2016 – يىللىق 6 - ساندىكى تەۋسىيەلىك ماقالە - ئەسەرلەر

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 1435   يوللانغان ۋاقتى: 2016-12-19 12:55:41

    2016 – يىللىق 6 - ساندىكى تەۋسىيەلىك ماقالە - ئەسەرلەر

    
   ئانار پىشتى. جەنۇبىي شىنجاڭ دېھقانلىرىنىڭ ھويلا - ئارانلىرىدىكى ۋە ئېتىزلىرىدىكى ئېسىل نېمەتلەردىن بىرى بولغان ئانارلارنىڭ پىشىشى بىلەن دېھقانلارنىڭ مول ھوسۇل خۇشاللىقى تېخىمۇ يۇقىرى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلدى. ئەنە شۇ خۇشاللىقلار بوۋايلارنىڭ، مومايلارنىڭ ـــــ ھەممە كىشىنىڭ چېھرىدە نامايان بولدى. شۇ تاپتا ژۇرنىلىمىزنىڭ مۇقاۋىسىغا بېرىلگەن، كۆز ئالدىڭىزدىكى بۇ بوۋاينىڭ چېھرىدىكى خۇشاللىقنىڭ ئانارنىڭ چىرايلىق رەڭگى بىلەن بىرلىشىپ، كىشىگە ئۆزگىچە بىر خىل خۇشاللىق تۇيغۇلىرىنى بەخش ئەتكەنلىكىنى ھېس قىلماي قالمايسىز...
  بۇ سان ژۇرنال جەنۇبىي شىنجاڭ دېھقانلىرىنىڭ خۇشاللىقىدىن باشلىنىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭ خاتىرىلىرىدىن باشلىنىدۇ. ئانار بىلەن بوۋاينىڭ بىرلىشىشى بىزگە بەخت ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى بايان قىلىپ بىرىدۇ ھەمدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نۇرغۇن گۈزەل كارتىنىلارنى سۈرەتلەپ بېرىدۇ...
  بۇ سان ژۇرنالنىڭ «بىرىنچى كۆزنەك» سەھىپىسىگە «جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرى بولۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئورتاق ئىشقا ئاشۇرايلى ـــــ سەمىمىي غەمخورلۇق، غايەت زور ئىلھام»، «جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئورتاق ئىشقا ئاشۇرىمىز ـــــ 5 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات - سەنئەت كۆرىكى داغدۇغىلىق باشلاندى»، «قۇتلۇق كۈن ـــــ  5 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات - سەنئەت كۆرىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى» قاتارلىق ماقالىلەر بېرىلدى. 
  «ژۇرنىلىمىزنىڭ مەخسۇس ماقالىسى» سەھىپىسىگە «باتېرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلىپ، ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى»، «باتېر: ئۇزۇن سەپەرنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ شانلىق نەمۇنىسى»، «باتېر: تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ روھىي قىياپىتىنى تولۇق نامايان قىلىش كېرەك»، «كۆرەكنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولىدىغان غايەت زور مەنىۋى كۈچكە ئايلاندۇرايلى ـــــ 5 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات - سەنئەت كۆرىكى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى چاڭپىڭنى زىيارەت»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەسچىت ۋە دىنىي پائالىيەتلەرگە ئائىت تەربىيەلەش، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىش خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەش كېرەك»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى <مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ  بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش> پائالىيىتى  سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى»؛ «ئەدەبىيات - سەنئەت كۆرىكى خاتىرىلىرى» سەھىپىسىگە ليۇ بىننىڭ «قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان ھېكايە: <تەڭرىتاغقا مۇھەببەت>»، «5 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات - سەنئەت كۆرىكىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن نومۇرلارنىڭ تىزىملىكى»، «ھەر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات - سەنئەت كۆرىكىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش» قاتارلىق ماقالىلەر بېرىلدى.
  «جەنۇبىي شىنجاڭ خاتىرىلىرى» سەھىپىسىگە لى شياۋلىننىڭ «جەنۇبىي شىنجاڭغا سەپەر»؛ گۈلىستان ياسىننىڭ «زەرەپشان دەرياسى بويلىرىدا ـــــ شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئاۋات ناھىيە يېڭىئېرىق يېزا ئۈستۈنكى توغرائۆستەڭ كەنتىدىكى زىيارەتتىن خاتىرىلەر»؛ شېن لىنىڭ «قەلبلەرنى تۇتاشتۇرىدىغان <ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر ـــــ شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كەلپىن ناھىيە يۈرچى يېزا تۆۋەنكى قۇمئېرىق كەنتىدىكى زىيارەتتىن خاتىرىلەر»؛ لى شياۋلىن، مۇھەممەدسالىھ مەتروزى، مىرادىلجان ئابلىمىتنىڭ «باشتوغرال كەنتىدىكى <مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەكتىپى> ـــــ شىنجاڭ قاغىلىق ناھىيە سايباغ يېزا باشتوغرال كەنتىدىن خاتىرىلەر»؛ مۇھەممەدسالىھ مەترورىنىڭ «چىرا ناھىيەسىدە <چىلان بايرىمى>» قاتارلىق ماقالىلەر بېرىلدى. «بىز ئۇچراشقان كىشىلەر. <جۇڭگو مىللەتلىرى> ژۇرنىلى تۆھپىكارلار ئالبومى» سەھىپىسىگە ئەنۋەر ھوشۇرنىڭ «يازغۇچى، ژۇرنالست، ئەدەبىيات تەشكىلاتچىسى ـــــ مەتقاسىم ئابدۇراخمان» قاتارلىق ماقالىلەر بېرىلدى. 
  بۇ سان ژۇرنالنىڭ مۇقاۋىسىدا دىققىتىڭىزدە بولىدىغىنى ھۈسەنجان قاسىمنىڭ «ئانار پىشتى» ناملىق بەدىئىي سۈرىتى؛  مۇقاۋىنىڭ 2 - بېتىدە «جەزبىدار چىرالىقلار. چىرادا <چىلان بايرىمى> ـــــ چىرا ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3 - نۆۋەتلىك <چىلان بايرىمى>دىن كۆرۈنۈشلەر» ناملىق سۈرەتلىك خەۋەر، «سۈزۈك قەترىلەر» سەھىپىسىدە «نەزىرىمىز دۇرۇس بولسا، دۇنيا مەڭگۈ گۈزەلدۇر» قاتارلىق ماقالىلەر بار.
  بىز بۇ سان ژۇرنالنى  5 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات - سەنئەت كۆرىكىگە ۋە جەنۇبىي شىنجاڭغا ئاتاپ مەخسۇس سان سۈپىتىدە ئوقۇرمەنلەر ھۇزۇرىغا سۇندۇق. ئوقۇرمەنلەر تەپسىلىي مەزمۇنلاردىن تېخىمۇ ئەتراپلىق خەۋەردار بولماقچى بولسا، ژۇرنالنى تولۇق ۋاراقلاپ كۆرگەي. 
  شۇنداق قىلىپ، ژۇرنىلىمىزنىڭ 2016 - يىلىنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئوقۇرمەنلىرىمىزنى 2017 - يىلىغا باشلاپ كىرىش ئالدىدا تۇرماقتىمىز. يېڭى بىر يىل ھەممىمىزگە تېخىمۇ يېڭى نەتىجىلەرنى تەقدىم قىلغۇسى. ژۇرنىلىمىزنىڭ بارلىق ئوقۇرمەنلىرى بىلەن 2017 - يىلىدا يېڭى نەتىجىلىرىمىز بىلەن كۆرۈشەيلى!