2015 – يىللىق 5- ساندىكى تەۋسىيەلىك ماقالە - ئەسەرلەر

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 2102   يوللانغان ۋاقتى: 2015-11-11 09:23:10

    ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىدىكى ھەر سان ژۇرنالنىڭ باش بېتىگە بېرىلىپ كېلىۋاتقان «سۈزۈك قەترىلەر» سەھىپىسىگە ئابدۇقادىر جالالىدىن تەرجىمە قىلغان «ئاكتىپ روھىي ھالەت ___ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئۇلىدۇر» ناملىق قىسقا ماقالە بېرىلدى.
     بۇ سان ژۇرنالنىڭ «بىرىنچى كۆزنەك» سەھىپىسىگە «10 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت  مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى» ناملىق سۈرەتلىك خەۋەر بېرىلدى.
     بۇ سان ژۇرنالنىڭ «ژۇرنىلىمىزنىڭ ئالاھىدە ماقالىسى» سەھىپىسىگە «شى جۇڭشۈننىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بولغان مۇھەببىتى» ناملىق ماقالە بىلەن ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەننىڭ «ھەر مىللەت مۇسۇلمان ئاممىسى بىلەن ئىپتاردا بىللە بولغاندا قىلىغان سۆزى»ى بېرىلدى.  
     بۇ سان ژۇرنالنىڭ «ئىناقلىق مېلودىيەسى» سەھىپىسىدە ئىسلام يۈسۈپنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىدىيەسى ___ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تۇغى»، «مىللەت ۋە مەدەنىيەت» سەھىپىسىدە ئابدۇقەييۇم مۇھەممەدنىڭ «<ئاقتۇ تاغ مەشرىپى>دىكى ئۆزگىچىلىكلەر»، «مىللەت ۋە مەدەنىيەت» سەھىپىسىدە يۈسۈپ ئۆمەر پاۋان بىلەن كۈرەش ياقۇپنىڭ «ئۇيغۇرلاردا قاپاق ئۆستۈرۈش ۋە <قاپاق مەدەنىيىتى>»، «مىللەت ۋە ساپا» سەھىپىسىدە گۈلباھار ناسىرنىڭ «ئايال ۋە ئائىلە»، «كۈسەن مەدەنىيىتى تەتقىقاتى مۇنبىرى» سەھىپىسىدە ئەھەد داۋۇتنىڭ «كۇچادىكى بىر قىسىم ئاساسلىق ساياھەت نوقتىلىرى» (2)، «مەڭگۈلۈك ئابىدىلەر» سەھىپىسىدە «شائىر نۇرمۇھەممەت ئېركى: <بۇلبۇل ۋە باھار>»، «مىللەت ۋە ئۆرپ – ئادەت» سەھىپىسىدە ئادىل نادىرنىڭ «يەكەندىكى كونا چايخانىلار»، «كىتابتىن باشلانغان پاراڭلار» (4) سەھىپىسىدە مېھرىبان نىياز چوغلۇق ۋە ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ئابدۇللا مەتقۇربان بىلەن فولكلورشۇناس تۇرسۇن ساۋۇت ئۇدمىشنى زىيارەت قىلىپ يازغان «كىتابنى ئەزىزلىگەننىڭ ئورنىمۇ ئەزىز بولىدۇ» ناملىق زىيارەت ماقالىسى، «ھاكىملار بىلەن سۆھبەت» سەھىپىسىدە مۇھەممەدسالىھ مەتروزىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى ئورۇزئەلى قاشقارباي بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت خاتىرىسى، «مىللەت ۋە ئىقتىساد» سەھىپىسىدە يالقۇن روزىنىڭ «مۇسابايېفلارنىڭ ھېسابات دەپتىرى»، «گۈلۈم» سەھىپىسىدە مېھرىگۈل ھۈسىيىننىڭ «تېگىشمەيمەن»، رىسالەت مەرداننىڭ «ئىككى شېئىر»، ئاتىكەم سىدىق ئايقۇتنىڭ «مېنىڭ بۈگۈنۈم بار»، پاشاگۈل نىيازنىڭ «پەزىلەت بابىدا ياشىغىن لىللا»، سائادەت ساتتار ئايتۇغنىڭ «سېنىڭسىز مەن غەم باسقان ئايال»، ئايزۆھرە ئابدۇمىجىتنىڭ «ئون سەككىز يېشىم»، «مەن ۋە <جۇڭگو مىللەتلىرى> ژۇرنىلى» سەھىپىسىدە ئازاد رەھمىتۇللا سۇلتاننىڭ «جەلپكار ۋە مەسئۇلىيەتچان ژۇرنال ___ <جۇڭگو مىللەتلىرى>»، ئايشەم ئەخمەتنىڭ «ژۇرنالچىلىق ساھەسىدىكى مۇنەۋۋەر ژۇرنال»، ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىروراننىڭ «ئۇيغۇر مەتبۇئاتچىلىقىدىكى خۇش پۇراق گۈلدەستە»،، ئادالەت ئابدۇرېھىم يارۇقنىڭ «<جۇڭگو مىللەتلىرى>  ___ ياش، يېڭى ئاپتورلارنى يېتىشتۈرگەن ژۇرنال»، سەيدىمۇھەممەد مېھماننىڭ «ئىككىمىزنىڭ ھېكايىسى»، ئابلېكىم ھەسەننىڭ «سەبىيلىكىمدىكى ئابرال»، مۇھەممەدجان ئىسمائىل پۇناقىنىڭ «دۇنياغا پەقەت بىرلا قېتىم كېلىمىز»، «گۈلدەستە» سەھىپىسىدە مۇساجان يۇنۇسنىڭ «ئىككى شېئىر»، ئىبراھىم نىيازنىڭ «رۇبائىيلار»، ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقىنىڭ «كارمېل تېغى»، ئابدۇرېشىت ئېلىنىڭ «مۇھەببەت بولساڭ»، روزى سوپى ئۇچتېكىننىڭ «ئوغلۇم»، مۇختار داۋۇت ئۆزيولنىڭ «مۇھەببەتلىك ھايات»، ۋارىسجان ئاتاخاننىڭ «سەھرا قىزلىرى»، ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈرۈكنىڭ «نالە»، ئەنۋەر روزىنىڭ «يالغۇز قېلىش» قاتارلىق ماقالەۋە ئەسەرلىرى بار.
     بۇ ساندىكى «مەن ئۇچراشقان كىشىلەر» سەھىپىسىگە مۇھەممەدسالىھ مەتروزىنىڭ تەييارلىشىدىكى، خالمۇرات قېيۇمبەگنىڭ سۈرەتكە تارتىشىدىكى ئاتاقلىق شائىر، ژۇرنالست، كۆزگە كۆرۈنگەن ئەدەبىيات – سەنئەت تەشكىلاتچىسى، ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مۇتەخەسسىسى ئابلىمىت سادىق تۇنۇشتۇرۇلدى.
     بۇ سان ژۇرنالدا يەنە قۇربان مۇھەممەد، ئېلىجان ئىسمائىل، لۇ مىنيى، كۈرەش ياقۇپ، قېيۇم قادىر، ئەرشىدىن توختى، ئادىل نادىر، خالمۇرات قېيۇمبەگلەرنىڭ نادىر فوتو سۈرەتلىرى بېرىلدى. تەپسىلىي مەزمۇنلىرىدىن تېخىمۇ ئەتراپلىق ۋە بىۋاسىتە خەۋەردار بولماقچى بولسىڭىز، بۇ سان ژۇرنالنى تەپسىلىي كۆرۈپ ھەم ئوقۇپ چىقىڭ.
     ھەر ۋاقىت ئېسىڭىزدە بولسۇن: بىزنىڭ ژۇرنال باشقۇرۇشتىكى شوئارىمىز: «ئائىلىڭىزدە <جۇڭگو مىللەتلىرى> ژۇرنىلى بولسۇن!» بىز مۇشۇ نىشان ئۈچۈن توختاۋسىز ئىزدىنىپ، سىزگە تېخىمۇ مول مەنىۋى ئوزۇق بېرىشنى ئۆزىمىزگە مۇقەددەس مەسئۇلىيەت قىلغانمىز!