دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى چاڭپىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 9941   يوللانغان ۋاقتى: 2016-07-27 16:14:15

   

  دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى چاڭپىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى چاڭپىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
 
  7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى چاڭپىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتىنىڭ شىنجاڭ شۆبە ئىدارىسىغا قەدەم  تەشرىپ قىلىپ، بۇ يەردىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى يوقلىدى ۋە خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى گو جىڭپىڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى (دىن ئىشلىرى ئىدارىسى)پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋېي شىنخۇي،  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى (دىن ئىشلىرى ئىدارىسى)نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لەن بۇ جىن، مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، نەشرىيات باشلىقى، باش مۇھەررىرى ۋېي گوشيۇڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ھەمراھ بولدى.
  لى چاڭپىڭ شۆبە ئىدارىنىڭ خىزمەتلىرى ھەققىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق كۆرسەتتى: مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسى ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدا ژۇرنال چىقىرىدۇ، زىممىسىدىكى  يۈك ئېغىر، مەسئۇلىيىتى چوڭ؛ شۆبە ئىدارىدىكى كەسپىي خادىملار تىرىشچانلىق، ئەستايىدىللىق بىلەن ئۈن - تىنسىز قېتىرقىنىپ ئىشلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مىللەت نەزەرىيەسى، مىللەتلەر سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن ئاكتىپ تۆھپە قوشتى؛ شۆبە ئىدارىنىڭ خىزمەت نەتىجىلىرى كىشىنى مەمنۇن قىلىدۇ، بۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ.
  يولداش لى چاڭپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتىنىڭ شىنجاڭ شۆبە ئىدارىسى ئەلا سۈپەتلىك ژۇرنال چىقىرىشنى ئاساس قىلىشى؛ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مىللەت نەزەرىيەسى، مىللەتلەر سىياسىتىنى ياخشى تەشۋىق قىلىشى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى، شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر يۈرۈش مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ياخشى تەشۋىق قىلىشى؛ شىنجاڭ تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، ئەتراپىدىكى ئادەم ۋە ئىشلارنى سۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى ئومۇمىيىتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك. باشتىن ئاخىر ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىپ، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئورگان ژۇرنىلىنىڭ كارنايلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.
  لى چاڭپىڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: شۆبە ئىدارىدىكىلەر ئىدىيەنى ئازاد قىلىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىپ، ئوقۇرمەنلەر قاتلىمىنى ئېنىق ئايرىپ، بازار ئېھتىياجىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىشى؛ تەلەپكە لايىق مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەشتە قۇرۇلما خاراكتېرلىق ئىسلاھاتنى يولغا قويۇپ، تەلەپ بىلەن ئېھتىياجنى ئۈنۈملۈك ئۇدۇللاپ، ئوقۇرمەنلەرنى كۆپەيتىشى ۋە ژۇرنالنىڭ تارقىتىش سانىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. تەھرىرلىك -  مۇخبىرلىق خىزمىتى بىلەن تىجارەت كەسپىنى قەتئىي ئايرىپ، ئۇيغۇرچە، قازاقچە ژۇرنالنىڭ مەتبەئە نۇسخسىغا تايىنىپ، «بىر تور، بىر سۇپا» («سەلتەنەت» تورى بىلەن «مىللەتلەر 56» ئۈندىدار سۇپىسى)نى چىڭ تۇتۇپ، تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ژۇرنالنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇپ، تاراتقۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىت ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىشى كېرەك.
دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى چاڭپىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى


  مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتىنىڭ شىنجاڭ شۆبە ئىدارىسى 1991 - يىلى قۇرۇلغان، ئۇلار تەھرىرلەپ چىقىرىۋاتقان «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ ئۇيغۇرچە، قازاقچە نۇسخىلىرى  1988- يىلىدىن باشلاپ نەشر قىلىنغان. نۆۋەتتە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ ئۇيغۇرچە، قازاقچە نۇسخىلىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەممە جايىنى قاپلايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، «جۇڭگو مىللەتلىرى»نىڭ ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىسى بىلەن «سەلتەنەت» تور بېتىنىڭ تەسىر كۈچى كۈنسېرى ئاشماقتا. كۆپ يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، شىنجاڭ شۆبە ئىدارىسىنىڭ «ئىككى ژۇرنال، بىر تور بەت، بىر ئۈندىدار سۇپىسى»نىڭ تۇتاشما ھالەتتىكى تەرەققىيات ئەندىزىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.  

             ئۆز مۇخبىرىمىز ۋۇ دى خەۋىرى، «شىنجاڭ گېزىتى» مۇخبىرى ئۆركەش جاپپار فوتوسى