2016 – يىللىق 1- ساندىكى تەۋسىيەلىك ماقالە - ئەسەرلەر

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 1631   يوللانغان ۋاقتى: 2016-05-16 15:16:55

    ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ يىللىق يېڭى سانى قەلب تۆرىمىزدىكى تۆھپىكارلىرىمىزنى ئوقۇرمەنلىرىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈشتىن باشلىنىدۇ. ئازاد رەھمىتۇللا سۇلتان ئاشۇ تۆھپىكارلىمىزنىڭ بىرىدۇر. بۇ سان ژۇرنالنىڭ مۇقاۋىسىغا بۇ تۆھپىكارىمىزنىڭ سۈرىتىنى باستۇق.

   ژۇرنىلىمىزنىڭ يېڭى سانىنى ___ 2016 – يىللىق 1- سانىنى ۋاراقلىسىڭىز: «بىرىنچى كۆزنەك» سەھىپىسىدە «مۇز ۋە ئوتنىڭ مېلودىيەسى»؛ «مەركەزدىن كەلگەن سادا» سەھىپىسىدە «يۈ جېڭشېڭ شەھەرلەرنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى ھەققىدىكى تەستىق يوليۇرۇقىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شەھەرلەرنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئىنچىكىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك»، «ئېلىمىز مىللەتلەر خىزمىتىگە دائىر قىسقا خەۋەرلەر»؛ «مىللەتلەر خىزمىتى خەۋەرلىرى» سەھىپىسىدە «<جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئائىت 2015 – يىللىق 10 چوڭ خەۋەر> ئېلان قىلىندى»؛ «ژۇرنىلىمىزنىڭ ئالاھىدە ماقالىسى» سەھىپىسىدە «جاڭ چۈنشەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، كەڭ دائىرىدە كۈچلەرنى مۇجەسسەملەش كېرەك»؛ «مىللەت ۋە قانۇن – نىزام» سەھىپىسىدە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق – تەرەققىيات خىزمىتى نىزامى»دىن خەۋەردار بولىسىز.
   بۇ سان ژۇرنالدا يەنە ___
   «مىللەت ۋە مەدەنىيەت» سەھىپىسىدە ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەرنىڭ «<پۇل دېگەن شۇنداق نەرسە> ناملىق كىنو فىلىمىنىڭ سېھرىي كۈچى»؛ «مىللەت ۋە ساپا» سەھىپىسىدە گۈلباھار مۇھەممەد ماھىنىڭ «مەنىۋى ساپا ___ ھاياتقا ۋاپا»؛ «مىللەت ۋە ئۆرپ – ئادەت» سەھىپىسىدە يۇنۇس سادىقنىڭ «قومۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىز – يىگىت تويلىرىدىكى <ئىشىك بېسىش> ئادىتى»؛ «گۈلۈم» سەھىپىسىدە رەشىدە مۇھەممەد مېھرىگىياھنىڭ «ئانامنىڭ خېتى»؛ «يېمەك – ئىچمەك مەدەنىيىتىمىزگە نەزەر» سەھىپىسىدە «يەكەندىكى <نۇربوستان چاي تائاملىرى، ساماۋەر شورپىخانىسى»؛ «سۆھبەت» سەھىپىسىدە مۇھەممەدسالىھ مەتروزىنىڭ غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى كامىلجان يۈسۈپجاننى زىيارەت قىلىپ يازغان «نىشانىمىز: <مەملىكەت بويىچە مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق – تەرەققىيات ئىشلىرى بويىچە ئۈلگىلىك ناھىيە> شەرىپىمىزنى قەدىرلەپ، تىنچ، باياشاد ۋە تېخىمۇ گۈزەل غۇلجا ناھىيەسى قۇرۇپ چىقىش» ناملىق سۆھبەت خاتىرىسى؛ «دۇنيا نەزىرىدە شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇرلار» سەھىپىسىدە چېن رۇيجۈننىڭ «ئاقكۆڭۈل خوتەنلىكلەر»؛ «كىتابتىن باشلانغان پاراڭلار» سەھىپىسىدە ئابلاجان بوۋاقىنىڭ «كىتابخۇمار ئادەمنىڭ قەلب بېغى ھەمىشە كۆكلەپ تۇرىدۇ ___ ئاتاقلىق شائىر، يازغۇچى ھاجى مىرازاھىد كېرىمى بىلەن سۆھبەت»؛ «قېرىنداش مىللەتلەرگە نەزەر» سەھىپىسىدە ئابدۇرازاق سايىم بىلەن غەيرەت ئابدۇراھمان ئوزغارنىڭ «يۇغۇرلار يۇرتىغا سەپەر» (1)؛ «گۈلدەستە» سەھىپىسىدە ئابلىز ئوسماننىڭ «شىمال لىرىكىلىرى»؛ «مەڭگۈلۈك ئابىدىلەر» سەھىپىسىدە ئابلەي مەتنىيازنىڭ «مەن بىلىدىغان روزى سايىت»؛ «مىللەتلەر باغچىسى» سەھىپىسىدە ئەركىن ئەبەيدۇللانىڭ «شىخودىكى ئۇنتۇلماس دەقىقىلەر»؛ «شەخسلەر» سەھىپىسىدە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئۈلگە ___ يۈسۈپ ئابلا»؛ «كىتابسىز تۇرمۇش ___ قۇياشسىز تۇرمۇش» سەھىپىسىدە «<غەرب پەلسەپە تارىخى> ناملىق كىتاب ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى»؛ «بىز ئۇچراشقان كىشىلەر. <جۇڭگو مىللەتلىرى> ژۇرنىلى تۆھپىكارلار ئالبومى» سەھىپىسىدە «تۆھپىكار ئەدەبىي تەرجىمان ___ ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ» قاتارلىق ماقالە – ئەسەرلەر بېرىلدى.   بۇ سان ژۇرنالدا يەنە قۇربانجان سەمەت، تەڭرىتاغ كىنو ئىستودىيەسى، مۇھەممەتجان ئەھمەد تەھور، ئۆتكۈر نىجات، نۇردۇن ئابدۇسەمەت، چېن رۇيجۈنلەر تەمىنلىگەن نادىر سۈرەتلار بار.
   تەپسىلىي مەزمۇنلىرىدىن خەۋەردار بولماقچى بولسىڭىز، ژۇرنىلىمىزنى تولۇق ۋاراقلاپ چىقققايسىز.