2017 – يىللىق 4 - ساندىكى تەۋسىيەلىك ماقالە - ئەسەرلەر

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 558   يوللانغان ۋاقتى: 2017-08-02 08:49:39

   

  
    گۈزەللىك ئەمگەك ئارقىلىق تېخىمۇ ۋايىغا يېتىدۇ. ئىيۇلنىڭ ئاخىرىدا ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ يىللىق 4 - سانى ئۆز قەرەلىدە نەشردىن چىقىپ، ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى. سىز بۇ سان ژۇرنالنىڭ مۇقاۋىسىدىكى گېلەمچى قىزلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى گۈزەللىكنى ئۇلارنىڭ ئەمگەك قىلىۋاتقان ھالىتىدىكى ئۆزگىچە كارتىنىلار بىلەن قوشۇلۇپ كۆز ئالدىڭىزدا تولىمۇ يېقىملىق ھالەتتە نامايان بولغانلىقىنى تولۇق ھېس قىلالايسىز... 
    بۇ سان ژۇرنالنىڭ «مەركەزدىن كەلگەن سادا» سەھىپىسىدە دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ  5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلغان «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان «يىپەك يولى روھى ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ قىممەتلىك مىراسى»، «<بىر بەلباغ، بىر يول> قۇرۇلۇشىنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ گۈزەل كېلەچەككە يۈزلىنىشىمىز كېرەك» ناملىق ئىككى ماۋزۇ ئاستىدىكى مۇھىم سۆزلىرى ئېلان قىلىندى.
  «بىرىنچى كۆزنەك» سەھىپىسىدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى شىنجاڭ زېمىنىدا مەڭگۈ جەۋلان قىلدۇرايلى» ناملىق ئىمزالىق ماقالىسى بىلەن دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى باتېرنىڭ  5 - ئاينىڭ 25 -، 26 - كۈنلىرى بېيجىڭدا، 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 19 - كۈنىگىچە جېجياڭ ۋە خۇنەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا قىلغان «ئەڭ ياخشى ئۆلچەم بىلەن مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك»، «<جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ، بىر نىيەتتە جۇڭگۇ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش> ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك» ناملىق ئىككى پارچە سۆزىنىڭ قىسقارتىلمىسىنى ئېلان قىلدۇق.
  بۇ سان ژۇرنالنىڭ «ئۇچۇر كۆزنىكى» سەھىپىسىدە «گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى <شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە يۈكسىلىشى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىندى» ناملىق ماقالىنى ئېلان قىلدۇق. «سۈرەتلىك ئالبوم. ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىدە» سەھىپىسىدە «بېيجىڭ <بىر بەلباغ، بىر يول> خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنى كۈتۈۋالدى»، «يىپەك يولىدىكى يۇلتۇزلۇق ئاسمان»، «دېڭىز يىپەك يولى سەنئەت باغچىسى. ئاسىيا باغچىسى»، «مياۋزۇ كەشتىچىلىكى بويىچە ئىشلەنگەن كەشتە رەسىم» ناملىق سۈرەتلىك ماقالىلارنى ئېلان قىلدۇق.
  ئۇنىڭدىن باشقا بۇ سان ژۇرنالنىڭ «مىللەت ۋە قائىدە - نىزام» سەھىپىسىدە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش نىزامى»؛ «مىللەت ۋە تەرەققىيات» سەھىپىسىدە گۇ لىيەننىڭ «ھەر مىللەت خەلقنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقىغا قانۇن بويىچە تولۇق ھۆرمەت قىلىندى ۋە ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىندى»؛ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولايلى» سەھىپىسىدە ئابدۇلېتىپ ئابدۇرېھىمنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت  خەلقنىڭ جان تومۇرى»؛ ۋاڭ لېينىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئادەتكە ئايلاندۇرايلى»؛ مۇختەر ياقۇپ، رابىگۈل مەمەتنىڭ «<مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش> پائالىيىتىدە تاشيولچىلار دېھقانلار بىلەن تۇغقان بولدى»؛  «مىللەت ۋە تەنتەربىيە» سەھىپىسىدە ئۆركەش جاپپارنىڭ «دېھقانلارنىڭ شادلىقى ـــ ئەلنىڭ شادلىقى»؛ «ئەخلاق گۈلىستانى» سەھىپىسىدە ئابلەت ئەخمەتنىڭ «ئانامنىڭ توغرا گەپلىرى»؛ «مەخسۇس ماقالە. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولايلى» سەھىپىسىدە يوپۇغا ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى قەيسەر قەييۇمنىڭ «ئەجدادلارغا ئوخشاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى يولىدا قەتئىي ئالغا ئىلگرىلەيمەن»؛ «ياشلىق ئالبومى» سەھىپىسىدە «كۆزگە كۆرۈنگەن تېلېۋىزىيە رىياسەتچىسى مۇنىرە غوپۇر»؛ «سۆيۈملۈك شىنجاڭ» سەھىپىسىدە ياڭ جۈنچىننىڭ «<ساراڭ دوغ>. جەنۇبىي شىنجاڭدا يازدىكى مۇز»؛ «مىللەت ۋە مائارىپ» سەھىپىسىدە گۈلمىرە ئىسمائىلنىڭ «بالىلاردا توغرا ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ـــ ئۇلارنىڭ ئۆمۈرلۈك تىرىشچانلىقىغا ئاساس سالىدۇ»؛ «شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا» سەھىپىسىدە يۇنۇس سادىقنىڭ «دىققتىمىزدىكى قومۇل: قومۇلدىكى داڭلىق ساياھەت نوقتىلىرى (2)»؛ «سۈرەتتىكى ھېكايە» سەھىپىسىدە ھۈسەنجان قاسىمنىڭ «قىزىم مەكتەپكە كىرىدۇ»، چېڭ گۇڭنىڭ «جەنۇبقا ئۇچقان <پەسىل قۇشلىرى> ___ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ لېيجۇ يېرىم ئارىلىدىكى شىكەر قۇمۇشى ئورغۇچى ئاز سانلىق مىللەت دېھقان ئىشلەمچىلىرى ھەققىدە»؛ «مىللەتلەر باغچىسى» سەھىپىسىدە خەن ليەنيۈننىڭ «مۇڭغۇللارنىڭ چاچ كېسىش مۇراسىمى»؛ «مىللەتلەر خىزمىتىدىكى تۆھپىكارلار» سەھىپىسىدە ئەخمەت ھەمدۇللانىڭ «ئەمگەكچان ئادەم ــــ يۇنۇس سادىق»؛ «تەرمىلەر» سەھىپىسىدە «ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى يېمەكلىك بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك»؛ «مىللەت ۋە مەدەنىيەت» سەھىپىسىدە ئەركىن  تاشتۆمۈرنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئاياغ كىيىمى ـــ چورۇق»؛ «فوتوگرافلار مۇنبىرى» سەھىپىسىدە «دېھقان فوتوگراف ئانارگۈل ئەيسانىڭ فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىدىن زوقلىنىڭ»؛«گۈلۈم» سەھىپىسىدە مۇكەررەم ئەمەتنىڭ «ئۇستازغا مەدھىيە»، (نەسر) بۇزۆرەگۈل يۈسۈپ (ناتىۋان)نىڭ «دېھقان» (شېئىر)؛ «گۈلدەستە» سەھىپىسىدە ئابدۇسالام ھوشۇرنىڭ «ۋەتەن كۈيلىرى» قاتارلىق ماقالە، ئەسەر ۋە سۈرەتلىك ماقالىلىرى ئېلان قىلىندى. «سۈزۈك قەترىلەر» سەھىپىسىگە «پوزىتسىيە قانداق بولسا، ھايات شۇنداق بولىدۇ» ناملىق ماقالە بېرىلدى.
  بۇ سان ژۇرنالنىڭ مۇقاۋىسىنىڭ 3 - بېتىدىكى «بىز ئۇچراشقان كىشىلەر. <جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى تۆھپىكارلار ئالبومى» سەھىپىسىدە «كۆزگە كۆرۈنگەن تېلېۋىزىيە رىياسەتچىسى مۇنىرە غوپۇر» تونۇشتۇرۇلدى.
  قەدىردان ئوقۇرمەن: بۇ سان ژۇرنالدىكى سەرخىل ماقالە - ئەسەرلەرنى تولۇق ئوقۇپ چىقماقچى، نادىر فوتو سۈرەتلەردىن قانغىچە زوقلانماقچى بولسىڭىز، ژۇرنىلىمىزنى ئەستايىدىل ۋاراقلاپ چىققايسىز...