باتېر «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىپ، مىللەتلەر ئاخبارات - تەشۋىقات خىزمىتىگە قارىتا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 994   يوللانغان ۋاقتى: 2017-09-14 08:52:30

 باتېر «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىپ، مىللەتلەر ئاخبارات - تەشۋىقات خىزمىتىگە قارىتا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى

  
  2017 - يىلى 9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پابالا گېلېلاڭجيې، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل ئەھمەد، ئىسمائىل تىلىۋالدى قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ ژۇرنالنىڭ 60 يىللىقىغا ئاتاپ يازغان بېغىشلىمىلىرى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى باتېر يىغىنغا قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى.
 
دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى باتېر ژۇرنىلىمىزنىڭ نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىپ، سۆز قىلدى.
 
  باتېر مۇنداق دېدى: «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ نەشر قىلىنىشى مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ژۇرنالنىڭ چىقىش نۇقتىسى يۇقىرى، تەرەققىياتى تېز، ئالاھىدىلىكى روشەن، تۆھپىسى زور بولدى؛ 60 يىلدىن بۇيان «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى پارتىيەنىڭ مىللەت نەزەرىيەسى سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش، مىللەتلەرگە دائىر بىلىملەرنى تارقىتىش، مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش قاتارلىق تەرەپلەردە مۇھىم رول ئويناپ كەلدى.
  باتېر تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق «ئىككى يۈز يىل»لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتەك جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا تىرىشماقتا. مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتىدىكى ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىرقاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ مىللەتلەر خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى ئاخبارات تارقىتىش دەۋرىدىكى مىللەتلەر ئاخبارات - تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتىنى چىڭ ئىگىلەپ، جۇڭگودىكى مىللەتلەرنىڭ ھېكايىلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ياخشى سۆزلەپ، جۇڭگودىكى مىللەتلەرنىڭ ئاۋازىنى ياخشى تارقىتىپ، «جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرى بولۇپ، بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش» ئۈچۈن يېڭى تۆھپە  يارىتىشى كېرەك.
 
 
«جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى.

  باتېر يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەرنىڭ ئاخبارات - تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيەۋىلىك بىلەن خەلقچىللىقنىڭ ئۆزئارا بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، توغرا بولغان جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىنى پۇختا ئىگىلەشنى؛ مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇملۇق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، باشتىن - ئاخىر ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىشنى؛ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە يېڭىلىق يارىتىپ، يۇغۇرۇلما تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەۋەرلەرنىڭ تارقىلىش كۈچىنى، يېتەكلەش كۈچىنى، تەسىر كۈچىنى، ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈشنى؛ مەشىق ئارقىلىق ئاساسنى پۇختىلاشتا چىڭ تۇرۇشنى؛ مۇخبىر ۋە تەھرىرلەر قوشۇنىنىڭ سىياسىي ساپاسى ۋە كەسپىي سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈشنى؛ پارتىيەنى باشقۇرۇش - ئىدارە قىلىشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتچان  بولۇش، قىلغان ئىشىغا ئۆزى مەسئۇل بولۇش ۋە مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلالايدىغان بولۇشنى تەكىتلىدى.
 
 ليۇ خۇي  سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  سۆھبەت يىغىنىغا دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ليۇ خۇي رىياسەتچىلىك قىلدى. مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭى، دۆلەتلىك ئاخبارات - نەشرىيات، رادىيو - كىنو - تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، مەركەزدىكى مۇناسىۋەتلىك ئاخبارات تارماقلىرى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى ئالاقىدار يولداشلار؛ دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، بىۋاسىتە قاراشلىق ھەرقايسى ئىدارىلەردىكى مەسئۇل يولداشلار ھەمدە مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتىدىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم يولداشلار، ئىشلەۋاتقان كادىرلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. 
  «جۇڭگو مىللەتلىرى» (ئىلگىرىكى نامى «مىللەتلەر ئىتتىپاقى») ژۇرنىلى ــ دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى باشقۇرىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتى نەشر قىلىدىغان، مىللەتلەرگە دائىر قەرەللىك ئـۇنىۋېـرسال، سىياسـىي ژۇرنال بولۇپ، 1957 - يىل 10 - ئايدا تۇنجى سانى نەشر قىلىنغاندىن بۇيان ھازىرغىچە مەملىكەت ئىچى ھەم دۇنيادىكى 100گە يېقىن دۆلەت، رايونغا تارقىتىلدى. «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى نەشر قىلىنغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مىللەت نەزەرىيەسى سىياسىتىنى باشتىن - ئاخىر توغرا شەرھلەپ، جۇڭگودىكى 56 مىللەتنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، گۈللەپ تەرەققىي قىلىش تارىخىنى خاتىرىلەپ، مىللەتلەر خىزمىتىدىكى تەجرىبە، مۇۋەپپەقىيەتلەرنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاپ، خەنزۇ، موڭغۇل، ئۇيغۇر، قازاق، چاۋشيەن، ئىنگلىز تىل - يېزىقلىرىدىكى ئالتە خىل ژۇرنال نۇسخىسىنى؛ «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىنى ھەمدە خەنزۇ، موڭغۇل، ئۇيغۇر، قازاق، چاۋشيەن تىل - يېزىقلىرىدىكى بەش ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئالتە ژۇرنال، ئىككى تور بېكىتى، بەش ئۈندىدار سۇپىسى بولۇش»تەك ھالەتنى شەكىللەندۈردى.