سۈن چۈنلەن شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بولغاندا، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىدە قولغاكەلتۈرگەن يېڭى نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ ئالغاسۈرۈش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 1538   يوللانغان ۋاقتى: 2016-04-22 13:51:52

 


سۈن چۈنلەن شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بولغاندا، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىدە قولغاكەلتۈرگەن يېڭى نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ ئالغاسۈرۈش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى
  
  3 – ئاينىڭ 28 – كۈنىدىن 31 – كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سۈن چۈنلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى يىلى» سەپەرۋەرلىك چوڭ يىغىنىغا قاتناشقاندا ۋە جايلاردا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئۇزاققىچە ئەمىن بولۇشتىن ئىبارەت ئاساسىي نىشاننى چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار سىياسەت – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ھەم ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ خىزمىتى يىغىنى ۋە مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى بويىچە، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن يېڭى نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ ئالغا سۈرۈش كېرەك.
  سۈن چۈنلەن ئۈرۈمچىدە مۇتەخەسسىس، ئالىملار بىلەن سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كونا شەھەر رايونى، كونىشەھەر ناھىيەسىنىڭ توققۇزاق بازىرىدىكى تۆت كەنتى، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ لەڭگەر كوچا باشقارمىسى چاۋياڭ ئاھالە كومىتېتى قاتارلىق جايلاردا بىر قىسىم ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، ئۈلگىلىك شەخسلەر، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى ۋە كەنتلەردە تۇرۇشلۇق كادىرلارنى يوقلاپ، ئۇلاردىن ھال سوراپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم قانات يايدۇرغان «ئۈچ ئەل» پائالىيىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق ئېڭىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن كۈچ سەرپ قىلىپ، جەمئىيەت ئىقتىسادىنىڭ تېخىمۇ تېز ھەم ياخشى تەرققىياتىغا تۈرتكە بولۇش بىلەن، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەم ئۇنى ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىدىيەۋى ئاساسىنى، ماددىي ئاساسنى ۋە ئىجتىمائىي ئاساسنى مۇستەھكەملەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە خەلققە بەخت يارىتىشتىكى نەمۇنىچىلاردىن بولۇپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلاملىرىدىكى ئاممىۋى ئاساسىنى پۇختىلىشى لازىم.
  سۈن چۈنلەن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ توقۇمىچىلىق سانائەت رايونى، ئېلېكتىر سودا رايونى، كۆكتات تېرىش – ئۆستۈرۈش بازىسى ۋە كەسپىي مەكتەپلىرىدە ئىشچىلار، دېھقانلار، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلەشتى. ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: مائارىپ ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، كەسپىي مائارىپنىڭ قاراتمىلىقى ھەم ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئەمگەكنىڭ توپلىنىشى خاراكتېرلىك ئىگىلىك ۋە مۇلازىمەت كەسىپلىرىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.
  سۈن چۈنلەن قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىتىدىكى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى يوقلاپ، شىنجاڭنىڭ دىنىي ساھەسىدىكى ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنىي ئىناقلىقنىڭ جەمئىيەتكە قوشقان تۆھپىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئۇلاردىن ۋەتەننى سۆيۈش بىلەن ئەۋلاد تەربىيەلەشتىن ئىبارەت شەرەپلىك ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش ھەمدە ئۇنى جارى قىلدۇرۇشنى؛ دىن بىلەن سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنىڭ ماسلىشىشىنى ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرۈشنى؛ توغرا ئىشەنچ، توغرا ھەرىكەتلەرنى تەشەببۇس قىلىپ، ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە، خاتا سەپسەتىلەرگە رەددىيە بېرىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كەڭ ئاممىنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچ – قۇدرىتىنى تەرەققىيات ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشنى ياخشىلاشقا مەركەزلەشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى. 
  سۈن چۈنلەن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ 3 – دېۋىزىيەسىدە بىڭتۇەننىڭ پارتىيە – ھۆكۈمەت كادىرلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئۇزاققىچە ئەمىن بولۇشىدىكى مۇھىم كۈچ، بىڭتۇەن ئۆزىدىكى تۇراقلاشتۇرغۇچ، چوڭ پېچ بولۇش رولى ھەمدە ئۈلگە كۆرسىتىش ئورۇنلىرىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئەسكەر تۇرغۇزۇپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ۋە چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش، ئالاھىدە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە بازار مېخانىزمى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئۈچ مۇھىم مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، بىڭتۇەن تۈزۈلمىسىدىكى ئالاھىدە ئەۋزەللىك ۋە تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تولۇق قويۇۋېتىش كېرەك.