شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات خىزمىتى نىزامى

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 1776   يوللانغان ۋاقتى: 2016-06-29 10:43:07

 شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات خىزمىتى نىزامى

(2015 - يىلى 12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 20 - يىغىنىدا ماقۇللاندى)

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى
( 18 - نومۇرلۇق)
    «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات خىزمىتى نىزامى» 2015 - يىلى 12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 20 - يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2016 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

2015 - يىلى 12 - ئاينىڭ 29 – كۈنى

        1 - باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

   1 - ماددا بۇ نىزام مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، ئىناقلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» ۋە ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.
  2 - ماددا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرىغا دائىر خىزمەتلەردە مۇشۇ نىزام تەتبىقلىنىدۇ.
  3 - ماددا شىنجاڭ ئەزەلدىن ۋەتىنىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ، مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر، زوراۋان - تېررورچى كۈچلەرگە قارشى تۇرۇش پۇقرالارنىڭ ئاساسىي مەجبۇرىيىتى.
  4 - ماددا مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرى − جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئۇلى؛ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاساسى؛ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى.
  5 - ماددا مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇش، مىللەتلەرنىڭ بىردەك باراۋەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنىڭ ئىتتىپاقلىقى - مۇقىملىقىنى قوغداش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك.
  6 - ماددا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى − ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى، خەنزۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئايرىلالماسلىق، ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇلاردىن ئايرىلالماسلىق، ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ بىر - بىرىدىن ئايرىلالماسلىق ئىدىيەسىنى ۋە دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تونۇش ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك.
  7 - ماددا پۈتكۈل جەمئىيەتتە مىللەتلەرنىڭ خاسلىقىغا ھۆرمەت قىلىشنى، كۆپ خىللىقىغا يول قويۇشنى، ئۆزئارا ئىشىنىشنى، ئۆزئارا بەھرىلىنىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما بىللە ياشايدىغان، بىللە ئۆگىنىدىغان، بىللە ئىشلەيدىغان، بىللە كۆڭۈل ئاچىدىغان ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئىتتىپاق - ئىناق بولغان، گۈللەنگەن، باياشات، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، كىشىلەر خاتىرجەم ياشايدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك.
  8 - ماددا مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرى خىزمىتىدە پارتكوم بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت ئومۇميۈزلۈك مەسئۇل بولىدىغان، مىللەتلەر ئىشلىرى تارمىقى يېتەكچىلىك قىلىدىغان ۋە ماسلاشتۇرىدىغان، تارماقلار ماسلىشىپ يولغا قويىدىغان، ساھەلەر قاتنىشىدىغان خىزمەت ئەندىزىسى يولغا قويۇلىدۇ.
  
  2 - باب خىزمەت مەسئۇلىيىتى
  
  9 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرى خىزمىتىدىكى مەسئۇلىيىتى:
      (1) پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋە دۆلەتنىڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار قانۇن - نىزاملىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛
    (2) مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى مۇھاكىمە قىلىش ۋە تۈزۈش، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرى خىزمىتىنىڭ نىشان مەسئۇلىيىتىنى بېكىتىش، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش؛
   (3) مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا دائىر خىزمەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش، بىرتۇتاش تاپشۇرۇش، بىرتۇتاش ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بىرتۇتاش تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش؛
  (4) مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش، خىزمەت مېخانىزمىنى ۋە باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، بەرپا قىلىش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، تىپلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە تۇرغۇزۇش، ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىنى ئىتتىپاقلىقنى قەدىرلەش، ئىتتىپاقلىقنى قوغداش، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەش؛
  (5) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە تەشۋىقات - تەربىيەنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرى خىزمىتىگە دائىر ئىشلارنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىش؛ بىر دەرىجە تۆۋەن خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرى خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش، نازارەتچىلىك قىلىش ۋە ئۇنى تەكشۈرۈش؛
  (6) ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە (ساقچى) بىلەن خەلق، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك، مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئورۇنلىرى بىلەن يەرلىكنىڭ مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش؛
  (7) شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن قىلىش.
  10 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى خەلق مائارىپى، كادىرلار تەربىيەسى، جەمئىيەت تەربىيەسىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا، پۇقرالار ئەخلاق تەربىيەسى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش تەربىيەسىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا، ھەر مىللەت ياشلىرى ۋە ئۆسمۈرلىرىنى تەربىيەلەشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا كىرگۈزۈشى؛ مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرى بويىچە تەشۋىقات - تەربىيەسى ۋە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورگان، مەكتەپ، كارخانا، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى، يېزا- بازار (كوچا)، كەنت (مەھەللە)، ھەربىي (ساقچى) گازارمىسى، تۈەن - مەيدانلارنىڭ ليەندۈيلىرىگىچە يۈزلەندۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرىنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسى ۋە ئاممىۋى ئاساسىنى پۇختىلىشى كېرەك.
  11 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى سىياسەت چىقىرىپ، ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش، مۇھىتنى ياخشىلاش، بايلىق جەھەتتە مايىل بولۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، مىللەتلەر ئۆزئارا ئارىلىشىپ ياشايدىغان ئىجتىمائىي قۇرۇلما ۋە مەھەللە مۇھىتىنى تەرتىپلىك ھالدا پەيدىنپەي بەرپا قىلىشى؛ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، خىزمەت ۋە ئۆگىنىشتە چۈشىنىشنى ۋە ھېسسىياتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئۇرۇق - تۇغقانلاردەك ئۆتۈش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.
  12 - ماددا ھەر دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرى خىزمىتىدە پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىشتىن ئىبارەت دىن مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئاساسىي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلىشى كېرەك. «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»نى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دىنغا ياتىدىغان مەسىلىلەردە خىزمەتنى دىننىڭ قانۇنىيىتى بويىچە ياخشى ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، دىنىي ساھەدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىدىكى ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.
  دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى پارتىيەنىڭ مىللەت - دىن سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرىدا نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رول ئوينىشى كېرەك.
  13 - ماددا ھەر دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈشى كېرەك. ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ۋە كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى يېتىشتۈرۈش، ئۆستۈرۈش، ئىشلىتىش ۋە ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.
  14 - ماددا يېزا (بازار، مەيدان)، كوچا، كەنت (شەھەر) ئاھالە كومىتېتى ۋە مەھەللىلەر تەۋەلىكىدىكى كەنت (شەھەر) ئاھالىسى ۋە كۆچمە ئاھالە ئارىسىدا مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرى خىزمىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك. مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرىغا ئالاقىدار مەزمۇنلارنى شەھەر ئاھالە ئەھدىنامىسى، كەنت ئاھالە ئەھدىنامىسى، ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى ۋە ساھە قائىدىسىگە كىرگۈزۈشى كېرەك.
  15 - ماددا ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرىغا دائىر قانۇن ئىدارە قىلىش تەشۋىقاتىنى ياخشى ئىشلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارنى قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇننى تەتبىقلاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، پۇقرالارنى قانۇننى بىلىشكە، قانۇنغا رىئايە قىلىشقا يېتەكلىشى كېرەك.
  16 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈپ، مىللەت - دىن مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ دۆلەتنى پارچىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتەك قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا ياتىدىغان مەسىلىلەرنى قانۇن ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى بىلەن ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرىنى قانۇن يۈرگۈزۈش كاپالىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.
  17 - ماددا مائارىپ تارماقلىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى مەكتەپلەرنىڭ ئەخلاق تەربىيەسى ۋە ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل مەكتەپلەر مائارىپىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر نەزەرىيەسى، مىللەتلەر سىياسىتى، دۆلەتنىڭ قانۇن - نىزاملىرى ۋە مىللەتلەرگە دائىر بىلىملەرنى دەرسخانىغا، دەرسلىككە كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
  مائارىپ تارماقلىرى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىگىلىشى ۋە قوللىنىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ تىل - يېزىقىدا تەربىيە ئېلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىپ ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈپ، «قوش تىللىق مائارىپ»قا قەتئىي تەۋرەنمەي قانۇن بويىچە تۈرتكە بولۇشى؛ يەسلىدىن ئالىي مەكتەپكىچە بولغان «قوش تىللىق مائارىپ»نى جىپسىلاشتۇرۇش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «قوش تىل ئوقۇتۇشى»نىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
  18 - ماددا مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، ئاخبارات - نەشرىيات - رادىيو - كىنو - تېلېۋىزىيە تارماقلىرى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرى خىزمىتىگە زامانىۋى مەدەنىيەت ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىپ، مەدەنىيەتكە ياتىدىغان مەسىلىلەرنى مەدەنىيەت ئۇسۇلى بىلەن ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى باراۋەرلىكى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رادىيو - تېلېۋىزىيەنى ھەممە كەنتكە، ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈش، يېزىلار (مەھەللىلەر)دا جامائەتچىلىك كىنولىرىنى قويۇپ بېرىش، دېھقانلار كۇتۇپخانىسى قۇرۇش قاتارلىق مەدەنىيەتتە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشى؛ مىللىي، ئەنئەنىۋى، يەرلىك، زامانىۋى مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ساغلام، مەدەنىي تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىشى؛ مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئەكس ئەتكۈزىدىغان نادىر كىتاب، مەدەنىيەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىش ۋە قوش تىل نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى؛ مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئەكس ئەتكۈزىدىغان كىنو - تېلېۋىزىيە، ناخشا - ئۇسسۇل قاتارلىق ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى؛ ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى كىنو، رادىيو - تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى كۆپەيتىپ، مىللەتلەرنىڭ نادىر مەدەنىيەت ئەسەرلىرىنى ئۆزئارا تەرجىمە قىلىشنى قوللاپ، نادىر مەدەنىيەت ئەسەرلىرىنى رەقەملەشتۈرۈپ، تورلاشتۇرۇپ تارقىتىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
  19 - ماددا ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، مائارىپ تارماقلىرى كەسپىي ماھارەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغانلارنىڭ ھەممىسىنى كەسپىي تېخنىكا مائارىپى جەھەتتىن تەربىيەلەشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.
    ئىشقا ئورۇنلاشقان، قايتا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى، بولۇپمۇ شەھەر - بازارلاردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلار، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى كەسپىي ماھارەت جەھەتتىن تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش؛ ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئورتاق ئىگىلىك تىكلەشكە، تەرتىپلىك يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا، شۇ جايدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا، يۇرتىغا قايتىپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەش كېرەك. ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق يۆلەش ۋە ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. 
  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ئادەم قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنى ئاز سانلىق مىللەت پۇقرالىرىنى مۇۋاپىق نىسبەتتە قوبۇل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا ماسلاشتۇرۇشى كېرەك.
  20 - ماددا سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، شەھەر باشقۇرۇش تارماقلىرى جەمئىيەتنى تۈزەش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، شەھەرگە كىرگەن ھەر مىللەت پۇقرالىرىنى شەھەر باشقۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاڭلىق رىئايە قىلىشقا يېتەكلەپ، ھەر مىللەت پۇقرالىرىنىڭ بازارغا باراۋەر كىرىشىگە، شەھەرگە سىڭىشىشىگە پايدىلىق ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىشى كېرەك.
  21 - ماددا جۇڭگو مۇھاجىرلىرى، جۇڭگولۇقلار ۋە چەت ئەللەردە ئوقۇۋاتقانلارغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش تارمىقى ۋە ئورۇنلار چەت ئەللەردىكى شىنجاڭلىق جۇڭگو مۇھاجىرلىرى، جۇڭگولۇقلار ۋە چەت ئەللەرگە ئوقۇشقا چىققانلارغا بولغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە تەشۋىقات - تەربىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدىشى كېرەك.
  22 - ماددا كۆچمە ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش تارماقلىرى بارغان جايى باشقۇرۇشنى ئاساس قىلىدىغان، كەلگەن جايى باشقۇرۇش خىزمىتىگە پائال ماسلىشىدىغان باشقۇرۇش خىزمىتى مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆچمە ئاھالىنىڭ ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى باراۋەرلىكىنى پەيدىنپەي ئىشقا ئاشۇرۇشى؛ كۆچمە ئاھالىگە بولغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە تەشۋىقات - تەربىيەنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
  23 - ماددا تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، مۇھىت ئاسراش، زېمىن بايلىقى تارماقلىرى دۆلەتنىڭ بايلىقتىن ھەقلىق پايدىلىنىش ۋە ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى بېرىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك بايلىق ۋە تەبىئىي بايلىقتىن مۇۋاپىق ئېچىپ پايدىلىنىپ، بايلىقتىن ئېچىپ پايدىلىنىش ئارقىلىق شۇ جايدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىغا تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
  24 - ماددا زېمىن بايلىقى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، قاتناش، سۇچىلىق تارماقلىرى بايلىقنى چارلاش - ئېچىش، قاتناش، ئېنېرگىيە، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىغا شۇ جايدىكى كارخانىلار ۋە ئەمگەك كۈچلىرىنى كۆپرەك قاتناشتۇرۇشى كېرەك. 
  كارخانىلارنىڭ شۇ جايدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى قوبۇل قىلىشىغا، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت ئەمگەك كۈچلىرىنى قوبۇل قىلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ. ئېنېرگىيە ۋە بايلىقنى شۇ جايدا پىششىقلاش، ئايلاندۇرۇش شارائىتى بارلار شۇ كەسىپنى شۇ جايدا ئاۋۋال يولغا قويۇشى كېرەك.
  25 - ماددا نامراتلارنى يۆلەش، خەلق ئىشلىرى، سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت تارماقلىرى نامراتلارنى تۈجۈپىلىك يۆلەش خىزمەت مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەنت بويىچە ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلارنى نۇقتىدا يۆلەپ، ئىجتىمائىي كاپالەتنى جىپسىلاشتۇرۇپ، نامراتلارنى نامراتلىقتىن تۈجۈپىلىك قۇتۇلدۇرۇشى؛ ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى؛ ناھىيە، يېزا، كەنتلەرنىڭ داۋالاش ۋە جامائەت ساغلاملىقى، پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمىتى تورى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش، ساقلىق ساقلاش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ۋە يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش كاپالىتى سەۋىيەسىنى پەيدىنپەي ئۆستۈرۈشى كېرەك.
  26 - ماددا تىل - يېزىق ۋە تەرجىمە خىزمىتىنى باشقۇرغۇچى ئاپپارات دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل - يېزىقى خىزمىتىنى قانۇن بويىچە يولغا قويۇشى، مىللەتلەرنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ تىل - يېزىقىنى قوللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى، مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا تىل - يېزىق ئۆگىنىشىنى تەشەببۇس قىلىشى ۋە ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىشى كېرەك. 
  جامائەت سورۇنلىرى، جامائەت ئەسلىھەسى، شۇنىڭدەك جامائەت مۇلازىمەت ساھەسىدىكى تاختا، ئېلان، ئۇقتۇرۇش، بەلگە تاختىسى، تەشۋىقات تۈرىدىكى، جامائەتچىلىك تۈرىدىكى شوئار قاتارلىقلاردا قېلىپلاشقان دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل - يېزىقى بىلەن شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەت تىل - يېزىقىنى تەڭ قوللىنىش كېرەك.
  27 - ماددا مەدەنىيەت، مەدەنىيەت يادىكارلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى تارماقلىرى مىللەتلەرنىڭ ئېسىل مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ۋە ئەنئەنىۋى قەدىمىي كەنتلەرنى قوغداش سالمىقىنى زورايتىپ، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە قەدىمىي ئەسەرلەرنى توپلاش، قوغداش، قۇتقۇزۇش، قېزىش، رەتلەش، نەشر قىلىش ۋە تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئېسىل مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللىشى كېرەك.
  28 - ماددا دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ئۆزگىچە دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق بازىسى قۇرۇش، پەن - تېخنىكىنى تىرەك قىلىش، پىششىقلاپ ئايلاندۇرۇش، بازار ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىقتىدار قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، زامانىۋى دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئۆزگىچە دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق كەسىپلىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئۇزاققىچە مۇقىم ئاشۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرىنىڭ ماددىي ئاساسىنى پۇختىلىشى كېرەك. 
  29 - ماددا تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، مالىيە، ساياھەت، مىللەتلەر ئىشلىرى، سودا، باج، پۇل مۇئامىلە تارماقلىرى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مىللىي سودىنى يۆلەش، ئالاھىدە مىللىي تاۋارلارنى ئىشلەپچىقىرىش، مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە ساياھەتچىلىككە دائىر ئېتىبار سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللىي ماركىنى يېتىلدۈرۈپ، مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
  
  3 - باب ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت
  
  30 - ماددا مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرى − پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. ھەر مىللەت پۇقرالىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە ۋەتەننى، شىنجاڭنى سۆيۈش، ئىتتىپاق ئۆتۈش، تۆھپە قوشۇش، تىرىشىپ ئىشلەش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئېچىۋېتىش، ئىلگىرىلەشتەك شىنجاڭ روھىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشى كېرەك.
  ھەر مىللەت پۇقرالىرى ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆز ئارا ھۆرمەتلەپ، ئۆزئارا يول قويۇپ، ئۆزئارا بەھرىلىنىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداشلاردىن بولۇشى كېرەك.
  31 - ماددا ھەر مىللەت پۇقرالىرى بىر - بىرىنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىشى، ئۆرپ - ئادەتكە ياتىدىغان مەسىلىلەرگە ھۆرمەت قىلىش پوزىتسىيەسى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك.
  32 - ماددا ھەر مىللەت پۇقرالىرى زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش، قانۇن ئىدارە قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش، تەرتىپكە ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار ۋە نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئىناقلىقنى پائال قوغدىشى كېرەك.
  33 - ماددا ھەر دەرىجىلىك ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئاممىۋى خىزمەت ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرى خىزمىتىنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەت مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرىغا ئورتاق تۈرتكە بولىدىغان كەيپىياتنى يارىتىشى كېرەك.
  ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلىرى بىلەن ئالاقە باغلاشتەك كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئارىسىدا مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
  كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ياشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشى، ئۇيۇشتۇرۇشى، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرىغا پائال قاتنىشىشقا يېتەكلىشى؛ ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا ئېجىللىق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى چېچىشى، ئۇلارنى بىللە ئويناش، بىللە ئۆگىنىش، بىللە ئۆسۈپ يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.
  ئاياللار بىرلەشمىسى ئاياللارنىڭ جەمئىيەت ۋە ئائىلىدىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاياللىرىغا مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرىدا ئىتتىپاق، ئىناق، ئېجىل قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتى ۋە ئائىلە مۇناسىۋىتىنى ئورتاق ئورنىتىش ھەققىدە تەربىيە بېرىشى ۋە ئۇلارنى يېتەكلىشى كېرەك.
  34 - ماددا سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى قاتارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
  35 - ماددا مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە قارىتا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى خىزمىتىنى كۈچەيتىشى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئاڭلىق ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»تىكى تەربىيەلەش، يېتەكلەش ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش، باشلامچى بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئىلىم - پەنگە، ھەقىقەتكە ئىنتىلىشكە، نادانلىقنى تۈگىتىشكە، خۇراپاتلىققا قارشى تۇرۇشقا ۋە ئەسەبىيلىكنى توسۇشقا يېتەكلىشى كېرەك.
  ھەرقانداق كىشىنىڭ مەكتەپلەردىكى دەرسخانا، مۇنبەر قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا خەۋپ يەتكۈزىدىغان سۆزلەرنى تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
  36 - ماددا پارتىيە مەكتىپى، مەمۇرىي ئىنستىتۇت، سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتى قاتارلىق ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى ئوقۇتۇش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرى، پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتىگە دائىر تەربىيە پائالىيەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرى تەربىيەسىدىكى مۇھىم بازىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.
  ئالىي مەكتەپلەر ۋە ئالاقىدار ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتى ئاپپاراتلىرى ماركسىزملىق مىللەت - دىن نەزەرىيەسى ۋە سىياسەت تەتقىقاتىنى، شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىي پەن نەزەرىيە تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، زور ئىدىيەۋى نەزەرىيە مەسىلىسىنى تەھلىل قىلىش، يېتەكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «پانتۈركىزم»، «پانئىسلامىزم»، «مىللەتلەر ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش»، «يۈكسەك ئاپتونومىيە» قاتارلىق خاتا قاراشلارغا بايرىقى روشەن ھالدا رەددىيە بېرىپ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن قوللىشى كېرەك.
  37 - ماددا ئاممىۋى تاراتقۇلار، يېڭى تاراتقۇلار ۋاسىتە ۋە ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى تاراتقۇلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئوخشاش بولمىغان ئوبيېكتلار ۋە قوبۇل قىلغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن خەۋەر بېرىش پائالىيىتىنى كۆپ يول ۋە كۆپ تەرەپتىن قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
  38 - ماددا تۈرلۈك كارخانىلار ھەر مىللەت پۇقرالىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئاساسىي يوللۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيىتى ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.
  تۈرلۈك كارخانىلار مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى كارخانا تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرىدىكى نەمۇنە كارخانىلارنى پائال بەرپا قىلىشى، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرىدىكى نەمۇنە كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلىشى كېرەك.
  39 - ماددا ئائىلىلەر مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرىدا ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.
  ئاتا - ئانا ۋە باشقا ۋەسىيلەر پەرزەنتلىرىگە ياخشى پەزىلىتى ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىشى، پەرزەنتلىرىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىدىيەسى بىلەن تەربىيەلىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەت ئىناقلىقى ئىدىيەسىنى يېتىلدۈرۈشى ۋە تارقىتىشى كېرەك.
  40 - ماددا دىنىي زاتلار دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارغا ئۆزئارا يول قويۇش، ئىناق ئۆتۈش ۋە ئىتتىپاق، دوستانە بولۇش ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىپ، ۋەتەننى سۆيۈش، تىنچلىقنى قەدىرلەش، ئىناق ئۆتۈش، ئوتتۇرا يول تۇتۇش، كەڭ قورساق بولۇش، ساۋابلىق ئىش قىلىش قاتارلىق دىنىي ئەقىدىلەرنى ۋەز - تەپسىر جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى توغرا ئېتىقاد، توغرا ھەرىكەت قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرنى ئاڭلىق چەكلەپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشقا پائال يېتەكلىشى كېرەك.
  41 - ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ جەمئىيەت تەرتىپى، خىزمەت تەرتىپى ۋە تۇرمۇش تەرتىپىگە دەخلى قىلىشىغا، دۆلەتنىڭ مەمۇرىيەت، قانۇن يۈرگۈزۈش، مائارىپ، مەدەنىيەت، نىكاھ، پىلانلىق تۇغۇت ۋە ۋارىسلىق تۈزۈملىرىگە ئارىلىشىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
  42 - ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز گەپ - سۆزلەرنى تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز ئۇچۇرلارنى توپلىشىغا، بېرىشىگە، تەييارلىشىغا، تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىشىغا، تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قۇترىتىدىغان، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى سادىر قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
  43 - ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ جاي، مىللەت ئايرىمىسى، دىنىي ئېتىقادى ۋە باشقا ئامىللارنى باھانە قىلىپ، چەتكە قېقىش، كەمسىتىش ۋە توسۇق قۇرۇش ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلارنى باشقۇرۇش، بازار رىقابىتىگە باراۋەر قاتنىشىش، شۇنىڭدەك ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىدىن باراۋەر بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ.
  44 - ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ كىتاب، گېزىت - ژۇرنال، ئۈن - سىن بۇيۇملىرى، كىنو - تېلېۋىزىيە، تور قاتارلىق ۋاسىتىلەردە، شۇنىڭدەك يەر نامى، كارخانا نامى، مەھسۇلات ماركىسى، ئېلان تارقىتىش ۋە سودا خاراكتېرلىك باشقا پائالىيەتلەردە مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزىدىغان، غۇرۇرىغا تېگىدىغان، دىلىغا ئازار بېرىدىغان مەزمۇننى چىقىرىشىغا ۋە شۇنداق ھەرىكەتلەردە بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.
  ئۆرپ - ئادەتكە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزىدىغان، مىللەتلەرنىڭ دىلىغا ئازار بېرىدىغان، مىللىي كەمسىتىش، مىللىي ئۆچمەنلىكنى قۇترىتىدىغان مەزمۇندىكى پىروگراممىلارنى ئىشلەش، قويۇش ۋە تارقىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.
  45 - ماددا مېھمانخانا، مېھمانساراي، گاراژ - ۋوگزال، كۆجۈم بازار قاتارلىق ئاممىۋى پائالىيەت سورۇنلىرى ۋە تۆمۈريول، خەلق ئاۋىياتسىيەسى قاتارلىق قاتناش - تىرانسپورت ساھەسى كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت پۇقرالىرىغا باراۋەر مۇلازىمەت قىلىشى، جاي، مىللەت ئايرىمىسى، دىنىي ئېتىقادى ۋە تۇرمۇش ئادىتىنى باھانە قىلىپ كەمسىتمەسلىكى، باشقىچە يول بىلەن كەمسىتمەسلىكى ياكى مۇلازىمەت قىلماي تۇرۇۋالماسلىقى كېرەك.
  يېمەك - ئىچمەك مۇلازىمەت ساھەلىرى قانۇنلۇق تىجارەت قىلىشى، سەمىمىي، دوستانە بولۇشى كېرەك؛ دۇكان ۋە ۋىۋىسكا تاختىسى، يېمەكلىكنىڭ نامى، ئوراش - قاچىلاش، ئېلانلاردا قانۇن - نىزاملارغا خىلاپ بولغان تىل - يېزىق، بەلگە، نەقىش ھەم ئۇلارنىڭ بىرىكتۈرمىسىنى ئىشلەتمەسلىكى، مىللەتلەرنىڭ يېمەك - ئىچمەك ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك.
  
  4 - باب كاپالەت ۋە نازارەتچىلىك
  
  46 - ماددا مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرى خىزمىتىدە رەھبەرلەر مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى ۋە يىللىق نىشان مەسئۇلىيىتىنى باھالاش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ خىزمەت تارماقلىرىنىڭ خىزمەت نەتىجە - ئۈنۈمىنى باھالاش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلىدۇ.
  47 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرى خىزمىتى خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.
  48 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىنى قەرەللىك ھالدا ئېچىپ، مىللەتلەر بىرلىشىپ ئىگىلىك يارىتىش، نامراتلارنى يۆلەش، بىر - بىرىگە ياردەم بېرىش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان، گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلىشى، مۇكاپاتلىشى كېرەك. ئاپتونوم رايون ئاز دېگەندە بەش يىلدا، ئوبلاست، شەھەر (ۋىلايەت)لەر ئاز دېگەندە ئۈچ يىلدا، ناھىيە (شەھەر، رايون)لەر ئاز دېگەندە ئىككى يىلدا بىر قېتىم مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىشى كېرەك.
  49 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنى ئىستراتېگىيەلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مۇددەتلىك خىزمەت سۈپىتىدە ئىشلەپ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرى نەتىجىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ئاممىنى تەربىيەلىشى، ئاممىغا تەشۋىق قىلىشى ۋە كىشىلەرنىڭ قەلبىنى مايىل قىلىشى كېرەك.
  50 - ماددا ئاپتونوم رايونىمىزدا مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىدە ئۈلگە كۆرسەتكەن ئورۇنلارغا ھەر يىلىنىڭ ئاخىرىدا بىر قېتىم مۇكاپات بېرىلسە بولىدۇ.
  مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرى بويىچە بەرپا قىلىش ۋە مۇكاپاتلاش چارىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى چىقىرىدۇ.
  51 - ماددا ھەر يىلى 5 - ئاي ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيى قىلىنىدۇ.
  52 - ماددا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى پائالىيىتىدە ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش، ئەمەلىيەتكە، تۇرمۇشقا، ئاممىغا يېقىنلىشىش، تەربىيە پائالىيىتىنىڭ جەلپكارلىقى، تەسىرچانلىقى ۋە قايىلچانلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى پائالىيىتىنى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسى، مۇزېي، ئىنقىلابىي تارىخىي خاتىرە سارىيى (ئورنى)، ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى قاتارلىق سورۇنلاردىن پايدىلىنىپ يولغا قويۇش كېرەك، شارائىتى بار جايلار مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى تەربىيە بازىسى قۇرسا بولىدۇ.
  53 - ماددا گېزىت، ژۇرنال، رادىيو، تېلېۋىزىيە قاتارلىق ئاممىۋى تاراتقۇلار، شۇنىڭدەك ئالاقە تورى، يان تېلېفون قاتارلىق يېڭى تاراتقۇلار جامائەت پىكرى نازارەتچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرىدىكى تىپىك ئىش - ئىزلار ۋە شەخسلەرنى تەشۋىق قىلىشى، بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، قانۇن - ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىشى ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىشى كېرەك.
  54 - ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى نازارەت قىلىش، تەنقىد قىلىش، توسۇش ۋە پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق. پاش قىلىش ماتېرىيالىنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلغان ئالاقىدار تارماقلار ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە جاۋاب بېرىشى كېرەك.
  
  5 - باب قانۇن جاۋابكارلىقى
  
  55 - ماددا دۆلەت ئورگانلىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار، شەھەر - يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ۋە باشقا تەشكىلاتلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرىگە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مىللەت - دىن ئىشلىرى تارمىقى ئالاقىدار تارماق ۋە ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە تەنقىد - تەربىيە بېرىدۇ، تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، تۈزىتىش مەزگىلىدە ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل ئىلغار كوللېكتىپلارنى باھالاشقا قاتناشسا بولمايدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىنى بىر دەرىجە يۇقىرى مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايون دائىرىسىدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ، مۇناسىپ شەرەپ نامى ۋە ئۆلچەمگە يەتكەن ئورۇن سالاھىيىتىنى بىكار قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئورۇننىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرى مۇناسىپ جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:
   (1) مۇشۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلار؛
   (2) پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەنلەر؛
   (3) شۇ ئورۇننىڭ مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرىغا تەسىر يەتكۈزگەن زىددىيەت - توقۇنۇشلارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلماي، ھەل قىلماي، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئاممىۋى ۋەقەلەرنى پەيدا قىلغانلار ھەمدە ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغانلار؛
   (4) مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ باشقا قىلمىشلار.
  56 - ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 42 -، 43 -، 44 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا ئىشلەيدىغان ئورنى، يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارمىقى تەنقىد - تەربىيە بېرىدۇ، تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىشى بولغانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنى قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگان قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىدۇ.
  57 - ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 45 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇل تارمىقى تەنقىد - تەربىيە بېرىدۇ، تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىشى بارلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنى قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگان قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىدۇ؛ پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارغا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
  58 - ماددا دۆلەت ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرى خىزمىتىدە بىپەرۋالىق قىلغان، ساختىپەزلىك قىلغان، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلانغانلىرىغا ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارمىقى تەنقىد - تەربىيە بېرىدۇ ھەمدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، ئورۇننىڭ ئاساسلىق مەسئۇل خادىمى، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنى قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگان قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىدۇ.
  59 - ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقتىن جازا بېرىلىدىغان باشقا قىلمىشلارغا ئالاقىدار قانۇن - نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
  
  6 - باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
  
  60 - ماددا بۇ نىزام 2016 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، 2009 - يىلى 12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16 - يىغىنىدا ماقۇللانغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى نىزامى» بىكار قىلىنىدۇ.