڭ ئائىلىسىنى چەكسىز ھاياجانغا سالدى، شۇنداقلا بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ كەلگەن ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرىنىمۇ چەكسىز خۇشال قىلدى.
  50 نەچچە يىل ئىلگىرى قۇربان تۇلۇمنىڭ بېيجىڭغا بېرىپ رەئىس ماۋ زېدۇڭ بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. 50 نەچچە يىلدىن بۇيان قۇربان تۇلۇمنىڭ تەسىرىدە، ئۇنىڭ ئۇرۇق - ئەۋلادلىرى باشتىن - ئاخىر پارتىيەنى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۆيۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشقا ھەسسە قوشۇپ كەلدى. مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىگە ئىگە بۇ ئائىلىگە ئالاھىتەن جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارنى، پۈتكۈل شىنجاڭ خەلقىنى ئىلھاملاندۇردى ۋە ئۆزىنىڭ سەمىمىي تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى...
  
  قۇربان تۇلۇم كىم؟
  
  مەن بۇ خۇش خەۋەرلەرنى كېرىيە ناھىيەسىدە «قۇربان تۇلۇم خاتىرە ئۆيى»نى ئېكىسكۇرسىيە قىلىش، قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلادلىرىنى، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەردە يېقىنقى يىللاردا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مەخسۇس زىيارەت قىلىشنى تۈگىتىپ بولۇپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ باشقا ناھىيەلىرىدىن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ھەر قايسى ناھىيەلىرىگە زىيارەت خىزمىتى بىلەن قاراپ ماڭغاندىكى سەپەر ئۈستىدە رادىيودىن ۋە ئۈندىدار ئۇچۇرلىرىدىن خەۋەر تاپقانىدىم. 
  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلادلىرىغا جاۋاب خەت يازغانلىقى ھەققىدىكى خۇش خەۋەر ئېلان قىلىنىشتىن بىر نەچچە كۈن ئاۋۋال، يەنى 1 - ئاينىڭ 7 - كۈنى مەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئۆتكەن يىلى ئوتتۇرىغا قويغان ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» بويىچە قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش پائالىيىتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، «قۇربان تۇلۇمنىڭ خاتىرە ئۆيى»نى ئېكىسكۇرسىيە قىلىشقا ھەم قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلادلىرىنى زىيارەت قىلىشقا مەخسۇس ئۈرۈمچىدىن كېرىيە ناھىيەسىگە بارغانىدىم. بارغاندىن كېيىن «قۇربان تۇلۇمنىڭ خاتىرە ئۆيى»نى ئېكىسكۇرسىيە قىلغاندىن باشقا، قۇربان تۇلۇمنىڭ قىزى توختىخان ئانا، توختىخان ئانىنىڭ نەۋرىسى رۇقىيە مەتسەيدى ۋە قۇربان تۇلۇمنىڭ باشقا بىر قىسىم ئەۋلادلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى مەخسۇس زىيارەت قىلغانىدىم. 
  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلادلىرىغا جاۋاب خەت يازغانلىقى ھەققىدىكى خۇش خەۋەر مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر»، شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسنىڭ «شىنجاڭ خەۋەرلىرى» پروگراممىسىدا ۋە باشقا تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، پۈتكۈل شىنجاڭدا ناھايىتى كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلادلىرىغا يازغان جاۋاب خېتى ئارقىلىق ئۆزلىرىنى پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيىدىغان ئۈلگىلەردىن بولۇشقا رىغبەتلەندۈرگەنلىكىدىن ئىلھاملىنىپ، جاۋاب خەتنى قايتا - قايتا ئوقۇپ، بەس - بەستە مۇزاكىرە قىلدى. 
  «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 2017 - يىلى 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىكى سانىدا «شىنجاڭ گېزىتى» مۇخبىرى ياۋ تۇڭنىڭ «چېن چۈەنگو قوشماقلاشقان تۇغقىنى توختىخاننىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى يوقلىغاندا مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: باش شۇجىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، تېخىمۇ گۈزەل ئەتىنى يارىتايلى» ماۋزۇلۇق ماقالىسى ئېلان قىلىندى. ماقالىدا چېن چۈەنگو شۇجى بىلەن توختىخان ئانا ئائىلىسىدىكىلەر ۋە كەنتتىكىلەرنىڭ كۆڭۈللۈك سۆھبىتى، قۇربان تۇلۇم ھەققىدە تېلېۋىزىيە فىلىمى ئىشلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى خۇش خەۋەر ۋە ھاياجانلىق مەنزىرىلەر ئەكس ئەتكۈزۈلگەنىدى.
  *       *       *
  مېنىڭ بۇ قېتىم كېرىيەگە بارغان ۋاقتىم قىشنىڭ قەھرىتان سوغۇقى باشلىنىپ كەتكەن ۋاقىتلارغا توغرا كەلدى. ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىشتىن ئاۋۋال ژۇرناللار نەشرىياتىمىز خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىگە مېنىڭ كېرىيە ناھىيەسىگە زىيارەتكە بارىدىغانلىقىم ھەققىدە بېيجىڭدىن مەخسۇس ئالاقە خېتى ئەۋەتكەنىدى. مەن كېرىيە ناھىيەسىگە بېرىپلا ئاۋۋال كېرىيە ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم غەيرەت يۇنۇس ۋە مۇئاۋىن ھاكىم ئادىل ئابدۇغېنى بىلەن ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشتۈم ھەمدە كېرىيە ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسى بىلەن ئالاقىلەشتىم. شۇ كۈنلەردە، پۈتكۈل خوتەن ۋىلايىتىدە مۇقىملىق خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش بويىچە ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ كۆپ قىسمى يېزا - كەنتلەرگە چۈشۈپ، مۇقىملىق خىزمىتىنى ئىشلەۋاتقان بولغاچقا، ھەممە ئادەم ناھايىتى ئالدىراش ئىدى. شۇڭا غەيرەت ھاكىمنىڭ ۋە ئادىل مۇئاۋىن ھاكىمنىڭ زىيارەت خىزمىتىمگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، زىيارىتىمگە ھەمراھ بولۇشقا مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدىكى تەكلىپىنى سىلىقلىق بىلەن رەت قىلىپ، تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىدىن بىرلا كادىرنى يول باشلاشقا ئاجرىتىپ بېرىشنى، باشقا يولداشلارنىڭ ئۆزىنىڭ خىزمىتى بىلەن ئالدىراش بولۇشىنى تەلەپ قىلدىم.
  مەن كېرىيە ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىنىڭ كادىرى مەلىكىزات تاھىرنىڭ يول باشلىشى بىلەن، ئاپتوموبىلدا ئەڭ ئاۋۋال كېرىيە ناھىيە بازىرىدىن 13 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى توغرىغاز يېزىسىغا جايلاشقان «قۇربان تۇلۇم خاتىرە ئۆيى»گە باردىم. قۇربان تۇلۇم ھەققىدىكى ھېكايىلەر كىچىك ۋاقتىمدا ناھايىتى كۆپ ئاڭلىغانلىقىم ئۈچۈن، ماڭا بەكلا ياد بولۇپ كەتكەن ئىدى. 1992 - يىلى 5 - ئايدا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» ئىدارىسىگە خىزمەتكە چۈشكىنىمگە ئەمدى يېرىم يىلدىن ئاشقاندا، تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە كېرىيە ناھىيەسىگە ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا باردىم ۋە بۇ ناھىيەنىڭ ناھىيە بازىرى بىلەن تۇتىشىپ كەتكەن مۇغاللا بازىرىدا ئىككى يىل خىزمەت قىلدىم. شۇ ۋاقىتلاردا، قۇربان تولۇم تۇغۇلۇپ ياشىغان توغرىغاز يېزىسىغا ۋە بۇ يېزىنىڭ مەھەللىلىرىگە بېرىپ كۆرۈپ بېقىشنى ئارزۇلىغان بولساممۇ، ئەمما پۇرسەت بولمىغانىدى. بۇ قېتىمقى زىيارىتىم ئۇزۇندىن بۇيانقى ئارزۇيۇمنى رېئاللىققا ئايلاندۇرغان بىر قېتىملىق پۇرسەت بولدى. 
  *       *       *
  قۇربان تۇلۇم 1883 - يىلى كېرىيە ناھىيەسىنىڭ  توغرىغاز مەھەللىسىدە («قىزىل بايراق» كوممۇناسىدا) نامرات دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كىچىكىدىلا ئاتا - ئانىسىدىن يېتىم قالغان. بالىلىق دەۋرى پومېشچىكلارغا يىللىقچى بولۇپ ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ كالىلىرىنى بېقىش بىلەن ئۆتكەن. 20 يېشىدا پومېشچىكنىڭ ئۆيىدىكى بىر چاكار قىز بىلەن توي قىلغان. كېيىن ئېكسپلاتاتسىيەدىن ۋە قۇللۇق تۇرمۇشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئايالىنى ئېلىپ چۆل - باياۋانلارغا قېچىپ بارغان ۋە ياۋا مېۋىلەرنى يەپ ھايات كەچۈرگەن. تۈرلۈك بېسىم، قىيىن - قىستاق ۋە تۇرمۇشنىڭ ئېغىرچىلىقلىرى سەۋەبىدىن بالىچاقىلىرىدىن بىر مەزگىل ئايرىلىپ قېلىپ، نامراتلىق ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرگەن. 1949- يىلى 9 - ئايدا شىنجاڭ تىنچ ئازاد بولغاندىن كېيىن ئاندىن كىشىلەر ئارىسىغا قايتىپ كېلىپ، خوتۇن - بالىلىرى بىلەن قايتىدىن جەم بولۇپ، ئۆزى ئارزۇلىغان ئەركىن، بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشكەن.
  يەر ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلغاندا قۇربان تۇلۇمغا بىر نەچچە ئېغىزلىق ئۆي، 14 مو يەر ۋە بىر ئېشەك تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن. بۇنىڭدىن ئالەمچە خۇشال بولغان قۇربان تۇلۇم ئۆزى ئېرىشكەن بۇ بەختنى كىمنىڭ يارىتىپ بەرگەنلىكىنى بىلمەكچى بولۇپ سورىغاندا، رايوندىكىلەر ئۇنىڭغا: «بۇ بەختلىك تۇرمۇشنى كومپارتىيە ۋە رەئىس ماۋ زېدۇڭ يارىتىپ بەرگەن» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. بۇنى ئاڭلىغان قۇربان تۇلۇم كومپارتىيەنى ۋە رەئىس ماۋ زېدۇڭنى ئۆزىنىڭ بىردىنبىر شەپقەتچىسى ھەم ئەڭ يېقىن تۇغقىنى دەپ بىلىدۇ. 67 ياشقا كىرگەن قۇربان تۇلۇم تۇنجى قېتىم ئۆزىگە تەۋە بولغان يەرلەرنى تېرىيدۇ. قۇربان تۇلۇم ئۆزى ئېرىشكەن بۇ بەختىيار تۇرمۇشنى كومپارتىيەنىڭ ۋە رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ يارىتىپ بەرگەنلىكىگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن، كۆڭلىگە ناھايىتى گۈزەل بىر ئارزۇ - ئىستەكنى، يەنى رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ مېھىر - شەپقىتىگە كۆڭلىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ئۇرغۇپ تۇرۇۋاتقان رەھمىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ ئالدىغا بېرىپ رەئىس بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۆزىنىڭ رەھمىتىنى يۈزتۇرانە ئېيتىشنى ھەمدە مول ھوسۇلىنىڭ مېۋىسىگە ئېغىز تەگدۈرۈشنى ئويلايدۇ... 
  قۇربان تۇلۇم ئىنتايىن ئاق كۆڭۈل ۋە ساددا دېھقان بولۇپ، كۆڭلىگە شۇ گۈزەل ئارزۇنى پۈككەن كۈنىدىن باشلاپ، ئۆرۈك پىشقاندا ئەڭ ياخشى ئۆرۈكلەردىن تاللاپ ئۆرۈك قېقى قۇرۇتىدۇ، قوغۇن پىشقاندا ئەڭ ياخشى قوغۇنلارنى تاللاپ ساقلايدۇ ھەمدە رەئىس ماۋ زېدۇڭنى كۆرگىلى بارغاندا دەرھال ئېلىپ مېڭىشنى پىلانلايدۇ...
  1955 - يىلى كۈزدە، 70 نەچچە ياشقا كىرگەن قۇربان تۇلۇم ئۆزىنىڭ شەپقەتچىسى رەئىس ماۋ زېدۇڭنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ كېلىش ئۈچۈن بېيجىڭغا يولغا چىقماقچى بولىدۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان يۇرتداشلىرى ئۇنىڭ بېيجىڭنىڭ نەدىلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ بېيجىڭغا بارماقچى بولغانلىقىغا ھەيران قېلىپ، بۇنداق «قۇرۇق خىيال»لاردا بولماسلىققا نەسىھەت قىلىدۇ. ئەمما قۇربان تۇلۇم ئۆزىنىڭ بۇ نىيىتىدىن قەتئىي يانمايدۇ، ئەكسىچە 50 نەچچە كىلوگىرام بۇغداي ئۇنىدا نان ياقتۇرۇپ تەييارلاپ، ئېشىكىگە مىنىپ، بېيجىڭغا بېرىپ، رەئىس ماۋ زېدۇڭنى كۆرۈپ كەلمەكچى بولىدۇ... ناھىيەدىكى كادىرلار بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ: «بېيجىڭ ناھايىتى يىراقتا، ھەرگىزمۇ ئېشەككە مىنىپ بارغىلى بولمايدۇ» دەپ، ئۇنىڭغا ئەھۋالنى چۈشەندۈرىدۇ. بېيجىڭ بەكلا يىراقتا بولسا، يەنە كېلىپ ئۇ يەرگە ئېشەككە مىنىپ بارغىلى بولمىسا، ئۇنداقتا زادى قانداق قىلىش كېرەك؟... بېيجىڭغا بېرىشنىڭ ئامالىنى تېپىش ئۈچۈن قۇربان تۇلۇم كۆپ ئويلاپ، بەكلا تىت - تىت بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ، بار ئاماللاردىن پايدىلىنىپ بېيجىڭغا بارماقچى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تاشيولغا چىقىپ، ئاپتوموبىللارنىڭ ئۆتۈشىنى ساقلاپ ئولتۇرىدۇ. يىراقتىن كېلىۋاتقان بىرەر ئاپتومۇبىلنى كۆرۈپ قالسىلا، شۇ ئاپتوموبىلنى چوقۇم بېيجىڭغا بارىدىغان ئاپتوموبىل دەپ ئويلاپ، دەرھال يولنىڭ ئوتتۇرىسىغا چىقىپ توسايدۇ ۋە ئاپتوموبىل توختىغاندا، ئاپتوموبىلنىڭ يېنىغا بېرىپ، شوپۇردىن ئۆزىنى بېيجىڭغا ئالغاچ كېتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. شوپۇرلار ئۇنىڭ بۇ تەلىپىنى ئاڭلاپ ھەيران قالىدۇ... شوپۇرلارمۇ ئۇنىڭغا بېيجىڭنىڭ ناھايىتى يىراقتا دەپ ئاڭلىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭمۇ بېرىپ باقمىغانلىقىنى، قانداق بېرىشنىمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ... ئىلاجسىز قالغان قۇربان تۇلۇم يەنە يىراق - يېقىندىن كەلگەن كىشىلەردىن رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ تۇرىدۇ ھەمدە ئۇلارغا ئۆزىنىڭ رەئىس ماۋ زېدۇڭنى كۆرۈشنى كېچە - كۈندۈز ئارزۇلايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ... بۇ ئىش بارا - بارا تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىغا پۇر كېتىدۇ.
  1957- يىلى ئەتىيازدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى شۇجىسى ۋاڭ ئېنماۋ كېرىيە ناھىيەسىگە خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈشكە كېلىدۇ. كېرىيە ناھىيەلىك پارتكوم يولداش ۋاڭ ئېنماۋغا خىزمەتلەرنى دوكلات قىلغاندا، قۇربان تۇلۇمنىڭ سوتسىيالىستىك ئەمگەك ۋە ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىكى نەمۇنىلىك ئىش ئىزلىرىنى ھەمدە ئۇنىڭ ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بېرىپ، رەئىس ماۋ زېدۇڭنى كۆرۈپ كەلمەكچى بولغانلىقى ھەققىدىكى ئەھۋاللارنىمۇ دوكلات قىلىدۇ. يولداش ۋاڭ ئېنماۋ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال قۇربان تۇلۇمنىڭ ئۆيىگە ئۇنى يوقلاپ بارىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، سوتسىيالىزمنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ۋە ئەمگەكنى قىزغىن سۆيىدىغان روھىغا يۇقىرى باھا بېرىپ، پۇرسەتلا بولسا ئۇنى بېيجىڭغا ئەۋەتىشكە قوشۇلىدۇ.
 
  1958 - يىلى 6 - ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتىدىكى خەلق كوممۇنالىرىنىڭ مۇنەۋۋەر مۇدىرلىرى، تېخنىكلىرى ۋە ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 189 ئادەمنى تەشكىللەپ، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مەملىكەت بويىچە دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئۆزگەرتىش كۆرگەزمىسىنى كۆرۈپ كېلىشكە ئەۋەتمەكچى بولىدۇ. يولداش ۋاڭ ئېنماۋ قۇربان تۇلۇمنىڭ ئارزۇسىنى قانائەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۇنىڭ بۇ ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكىنىڭ تەركىبىدە بېيجىڭغا بېرىشىنى تەستىقلايدۇ. قۇربان تۇلۇم ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكىنىڭ تەركىبىدە 1958 - يىلى 6- ئاينىڭ 18 - كۈنى بېيجىڭغا يېتىپ بارىدۇ. ئۆمەك ئەزالىرى بېيجىڭغا بېرىپ مېھمانخانىغا ئورۇنلىشىپ بولغاندىن كېيىن، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىلەن خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ قۇربان تۇلۇمنى رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىش ھەققىدىكى ئىلتىماسىنى مەركىزىي مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىغا يوللايدۇ. مەركىزىي مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ۋە مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن ئالاقىلەشكەندىن كېيىن: «رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ خىزمىتى بەكلا ئالدىراش بولغانلىقى ئۈچۈن، قوبۇل قىلىش پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا بىر نەچچە كۈن ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
  ئېكسكۇرسىيە جەرياندا نۇرغۇن قىزىقارلىق ھەم تەسىرلىك ھېكايىلەر يۈز بېرىدۇ: رەئىس ماۋ زېدۇڭ بىلەن تېزرەك كۆرۈشۈش ئارزۇسىدا قۇربان تۇلۇمنىڭ گېلىدىن ئاساسەن تاماق ئۆتمەيدۇ، ئۇيقۇسىمۇ ئۇيقۇ بولمايدۇ. باشقىلار ئۇنى كېسەل بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ، دەپ دوختۇرغا كۆرسەتكەندە، ئۇ دوختۇرنى كۆرۈپ: «مېنىڭ كېسىلىمنى سىلەر ساقايتالمايسىلەر» دەيدۇ. دوختۇرلار ھەيران بولغىنىدىن: «سىز بېيجىڭدىكى دوختۇرلارمۇ ساقايتالمايدىغان قانداق كېسەل بولۇپ قالغانسىز؟» دەپ سورىغاندا، قۇربان تۇلۇم: «راست دەۋاتىمەن، مېنىڭ كېسىلىم ماۋ جۇشىنى كۆرسەملا ساقىيىپ كېتىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ كۈلۈپ تۇرۇپ. رەئىس ماۋ زېدۇڭنى تېزرەك كۆرۈش ئارزۇسى قەلبىدە ئوت بولۇپ يانغان قۇربان تۇلۇم باشقىلارنىڭ ياردىمى بىلەن رەئىس ماۋ زېدۇڭغا ئاتاپ ئىككى پارچە خەت تەييارلايدۇ. خەت يېزىلىپ پۈتكەندىن كېيىن، پوچتىخانىغا بېرىپ، ھەتتا قانداق قىلغاندا خەتنى رەئىس ماۋ زېدۇڭغا ئەڭ تېز سۈرئەتتە تەگكۈزگىلى بولىدىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرىدۇ. ئۆمەكتىكى ھەمراھلىرىدىن «ماۋ جۇشىنى زادى قاچان كۆرەلەيمىز؟» دەپ قايتا - قايتا سورايدۇ...
  شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ «رەئىس ماۋ زېدۇڭ 28 - ئىيۇن ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكىدىكى بارلىق ۋەكىللەرنى قوبۇل قىلىدىغان بولدى» دېگەن ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ. بۇ خەۋەر ۋەكىللەرگە يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن ھەممەيلەن ناھايىتى خۇشال بولىدۇ، ھەتتا بىر قىسىم ۋەكىللەر خۇشاللىقىدىن سەكرىشىپ كېتىدۇ. قۇربان تۇلۇم بولسا بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ھاياجانلانغانلىقىدىن كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالىدۇ... كېرىيە ناھىيەسىدىن ھەمراھ بولۇپ كەلگەن يولداشلار ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ، قوبۇل قىلىش پائالىيىتىدە كىيىدىغان يېڭى كىيىملىرىنى تەييارلاپ، ھەتتا بېلىگە باغلايدىغان قىزىل پوتىسىنى قايتىدىن يۇيۇپ بېرىدۇ. قۇربان تۇلۇم رەئىس ماۋ زېدۇڭغا سوۋغا قىلماقچى بولغان سوۋغاتلىرىنى كارىۋىتىنىڭ بېشىغا قويۇپ، كېچىچە بىر نەچچە قېتىم كۆرۈپ چىقىدۇ، ھەتتا توپا - چاڭ قونۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، يەكتىكىدە ئۈستىنى يېپىپ قويىدۇ... 
  1958 - يىلى 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى قۇربان تۇلۇمنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز ھەم ئەڭ بەختلىك بىر كۈن بولىدۇ. قۇربان تۇلۇم شۇ كۈنى تاڭ ئاتماستىنلا باشقا ۋەكىللەرگە ئوخشاش ئورنىدىن ناھايىتى سەھەر تۇرۇپ، رەئىس ماۋ زېدۇڭ بىلەن كۆرۈشىدىغان جايغا مېڭىشقا تەييار بولۇپ تۇرىدۇ. ۋەكىللەر سائەت 12 ئەتراپىدا مەركىزىي مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى تەييارلىغان چوڭ ئاپتوبۇستا رەئىس ماۋ زېدۇڭ قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىشخانىسى ھەم تۇرالغۇسى جايلاشقان جۇڭنەنخەيگە يېتىپ كېلىدۇ. رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ تۇرالغۇسى جۇڭنەنخەيدىكى فېڭزېيۈەندە بولۇپ، ئالدىدا ئادەتتە ئاممىنى قوبۇل قىلىدىغان كىچىك چۆپلۈك مەيدان بار ئىدى. مەيداندىكى تەكشى قىرقىلغان ياپيېشىل ھەم قويۇق ئوت - چۆپلەر قۇياش نۇرىدا يالتىراپ تۇراتتى. خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن قۇربان تۇلۇم باشقا ۋەكىللەر بىلەن بىللە رەتلىك تىزىلىپ، رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ قوبۇل قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. ھەممەيلەن رەئىس ماۋ زېدۇڭنى كۆرۈش ئارزۇسىدا تاقەتسىزلىنىپ تۇرغاندا، بىرەيلەننىڭ: «رەئىس ماۋ زېدۇڭ كېلىۋاتىدۇ!» دېگەن ئاۋازى بىلەن ھەممەيلەن تەڭلا ئالدىغا قارايدۇ. راست دېگەندەك، چىرايىدىن ئىللىق تەبەسسۇم يېغىپ تۇرغان رەئىس ماۋ زېدۇڭ سالماق قەدەملىرى بىلەن مېڭىپ، رەتلىك تىزىلىپ تۇرغان ۋەكىللەرگە قاراپ قول پۇلاڭلاتقىنىچە كۈلۈمسىرەپ كېلىدۇ. ۋەكىللەر ھاياجانلانغىنىدىن گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرىنى ياڭرىتىپ تەنتەنە قىلىشىدۇ. قۇربان تۇلۇم بەكلا ھاياجانلانغىنىدىن ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي، ئالدىغا مېڭىشقا ئىنتىلىپ، سەپتىن چىقماقچى بولغاندا، ياندىكىلەر ئۇنى توختىتىۋالىدۇ. رەئىس ماۋ زېدۇڭ باشقا مەركەز رەھبەرلىرى بىلەن بىللە شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى بارلىق يولداشلارنى قوبۇل قىلىپ، ئاۋۋال ھەممەيلەن بىلەن كوللېكتىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشىدۇ. 
  
  خوتەن شەھىرىدىكى «ئىتتىپاق» مەيدانىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان «رەئىس ماۋ زېدۇڭ قۇربان تولۇمنى قوبۇل قىلدى» ناملىق مىس ھەيكەل. ئۆركەش جاپپار فوتوسى

  سۈرەتكە چۈشۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، رەئىس ماۋ زېدۇڭ ئۇدۇل قۇربان تۇلۇم تۇرغان تەرەپكە قاراپ ماڭىدۇ. قۇربان تۇلۇم رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ ئۆزى تەرەپكە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئالدىراپ سەپنىڭ ئالدىغا چىقىدۇ ۋە ھاياجان بىلەن: «ياشىسۇن ماۋ جۇشى!» دەپ توۋلايدۇ ئۈنلۈك ئاۋازدا ھەمدە رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قائىدىسى بويىچە سالام بېرىدۇ. رەئىس ماۋ زېدۇڭ قۇربان تۇلۇم بىلەن بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشىدۇ. قۇربان تۇلۇم چەكسىز ھاياجانلىق تۇيغۇلىرى ئىچىدە رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ قولىنى ئۇزاققىچە قويۇۋەتكۈسى كەلمەي، چىڭ قىسىپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مانا مۇشۇ تارىخىي دەقىقىلەردە قۇربان تۇلۇمنىڭ ئۆمۈرلۈك ئارزۇسى ئاخىرى ئىشقا ئاشىدۇ! قۇربان تۇلۇم خۇشاللىقىدىن نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالىدۇ... بۇ ئالاھىدە تەسىرلىك ھەم قۇتلۇق دەقىقىلەرنى شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى خۇۋ بو فوتو ئاپپاراتىدا سۈرەتكە تارتىۋالىدۇ. 
  رەئىس ماۋ زېدۇڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ ھاياجانلىق چىرايىغا قاراپ، ئۇنىڭ نېمىنىدۇر دېگۈسى بارلىقىنى، ئەمما تىل ئوقۇشماسلىق سەۋەبىدىن نېمە دېيىشنى بىلەلمەيۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، تەرجىماننى چاقىرىپ، قۇربان تۇلۇمنىڭ ئىسمىنى، يېشىنى ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورايدۇ. گەرچە ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ سانى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما رەئىس ماۋ زېدۇڭ قۇربان تۇلۇم بىلەن قول ئېلىشىپ تۇرۇپ 10 مىنۇتقا يېقىن پاراڭلىشىدۇ. پاراڭ تۈگىگەندە، قۇربان تۇلۇم رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ قولىنى ھۆرمەت بىلەن تارتىپ، ۋەكىللەر تىزىلىپ تۇرغان سەپنىڭ بىر چېتىگە قويۇلغان بامبۇكتىن ياسالغان بىر يۇمىلاق ئۈستەلنىڭ يېنىغا باشلاپ ئاپىرىدۇ، بۇ يۇمىلاق ئۈستەلدە قۇربان تۇلۇمنىڭ رەئىس ماۋ زېدۇڭغا تەييارلىغان سوۋغاتلىرى تەخلەپ قويۇلغانىدى. قۇربان تۇلۇم تەرجىمان ئارقىلىق رەئىس ماۋ زېدۇڭغا: «مەن بۇلارنى كېرىيەدىن ئالاھىتەن ئۆزلىرىگە سوۋغات قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ كەلدىم» دەيدۇ. رەئىس ماۋ زېدۇڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ چىرايىغا مېھرىبانلىق بىلەن قاراپ، قويۇق خۇنەن تەلەپپۇزىدا: «رەھمەت سىزگە!» دەيدۇ. قۇربان تۇلۇم رەئىس ماۋ زېدۇڭ بىلەن يەنە بىر قېتىم بەختلىك ھالدا قول ئېلىشىپ كۆرۈشىدۇ. قۇربان تۇلۇم رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ ئۆزىنىڭ شىنجاڭدىن ئالاھىتەن ئېلىپ كەلگەن سوۋغاتلىرىنى قوبۇل قىلغىنىدىن خۇش بولۇپ، تېخىمۇ ھاياجانلىنىدۇ... قۇربان تۇلۇم ئاشۇ بەختىيار دەقىقىلەرنىڭ خۇشلۇقىدا ئاپتوبۇسقا چىقىپ ۋەكىللەر ئۆمىكى چۈشكەن مېھمانخانىغا قانداق بېرىپ قالغانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ... 
  ئىككىنچى كۈنى، رەئىس ماۋ زېدۇڭ قۇربان تۇلۇمنى يوقلاشقا مەخسۇس ئادەم ۋە سوۋغات ئەۋەتىدۇ ھەمدە شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت قېرىنداشلارغا ئۆزىنىڭ سەمىمىي سالامىنى يوللايدۇ... شۇنداق قىلىپ، قۇربان تۇلۇمنىڭ كۆپ يىللاردىن بېرى ئىزچىل تۈردە ئەمگەك نەمۇنىچىسى بولۇشقا تىرىشىشى ۋە ئىش - ئەمگەكتىكى ئاكتىپ ئىپادىسى ئارقىلىق بېيجىڭغا بېرىپ، رەئىس ماۋ زېدۇڭنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش ئارزۇسى ئاخىرى ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇ خۇش خەۋەر قۇربان تۇلۇمنىڭ يۇرتىغا يېتىپ بارغاندا، پۈتكۈل كېرىيە قاينام - تاشقىنلىققا چۆمۈپ، بارچە ئامما خۇشاللىقىدىن بېشى ئاسمانغا يەتكۈدەك خۇش بولىدۇ... 
  ئۆمرىدە ھەرخىل جاپا - مۇشەققەتلەرنى، نۇرغۇن كەچۈرمىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن قۇربان تولۇمنىڭ جۇڭنەنخەيدە رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولغاندىكى بۇ تارىخىي ئەھمىيەتلىك كۆرۈنۈش فوتو مۇخبىرنىڭ ئاپپاراتى ئارقىلىق مەڭگۈلۈك گۈزەل ئەسلىمىگە ئايلىنىدۇ... يۈزلىرىنى قورۇق باسقان، ئۆزى ئورۇقراق كەلگەن قۇربان تۇلۇمنىڭ روھىي كەيپىياتى ناھايىتى ئۈستۈن ھالدا رەئىس ماۋ زېدۇڭغا بولغان چەكسىز مىننەتدارلىق، ھۆرمەت ھېسسىياتى ئىچىدە رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ قولىنى ئىككى قولىدا چىڭ سىقىپ تۇرۇپ كۆرۈشكەن، رەئىس ماۋ زېدۇڭ بولسا ئۇنىڭغا قاراپ سەمىمىي كۈلۈمسىرەپ تۇرغان ھالەتتىكى سۈرەت پۈتكۈل جۇڭگو خەلقىگە تونۇش بولۇپ كەتكەن قىممەتلىك تارىخىي سۈرەتكە ئايلىنىدۇ... 
  *       *       *
  پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە تونۇشلۇق بولغان «قۇربان تولۇم رەئىس ماۋ زېدۇڭنى كۆردى» ناملىق بۇ تارىخىي سۈرەتنى شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئاتاقلىق ئايال فوتو مۇخبىرى خوۋ بو تارتقان بولۇپ، بۇ سۈرەتكە دەسلەپتە «ماۋ زېدۇڭ شىنجاڭلىق ئۇيغۇر بوۋاي قۇربان تۇلۇم بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى» دەپ ئىسىم قويۇلىدۇ. بۇ سۈرەت «خەلق گېزىتى»نىڭ 1958 - يىلى 8 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىكى سانىدا «قۇربان تولۇم رەئىس ماۋ زېدۇڭنى كۆردى» سەرلەۋھىلىك ئۇزۇن بىر پارچە ئوچېرىك بىلەن تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، قۇربان تۇلۇم پۈتكۈل جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقىگە تۇنۇش بولۇپ كېتىدۇ. ئوچېرىكتا قۇربان تۇلۇمنىڭ 70 ياشتىن ئاشقان مويسىپىت بوۋاي بولۇشىغا قارىماي، ئېشىكىگە مىنىپ بېيجىڭغا بېرىپ، رەئىس ماۋ زېدۇڭنى كۆرمەكچى بولغانلىقى ھەققىدىكى ھېكايىلەر يېزىلغانىدى. بۇ ئوچېرىك قۇربان تۇلۇمغا ئائىت بىر نەچچە سۈرەت بىلەن بىللە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، قۇربان تۇلۇم ئۇيغۇرلار، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پەخىرلىنىدىغان داڭلىق شەخسكە ئايلىنىدۇ.  
  قۇربان تۇلۇم ئۆمرىدە رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ ئىككى قېتىم قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولىدۇ ھەمدە مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى، 4 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلانغاندىن باشقا، يەنە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق  ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خوتەن ۋىلايەتلىك ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ج ك پ كېرىيە ناھىيەلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، كېرىيە ناھىيەلىك ئىنقىلابىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ. 1959 - يىلى شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولۇپ كىرىدۇ. 1975 - يىلى 5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى كېسەللىك سەۋەبى بىلەن 92 يېشىدا خوتەندە ۋاپات بولىدۇ.
  *       *       *
  گەرچە قۇربان تۇلۇمنىڭ بىزدىن ئايرىلغىنىغا ئۇزاق يىللار بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كېرىيەدىكى شۇنداقلا پۈتكۈل شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە قالدۇرۇپ كەتكەن جۇڭگو كوممۇنىسىتىك پارتىيەسىنى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى سۆيۈش، ئەمگەكنى سۆيۈشتىن ئىبارەت قىممەتلىك روھى ئەڭ زور مەنىۋى بايلىق سۈپىتىدە تا ھازىرغىچە ھەر ۋاقىت كىشىلەرنى ئىلھاملاندۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. 
  1993 - يىلى كېرىيە ناھىيەسىدە قۇربان تۇلۇمنىڭ مەقبەرىسى قاتۇرۇلۇپ، ئىنقىلابىي سەيلىگاھ بولۇپ قالىدۇ. كېرىيە ناھىيەلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى 1995- يىلى  12 - ئايدا رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ قۇربان تۇلۇم بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈۋاتقان ھالىتى ئەكس ئەتكۈزۈلگەن غايەت زور ھەيكەلنى كېرىيە ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي ئېغىزىغا ئورنىتىدۇ. ھازىر بۇ ھەيكەل بۇ يەردە مەزمۇت قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇۋاتىدۇ. «رەئىس ماۋ زېدۇڭ قۇربان تۇلۇمنى قوبۇل قىلدى» ناملىق مىس ھەيكەلنىڭ يوپۇقى 2003 - يىلى 12 - ئاينىڭ 23 - كۈنى خوتەن شەھىرىدىكى «ئىتتىپاق» مەيدانىدا ئېچىلىدۇ. بۇ مىس ھەيكەلنىڭ ئىگىزلىكى 12.26 مېتىر، ئېغىرلىقى ئالتە توننا بولۇپ، ھەيكەلنىڭ ئاساسىغا رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ شېئىرى ئويۇلغان.
  قۇربان تۇلۇم ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ناھايىتى زور غەمخورلۇقى ھەم ياردىمىگە ئېرىشىپ كەلدى. دۆلەتلىك ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ دەرىجىسىنى باھالاش - بېكىتىش كومىتېتىنىڭ تەستىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەخسۇس تۈر مەبلىغى بىلەن 6 مىليون 600 مىڭ يۈەن ئاجرىتىلىپ، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ توغرىغاز يېزىسى توغرىغاز كەنتىدە 2003 - يىلى 4 - ئايدا «قۇربان تۇلۇم خاتىرە ئۆيى» قۇرۇلدى ھەمدە بۇ «خاتىرە ئۆي»گە بارىدىغان مەھەللە يولى ئاسفالتلاشتۇرۇلدى. «خاتىرە ئۆي» 2012 - يىلى دۆلەتنىڭ AA دەرىجىلىك «قىزىل ساياھەت مەنزىرە رايونى» نامىغا ئېرىشتى. بۇ ساياھەت مەنزىرە رايونىغا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە «قىزىل ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسى» دەپ نام بېرىلدى.
  قۇربان تۇلۇم ھايات ۋاقتىدا رەئىس ماۋ زېدۇڭغا، جۇڭگو كوممۇنىسىتىك پارتىيەسىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى بىلەن باشتىن - ئاخىر كومپارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، ئەمگەك نەمۇنىچىسى بولۇشقا تىرىشىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇشتەك ئېسىل روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، سوتسىيالسىتىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشكە ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشىدۇ. 4 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، «مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى» بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، ئۆزىگە تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ھەممىدە ئۈلگە بولۇش ئۈچۈن تىرىشىپ، ئۈن - تىنسىز تۆھپە قوشۇش روھى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق، بىر مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ پارتىيە بايرىقى ئالدىدا بەرگەن مۇقەددەس قەسىمىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
  قۇربان تۇلۇمنىڭ ئىش ئىزلىرى 1960 - يىلى مەملىكەت بويىچە باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ «ئەدەبىيات» دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلىدۇ ھەمدە 2012 - يىلى «قۇربان تولۇمنىڭ بېيجىڭغا بېرىشى» دېگەن نامدا كىنو فىلىمى ئىشلىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىسىتىك پارتىيەسىنىڭ 16- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىغا سوۋغا قىلىنىدىغان نوقتىلىق فىلىملەر قاتارىغا كىرگۈزۈلىدۇ. قۇربان تۇلۇم ھەققىدىكى ھېكايىلەر ئاساس قىلىنغان «رەئىس ماۋ زېدۇڭغا قەدەممۇ قەدەم يېقىنلىشىش» قاتارلىق دىرامىلار ئىشلىنىپ، سەھنىلەردە ئوينىلىدۇ. «قۇربان تاغا، نەگە بارىسىز؟» قاتارلىق نادىر ناخشىلار ئىجاد قىلىنىپ، كىشىلەر ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان ھەم كەڭ تارقالغان ناخشىلاردىن بولۇپ قالىدۇ. جۇڭگوچە رەسىم ساھەسىدىكى ئاتاقلىق رەسسام خۇاڭ جۇۋنىڭ «كېچە - كۈندۈز رەئىس ماۋ زېدۇڭنى سېغىنىش» ناملىق داڭلىق رەسىمىدە قۇربان تۇلۇمنىڭ ئېشىكىگە مىنىپ، راۋىپىنى چالغىنىچە ناخشا ئېيتىپ، شەرققە قاراپ كېتىۋاتقان كۆرۈنۈشى سىزىلغان. بۇ رەسىم رەئىس ماۋ زېدۇڭ ۋاپات بولۇشتىن بىر كۈن ئاۋۋال، يەنى 1976 - يىلى 9- ئاينىڭ 8 - كۈنى كېچىدە پۈتىدۇ. 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى مەشھۇر خەتتات، ئاچارى (بۇددا ئىلمى ئۇستازى) جاۋ پۇچۇ بۇ رەسىمگە ئاتاپ رەئىس ماۋ زېدۇڭغا بولغان كۈچلۈك قايغۇ ئىچىدە ئىمزا قويۇپ بېرىدۇ. 
  
  «قۇربان تۇلۇم خاتىرە ئۆيى»
  
  «قۇربان تۇلۇم خاتىرە ئۆيى» كېرىيە ناھىيەسىنىڭ توغرىغاز يېزىسى توغرىغاز كەنتىگە جايلاشقان. چىرا ناھىيەسىدىن كېرىيە ناھىيەسىگە قاراپ ماڭغاندىكى 315 - نومۇرلۇق دۆلەت تاشيولىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى توغرىغاز كەنتى بۆلىكىدە ئازادە بىر چوڭ ئاسفالت كوچا بار. بۇ كوچىنىڭ ئېغىزىغا ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە ئىككى خىل يېزىقتا نىشان كۆرسىتىلگەن «قۇربان تۇلۇم خاتىرە ئۆيى» دېگەن چوڭ ۋىۋىسكا ئېسىلغان بولۇپ، بۇ كوچا ئادەتتە «خاتىرە ئۆيى يولى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كوچىدىن 50 مېتىر ئىچكىرىسىگە قاراپ ماڭغاندا، «قۇربان تۇلۇم خاتىرە ئۆيى»نىڭ ئالدىغا بارغىلى بولىدۇ. مەھەللە يولىنىڭ باشلىنىش ئېغىزىدىكى سول تەرەپتىكى چوڭ تەشۋىقات دوسكىسىغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە ئىككى خىل يېزىقتىكى «ھەر مىللەت خەلقى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشايلى» دېگەن بېغىشلىمىسى بىلەن، رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ قۇربان تۇلۇمنى قوبۇل قىلغاندىكى ھەيكەل كۆرۈنۈشىنىڭ بىرلەشتۈرۈلگەن سۈرىتى ئورنىتىلغان؛ ئوڭ تەرىپىدىكى چوڭ تەشۋىقات دوسكىسىغا بولسا «قۇربان تۇلۇم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات تەربىيەسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كوچىسى» دېگەن خەتلەر ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە قىلىپ يېزىلغانىدى. مەھەللىنىڭ يولى ئازادە ھەم كۆركەم بولۇپ، ئىككى قاسنىقىدىكى قۇياش ئېنېرگىيەسى چىرىغى ئىستولبىلىرىغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھەم دۆلەت بايرىقىنىڭ سۈرىتى بېسىلغان ئاسما بايراقچە ئورنىتىلغان، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى باشتىن - ئاخىر ئوخشاش سېرىق رەڭدە سۇۋالغان ئۆيلەرنىڭ رەتلىك ھالىتى بىلەن قوشۇلۇپ، كىشىگە سوتسىيالىستىك يېڭى يېزىلارنىڭ يېڭىچە قىياپىتىنى نامايان قىلىپ بېرەتتى.  
  مەن «قۇربان تۇلۇم خاتىرە ئۆيى»گە زىيارەتكە بارغان كۈنى توغرىغاز يېزىلىق پارتكومنىڭ ھەيئىتى، ئىجتىمائىي ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، تەشۋىقات كادىرى يولداش مەتتوختى مەمتىمىن «خاتىرە ئۆيى»نىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇرغانىكەن. بىز قىزغىن كۆرۈشۈپ، ئۆزئارا تونۇشقاندىن كېيىن «خاتىرە ئۆيى»نىڭ ئىچىگە كىردۇق. دەرۋازىنى ياسىن مەمتىمىن ئىسىملىك بىر دېھقان ئاچتى. بۇ كىشى قۇربان تۇلۇمنىڭ نەۋرىسى بولۇپ، «خاتىرە ئۆيى»گە قارايدىكەن. ئۇ بىزنى قىزغىن كۈتۈۋالدى ۋە «خاتىرە ئۆيى»گە باشلىدى. 
  ـــ بۇ خاتىرە ئۆي بوۋام قۇربان تۇلۇمنىڭ ئىلگىرىكى تۇرالغۇسىنىڭ ئورنى. بۇ قانداقتۇر بوۋامنىڭ ئاددىي ھالدىكى خاتىرە ئۆيى ياكى تۇرالغۇسى بولماستىن، بەلكى بوۋام بىزگە ـــ يۇرتداشلارغا قالدۇرۇپ كەتكەن ناھايىتى قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق ھېسابلىنىدۇ. ھازىر بۇ «خاتىرە ئۆيى»گە ھەر كۈنى نۇرغۇن ئادەم كېلىپ، ئېكسكۇرسىيە قىلىپ كېتىدۇ. مەن بۇنىڭدىن بەكلا خۇش بولىمەن. كىشىلەرنىڭ بۇ «خاتىرە ئۆيى»گە كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىپ كۆرۈپ كېتىشى ھەمدە بوۋام ھەققىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلەرنى قايتىدىن ئاڭلاپ، بۇ يەردە كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىگە ئىگە بولۇپ قايتىشى ھەممىمىزنى ئالاھىدە خۇشال قىلىدىغان ھەم ئىپتىخارلاندۇرىدىغان بىر ئىش. 
  «سىلى بۇ <خاتىرە ئۆيى>گە قاراۋاتقانلىقلىرىدىن قانداق تەسىراتتا بولىلا؟» دېگەن سوئالىمغا، ياسىن مەمتىمىن ئەنە شۇنداق جاۋاب بەردى. 
  «قۇربان تۇلۇم خاتىرە ئۆيى»نىڭ دەرۋازا تېمى ناھايىتى ھەيۋەتلىك بولۇپ، قويۇق ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبتىكى نەقىشلىك خىشتىن قوپۇرۇلغان، دەرۋازا ئالدىغا سېمونت خىش ياتقۇزۇلغان، ياغاچتىن ياسالغان دەرۋازىمۇ نەقىشلىك ئىدى. دەرۋازىدىن كىرگەندىن كېيىن، تېگىگە سىمونت خىش ياتقۇزۇلغان ناھايىتى چوڭ ھويلا، ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا كىچىكرەك سۇپا ياسىلىپ، سۇپىغا دۆلەت بايرىقى چىقىرىلغان ئېگىز خادا ئورنىتىلغان ئىدى. ھويلىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى سەھنىنىڭ تېمىغا رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ شېئىرى، ھويلا تېمىغا «ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھنى جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئاڭلىق قوغدايلى» دېگەن شوئار يېزىلغانىدى. سول تەرىپىدە بولسا ئۈستى يېپىلغان، يەردىن يېرىم مېتىرچە ئېگىز قىلىپ قوپۇرۇلغان پەشتاقلىق سۇپىدا بىر كونا تىراكتور كۆرگەزمىگە قويۇلغانىدى. 
  ياسىن مەمتىمىننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ تىراكتورنى ئەينى يىلى رەئىس ماۋ زېدۇڭ تەقدىم قىلغان بولۇپ، شۇ ۋاقىتتا رەئىس ماۋ زېدۇڭ قۇربان تۇلۇم بىلەن كۆرۈشكەندە: «نېمىگە ئېھتىياجىڭىز بار؟ ھەل قىلىپ بېرەيلى» دەپ سورايدۇ. قۇربان تۇلۇم: «سىلىنىڭ رەھبەرلىكلىرىدە ھەممە نەرسىمىز تەخ بولدى. مېنىڭ ھېچقانداق ئېھتىياجىم يوق. بىر قىسىم ئېتىز - ئېرىق ئىشلىرىمىزنى تېخىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك قىلىشتا تۆمۈر بۇقىغا ئېھتىياجىمىز بار» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن رەئىس ماۋ زېدۇڭ شىنجاڭ «ئۆكتەبىر» تىراكتور زاۋۇتىغا كېرىيە ناھىيەسىنىڭ توغرىغاز «قىزىلبايراق» كوممۇناسىغا بىر تىراكتور بېرىشىنى تەستىقلاپ بېرىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا قۇربان تۇلۇم «تۆمۈر بۇقا» دەپ ئاتىغان، رەئىس ماۋ زېدۇڭ تەستىقلاپ بەرگەن تىراكتور مۇشۇ ئىكەن. تىراكتورنىڭ ئۈستى تەرىپىگە ئېسىپ قويۇلغان تاختايغا ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە قىلىپ: «ماۋ جۇشى تەقدىم قىلغان تىراكتور» دەپ يېزىلغان. بىر قاراشقىلا كۆپ يىللىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىنىڭ ھۆددىسىدىن چىققانلىقى بىلىنىپ تۇرىدىغان بۇ تىراكتور ئوبدان ئاسرالغانلىقتىن، 50 نەچچە يىلدىن كېيىنكى ھازىرقى ۋاقىتتىمۇ خېلىلا ياخشى ھالەتتە ساقلانغانىدى. 
  تىراكتورنىڭ يېنىدىكى ئۆيلەر قۇربان تۇلۇمنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى تۇرالغۇسى بولۇپ، تامغا «قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەسلىي ئولتۇراق ئۆيى» دەپ يېزىلغان. بۇ ئۆيلەر ئىچكىرى - تاشقىرى ئايرىم - ئايرىم تۆت ئېغىزلىق ئۆي بولۇپ، ئەڭ باشتىكى ئۆينىڭ ئىشىكى بىلەن دېرىزىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ قۇربان تۇلۇمنى قوبۇل قىلغاندىكى خاتىرە سۈرىتى ياغاچ رامكىغا ئېلىپ ئېسىپ قويۇلغان. بۇ ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىگە قۇربان تولۇم ھايات ۋاقتىدا ئىشلەتكەن ھەمدە شۇ دەۋرلەردە ئىشلىتىلگەن تارىخىي بۇيۇملار قويۇلغان. بۇ بۇيۇملار ئىچىدە ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىدىغىنى رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ ھەرخىل پائالىيەتلەرگە قاتناشقاندىكى تارىخىي سۈرەتلىرى، رەسىملىرى ۋە ئەسەرلىرى ئىدى. بۇ قىممەتلىك بۇيۇملار قۇربان تۇلۇم ياشىغان ئاشۇ دەۋرلەرنىڭ جانلىق كارتىنىسى سۈپىتىدە كىشىلەرگە ئاشۇ تارىخىي يىللارنىڭ نۇرغۇن خاتىرىلىرىنى ئەسلىتىدۇ. ئۆيلەرنىڭ تاملىرىغا قۇربان تۇلۇم جەمەتىنىڭ ئائىلە شەجەرىسى قىزىل چوڭ قەغەزگە دىياگراممىلاشتۇرۇلۇپ يېزىلغان بولۇپ، قۇربان تۇلۇم ۋە ئۇنىڭ جەمەتىدىكىلەرنىڭ ھەر قايسى تارىخىي يىللاردىكى تۈرلۈك سۈرەتلىرى چاپلانغانىدى. 
  «خاتىرە ئۆيى»نىڭ كەڭرى كەتكەن ھويلىسىنىڭ تۆرىگە، يەنى قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەسلىدىكى تۇرالغۇسىنىڭ كەينى تەرىپىگە ئىككى قەۋەتلىك «خاتىرە ئۆيى» سېلىنغانىدى. «خاتىرە ئۆيى»نىڭ چوڭ ئىشىكىدىن كىرگەندە ئىككى قەۋەتلىك چوڭ زال، زالنىڭ بىرىنچى قەۋىتى بىلەن ئىككىنچى قەۋىتىگە ئۇلاشقان ئۇدۇلدىكى تامغا رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ قۇربان تۇلۇمنى قوبۇل قىلغاندىكى كۆرۈنۈش سىزىلغان ناھايىتى چوڭ رەسىم رامكىغا ئېلىنىپ ئورنىتىلغان، رەسىم خۇددى تارتىلغان سۈرەتتەكلا تەبىئىي بولۇپ، ناھايىتى جانلىق سىزىلغانىدى. رەسىمنىڭ ئاستىدىكى ئەينەك ساندۇققا گوۋۇيۈەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا سوۋغا قىلغان «مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن تەقدىم. 2015 - يىلى 9 - ئاي» دېگەن ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە خەتلەر ئويۇلغان چىرايلىق گۈللۈك لوڭقا قويۇلغان. لوڭقىنىڭ ئالدىدا «قۇربان تۇلۇم خاتىرە ئۆيى»نىڭ چۈشەندۈرۈشى، يەنى خاتىرە ئۆيگە يېزىلغان «كىرىش سۆز» بار. 
  چوڭ زالنىڭ بىرىنچى قەۋىتىنىڭ ئوڭ تەرىپى بولسا قاپارتما نەقىشلىك تام، تامغا ئوبرازلىرى ناھايىتى جانلىق ۋە ئۆزگىچە لايىھەلەنگەن قاپارتما رەسىملەر ئويۇلغان، بۇ رەسىملەر زالنىڭ كەڭرى بوشلۇقىغا ئۆزگىچە تۈس بېغىشلىغان. زالنىڭ سول تەرىپىدىكى پەلەمپەيگە ماڭىدىغان ئورۇندىكى تامدا شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنىتلىقى مۇخبىرى خۇۋ بو بىلەن «خوتەن گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى چى ليەنشەننىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ سۈرەتلىرىنى تارتىش ھەم قۇربان تۇلۇمنى زىيارەت قىلىپ خەۋەر يېزىش جەريانىدىكى ئەسلىمىلىرىنىڭ قول يازما نۇسخىسى ۋە تارتقان سۈرەتلىرى چاپلانغان ئىدى. 
  زالنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىگە چىقىدىغان پەلەمپەينىڭ يېرىمىدىكى تامغا رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ «بارچە مىللەت چالدى ساز، يۈتيەنمۇ بار بۇ نەغمىدە» دېگەن شېئىرىنىڭ ئىككى مىسراسى قىزىل تەگلىككە ئالتۇن ھەلدە يېزىلغانىدى. ئىككىنچى قەۋەتكە چىققاندىن كېيىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان كارىدور، كارىدورنىڭ تاملىرىغا قۇربان تۇلۇمغا ئائىت تۈرلۈك تارىخىي سۈرەتلەر، چۈشەندۈرۈشلەر رامكىلارغا ئېلىنىپ ئورنىتىلغان بولۇپ، كۆرگەزمىخانا چوڭ جەھەتتىن «سىنخانا» ھەم «كۆرگەزمىخانا» دەپ ئىككىگە ئايرىلغانىدى. كۆرگەزمىخانىلارغا قۇربان تۇلۇمنى ئەينى ۋاقىتتا رەئىس ماۋ زېدۇڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى قوبۇل قىلغاندىكى تارىخىي سۈرەتلەر؛ قۇربان تۇلۇم يۇرتداشلىرى بىلەن بىللە ئەمگەك قىلغاندىكى، ئۆزئارا پاراڭلاشقاندىكى، پايتەخت بېيجىڭدىن قايتىپ كېلىپ ھەر ساھە ئاممىغا تەسىراتلىرىنى سۆزلەپ بېرىۋاتقانىدىكى سۈرەتلەر؛ قۇربان تولۇم ئىشلەتكەن ھەم شۇ دەۋرلەردە ئىشلىتىلگەن ھەر خىل ئەمگەك، تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە باشقا ھەر خىل تارىخىي سۈرەتلەر؛ رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن 20 نەچچە خىل خاتىرە ئىزناك تىزىلغان ھەم ئېسىپ قويۇلغانىدى. كۆرگەزمىخانىلارغا قويۇلغان يېزىقچە ماتېرىياللار، سۈرەتلەر، رەسىملەر، ئۈن - سىن ماتېرىياللىرى ۋە باشقا تۈرلۈك ئەمەلىي بۇيۇملاردىن قۇربان تۇلۇمنىڭ جۇڭگو كوممۇنىسىتىك پارتىيەسىنى، سوتسىيالىزمنى، يۇرتنى، ئەمگەكنى سۆيىدىغان دەۋر روھى، شۇنداقلا ئاشۇ تارىخىي يىللاردىكى جاپالىق كۈرەشنىڭ خاتىرىلىرى تولۇق نامايان بولاتتى. بۇ خاتىرە ئۆيىنىڭ ئىگىلىگەن ئومۇمىي يەر كۆلىمى 512.17 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، 2014 - يىلى كېڭەيتىلىپ قۇرۇلغان، 2016 - يىلى 11- ئاينىڭ 7 - كۈنىدىن باشلاپ سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن ئىكەن.  
 
  «قۇربان تۇلۇم خاتىرە ئۆيى»نى ھۆرمەت بىلەن ئەستايىدىل ئېكسكۇرسىيە قىلغاچ، ژۇرنىلىمىز ئوقۇرمەنلىرىنىڭ كۆرۈشىگە سۇنۇش ئۈچۈن تاملاردىكى بىر قىسىم قىممەتلىك تارىخىي سۈرەتلەرنى قايتا سۈرەتكە تارتىۋالدىم. بۇ خاتىرە ئۆينى ئېكسكۇرسىيە قىلىۋېتىپ خۇددى قۇربان تۇلۇم بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندەك، قۇربان تۇلۇم بېيجىڭدىن قايتىپ كېلىپ، رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن بەختلىك دەقىقىلەرنى يۇرتداشلىرى قاتارىدا ماڭىمۇ ھېكايە قىلىپ بېرىۋاتقاندەك تۇيغۇغا چۆمۈلدۈم...
   (داۋامى بار)
  2017 - يىلى يانۋار - فېۋرال. كېرىيە - ئۈرۈمچى 
  سۈرەتلەرنى خۇۋ بو، چى ليەنشەن، جاۋ خاۋ، مۇھەممەدسالىھ مەتروزى تارتقان.
  «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2017 - يىللىق 1 - سانىدىن تاللاپ ئېلىندى.