«جۇڭگو مىللەتلىرى» 2016 ـ يىللىق 6 ـ سان

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 1442   يوللانغان ۋاقتى: 2016-12-19 12:42:33

 ئانار پىشتى. جەنۇبىي شىنجاڭ دېھقانلىرىنىڭ ھويلا - ئارانلىرىدىكى ۋە ئېتىزلىرىدىكى ئېسىل نېمەتلەردىن بىرى بولغان ئانارلارنىڭ پىشىشى بىلەن دېھقانلارنىڭ مول ھوسۇل خۇشاللىقى تېخىمۇ يۇقىرى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلدى. ئەنە شۇ خۇشاللىقلار بوۋايلارنىڭ، مومايلارنىڭ ـــــ ھەممە كىشىنىڭ چېھرىدە نامايان بولدى. شۇ تاپتا ژۇرنىلىمىزنىڭ مۇقاۋىسىغا بېرىلگەن، كۆز ئالدىڭىزدىكى بۇ بوۋاينىڭ چېھرىدىكى خۇشاللىقنىڭ ئانارنىڭ چىرايلىق رەڭگى بىلەن بىرلىشىپ، كىشىگە ئۆزگىچە بىر خىل خۇشاللىق تۇيغۇلىرىنى بەخش ئەتكەنلىكىنى ھېس قىلماي قالمايسىز...