2015 - يىللىق 10 چوڭ خەۋەر

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 672   يوللانغان ۋاقتى: 2017-04-05 16:44:54

 «جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئائىت 2015 - يىللىق 10 چوڭ خەۋەر» ئېلان قىلىندى

 
  دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى يېقىندا «جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئائىت 2015 - يىللىق 10 چوڭ خەۋەر»نى ئېلان قىلدى. خەۋەرلەرنى كۆرسىتىش پائالىيىتىنى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مەدەنىيەت - تەشۋىقات مەھكىمىسى بىلەن جامائەت پىكرى مەركىزى ئۈستىگە ئالدى. (رەت تەرتىپى خەۋەردە يېزىلغان ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرگەن ۋاقتى بويىچە تىزىلدى).
  1. شى جىنپىڭ دۇلۇڭزۇ مىللىتىدىن بولغان كادىر ۋە ئامما ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى 
  1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى شى جىنپىڭ يۈننەن ئۆلكىسىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈۋاتقان مەزگىلدە، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ نۇجياڭ ئوبلاستى گۇڭشەن ناھىيەسىدىكى كادىر ۋە ئامما ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دۇلۇڭزۇ مىللىتى ۋە باشقا بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەتلەردىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مىللەتلەرنىڭ بىرەرسىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ. 
  2. ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسى ئېچىلدى
  مۇھاكىمە كۇرسى 5 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىن 17 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. يۈ جېڭشېڭ كۇرسانتلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـــ ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى. ھەقىقىي ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۆزئارا ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش، ھېسسىيات يېتىلدۈرۈش ۋە سىڭىشىپ كىرىش خىزمىتىنى بىرلىكتە ئىشلەش؛ ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان، ئەلنى مايىل قىلىدىغان خىزمەتلەرنى بىرلىكتە ئىشلەش؛ كىشىلەرنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىدىكى قەلب مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەشنى بىرلىكتە ئورتاق بەرپا قىلىش كېرەك.
  3. «جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ مىللەت تەركىبىنى تىزىملاپ باشقۇرۇش چارىسى» ئېلان قىلىندى
  6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ «جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ مىللەت تەركىبىنى تىزىملاپ باشقۇرۇش چارىسى»نى ئېلان قىلدى، بۇ چارىدە پۇقرالارنىڭ مىللەت تەركىبىنى بېكىتىش، ئۆزگەرتىش قاتارلىقلار توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى. بۇ چارە 2016 - يىلى 1 - يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇ، ئېلىمىز  پۇقرالىرىنىڭ مىللەت تەركىبىنى تىزىملاپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى مەخسۇس قېلىپلاشتۇرۇپ تارقاتقان تۇنجى باشقۇرۇش چارىسىدۇر.
  4. مەملىكەت بويىچە ئاپتونوم ئوبلاستلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش نەق مەيدان يىغىنى ئېچىلدى
  نەق مەيدان يىغىنى 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 21 - كۈنىگىچە جىلىن ئۆلكىسىنىڭ يەنبيەن چاۋشيەن ئاپتونوم ئوبلاستىدا ئېچىلدى. يىغىندا مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئاپتونوم ئوبلاستلار بىلەن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشى تەكىتلەندى.
  5. 10 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى
  8 - ئاينىڭ 9 - كۈندىن 17 - كۈنىگىچە مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ئېردوس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. 6240 نەپەر ھەر مىللەت تەنھەرىكەتچى 17 مۇسابىقە تۈرى ۋە 178 ماھارەت كۆرسىتىش تۈرى بويىچە مۇسابىقىلەشتى. بۇ قېتىمقى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشىنى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئورتاق گەۋدە ئېڭىنى كۈچەيتىدىغان، تەسىر دائىرىسى كەڭ، ئالاھىدىلىكى روشەن بولغان ئىتتىپاقلىق كاتتا يىغىلىشى بولدى.
  6. گوۋۇيۈەن «ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى قارار»نى تارقاتتى
   8 - ئاينىڭ 11 - كۈنى «ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى قارار» بېسىپ تارقىتىلىپ، 2020 - يىلغا بارغاندا ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى مائارىپىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات سەۋىيەسى ۋە ئاساسلىق كۆرسەتكۈچىنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يېقىنلاشتۇرۇپ ياكى يەتكۈزۈپ، ئاساسىي جامائەت مائارىپ مۇلازىمىتىنىڭ باراۋەرلىكىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىشكە مۇلازىمەت قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 8 - ئاينىڭ 18 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلغان مەملىكەتلىك مىللىي مائارىپ خىزمىتى يىغىنىدا «قارار»نى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى.
  7. مەركەز 6 - قېتىملىق شىزاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى ئاچتى
  سۆھبەت يىغىنى 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنىدىن 25 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى شىزاڭ خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، نىشان ۋە تەلەپلەر، چوڭ تەدبىرلەر، شىزاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىزاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، خەلقنى بېيىتىپ شىزاڭنى گۈللەندۈرۈش، شىزاڭنى ئۇزاققىچە قۇرۇپ چىقىش، كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىش، ئاساسنى پۇختىلاش شىزاڭ خىزمىتىدە چوقۇم چىڭ تۇرىدىغان مۇھىم پىرىنسىپىتۇر.
  8. شىزاڭ ۋە شىنجاڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى ۋە 60 يىللىقىنى تەبرىكلىدى
  9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى لاسا شەھىرىدە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ئۈرۈمچىدە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، گۈزەل شىزاڭ بەرپا قىلايلى»، «گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى» دەپ بېغىشلىما يېزىپ بەردى. يۈ جېڭشېڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ، ئىككى ئاپتونوم رايوننىڭ تەبرىكلەش پائالىيىتىگە ئايرىم - ئايرىم قاتناشتى. 
  9. 5 ـ قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى
  يىغىن 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا مەركەزنىڭ 2 ـ قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلىرى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، خىزمەتلەر خۇلاسىلەندى، ۋەزىيەت تەھلىل قىلىندى، ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش بېكىتىلدى. 
  10. شى جىنپىڭ ئاساسىي قاتلاملاردىن كەلگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى مۇنەۋۋەرلەر ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلدى
  يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 66 يىللىقى ھارپىسىدا شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇل، گۇاڭشى، شىزاڭ، نىڭشيا، شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردىن دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى 13 نەپەر مۇنەۋۋەر ۋەكىلنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىپ، ئۇلار بىلەن «خەلق» سارىيىدا قىزغىن كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرى بولۇپ، بىر نىيەت - بىر مەقسەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش» بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق نىشانىدۇر.
  
   ھەسەنجان ئابدۇلئەھەد تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى