لى جاۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ماسلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 10466   يوللانغان ۋاقتى: 2016-07-04 11:07:40

 لى جاۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ماسلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى

 

  دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ماسلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى جاۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 22 – ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ماسلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا 2013 ــــ 2015 – يىللىق دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مەدەنىي ئورۇن، مەدەنىي ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى باھالاش ۋە تەقدىرلەش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىنىپ، مەدەنىي ئورۇن ۋە مەدەنىي ئىشچى – خىزمەتچىلەر تىزىملىكى ماقۇللاندى. 

     دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مەدەنىي ئورۇن ۋە مەدەنىي ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى باھالاش ۋە تەقدىرلەش خىزمىتى ئۈچ يىلدا بىر قېتىم قانات يايدۇرۇلىدۇ. بۇ يىلنىڭ بېشىدا 2013 ــــ 2015 – يىللىق دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مەدەنىي ئورۇن، مەدەنىي ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى باھالاش ۋە تەقدىرلەش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغانىدى. تارماق ۋە ئورۇنلار قاتلاممۇ قاتلام يوللاش، مەلۇم قىلىش شۇنداقلا دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ماسلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق، مەدەنىي ئورۇندىن 25ى، مەدەنىي ئىشچى – خىزمەتچىدىن 71ى باھلاپ چىقىلدى، كومىتېت پارتگۇرۇپپىسى تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن، تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىلىپ تەقدىرلىنىدۇ. 
ئەركىن ئابلەت تەرجىمىسى