باتېر گۇاڭشىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى روھىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 10525   يوللانغان ۋاقتى: 2016-07-04 10:49:03

 باتېر گۇاڭشىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى روھىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى


 
  دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى باتېر 24 – ئىيۇندىن 26 – ئىيۇنغىچە گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىدا مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. 

   24 – ئىيۇن، باتېر گۇاڭشى مىللەتلەر موزېيىدا تەكشۈرۈشتە بولدى. 

   24 – ئىيۇن، باتېر نەننىڭ شەھەرلىك ئاز سانلىق مىللەت كۆچمە ئاھالىلەر مۇلازىمەت مەركىزىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى بىلەن سۆزلەشمەكتە. 
 
  25 – ئىيۇن، باتېر گۇاڭشىنىڭ پىڭشياڭدا پۇجەي چېگرا بازىرىدا تەكشۈرۈشتە بولدى. 

  تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزگىلىدە، باتېر گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى پېڭ چىڭخۇا، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى چېن ۋۇ بىلەن كۆرۈشتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، پارتكومنىڭ باش كاتىپى فەن شياۋلى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ شىيۇڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ھەمراھ بولدى. دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، تەتقىقات ئىشخانىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.
  ئەركىن ئابلەت تەرجىمىسى