2016 – يىللىق 3 - ساندىكى تەۋسىيەلىك ماقالە - ئەسەرلەر

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 2132   يوللانغان ۋاقتى: 2016-05-27 09:29:28

   ئەتىرگۈلدىن باشلانغان گۈزەللىكنىڭ گۈلدەك گۈزەل ياشلىق دەقىقىلىرىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئۇيغۇر قىزىنىڭ چېھرىدە قانچىلىك گۈزەللىك جۇلا قىلغانلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، ژۇرنىلىمىزنىڭ 2016 – يىللىق 3 – سانىغا دىققەت قىلىڭ.

  ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سان ئەڭ باش بەتتىكى «سۈزۈك قەترىلەر» سەھىپىسىگە «مۇۋەپپەقىيەت ئاز – ئازدىن جۇغلىنىدۇ» ناملىق ماقالە، مۇقاۋىنىڭ 2 – بېتىگە «يوپۇغا. شىنجاڭ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك <ئوغلانلار> مىللىيچە چېلىشىش چىمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدىن كۆرۈنۈشلەر» نامىدىكى بىر يۈرۈش سۈرەتلەر بېرىلدى. 
  بۇ سان ژۇرنالنىڭ «ژۇرنىلىمىزنىڭ ئالاھىدە ماقالىسى» سەھىپىسىگە بېرىلگەن مۇھىم ماقالىلار مۇنۇلار: «شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگوچە سوتسىيالستىك دىن نەزەرىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى دىن خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك»، «سۈن چۇنلەن شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىدە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك»، «جاڭ چۈنشەننىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا: <مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى يىلى»دىكى زور تەدبىرلەرنى بىرمۇبىر ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، دەپ تەكىتلەندى»، «مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، (شۇ ۋاقىتتىكى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى) ۋاڭ جېڭۋېي مۇنداق دېدى: مەركەز شەھەرلەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، شەھەرلەردىكى مىللەتلەر خىزمىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى تىرىشىپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك». 
  بۇ سان ژۇرنالنىڭ يەنە «ئېلىمىز مىللەتلەر خىزمىتى خەۋەرلىرى» سەھىپىسىگە «ئېلىمىز مىللەتلەر خىزمىتىگە دائىر قىسقا خەۋەرلەر»؛ «مىللەتلەر خىزمىتى تەشۋىقاتى» سەھىپىسىگە دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مەدەنىيەت – تەشۋىقات مەھكىمىسىدىن ۋۇ سۈييىڭنىڭ «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگەنگەندىن كېيىنكى تەسىراتلىرىم»؛  «كۈسەن مەدەنىيەت تەتقىقاتى» سەھىپىسىگە ئەھەت داۋۇتنىڭ «كۇچا خەلق مەشرەپلىرى»؛ «ھاكىملار نېمە دەيدۇ؟» سەھىپىسىگە چىرا ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى شاۋكەت ياسىننىڭ «مەن چىرا چىلىنى ئۈچۈن ئوبراز ۋەكىلى بولۇشنى خالىدىم»؛ «56 مىللەت بىر ئائىلە» سەھىپىسىگە جاڭ جىلۇنىڭ «خۇيزۇلارنىڭ فامىلىسى قانداق شەكىللەنگەن؟»؛ «يېمەك – ئىچمەك مەدەنىيىتمىزگە نەزەر» سەھىپىسىگە «ئۈرۈمچى. جەنۇبىي باغچا يېنىدا <ئاق ئالتۇن>»؛ «ھاياتلىق ھېمەتلىرى» سەھىپىسىگە خاسىيەت ئىمامنىڭ «مېھىر – مۇھەببىتىمىز ئۆكسۈمىسۇن»؛ «ژۇرنىلىمىز بايقىغان يېڭى يۇلتۇزلار» سەھىپىسىگە گۈلجەننەت ئەسئەتنىڭ «لەۋلىرىمدە ئېچىلىدۇ قىزىلگۈل» ناملىق بىر يۈرۈش شېئىرى؛ «ئەدىبلەر مۇنبىرى» سەھىپىسىگە يۈسۈپجان تۇرسۇننىڭ «يازغۇچى ئابدۇراخمان قاھارنىڭ 80 ياشقا كىرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن چاي سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلدى»؛ مەريەمگۈل ئابلىمىت ۋە ئەرشىدىن توختىنىڭ «<شائىر، ئەدەبىي تەرجىمان دىلشات قېيۇم نۇر ئىجادىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى> ئۆتكۈزۈلدى»؛ «مىللەت ۋە تېبابەت» سەھىپىسىگە ئابدۇقادىر سادىر تەييارلىغان «ئىلىمي تۇرمۇش ۋە ئىلمىي ئوزۇقلىنىش ھەققىدە ھەكىملەرنىڭ ئېيتقانلىرىدىن»؛ «ھاكىملار بىلەن سۆھبەت» سەھىپىسىگە مۇھەممەدسالىھ مەتروزىنىڭ ئاراتۈرك ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى ياقۇپ پەتتۇللا بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ خاتىرىسى «ئۆم – ئىناق ئاراتۈركتە بەخت تۇيغۇسى»؛ «مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ» سەھىپىسىگە ئابدۇقەييۇم مىجىتنىڭ «ئاتا ___ ئائىلە تۈۋرۈكى»؛ «گۈلدەستە» سەھىپىسىگە دولقۇن جاپپارنىڭ «چىلانزاردا ئەدىبلەرگە چاقچاق بار»، ئىلھام روزىنىڭ «ساۋاقداشلار»، ۋارىسجان ئاتاخاننىڭ «ئىككى شېئىر»، ئابدۇرېشىت ئېلىنىڭ «سۆيگۈ لىرىكىلىرى»، ئابلا ئابلەت سەرخىلىنىڭ «قارامايدا توققۇز كىلومېتىر»، مۇسا ئەھەد تىركەشنىڭ «قەدىم جاي»؛ «گۈلۈم» سەھىپىسىگە ئاينۇر ئابدۇكېرىمنىڭ «قىرىق ياشلىق ئايال»، رەيھانگۈل ئوسماننىڭ «كېلىدۇ بۇ يولدىن باھارننىڭ ھىدى»؛ «ئانا تىل رادىيوسى ھەققىدىكى ھېكايىلىرىم» سەھىپىسىگە ئەركىن ئەبەيدۇللانىڭ «ئانا تىلىمدا سايرىغان بۇلبۇل»؛ «مىللەتلەر چوڭ ئائىلىسىدە» سەھىپىسىگە ئۆز مۇخبىرىمىز شېن لىنىڭ «تامدىكى مېھىر تائاملىرى»؛ «<جۇڭگو مىللەتلىرى> ژۇرنىلى تۆھپىكارلار ئالبومى» سەھىپىسىگە «ئۇستاز فوتوگراف يالقۇن ھابىل» قاتارلىق ماقالە ۋە ئەسەرلەر بېرىلدى. 
  بۇ سان ژۇرنالدا ئۇنىڭدىن باشقا لى بى، رېن لىيىڭ، كۈرەش ياقۇپ، ۋۇ دۇڭجۈن، قەييۇم قادىر، ئۆركەش جاپپار، ئابدۇسەمەتجان مويدىن، يالقۇن ھابىل، ئەزىمەت ئەنۋەر، يۈسۈپجان تۇرسۇن، ئەرشىدىن توختى، كۈرەش ياقۇپ، يالقۇن ئوسمانلارنىڭ فوتو سۈرەتلىرىمۇ بار.
  ژۇرنالدىكى سەرخىل مەزمۇنلاردىن تولۇق خەۋەردار بولماقچى بولسىڭىز، ژۇرنىلىمىزنى تولۇق ۋاراقلاپ چىققايسىز.