2016 – يىللىق 5 - ساندىكى تەۋسىيەلىك ماقالە - ئەسەرلەر

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 1420   يوللانغان ۋاقتى: 2016-10-21 10:22:25

 

2016 – يىللىق 5 - ساندىكى تەۋسىيەلىك ماقالە - ئەسەرلەر

ئائىلە ___ بەختنىڭ مەركىزىدۇر. بەخت ئائىلىدىن باشلىنىدۇ. تۇرمۇشتا ھەممىمىز بەختلىك تۇرمۇشقا ئىنتىلگۈچىلەرمىز ھەم ئەجىر - مېھنىتىمىز ۋە تىرىشچانلىقىمىز ئارقىلىق بەختنى بەرپا قىلغۇچىلارمىز. بۇ سان ژۇرنالنىڭ مۇقاۋا باش تېمىسى ئائىلىدىكى بەختتىن باشلىنىدۇ. سىز ئائىلىدىكى بەختنىڭ تەمىنى بۇ سان ژۇرنالنىڭ مۇقاۋىسىدىكى بەختلىك بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ چېھرىدىن بايقايسىز...
  ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىدا بىز ئەڭ ئاۋۋال سىزگە تەھرىراتىمىزنىڭ تەۋسىيەسىنى، يەنى 2017 – يىللىق «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىغا مۇشتەرى بولۇش ھەققىدىكى تەۋسىيەرىمىزنى سۇنىمىز. ئۇنىڭدىن كېيىن «سۈزۈك قەترىلەر» سەھىپىسىدە «سەمىمىي دوستلۇق تەقدىرىمىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ» ناملىق ماقالە دىققىتىڭىزدە بولىدۇ.
  ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىدىكى «بىرىنچى كۆزنەك» سەھىپىسىگە «باش شۇجى شى جىنپىڭ نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ يىنچۈەن شەھىرى يۇڭنىڭ ناھىيەسى مىننىڭ بازىرى يۈەنلۇڭ كۆچمەنلەر كەنتىدىكى خۇيزۇ ئاممىسى خەي گوباۋ ئائىلىسىدىكىلەرنى يوقلىدى»، «چيەندۇڭ مياۋزۇ – دۇڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى تەبرىكلەندى»، «گۇاڭشى لۇڭشېڭ: مايسا تاراش بايرىمى»، «دالياڭشەن . يىزۇلار يېڭى كەنتى» ناملىق سۈرەتلىك ماقالىلەربېرىلدى.
  ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىدىكى «ژۇرنىلىمىزنىڭ ئالاھىدە ماقالىسى» سەھىپىسىگە «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەر قانداق بىر رايون، ھەرقانداق بىر مىللەتنى سەپتىن چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ ___ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ئېيتقان مۇھىم سۆزلىرى»، «دەسلەپكى مەقسىتىمىزنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيلى»، «مىللەتنىڭ گۈللىنىش ئۇلۇغ مۇساپىسىگە رەھبەرلىك قىلىش ___ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى خاتىرىلەپ»، «گوۋۇيۈەن <شەھەرلەرنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى نىزامى>نى تۈزىتىش ھەققىدە پىكىر ئالدى، گوۋۇيۈەننىڭ <شەھەرلەرنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى نىزامى>نى تۈزىتىش توغرىسىدىكى قارارى (پىكىر ئېلىش كوپىيەسى)»، «دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئاچتى»، «باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، مىللەتلەر خىزمىتىنى ئۈزۈكسىز ئالغا ئىلگىرىتەيلى ___ دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى» قاتارلىق ماقالىلەربېرىلدى.
  بۇ سان ژۇرنالنىڭ «نەزەر» سەھىپىسىگە «مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش – ئەمەلىيلەشتۈرۈش بويىچە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى»، «مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى باتېرنىڭ <مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ  روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى>دا قىلغان خۇلاسە سۆزى ___ مەركەز مىللەتلەر  خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىلاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى داۋاملىق چىڭ تۇتايلى»، ئۆز مۇخبىرىمىز يازغان «دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى چاڭپىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتى شىنجاڭ شۆبىسىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى»قاتارلىق ماقالىلەر بېرىلدى.
  بۇ ساندا يەنە «مەخسۇس ماقالە» سەھىپىسىگە ئۆز مۇخبىرىمىز لى شياۋلىننىڭ «جەنۇبىي شىنجاڭ ___ شىنجاڭنىڭ كۆزى»، «سۆھبەت» سەھىپىسىگە مۇھەممەدسالىھ مەتروزىنىڭ قورغاس ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى يولداش ماخمۇت ئۆمەرجاننى زىيارەت قىلىپ يازغان «مىللەتلەر ئۆم – ئىناق بولۇپ، قورغاسنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن تىرىشىمىز» ناملىق سۆھبەت خاتىرىسى، «مەن ۋە <جۇڭگو مىللەتلىرى> ژۇرنىلى» سەھىپىسىگە يۇنۇس سادىقنىڭ «<جۇڭگو مىللەتلىرى> ژۇرنىلى مېنىڭ يېقىن ھەمراھىم»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقى قەلبىمىزدە» سەھىپىسىگە ئادىل مۇھەممەد تەييارلىغان «<مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى يىلى> ئوقۇشلۇقى (2)»، «يېمەك – ئىچمەك مەدەنىيىتىمىزگە نەزەر» سەھىپىسىگە پاتىگۈل نىيازنىڭ كۇچادىكى «زەپەر چاي – تائاملار سارىيى» ۋە «زەپەر چاي- تائاملىرى»نى تونۇشتۇرۇپ يازغان «كۇچادىكى مەنزىلىڭىز __ <زەپەر چاي – تائاملار سارىيى> ۋە «زەپەر چاي – تائاملىرى> بولسۇن» ناملىق سۈرەتلىك ماقالىسى، «يۇلغۇن چېچىكى» سەھىپىسىگە مۇساجان يۇنۇسنىڭ «غەزەللەر»، «گۈلدەستە» سەھىپىسىگە ئەنۋەر ئابلەت شەيدائىنىڭ «ئاتام ماڭا شۇنداق دەيدۇ» (شېئىر)، «تۆھپىكارلار مۇنبىرى» سەھىپىسىگە «ئاتاقلىق شائىر، ئەدەبىي تەرجىمان، جامائەت ئەربابى ئىمىن ئەھمىدى»، «گۈلۈم» سەھىپىسىگە ئاتىكەم سىدىق ئايقۇتنىڭ «سۆيگۈ ساماسىدىن سەتىرلەر» (نەسرلەر)، «ياشلىق جىلۋىسى» ھەم «يارقىن سىيمالار» سەھىپىسىگە باھاۋۇدۇن كېرەمنىڭ شىنجاڭ «مېلودىيە» مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئەكبەر ئابلىزنى تونۇشتۇرۇپ يازغان «<مېلودىيە>دىن تارالغان سىمفونىيە»، «كىتابسىز تۇرمۇش ___ قۇياشسىز تۇرمۇش» سەھىپىسىگە «<ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىك تارىخى تېزىسلىرى> ناملىق كىتاب نەشر قىلىندى» قاتارلىق ماقالە ھەم ئەسەرلەر بېرىلدى. «بىز ئۇچراشقان كىشىلەر ___ <جۇڭگو مىللەتلىرى> ژۇرنىلى تۆھپىكارلار ئالبومى» سەھىپىسىگە «ئاتاقلىق شائىر، ئەدەبىي تەرجىمان، جامائەت ئەربابى ئىمىن ئەھمىدى» قاتارلىق سۈرەتلىك ماقالە بېرىلدى.
  بۇ سان ژۇرنالدا يەنە ئېلىجان ئىسمائىل، مۇتەللىپ مۇھەممەد، كۈرەش ياقۇپ، ئۆركەش جاپپار، چېن رۇيجۈن، ئېلى ئەھەد، ئاۋۇت بارات، ھۈسەنجان قاسىم، قەييۇم قادىر، ئەزىمەت ئەنۋەر، مۇھەممەدجان ئەھمەد تەھۇر قاتارلىق فوتوگرافلارنىڭ نادىر فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى بار.
  ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىدىكى مەزمۇنلاردىن تېخىمۇ تولۇق خەۋەردار بولاي، دېسىڭىز، ژۇرنالنى تولۇق ۋاراقلاپ كۆرگەيسىز.

  قەدىرلىك ئوقۇرمەن، ئاپتور دوستلار: ژۇرنىلىمىزغا 2017 – يىللىق مۇشتەرى بولۇشنىڭ خىزمەتلىرى باشلىنىپ كەتتى. جايلاردىكى پوچتىخانىلارغا بېرىپ مۇشتەرى بولغايسىز! 2017 – يىلىدا ژۇرنىلىمىزنى تېخىمۇ سەرخىل مەزمۇنلار بىلەن چىقىرىپ، سىلەرنىڭ مەنىۋىي ئېھتىياجىڭلارنى تولۇق قاندۇرۇش ئۈچۈن، كېلەر يىللىق ژۇرنالنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى باشلاپ كەتتۇق. شۇڭا ژۇرنىلىمىزنىڭ كېلەر يىللىق سانلىرىغا مۇشتەرى بولسىڭىز، زور مەنپەئەت ئالىدىغانلىقىڭىزغا تولۇق ئىشەنسىڭىز بولىدۇ! 
  ژۇرنىلىمىزغا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى پوچتىخانىلارغا بېرىپ مۇشتەرى بولالايسىز. پوچتىخانىلارغا بېرىپ، ژۇرنىلىمىزنىڭ مۇنۇ پوچتا ۋاكالەت نومۇرىنى دېسىڭىزلا، ژۇرنىلىمىزغا بىمالال مۇشتەرى بولالايسىز. ژۇرنىلىمىزنىڭ پوچتىدىن يېزىلىشتىكى ۋاكالەت نومۇرى: 177 __ 58 (新)
  ژۇرنىلىمىزنىڭ يىللىق باھاسى: 48 يۈەن
  «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنى قوللىغان، قەدىرلىگەن، تەشۋىق قىلغان، ئوقۇغان، قىممەتلىك تەكلىپ – پىكىرلەرنى بەرگەن ھەمدە ژۇرنال ئۈچۈن ئاكتىپلىق بىلەن ماقالە – ئەسەر ۋە فوتو سۈرەت ئەۋەتىپ، تەھرىراتىمىزنىڭ ژۇرنال باشقۇرۇش خىزمىتىگە ئاكتىپلىق بىلەن ئىشتىراك قىلغان پۈتكۈل جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئەربابلىرىغا، دوستلارغا، يازغۇچى، شائىرلارغا ۋە ئاپتورلارغا ھەر ۋاقىت بەخت، خۇشاللىق ۋە خاتىرجەملىك يار بولسۇن!