دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئاچتى

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 10746   يوللانغان ۋاقتى: 2016-07-04 15:49:25

 دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئاچتى


  30 - ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلاردىكى مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى، مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرى ۋە ئىلغار پارتىيە ياچېيكىلىرى تەقدىرلەندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەركەزنىڭ «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىردە لاياقەتلىك بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيە بويىچە ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر باتېر  «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى بىلەن مېڭىنى قوراللاندۇرۇپ، ‹تۆتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان، تۆتكە ئىگە› لاياقەتلىك كومپارتىيە ئەزالىرىدىن بولۇش» ئاساسىي تېمىسىنى چۆرىدەپ، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى سىستېمىسىدىكى بارلىق پارتىيەلىك كادىرلار ئۈچۈن مەنىسى چوڭقۇر، تەپەككۇرى تېرەن، مەزمۇن مول، نەزەرىيەۋىلىكى ۋە ئەمەلىيەتچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان بىر قېتىملىق  پارتىيە دەرسى ئۆتتى.
  
 
  باتېر دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى سىستېمىسىدىكى بارلىق پارتىيەلىك كادىرلارغا پارتىيە دەرسى ئۆتتى
  
  باتېر قاتارلىق رەھبەرلەر مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرىگە شەرەپ گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بەردى
  
  تەقدىرلەنگەن ئىلغار پارتىيە ياچېيكا ۋەكىللىرى
  
  ھەسەنجان ئابدۇلئەھەد تەرجىمىسى