2015 – يىللىق 3- ساندىكى تەۋسىيەلىك ماقالە - ئەسەرلەر

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 2380   يوللانغان ۋاقتى: 2015-05-29 16:26:14

      

     
     ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىدىكى ھەر ساندا باش بەتكە بېرىلىپ كېلىۋاتقان «سۈزۈك قەترىلەر» سەھىپىسىگە ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ تەرجىمىسىدىكى «ئۆزلۈك خاراكتېرى ــــ ئىنسانلىق قىممىتىنى بەلگىلەيدۇ» ناملىق بېرىلدى. مەزكۇر ماقالىگە دىققىتىڭىزنى ئاغدۇرغايسىز. 
     بۇ سان ژۇرنىلىمىزنىڭ «مەركەزدىن كەلگەن سادا» سەھىپىسىگە بېرىلگەن «باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ <ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلات>قا قاراپ چىقىش مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى»، «لى كېچياڭ گۇيجۇ ئۆلكىسىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈردى» قاتارلىق ئىككى پارچە سۈرەتلىك مۇھىم خەۋەر دىققىتىڭىزدە بولغاي.
     بۇ سان ژۇرنالدىكى «بىرىنچى كۆزنەك» سەھىپىسىدە «شىنجاڭنىڭ قەشقەر شەھىرىدە چوڭ تىپتىكى <مەشرەپ> ئۆتكۈزۈلۈپ، نورۇز بايرىمى تەبرىكلەندى»، «شىنجاڭنىڭ بارىكۆل ناھىيەسىدىكى قازاق ئاممىسى نورۇز بايرىمىنى خۇشال – خۇرام كۈتۈۋالدى»، «نۇزۇ مىللىتىدىن چىققان تۇنجى دوكتور  ـــــ ساڭ شيۇپىڭ»، «قۇربانجاننىڭ ئارزۇسى: پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردە مۇسۇلمانچە ئاشخانا ئېچىش» قاتارلىق سۈرەتلىك ماقالىلار دىققىتىڭىزدە بولىدۇ.
     بۇ سان ژۇرنالنىڭ «مىللەت ۋە قانۇن – نىزام» سەھىپىسىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 2014 – يىلى 11 – ئاينىڭ 28 – كۈنى ئېلان قىلغان، 2015 – يىلى 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىن ئىشلىرى نىزامى»نىڭ تولۇق تېكىستى ئېلان قىلىندى. 
     «كىتابتىن باشلانغان پاراڭلار» سەھىپىسىدە، ئىمىنجان داۋۇتنىڭ پىشقەدەم ئەدىب مۇھەممەد رەھىم ۋە ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت خاتىرىسى بېرىلدى.
     بۇ سان ژۇرنالدا يەنە تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن توختاپ قالغىنىغا ئۇزاق بولغان «تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق بېغىشلىغۇچى ـــــ <ھەزىل سوئالغا ھەزىل جاۋاب ۋە جاۋاب كۈتكەن سوئاللار» بېرىلدى. (بۇ سەھىپە بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇلىدۇ ھەمدە مەزكۇر سەھىپە بويىچە ئۈزۈلدۈرمەي ھەزىل سوئال ۋە ھەزىل ئېلان قىلىنىدۇ.)
     بۇ سان ژۇرنالدا يەنە «مىللەت ۋە ئۆرپ – ئادەت» سەھىپىسىگە ئۆركەش جاپپارنىڭ «<تارانچىلار يۇرتى>دا كۆرگەنلىرىم»، «ئەخلاق گۈلىستانى» سەھىپىسىگە مەمتىمىن ياقۇپنىڭ «قەدىر – قىممەت ۋە پەزىلەت»، «مىللەت ۋە ئەدەبىيات – سەنئەت» سەھىپىسىگە مۇھەممەدسالىھ مەتروزىنىڭ «قۇمۇلدا نورۇز. قومۇلدا بەخت خۇشاللىقى»، «مىللەت ۋە تەشۋىقات» سەھىپىسىگە ئەركىن ئەبەيدۇللانىڭ «دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى 2014 – يىللىق مىللەتلەر ئىشلىرى ئاساسىي تېما قىلىنغان مۇنەۋۋەر ئاخبارات ئەسەرلىرىنى باھالاپ، مۇكاپاتلىدى»، «ئەجداتلىرىمىز نېمە دەيدۇ» سەھىپىسىگە مۇقەددەس ئوبۇلھەسەننىڭ يازغۇچى نۇرمۇھەممەد توختىنى زىيارەت قىلىپ يازغان «مەن باسقان يوللار» ناملىق سۆھبەت خاتىرىسى، «سۆھبەت» سەھىپىسىگە مۇھەممەدسالىھ مەتروزىنىڭ قومۇل شەھىرىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد نىيازنى زىيارەت قىلىپ يازغان «شەھەر باشلىقلىرى بىلەن سۆھبەت»، «دۇردانىلەر» سەھىپىسىگە نۇرمۇھەممەدجان ئىمىن روزىنىڭ «قەلب ئۈنچىلىرى»، «ژۇرنىلىمىز بايقىغان يېڭى يۇلتۇزلار» سەھىپىسىگە ئۈمىدجان قادىرىنىڭ «ساتىرىك غەزەللەر»،  رابىيەم نىيازنىڭ «غەزەللەر»، «ئەدىبلەر مۇنبىرى» سەھىپىسىگە زۇلپىيە ھاجى كۆلتېگىننىڭ «دادام ھاجى ئەخمەت كۆلتېگىن: ماڭا مۇھەببەتنى تونۇتقان ئادەم» ناملىق ئەدەبىي خاتىرىسى، «گۈلدەستە» سەھىپىسىگە دولقۇن جاپپارنىڭ «چولپانلارغا ئاتكرىتكا: چولپان كەلدى بىزنىڭ  بۇ يەرگە»، «مەن ۋە <جۇڭگو مىللەتلىرى> ژۇرنىلى» سەھىپىسىگە «ئەل – ئاۋامنىڭ نەزەرىدە <جۇڭگو مىللەتلىرى» چوڭ ماۋزۇ ئاستىدا تۇرسۇنجان مۇھەممەت، پاتىگۈل مۇھەممەت، غالىپ بارات، ساجىدە سۇلايمان قارىيلارنىڭ «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى ھەققىدە ئېيتقانلىرى،  «گۈلۈم» سەھىپىسىگە ئادالەت ئابدۇرېھىم يارۇقنىڭ «ئايال ـــــ گۈلگە ئوخشايدۇ»، گۈلباھار ئەزىزنىڭ «شۇنداق ئايالمەن»، رەيھانگۈل ئوسماننىڭ «ئاخىرقى مەدھىيە»، گۈلبانۇم ئابابەكرىنىڭ «غۇلجا قىزى»، ئامىنە ئابلىزنىڭ «ئۆيىگە قايتمايدىغان ئەر» قاتارلىق نەسرلىرى، «جىلۋىدار ئۈنچىلەر» سەھىپىسىگە پەرھات ئىلياس تەرجىمىسىدىكى «جۇۋ داكاڭ (شېڭيې) بالىلار شېئىرلىرىدىن» بېرىلدى.
     «مەن ئۇچراشقان كىشىلەر» سەھىپىسىگە ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەرنىڭ تەييارلىشىدىكى، قۇربان مۇھەممەتنىڭ سۈرەتكە تارتىشىدىكى ئاتاقلىق يازغۇچى خالىدە ئىسرائىل تۇنۇشتۇرۇلدى.
     بۇ سان ژۇرنالدا يەنە ھۈسەنجان قاسىم، ئادىلجان ئابدۇقادىر، ئابلىز ئابدۇللا، ئەھەدجان ئابلىز، ئۆتكۈر نىجات، مۇجبۇل راخمان، ئايگۈل ئىمىننىياز، تۇردى سىدىقلارنىڭ نادىر فوتو سۈرەتلىرى، ياش رەسسام ئادىلجان ئابلىزنىڭ ئابدۇللا ئابدۇرېھىم، ئىززەت ئىلياس، ئەركىن ئابدۇللا، ماخمۇت سۇلايمان، مۆمىنجان ئابلىكىم، زاھىر بۇرھان، ئابدۇكېرىم ئابلىز، خالمۇرات ئۆمەر، ئادىل مىجىت، ئابلاجان ئايۇپلارنى سىزغاندىكى پورتېرت رەسىملىرى بېرىلدى. تەپسىلىي مەزمۇنلىرىدىن تېخىمۇ ئەتراپلىق ۋە بىۋاسىتە خەۋەردار بولماقچى بولسىڭىز، ژۇرنىلىمىزنى قولىڭىزغا ئېلىپ ۋاراقلاپ، كۆرۈپ ھەم ئوقۇپ چىققايسىز.
     ھەر ۋاقىت ئېسىڭىزدە بولسۇن:
     بىزنىڭ ژۇرنال باشقۇرۇشتىكى شوئارىمىز: «ئائىلىڭىزدە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى بار بولسۇن! بىز مۇشۇ شوئارنىڭ تۈرتكىسىدە ژۇرنالنى تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇپ، سىزگە بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ئېسىل ۋە قىممەتلىك مەنىۋى ئوزۇقلارنى تەقدىم قىلىمىز!