2017 – يىللىق 2 - ساندىكى تەۋسىيەلىك ماقالە - ئەسەرلەر

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 1215   يوللانغان ۋاقتى: 2017-04-21 18:16:25

   بارچە دىللار مىللەتلەرنىڭ ئىناق - ئىتتىپاقلىقىدىن سۆيۈنىدۇ

  
  ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ يىللىق 2 - سانىنىڭ مۇقاۋىسىدىن سىز ئەڭ ئاۋۋال مىللەتلەرنىڭ ئىناقلىق ۋە ئىتتىپاقلىقىنىڭ گۈزەل كارتىسىنى كۆرۈۋالالايسىز. بۇ سان ژۇرنالدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ھەققىدىكى مەزمۇنلار ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان. چۈنكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىزگە بىز چۆمگەن بەخت تۇيغۇسىنى، چېھرىمىزدىكى شاد - خۇراملىقنى ۋە دەۋرىمىزنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ...
  بۇ سان ژۇرنالدا شىنجاڭدا نۆۋەتتە كەڭ دائىرىلىك قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىگە تەشۋىقات جەھەتتىن ئەڭ يېقىندىن ماسلىشىشنى ھەم ئۇنىڭغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشنى باش مەقسەت قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئالاھىدە مەدھىيە ئوقۇلدى؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان مۇھىم ماقالىلار بېرىلدى؛ جايلاردا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنىڭ مەزمۇنلىرى كەڭ دائىرىدە مەخسۇس تەشۋىق قىلىندى. شۇڭا سىز بۇ سان ژۇرنالدىن ئۆزگىچە مەنىۋى مەنپەئەتكە ئېرىشەلەيسىز.
  بۇ سان ژۇرنالنى ۋاراقلىسىڭىز، ئۇنىڭ بەتلىرىدىكى سەرخىل سۈرەتلەر ۋە ماقالىلاردىن پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئېلىمىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىگە، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرىنىڭ يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىلەن قاراپ، مۇھىم يوليۇرۇقلارنى بىرىۋاتقانلىقىنى؛ ئېلىمىزدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ بىر نىيەت ۋە بىر مەقسەتتە قەلبداش، ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇپ، ئىتتىپاقلىق مارشىنى تەڭ ياڭرىتىۋاتقانلىقىنى؛ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قولنى قولغا تۇتۇشۇپ، بىر نىيەت - بىر مەقسەتتە گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا ئۆزلىرىنىڭ تېگىشلىك كۈچىنى تەقدىم قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايسىز. 
  ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىدىكى ــــ
  «مەركەزدىن كەلگەن سادا» سەھىپىسىدە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان سۆزىدىن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى ئۇزاققىچە پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇش كېرەك»، 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان سىچۈەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان سۆزىدىن «مۇھىمى دەل جايىدا كۈچەش، بەزى خىزمەتلەردە  <گۈل كەشتىلەش> ماھارىتىنى ئىشقا سېلىش كېرەك»، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - يىغىنىدا بەرگەن «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تىكى «بۇرچنى دادىللىق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلىسەكلا، شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتالايمىز» دېگەن  مۇھىم مەزمۇنلار دىققىتىڭىزدە بولىدۇ.
  «مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن» مەخسۇس سەھىپىسىدە «تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالى بالدۇر باھار تۈسى ئالدى ـــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقانلىقى توغرىسىدا خاتىرە»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا زەبانى ۋە سىبانى ئەيلىگەندەك، يىغقاندەك، كاللەكلىگەندەك ئىتتىپاقلىشىش كېرەك ـــ زۇڭلى لى كېچياڭ شىزاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى»، «مۇھىم سۆزنى ئۈچ قېتىم دېيىش كېرەك، <ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چېگرا رايونلار> دېگەن سۆزنى قىسقارتىۋېتىشكە بولمايدۇ ـــ زۇڭلى لى كېچياڭ گۇاڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى»، «مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئايال ۋەكىللىرىنىڭ سالاپىتى» قاتارلىق ماقالە ۋە سۈرەتلەر بېرىلدى.
  «سۈرەتتىكى ھېكايە. 56 مىللەت بىر ئائىلە» ناملىق سەھىپىدە «پوچتا ماركىسى ـــ <چاغاننى قۇتلۇقلاش>»، «شىزاڭنىڭ ئەنئەنىۋى دېھقانچىلىق مۇراسىمى ـــ <ئەتىيازلىق يەر ئاغدۇرۇش>»، «گۇاڭشى. جۇاڭزۇلارنىڭ يۇرتىدا بەش خىل رەڭلىك نومى گۈرۈچى ئېشى»، «يۈننەن. چېچەكلىكتە كۈي - نەغمە» قاتارلىق سۈرەتلىك ماقالىلار بېرىلدى.
  «مىللەت ۋە قانۇن - نىزام» سەھىپىسىدە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» ئېلان قىلىندى. 
  «مەخسۇس ماقالە. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولايلى» سەھىپىسىدە مۇخبىرىمىز مۇھەممەدسالىھ مەتروزىنىڭ «چەكسىز مېھىر - مۇھەببەتكە تولغان قۇربان تۇلۇم ئائىلىسى (2)»؛ «سۈرەتلىك ئالبوم» سەھىپىسىدە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان بارلىق ۋەكىللەر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا مۇرجىئەتنامە چىقاردى: ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملەيلى»، «<مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش> ناملىق يولۇچىلار ئالاھىدە تېز پويىزى قاتنىدى»؛ «مىللەتلەر باغچىسى» سەھىپىسىدە ئامىنە تاشمۇھەممەتنىڭ «ئۈرۈمچى: بېزەكدەرۋازا مەھەللىسىدىكى <ئاز سانلىق مىللەتلەر ئانار گۈلى ئەدەبىيات - سەنئەت ئەترىتى»، قۇربانجان مامۇتنىڭ «بورتالا: سايرام كۆلىدە پانۇس بايرىمى»، مۇختەر ياقۇپنىڭ «نورۇز كۈنىدىكى <مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش> بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى»؛ «شىنجاڭلىقلار ھەر جايدا» سەھىپىسىدە مەلىكىزات تاھىرنىڭ «شاۋگەن شەھىرىدە ئىشلەپ قايتقان كېرىيەلىك خانىم - قىزلار»؛ «مىللەت ۋە ئۆرپ - ئادەت» سەھىپىسىدە ئۆركەش جاپپارنىڭ «ئۇيغۇر ئۆرپ - ئادىتىنىڭ تىپىك مۇزىيى ـــ غۇلجا شەھىرىنىڭ قازانچى كوچىسىدىن خاتىرە»؛ «سالام، جەنۇبىي شىنجاڭ» سەھىپىسىدە مۇخبىرىمىز لا مۇنىڭ «كەنتتىكى بەش كارتىنا ـــ قەشقەر ۋىلايىتى مارالبېشى ناھىيە دۆلەتباغ يېزا كېۋەزلىك كەنتتىكى زىيارەتتىن خاتىرىلەر»؛ «يارقىن سىيمالار» سەھىپىسىدە ھەسەنجان ئابدۇلئەھەد تەييارلىغان «مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىدىكى مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى ـــ ئىلھامجان دىلمۇرات»؛ «مىللەت ۋە تەنتەربىيە» سەھىپىسىدە ھەسەنجان ئابدۇلئەھەد تەييارلىغان «2016 ــــ 2017 - يىللىق جۇڭگو ئەرلەر كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى چېمپىيون بولدى»؛ «گۈلۈم» سەھىپىسىدە گۈلبوستان ئابدۇرېھىمنىڭ «ئايال»، گۈلجەننەت ئەسئەتنىڭ «باغچىدىكى ئاشۇ ئورۇندۇق»، تۇرسۇنگۈل ئەمەتنىڭ «ھايات سېنى سۆيىمەن»، گۈلزار ئابلەتنىڭ «دېكابىر»، چىنتاشگۈل ئىمىننىڭ «ئېچىلدۇردۇم ئوتتۇز سەككىز گۈل»، مۇكەررەم ئابدۇللانىڭ «ئاتمىش ياش» (نەسر)، ھۆرىيەت مۇھەممەدنىڭ «ئىككى نەسر»، ھاۋاخان قاسىمنىڭ «دېھقان»، سارەمگۈل مۇھەممەتنىڭ «سەن باھارىم» قاتارلىق شېئىر ۋە نەسرلىرى؛ «گۈلدەستە» سەھىپىسىدە ئۈمىدجان قادىرىنىڭ «غەزەللەر»، ئابدۇخېلىل ئابدۇخېۋىرنىڭ «بۇ ھايات»، ئەنۋەر روزىنىڭ «بەخت تىلەيمەن»، ياسىنجان ئىبراھىمنىڭ «ئىككى غەزەل»، ياسىن ئىسمائىل ئەلتىرەشنىڭ «رۇبائىيلار»ى؛ «يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىمىزگە نەزەر» سەھىپىسىدە ئۆركەش جاپپارنىڭ «سىز ئۈچۈن تەييارلانغان <ئىلىم تائاملىرى> ئۈرۈمچىدە» قاتارلىق ماقالىلىرى ۋە ئەسەرلىرى بېرىلدى.
  بۇ سان ژۇرنالنىڭ «بىز ئۇچراشقان كىشىلەر. <جۇڭگو مىللەتلىرى> ژۇرنىلى تۆھپىكارلار ئالبومى» سەھىپىسىدە مۇھەممەدسالىھ مەتروزى تەييارلىغان «پېشقەدەم ئاخباراتچى، تونۇلغان يازغۇچى ـــ تۇرسۇنئاي يۇنۇس»، «سۈزۈك قەترىلەر» سەھىپىسىدە «تۇرمۇشتا ھەددىدىن زىيادە ئەستايىدىل بولۇپ كەتمەسلىك كېرەك» قاتارلىق ماقالىلار بېرىلدى.
  بۇ سان ژۇرنالدا يەنە مۇتەللىپ مۇھەممەدنىڭ «ئوغلاق تارتىشىش»، ئوسمان مەتقۇرباننىڭ «دوپپا تاللاش»، ھۈسەنجان قاسىمنىڭ «سىنچاي» قاتارلىق نادىر فوتو سۈرەتلىرى ئېلان قىلىندى.
  ژۇرنىلىمىز بارلىق ئوقۇرمەنلىرىمىزگە شۇنداق چاقىرىق قىلىدۇ:
  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى ئۇزاققىچە پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرايلى!
  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ، گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى!
  ئېلىمىزدىكى 56 مىللەت قەلبداش، ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن ھەممىمىز ئورتاق نىيەتتە ئۆزىمىزنىڭ تېگىشلىك ھەسسىمىزنى قوشايلى!