2017 – يىللىق 1 - ساندىكى تەۋسىيەلىك ماقالە - ئەسەرلەر

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 1540   يوللانغان ۋاقتى: 2017-03-15 15:55:45

   يېڭى بىر يىل يېڭى بىر قۇتلۇق كۈنلەر ۋە يېڭى بىر باھار ئايلىرى بىلەن باشلىنىۋاتقان مۇشۇ گۈزەل پۇرسەتلەردە ژۇرنىلىمىزنىڭ يېڭى سانى ئوقۇرمەنلىرىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشتى. بۇ يىلقى يېڭى سان ژۇرنال يېڭىچە ئۇسلۇب بىلەن سىزگە تەقدىم قىلىنغان قىممەتلىك سوۋغات بولۇپ قالغۇسى... 

  بۇ سان ژۇرنالدىكى يېڭى ئۇسلۇب ئەڭ ئاۋۋال ژۇرنال مۇقاۋىسىنى يېڭىچە لايىھەلەشتىن باشلىنىدۇ. بۇ سان ژۇرنالنىڭ مۇقاۋىسىغا بېرىلگەن «قەدىناسلار» ناملىق فوتو سۈرەت ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنىڭ يارقىن كۆرۈنىشىدۇر. سىز بۇ سۈرەتتىن قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىكنى، خۇشاللىقنى ۋە بەختىيارلىقنى ھېس قىلالايسىز ھەم كۆرەلەيسىز... 
  بۇ سان ژۇرنالنى ۋاراقلىسىڭىز، ئەڭ ئاۋۋال دىققىتىڭىزگە سۇنۇلىدىغىنى ـــ مۇقاۋىنىڭ ئىككىنچى بېتىدىكى ژۇرنىلىمىزنىڭ ئوبراز ئېلانىدۇر. بۇ ئېلانغا ئىشلىتىلگەن ئاساسلىق قىزىل رەڭ ۋە سافا ئۈستىگە قويۇلغان ژۇرناللار سىزگە قىزغىنلىقنى، ھاياتىي كۈچنى ۋە مەنىۋى ھۇزۇرنى ئۆزگىچە ئۇسۇلدا تەقدىم قىلىدۇ...
  بۇ سان ژۇرنالدا سىز ئەڭ ئاۋۋال ئوقۇيدىغىنىڭىز سىزگە ئاكتىپ ئېنېرگىيە بەخش ئىتىشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى قىلغان «سۈزۈك قەترىلەر» سەھىپىسىدىكى: «ھاياتلىق ـــ ئارزۇ - ئۈمىد بىلەن مۇكەممەللىشىدۇ» ناملىق ماقالە.
  بۇ سان ژۇرنالدا يەنە داۋاملىق دىققىتىڭىزدە بولىدىغىنى ـــ
  ژۇرنىلىمىزنىڭ ئۇيغۇرچە باشقا ژۇرناللاردىن پەرىقلىنىپ تۇرىدىغان ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلىرىنى ۋە خاسلىقلىرىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان مۇھىم سەھىپىلىرىنىڭ بىرى ـــ «مەركەزدىن كەلگەن سادا» سەھىپىسىگە بېرىلگەن «شى جىنپىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلادلىرىغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارنى پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيىدىغان ئۈلگىلەردىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى»، «يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەيلى»، «2020 - يىلىغا بارغاندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا، ھەرقانداق رايون، ھەرقانداق بىر مىللەتنى سەپتىن چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ»، «ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايونلار ۋە چېگرا رايون، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، نامرات رايونلار مائارىپىغا سېلىنىدىغان مەبلەغ كۆپەيتىلىدۇ»، «غەربىي رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولايلى»، «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتايلى» قاتارلىق مۇھىم ماقالىلار.
  بۇ سان ژۇرنالنىڭ «سۈرەتلىك ئالبوم. 56 مىللەت بىر ئائىلە» سەھىپىسىگە «يايلاقتىكى قىشلىق <نادام بايرىمى>»، «غۇلجىدىكى رۇس بولكىخانىسى»؛ «ئېلىمىز مىللەتلەر خىزمىتىدىن ئۇچۇرلار» سەھىپىسىگە «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرايلى ـــ مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مۇدىرلىرى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى»، «2017 - يىللىق مەملىكەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقلىرى يىغىنىدا ۋاڭ زوئەن مۇنداق تەكىتلىدى: دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش شەرت»، «<جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئائىت 2016 - يىللىق 10 چوڭ خەۋەر> ئېلان قىلىندى» قاتارلىق ماقالىلار بېرىلدى.
  بۇ سان ژۇرنالنىڭ «مەخسۇس ماقالە» سەھىپىسىگە مۇخبىرىمىز مۇھەممەدسالىھ مەتروزىنىڭ نەق مەيدانغا مەخسۇس بېرىپ ئالاھىدە زىيارەت قىلىپ يازغان «مېھىر - مۇھەببەتكە تولغان قۇربان تۇلۇم ئائىلىسى ـــ رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن ئۇيغۇر دېھقان قۇربان تۇلۇمدىن باشلىنىپ، ئەۋلادلىرىغا ئۇلانغان گۈزەل ھېكايىلەر (1)» ناملىق چاتما ماقالىسى بېرىلدى.
  بۇ سان ژۇرنالنىڭ «مىللەت ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت» سەھىپىسىگە نۇردۇن ئابدۇسەمەتنىڭ «<ئاماننىساخان ھەققىدە ھېكايە> ناملىق مۇزىكىلىق ئوپېرا شاڭخەيدە قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى»؛ «جەمئىيەتتىن سادا» سەھىپىسىگە ئەكبەر ئابدۇرېشىتنىڭ «توي - تۈكۈنلىرىمىزنىڭ ئالدى - كەينىدە پەيدا بولغان ناچار ئادەتلەر ھەققىدە ئويلىنىش»؛ «گۈزەل شىنجاڭ» سەھىپىسىگە «دىققىتىمىزدىكى قومۇل: قومۇلدىكى داڭلىق ساياھەت نوقتىلىرى»؛ «سالام، جەنۇبىي شىنجاڭ!» سەھىپىسىگە پىراكتىكانت مۇخبىرىمىز خەن دۇڭجۈننىڭ «بەختكە ئىنتىلىۋاتقان كىشىلەر»، مۇخبىرىمىز لا مۇنىڭ «ئۈمىدكە تولغان دالا»، مۇخبىرىمىز جاڭ شۈەننىڭ «باھار شامىلى سۆيۈپ ئۆتكەن كەنت» قاتارلىق ماقالىلىرى بېرىلدى.
  بۇ سان ژۇرنالنىڭ «گۈلۈم» سەھىپىسىگە پاتىگۈل نىيازنىڭ «سىردىشىم رەيھانغا مەكتۇپ» ناملىق نەسرى؛ «گۈلدەستە» سەھىپىسىگە نەسرۇللا ئابلەتنىڭ «ئوتتۇز ياش»، ئەدىھەم ئىبراھىمنىڭ «راھەت دېگەن ئەمەس مەڭگۈلۈك»، ئېلى نىياز دەرمانىنىڭ «دېھقان» ناملىق شېئىرلىرى بېرىلدى؛ «<جۇڭگو مىللەتلىرى> ژۇرنىلى تۆھپىكارلار ئالبومى. بىز ئۇچراشقان كىشىلەر» سەھىپىسىگە «كۆزگە كۆرۈنگەن تىلشۇناس، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى تەتقىقاتچىسى، ئىجتىھاتلىق ژۇرنالست ـــ مۇتەللىپ سىدىق قاھىرى» ناملىق سۈرەت ۋە ماقالە بېرىلدى.
  بۇ سان ژۇرنالدا ئېلىجان ئىسمائىل، ئەخمەتجان مەتقۇربان، ئابلىز غۇجامنىياز، ئۆركەش جاپپار، خۇۋ بو، چى لياڭشەن، مۇھەممەدسالىھ مەتروزى، نۇردۇن ئابدۇسەمەت، مۇھەممەتجان ئەھمەد تەھۇر قاتارلىقلارنىڭ سۈرەتلىرى بار.
  ژۇرنىلىمىزنىڭ 2017 - يىللىق 1 - سانىدىن باشلانغان، ھەر بىر سان ژۇرنالدا ئوخشىمىغان شەكىل ۋە ئۇسلۇبتا بارلىققا كېلىدىغان بىر قاتار يېڭىلىقلار ۋە سەرخىل مەزمۇنلار سىزگە تېخىمۇ كۆپ ھەم ئەھمىيەتلىك ئۇچۇرلارنى تەقدىم قىلغۇسى. بىز بۇ ئۇچۇرلارنى ژۇرنال باشقۇرۇش خىزمەتلىرىمىزدە ئىزچىل قوللىنىپ كېلىۋاتقان «ئائىلىڭىزدە <جۇڭگو مىللەتلىرى> ژۇرنىلى بار بولسۇن!» دېگەن شوئارىمىزغا ۋە «ياخشىسى بىزنى تاللىسۇن، بىزمۇ ياخشىسىنى تاللايمىز!» دېگەن ئىدىيىمىزگە شۇنداقلا «خاسلىقىمىز ـــ ئالقىشلىنىدىغىنىمىز!» دېگەن يۆنىلىشىمىزنىڭ بارلىق تەرەپلىرىگە سىڭگەن چوڭقۇر مەزمۇنلارنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تولۇق نامايان قىلىدۇ...
  سىزگە دەيدىغان قەلب سۆزىمىز: «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى ھەر ۋاقىت سىز بىلەن بىللە. چۈنكى، سىز بۇ ژۇرنالدا جۇڭگودىكى 56 مىللەت بىلەن ئۇچرىشالايسىز...