2016 – يىللىق 4 - ساندىكى تەۋسىيەلىك ماقالە - ئەسەرلەر

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 2122   يوللانغان ۋاقتى: 2016-07-20 14:41:45

   تۆھپىكارلارنى قەدىرلەپ ۋە ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، تۆھپىكارلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئىجابىي كۈچ ئارقىلىق ھەر كىم ئۆز – ئۆزىنى تېخىمۇ تاكاممۇللاشتۇرۇشقا قاراپ يۈزلەنسە، پۈتكۈل جەمئىيەت تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ، ئىشلىرىمىز تېخىمۇ روناق تاپىدۇ، قەلبلەر تېخىمۇ يۇرۇق ۋە سۈزۈك بولىدۇ. بىز دەل ئاشۇ گۈزەل ئارزۇ – ئىستەكلەرنىڭ تۈرتكىسىدە بۇ سان ژۇرنالنى تۆھپىكارلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىگە بېغىشلاشتىن پۈتكۈزدۇق... 

  بۇ سان ژۇرنالنى قولىڭىزغا ئېلىپ ۋاراقلىسىڭىز، ئەڭ ئاۋۋال دىققىتىڭىزنى تارتىدىغىنى مۇقاۋىغا بېرىلگەن تۆھپىكار مۇتەخەسسىس، تىلشۇناس ئامىنە غاپپارنىڭ سۈرىتى؛ مۇقاۋىنىڭ 2 – بېتىدە «بايرام تور سودا شەھەرچىسى»نىڭ ئوبراز ئېلانى؛ «سۈزۈك قەترىلەر» سەھىپىسىدە «ئۆزىمىزنى كونترول قىلىشقا ماھىر بولساق، تېخىمۇ كۈچلۈك بولالايمىز» ناملىق ماقالە. 
  بۇ سان ژۇرنالنىڭ «بىرىنچى كۆزنەك» سەھىپىسىدە «باش شۇجى شى جىنپىڭ خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى تۇڭجياڭ شەھىرىنىڭ باچا خېجې مىللىتى يېزىسىنىڭ باچا كەنتىدە» ناملىق سۈرەتلىك ماقالە؛ «ژۇرنىلىمىزنىڭ ئالاھىدە ماقالىسى» سەھىپىسىدە «دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى باتېرنىڭ فۇجيەن ۋە بېيجىڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مىللەتلەر خىزمىتى ھەققىدە ئېيتقانلىرى» ۋە «خەلق تۇرمۇشىغا جىددىي مۇئامىلە قىلىش. دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىسىم – فامىلە ھوقۇقىنى قوغداش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىغا ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ» ناملىق ماقالە.
  بۇ سان ژۇرنالغا يەنە تۆۋەندىكى ماقالە – ئەسەرلەرنى ئورۇنلاشتۇردۇق: «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قەلبىمىزدە» سەھىپىسىدە ئادىل مۇھەممەدنىڭ تەييارلىشىدىكى «<مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى يىلى> ئوقۇشلۇقى» (1)؛ «مىللەتلەر خىزمىتى تەتقىقاتى» سەھىپىسىدە ۋاڭ ۋېيشېڭنىڭ «شىنجاڭدىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرىگە توغرا مۇئامىلە قىلايلى»؛ «ھاياتلىق ھېكىمەتلىرى» سەھىپىسىدە ئادىل غوجالىمنىڭ «ھاياتنى سۆيۈڭ، قەدىرلەڭ»؛ «يىللار ۋە خاتىرىلەر» سەھىپىسىدە ئابدۇكېرىم قادىرنىڭ «تۈنۈگۈندىن بۈگۈنگىچە»؛ «مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ» سەھىپىسىدە مېھرىبان نىياز چوغلۇقنىڭ «ئاياللىق سەنئىتى توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم»؛ «سۆھبەت» سەھىپىسىدە مۇھەممەدسالىھ مەتروزىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى ئادىل يۇنۇس بىلەن ئۆتكۈزگەن «ياڭاق ماكانى قاغىلىقنىڭ ئەتىسى تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ» ناملىق سۆھبەت خاتىرىسى؛ «يارقىن سىيمالار. <جۇڭگو مىللەتلىرى> ژۇرنىلى ياشلىق ئالبومى. دىققىتىمىزدىكى مۇنەۋۋەر شەخسلەر» سەھىپىسىدە «<بايرام تور سودا شەھەرچىسى>نىڭ قۇرغۇچىسى دوكتور ئابدۇراخمان ئابدۇغەنى» ۋە «كۆزگە كۆرۈنگەن ياش ئۇسسۇل رېژىسسورى زۇلپىيە تۇراپ»؛ «جاي – جايلاردا» سەھىپىسىدە ئابلېكىم كېرەمنىڭ «چىرادا <ئانار چېچىكى ساياھەت بايرىمى>»؛ «يېمەك – ئىچمەك مەدەنىيىتىمىزگە نەزەر» سەھىپىسىدە «10 يىللىق تارىخ بار ئېسىل تەم قاغىلىقتا!»؛ «تۆھپىكارلار مۇنبىرى» سەھىپىسىدە مەتسەئىدى مەتقاسىمنىڭ «ئىلىم كۆكىدىكى ياش بۈركۈت»، مۇھەممەدسالىھ مەتروزىنىڭ «تۆھپىكار مۇتەخەسسىس، تىلشۇناس ـــ ئامىنە غاپپار»؛ «ژۇرنىلىمىز بايقىغان يېڭى يۇلتۇزلار» سەھىپىسىدە مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋارنىڭ «يۈرىكىمدە ئارمان بىلەن شېئىر بار»، ھەلىمە مەخمۇتنىڭ «ساڭا شېئىر ئوقۇپ بەرگۈم بار»؛ «سۈرەتتىكى ھېكايە» سەھىپىسىدە مۇتەللىپ مۇھەممەدنىڭ «قەشقەر. ھېيتگاھتا ئۇيغۇر ئەتلىسى ۋە دوپپىسى»؛ «دۇنياغا نەزەر» سەھىپىسىدە غوپۇر خوجىنىڭ «قۇتلۇق سەپەردىن سەيلانە ھېسلار»؛ «گۈلدەستە» سەھىپىسىدە ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقىينىڭ «دەمەشىق قوۋۇقى»، ئابدۇشۈكۈر قاۋۇلنىڭ «يۈرەكلەرنى ئاختۇر ئادەملەر»، ئابدۇقېيۇم ئەيسا يازقۇتنىڭ «يارۇ»، ئابدۇشۈكۈر راشىدىننىڭ «قانمىغان يۈرەك»، ئەكبەر ئىمامنىڭ «قاردىكى خەت»؛ «گۈلۈم» سەھىپىسىدە ئارزۇگۈل تۇنىيازنىڭ «ئىككى شېئىر»، مۇنەۋۋەر مۇختەرنىڭ «ئۇ دەريا سەن بىلەن <دەريا> ئاتالغان»، رابىيەم نىياز (سەدەپ)نىڭ «ئىككى شېئىر»، مەدىنە ھەمدۇللانىڭ «بىر يۇرت باركى، توغراقتەك گۈزەل»، بۇسارەم تۇرسۇن (لالە)نىڭ «تەنھا بېكەت»، گۈلپىيە ھادى (لەيلى)نىڭ «دېكابىرنىڭ ئاخىرقى كۈنى»؛ «ساپا ھەققىدە پاراڭ» سەھىپىسىدە ئابلەت ئابدۇرېھىمنىڭ «ئىللەت تۈزەلمەي، مىللەت تۈزەلمەس»؛ «بىز ئۇچراشقان كىشىلەر. <جۇڭگو مىللەتلىرى> ژۇرنىلى تۆھپىكارلار ئالبومى» سەھىپىسىدە «ئىجتىھاتلىق تەتقىقاتچى، مول ھوسۇللۇق تەرجىمان، تونۇلغان ژۇرنالست، لۇغەتشۇناس ـــ ئابلەت نۇردۇن» قاتارلىق ماقالە – ئەسەرلەر بېرىلدى.
  بۇ سان ژۇرنالدا يەنە ئېلىجان ئىسمائىل، ھۈسەنجان قاسىم، ئۆركەش جاپپار، كۈرەش ياقۇپ، مۇھەممەدجان ئەھمەد تەھور، يالقۇن مەمتىمىن، ۋاڭ جيەنجۈن، نىجات نىياز، مۇتەللىپ مۇھەممەد، ئابلىز ئابدۇللا قاتارلىق فوتوگرافلارنىڭ نادىر فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى بار.
  ئىشىنىمىزكى: بۇ سان ژۇرنال سىزنىڭ مەنىۋىي ئېھتىياجىڭىزنى سەرخىل ماقالە – ئەسەرلەر بىلەن قاندۇرۇپ، «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ قەلبىڭىزگە سىڭگەن گۈزەل ۋە ئالاھىدە ئوبرازى بىلەن ئەڭ يېقىن قەلبدىشىڭىز بولۇپ قالغۇسى...