2017 – يىللىق 3 - ساندىكى تەۋسىيەلىك ماقالە - ئەسەرلەر

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 797   يوللانغان ۋاقتى: 2017-06-07 14:55:14

   ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، ۋەكىللەر باش شۇجىغا دوپپا تەقدىم قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ باش شۇجىغا بولغان ئەڭ يۈكسەك ھۆرمىتى ۋە ئەڭ ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈردى. بۇ سان ژۇرنالدا ئاشۇ ئۇنتۇلغۇسىز دەقىقىلەرنىڭ قىممەتلىك خاتىرىسىنى ئوقۇرمەنلەر ھۇزۇرىغا سۇندۇق...

  بۇ سان ژۇرنالنىڭ «مەركەزدىن كەلگەن سادا» سەھىپىسىدە دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى باتېرنىڭ 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە خەينەن ئۆلكىسىدە مىللەتلەر خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىكى «<جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ، بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش>نىڭ دەۋر يېڭى سەھپىسىنى يېزىپ چىقايلى» ناملىق سۆزىنى ئېلان قىلدۇق.
  ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىدىكى ئېلىمىزدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى، ئۆرپ - ئادىتى قاتارلىق مەزمۇنلار تۇنۇشتۇرۇلىدىغان «سۈرەتلىك ھېكايە. 56 مىللەت بىر ئائىلە» سەھىپىسىدە «<قوتازنىڭ بېيجىڭغا كىرىشى>. ئېگىزلىكتىكى قوتاز مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى»، «باھاردىكى قازاقچە ئۇسسۇل»، «دۇڭزۇ كەشتىچىلىكى مۇسابىقىسى»، «دۇڭزۇ كەنتىدىكى يېڭى چايلار»، «بۇيىزۇ مىللىتى. باھاردىكى تۇنجى چاي يوپۇرماقلىرىنى ئۈزۈش»، «چايزارلىقتا ياڭرىغان يېقىملىق كۈيلەر» قاتارلىق بىر تۈركۈم سۈرەتلىك ماقالىلارنى ئېلان قىلدۇق.
  ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىدىكى «كۆزنەك» سەھىپىسىدە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگونىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلادلىرىغا بولغان سەمىمىي كۆيۈنۈشى ۋە غەمخورلۇقىدىن خاتىرىلەر» ناملىق ماقالىنى ئېلان قىلدۇق. 
  «كۆزنەك» سەھىپىسىدە يەنە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرەيلى» ناملىق ماقالىسى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شاۋكەت ئىمىننىڭ «ئۇيغۇر كادىرلار بايرىقى روشەن ھالدا بۆلگۈنچىلىككە، ئەسەبىيلىككە ۋە زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇشى كېرەك» ۋە «ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلدۇق.
   «مىللەتلەر خىزمىتى تەتقىقاتى» سەھىپىسىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى (دىن ئىشلىرى ئىدارىسى) پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىرى (ئىدارە باشلىقى) تۇرغان پىدانىڭ «رەھبىرىي كادىرلار بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلدۇق.
  «مەخسۇس ماقالە. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولايلى» سەھىپىسىدە مۇخبىرىمىز مۇھەممەدسالىھ مەتروزىنىڭ «چەكسىز مېھىر - مۇھەببەتكە تولغان قۇربان تۇلۇم ئائىلىسى» ناملىق ماقالىسىنىڭ ئۈچىنچى قىسمىنى ئېلان قىلدۇق. 
  «ئەخلاق گۈلىستانى» سەھىپىسىدە مەمتىمىن ياقۇپنىڭ «تاغ روھى ۋە ساداقەتمەنلىك»، «سالام، جەنۇبىي شىنجاڭ» سەھىپىسىدە مۇخبىرىمىز نيۇ جىنەننىڭ «يېشىللىقتىن ۋۇجۇدقا كەلگەن ھاللىق تۇرمۇش ئارزۇسى»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولايلى» سەھىپىسىدە ئۆركەش جاپپار، پولات نىيازنىڭ «يۈرەك تونۇيدۇ»، «كارخانىچىلىرىمىز مۇنبىرى» سەھىپىسىدە ئابلىمىت ئابلەتنىڭ «ساداقەتتىن بىنا بولغان <ئالتۇن ماكان>»، «ئۇيغۇر يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىگە نەزەر» سەھپىسىدە «قەشقەر. <سۇلتان چاي - تائاملىرى>»، «ئۆگىنىش ۋە تەشۋىقات» سەھىپىسىدە مۇھەممەدسالىھ مەتروزىنىڭ «مىللەتلەر خىزمىتى تەشۋىقاتىدا ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك بىر نەچچە نوقتا»، «ئاز سانلىق مىللەت تۆھپىكارلىرى»، «بىز ئۇچراشقان كىشىلەر. <جۇڭگو مىللەتلىرى> ژۇرنىلى تۆھپىكارلار ئالبومى» سەھىپىسىدە نائىلجان تۇرغاننىڭ تىلشۇناس، ئاتالغۇشۇناس، ئالىي تەرجىمان ئالىم خەسەنىنىڭ تىل - يېزىق خىزمىتىدىكى نەتىجىلىرى خاتىرىلەنگەن «بارلىقىنى ئاز سانلىق مىللەت تىل - يېزىق خىزمىتىگە بېغىشلىغان تۆھپىكار» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلدۇق.
  «سۈزۈك قەترىلەر» سەھىپىسىدە «كىچىك ئىشلارنى قىلىشقا سەل قارىماڭ» ناملىق ماقالىنى ئېلان قىلدۇق.
  بۇ سان ژۇرنالدا يەنە سۈرەتلىك خەۋەرلەردىن «<مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش> پائالىيىتى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ ھەرقايسى تۈەن - مەيدانىدا كەڭ قانات يايدۇرۇلماقتا» ناملىق سۈرەتلىك خەۋەرنى ئېلان قىلدۇق.
  ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىدا ئېلان قىلىنغان ماقالە - ئەسەرلەردىن تېخىمۇ تولۇق خەۋەردار بولاي دېسڭىز، ژۇرنىلىمىزنى تولۇق كۆرۈپ چىققايسىز.