2015 – يىللىق 4- ساندىكى تەۋسىيەلىك ماقالە - ئەسەرلەر

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 2131   يوللانغان ۋاقتى: 2015-09-06 13:55:06

      ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىدىكى بىر - بىرىدىن نادىر ماقالە - ئەسەرلەر سىزنىڭ مەنىۋىي تەشنالىقىڭىزغا سۇنۇلغان ئەڭ قىممەلتىك ئۇسسۇلۇق بولۇپ تۇتۇلدى. 

   سىز بۇ سان ژۇرنالنىڭ مۇقاۋىسىنىڭ 2 – بېتىگە دىققىتىڭىزنى ئاغدۇرسىڭىز: «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى ۋە 7 – قېتىملىق مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق – تەرەققىيات ئىشلىرى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدىن خاتىرىلەر»گە بېرىلگەن سۈرەتلەر بىلەن 3 – بېتىگە دىققىتىڭىزنى ئاغدۇرسىڭىز: «دۇنيا چىش دوختۇرلىرى ساھەسىدىكى ئاكادېمىك ___ دىلنۇر ھاجى» ناملىق مەخسۇس سۈرەت دىققىتىڭىزدە بولىدۇ. ئىچ بەتلىرىدە بولسا «سۈزۈك قەترىلەر» سەھىپىسىگە بېرىلگەن، ئابدۇقادىر جالالىدىن تەرجىمە قىلغان «ھەر قانداق ئادەمدە ئىجادچانلىق قۇدرىتى بولىدۇ»، «بىرىنچى كۆزنەك» سەھىپىسىگە بېرىلگەن «شىنجاڭنىڭ قاغىلىق ناھىيە چارباغ بازىرىدا تۇنجى نۆۋەتلىك <شاپتۇل چېچىكى بايرىمى> ئۆتكۈزۈلدى» ۋە «گۇاڭشى سەنجياڭ: مىللىيچە ناخشا – ئۇسسۇل نومۇرلىرى قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتىغا ياردەمچى بولدى»، «مىللەتلەر خىزمىتى خەۋەرلىرى» سەھىپىسىگە بېرىلگەن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى ۋە 7 – قېتىملىق مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق – تەرەققىيات ئىشلىرى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىلدى»، «ژۇرنىلىمىزنىڭ ئالاھىدە ماقالىسى» سەھىپىسىگە بېرىلگەن «شى جۇڭشۈننىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بولغان مۇھەببىتى» قاتارلىق مەخسۇس ماقالىلار دىققىتىڭىزدە بولىدۇ.
   بۇ سان ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان ماقالە – ئەسەرلەر تۆۋەندىكى سەھىپىلەر بويىچە بېرىلدى:
   «ژۇرنىلىمىزنىڭ ئالاھىدە ماقالىسى»، «مىللەتلەر خىزمىتى تەتقىقاتى»، «ژۇرنىلىمىزنىڭ ئالاھىدە ماقالىسى»، «مىللەت ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت»، «مىللەت ۋە مەدەنىيەت»، «مىللەت ۋە ساپا»، «كۈسەن مەدەنىيەت تەتقىقاتى مۇنبىرى»، «مىللەت ۋە ئۆرپ – ئادەت»، «كارخانىلىرىمىز مۇنبىرى»، «مىللەت ۋە دەۋرىمىز ياشلىرى»، «مىللەت ۋە يېمەك – ئىچمەك»، «كىتابتىن باشلانغان پاراڭلار»، «گۈلۈم»، «سۆھبەت»، «مەن ۋە <جۇڭگو مىللەتلىرى> ژۇرنىلى»، «ژۇرنىلىمىز بايقىغان يېڭى يۇلتۇزلار»، «ئەدىبلەر مۇنبىرى»، «ھېكمەت دۇردانىلىرى»، «ھەزىل سوئالغا ھەزىل جاۋاب»، «گۈلدەستە».
   بۇ ساندا ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلغان ماقالە – ئەسەرلەر تۆۋەندىكىچە:  سۇي چىڭنىڭ «ئادەمنى ئاساس قىلىش ___ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرۇشنىڭ تۈپ ئىدىيەسى»، ژۇرنىلىمىزنىڭ «دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر گۈللىنىشىنىڭ تۈزۈم جەھەتتىكى كاپالىتى ___ 10 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل ئەھمەدنى زىيارەت»، تەھرىراتىمىزنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن 13 غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى <4 – تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى>گە تاللاندى»، يۇنۇس سادىقنىڭ «قومۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كەشتىچىلىكى ۋە كەشتە مەدەنىيىتى»، گۈلباھار ناسىرنىڭ «ئايال ۋە ئائىلە» (1)، ئەھەد داۋۇتنىڭ «كۇچادىكى بىر قىسىم ئاساسلىق ساياھەت نوقتىلىرى» (1)، ئۆركەش جاپپارنىڭ «<ئەتلەس يۇرتى>دا كوللىكتىپ توي»، شادىيە ئامانۇللا ۋە گۈلبوستان غۇلامنىڭ «ئالىي مەكتەپ شەھىرى ___ ۋۇخەندە ھاياتىنى نۇرلاندۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى»، سادىر سابىر نەزەرىنىڭ «تېرىملىقلارنىڭ جاڭگال كاۋاپلىرى»، گۈلشات تەلئەت، ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم، مېھرىبان نىياز چوغلۇقلارنىڭ «كىتابسىز قېلىش بىر خىل جۇدالىق» (سۆھبەت خاتىرىسى)، مەريەم ھامىدىننىڭ «سېنىڭسىز ھايات»، گۈلبوستان پازىل ۋاسىلىنىڭ «ئادەم سەن»، مەلىكە مۇھەممەتنىڭ «مەن بۈگۈن تەنھا»، پەرىدە ياقۇپنىڭ «ئىككى شېئىر»، بىلىقىز تۇرسۇنتوختى (سۈبھى)نىڭ «رەسسام بولساڭ»، گۈلباھار مۇھەممەد ماھىنىڭ «گۈزەل سىيما»، گۈلنىساخان ئىمىن گۈلخاننىڭ «ساڭا تۇراي يانمۇ يان»، ئامىنە ئابدۇۋايىتنىڭ «رۇبائىيلار»، مۇتەللىپ مەتتوختىنى زىيارەت قىلغاندىكى «<چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيتىش ھەرىكىتى> شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە زور نەتىجىلەرگە ئېرىشتى»، غەيرەت ئاسىم، يالقۇن روزى، ئەنۋەر ھوشۇر، مەۋلۇت ئىبراھىملارنىڭ «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىغا كۆڭۈل سۆزلىرى، ئايىمنىسا سۇلايماننىڭ «چۈش، دەرەخ ۋە جىمجىتلىق»، ھۆرىيەت مۇھەممەتنىڭ «<كامىلجاننىڭ قارا سومكىسى> ناملىق شېئىرىم ھەققىدە»، روزىمۇھەممەد نىزامنىڭ «خىيال دوقمۇشلىرى»، ئابدۇراخمان ئابباس «ئاز ۋە كۆپ»، غوجىمۇھەممەت مۇھەممەدنىڭ «شېئىرلار»، رەخىم ياسىن قاينامىنىڭ «بۇغدايئۆڭ»، ئابلىز ئۆمەر ئەنجانىنىڭ «روبائىيلار»، ئابلىز ئۆمەر ھاجىنىڭ «شېئىر ۋە شائىر»، مەخمۇت ئاۋۇت ئۆڭمەسنىڭ «ئىزدىسەڭ»، راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھالنىڭ «گەر كېتىشنى خالىغان بولساڭ»، مۇتەللىپ مەنسۇر ئوۋچىنىڭ «تامدىكى قىزلار»، ئوسمان تۇرسۇننىياز تۇغلاننىڭ «باھار»، ئادىلجان ئابدۇرېھىمنىڭ «باغلىدى بىر سۆز مېنى» قاتارلىقلار.
   سۈرەت ۋە فوتو سۈرەتلەردىن ئابلىكىم ئەمەت، قۇربان مۇھەممەت، ئېلىجان ئىسمائىل، ئارزۇگۈل ئەيسا، قېيۇم قادىر، مۇجبۇل راخمان، ھەسەنجان مەمتېلى، مۇساجان يۇنۇس، ئادىلجان ئابلىز قاتارلىق فوتوگرارنىڭ سۈرەتلىرى بار.
   بۇ سان ژۇرنالدىن تېخىمۇ تولۇق خەۋەردار بولاي دېسىڭىز، ژۇرنالنى تولۇق ۋاراقلاپ كۆرگەيسىز.