2016 - يىللىق 10 چوڭ خەۋەر

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 669   يوللانغان ۋاقتى: 2017-04-01 14:37:32

 «جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئائىت 2016 - يىللىق 10 چوڭ خەۋەر» ئېلان قىلىندى

  
  دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى يېقىندا «جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئائىت 2016 - يىللىق 10 چوڭ خەۋەر»نى ئېلان قىلدى. خەۋەرلەرنى كۆرسىتىش پائالىيىتىنى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مەدەنىيەت - تەشۋىقات مەھكىمىسى، جامائەت پىكرى مەركىزى، مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتى، جۇڭگو مىللەتلىرى گېزىتخانىسى، مىللەتلەر رەسىملىك ژۇرنىلى نەشرىياتى بىرلىكتە ئۈستىگە ئالدى. بۇنىڭ نەتىجىسى مەركەزدىكى قىسمەن تاراتقۇلار، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار كەسپىي تارماقلىرى، شۇنداقلا ئوقۇرمەنلەر ۋەكىللىرىنىڭ بېلەت تاشلىشى ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن (رەت تەرتىپ خەۋەردە يېزىلغان ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرگەن ۋاقتى بويىچە تىزىلدى.)
  
  1. مەملىكەت بويىچە شەھەرلەرنىڭ  مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى 
  بۇ يىغىن 1 - ئاينىڭ 5 -، 6 - كۈنلىرى بېيجىڭدا ئېچىلدى. يۈ جېڭشېڭ بۇ يىغىن ھەققىدىكى تەستىقىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شەھەرلەرنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئىنچىكىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ شەھەرلەرگە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاممىسىنى تېخىمۇ ياخشى قوبۇل قىلىپ، تېخىمۇ ياخشى سىغدۇرۇپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىسى، ئالماشتۇرۇشى ۋە ئارىلىشىشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. 
  2. دۆلەتلىك ئاخبارات - نەشرىيات، رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتكە 3 - تۈركۈمدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - يېزىقىدىكى 100 خىل مۇنەۋۋەر كىتابنى تەۋسىيە قىلدى 
  1 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، «3 - نۆۋەتلىك پۈتۈن مەملىكەتكە ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - يېزىقىدىكى 100 خىل مۇنەۋۋەر كىتابنى تەۋسىيە قىلىش» نەشرىيات خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. پائالىيەتتە تەشۋىق قىلىش - تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - يېزىقىدىكى 100 خىل مۇنەۋۋەر كىتاب مەكتەپلەرگە، مەھەللىلەرگە، يېزىلارغا، ئاساسى قاتلاملارغا كىرگۈزۈلۈپ، بۇ كىتابلارنىڭ ئىجتىمائىي يېتەكچىلىك رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر نەشرىيات ئىشلىرىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.
  3. «ساياھەت ئارقىلىق ۋۇلىڭشەن تاغلىق رايونلىرىنىڭ نامراتلىقنى ئازايتىپ، بېيىتىش ۋە ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېلىشىمى» ئىمزالاندى
  1 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى چۇڭچىڭدا ۋۇلىڭشەن تاغلىق رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە نامراتلارنى يۆلەش جېڭىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئاچتى. يىغىن مەزگىلىدە، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، دۆلەتلىك تەرەققىيات بانكىسى خۇبېي، خۇنەن، چۇڭچىڭ، گۇيجۇدىن ئىبارەت تۆت ئۆلكە، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىلەن «ساياھەت ئارقىلىق ۋۇلىڭشەن تاغلىق رايونلىرىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش، رايون ساياھەت ھەمكارلىقى ۋە ئۆلكە ھالقىپ چېگرالانغان تەرەققىي قىلمىغان رايونلار ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش» ئۈستىدە ئىزدىنىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىدى.
  4. شى جىنپىڭ كۆرۈنمە چاستوتا ئارقىلىق چىشى كەنتىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ كۈنسېرى ياخشىلىنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى
  2 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، شى جىنپىڭ «خەلق تورى»نىڭ تارقىتىش بۆلۈمى زالىدا فوجيەن ئۆلكىسى نىڭدې شەھىرىنىڭ چىشى كەنتىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان مۇخبىر بىلەن ئالاقىلىشىپ، كەنتتىكى كادىرلار ۋە ئامما بىلەن توردا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ھەمدە يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
  5. 2015 - يىلى ئاز سانلىق مىللەت رايون يېزىلىرىدا 3 مىليون 920 مىڭ كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى
  4 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى 2015 - يىللىق ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ  يېزىلىرىدىكى نامراتلىق ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى. 2015 - يىلى ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان 8 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون يېزىلىرىدىكى نامرات نوپۇس 18 مىليون 130 مىڭ بولۇپ، 2014 - يىلىدىكىگە قارىغاندا 3 مىليون 920 مىڭى ئازايغان، ئەمما نامراتلىقنى ئازايتىش سۈرئىتى يەنىلا پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن ئاستا بولۇپ، نامراتلىق نىسبىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى تۇرغان.
  6. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىسىم - فامىلىسى ئۇچۇرىنى ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىلىرىدا ئۆز ئارا تونۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى
  4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى قاتارلىق 12 تارماق بىرلىشىپ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىلىرى پۇقرالارنىڭ ئىسىم - فامىلىسىنى توغرا، مۇكەممەل كىرگۈزۈپ، ھەرقايسى سىستېمىلارنىڭ ئۆزئارا تونۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى؛ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاممىسىنىڭ ئىسىم - فامىلىسىنى خەنزۇچە يازغاندا، ئارىسىدا چېكىت «.» بولۇش ۋە خەت بىر قەدەر كۆپ بولۇش ياكى كەم ئۇچرايدىغان خەتلەر بولۇش سەۋەبلىك ئىجتىمائىي ئاممىۋى مۇلازىمەتتىن نورمال بەھرىمەن بولالماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك.
  7. شى جىنپىڭ خېجى مىللىتى ئاممىسىنى يوقلىدى
  5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، شى جىنپىڭ خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى تۇڭجياڭ شەھىرى باچا خېجې مىللىتى يېزىسىغا بېرىپ، خېجې مىللىتى ئاممىسىنى يوقلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر قايسى مىللەتلەر ئانارنىڭ دانچىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇزۇن سەپەردە بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشى كېرەك.
  8. دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئاز سانلىق مىللەتلەر كۆچمە نوپۇس مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىدىغان شەھەرلەرنى بېكىتتى
  7 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىككى تۈركۈمدە 12 شەھەرنى «ئاز سانلىق مىللەتلەر كۆچمە نوپۇس مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىدىغان شەھەر» قىلىپ بېكىتتى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەرقايسى ئۈلگە، شەھەرلەر تىپ ئارقىلىق سەپەرۋە قىلىش ۋە ئۈلگە ئارقىلىق يېتەكلەش رولىنى ئوبدان جارى قىلدۇرۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىدىغان شەھەرلەر قۇرۇلۇشىدا ئۈزۈكسىز يېڭى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇشى كېرەك.
  9. مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى
  بۇ يىغىن 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ئازسانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ ئۆز قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش؛ تىرىشىپ «جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش» ئىشلىرىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يېزىپ چىقىش كېرەك.
  10. 5 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات - سەنئەت كۆرىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى
  بۇ نۆۋەتلىك ئەدەبىيات - سەنئەت كۆرىكى 8 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىن 9 - ئاينىڭ 14 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. 35 ۋەكىللەر ئۆمىكى، 56 مىللەتتىن بولغان 7000دىن ئارتۇق ئارتىس، خىزمەتچى خادىم كۆرەككە قاتناشتى. ئۇلار كۆڭۈل قويۇپ  تەييارلىغان 45 مەيدان مۇنەۋۋەر نومۇر 92 مەيدان (قېتىم) قويۇلدى. كۆرەككە قاتناشتۇرۇلغان نومۇرلارنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكى قويۇق، يەرلىك ئالاھىدىلىكى روشەن بولۇپ، ھەممىسى ئېسىل ئەسەرلەر بولدى. «يايلاقتىكى ئۇلانمۇچىر» قاتارلىق 10 نومۇر ئالتۇن مېدالغا، «ماركو پولو ھەققىدە رىۋايەت» قاتارلىق 15 نومۇر كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى.
  
  خەنزۇچە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىدىن ھەسەنجان ئابدۇلئەھەد تەرجىمىسى