باتېر گۇيجۇ شەرقىي جەنۇب مياۋزۇ، دۇڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا ئائىت مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 9764   يوللانغان ۋاقتى: 2016-07-04 11:02:45

 باتېر گۇيجۇ شەرقىي جەنۇب مياۋزۇ، دۇڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا ئائىت مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى



  دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى باتېر 22 – ئىيۇن چۈشتىن كېيىن مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيىغا كېلىپ، «گۇيجۇ شەرقىي جەنۇب مياۋزۇ، دۇڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا ئائىت مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى جاڭ جىڭزې، مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرى گۇڭ جاۋچياڭ، گۇيجۇ ئۆلكىسى شەرقىي جەنۇب ئوبلاستى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئوبلاستلىق پارتكومنىىڭ باش كاتىپى گېڭ شېڭماۋ ئېكسكۇرسىيەگە ھەمراھ بولدى. 

  ئەركىن ئابلەت تەرجىمىسى