«مېنىڭ ئانا تىل رادىيوسى ھەققىدىكى ھېكايىلىرىم» تېمىسىدا مۇكاپاتلىق ماقالە مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 3560   يوللانغان ۋاقتى: 2015-05-18 10:34:43

 

      5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتى بىلەن مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر پىروگرامما مەركىزى ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزگەن «مېنىڭ ئانا تىل رادىيوسى ھەققىدىكى ھېكايىلىرىم» تېمىسىدىكى مۇكاپاتلىق ماقالە قوبۇل قىلىش پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى.

      مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر چاستوتىسى 1950 - يىلى دۇنياغا كەلگەن. 65 يىل داۋامىدا، ئاز سانلىق مىللەتلەر چاستوتىسى پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىش، ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش، مىللىي مەدەنىيەتنى تارقىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم تۆھپە قوشۇپ كەلدى. بۇ  قېتىملىق مۇكاپاتلىق ماقالە قوبۇل قىلىش پائالىيىتى ئاساسلىقى مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر چاستوتىسىنى ئاڭلايدىغان ھەر مىللەت ئاممىسىغا قارىتىلغان بولۇپ، مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ كۈنسايىن ئۆزگىرىپ بېرىۋاتقان تەرەققىياتى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر رادىيوسىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىغا ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلىرىنى خەنزۇچە، موڭغۇلچە، زاڭزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە ۋە چاۋشيەنچىدىن ئىبارەت 6 خىل يېزىقنىڭ بىرىدە ئەكس ئەتتۈرۈپ ئەۋەتسە بولىدۇ.

       مۇسابىقە مۇددىتى 3 ئاي بولىدۇ. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەر «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ ھەرخىل تىل - يېزىقتىكى نۇسخىلىرىدا، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر چاستوتىسىدا ۋە تور بېتىدە بىرلا ۋاقىتتا ئېلان قىلىنىدۇ. مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلارگە مۇكاپات سوممىسىدىن باشقا «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ خەنزۇچە، موڭغۇلچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە ۋە چاۋشيەنچە نۇسخىلىرى تەقدىم قىلىنىدۇ.

      قوبۇل قىلىنىدىغان ئەسەرلەرنىڭ باش تېمىسى:

1. مېنىڭ ئانا تىل رادىيوسى ھەققىدىكى ھېكايىلىرىم

2. مىللەتلەر ئىناقلىقى ۋە تەرەققىياتىغا  گۇۋاھ بولۇۋاتقان ئاز سانلىق مىللەتلەر رادىيو چاستوتىسى

3. ئاز سانلىق مىللەتلەر رادىيو چاستوتىسى ماڭا ياخشى ئۇستاز ۋە دوست

     باشقۇرغۇچى ئورۇن:

مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر پىروگرامما مەركىزى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتى

      پائالىيەت ۋاقتى:

ماقالە قوبۇل قىلىش ۋاقتى 2015 - يىل 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگىچە، باھالاش ۋاقتى 2015 - يىل 7 - ئاينىڭ 1 - كۈندىن  15 - كۈنىگىچە بولۇپ، 2015 - يىل 7 - ئاينىڭ 17 - كۈندىن 25 - كۈنىگىچە باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

     ماقالىلەرگە قويۇلىدىغان تەلەپ:

1. مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ماقالىلارنىڭ ژانېرىغا چەك قويۇلمايدۇ. موڭغۇل، زاڭزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، چاۋشيەن ۋە خەنزۇ تىل - يېزىقلىرىدا راۋان يېزىلسا، 3000 خەت ئەتراپىدا بولسا بولىدۇ.

2. مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ماقالىلار چوقۇم ئىجادىي بولۇشى كېرەك. (ئىجادىي بولمىغان ماقالىلار مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلمايدۇ)

      ئەسەر يوللاش ئەسكەرتمىسى:

مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ماقالىلارنىڭ ئېلېكترونلۇق نۇسخسى تۆۋەندىكى خەت ساندۇقلىرىغا ئەۋەتىلسە بولىدۇ:

◆خەنزۇ تىل - يېزىقىدىكى ماقالىلارنى يوللاش ئېلخەت ئادرېسى: mztj@263.net؛ تېلېفون نومۇرى:  58130812 - 010

◆موڭغۇل تىل - يېزىقىدىكى ماقالىلارنى يوللاش ئېلخەت ئادرېسى: zhmzmw@163.com؛ تېلېفون نومۇرى: 58130955 - 010

◆زاڭزۇ تىل - يېزىقىدىكى ماقالىلارنى يوللاش ئېلخەت ئادرېسى: qq.com @ 80245381  ؛ تېلېفون نومۇرى: 86097222 - 010

◆ئۇيغۇر تىل - يېزىقىدىكى ماقالىلارنى يوللاش ئېلخەت ئادرېسى: mztjxj@126.com؛ تېلېفون نومۇرى: 8533288 - 0991

◆ قازاق تىل - يېزىقىدىكى ماقالىلارنى يوللاش ئېلخەت ئادرېسى: zgmzhbb@sina.com؛ تېلېفون نومۇرى: 8569662 - 0991

◆چاۋشيەن تىل - يېزىقىدىكى ماقالىلارنى يوللاش ئېلخەت ئادرېسى: zhongguominzu@hanmail.net؛ تېلېفون نومۇرى: 58130972 - 010

      پوچتا ئارقىلىق ئەسەر ئەۋەتىش ئادرېسلىرى:

◆خەنزۇچە، موڭغۇلچە ۋە چاۋشيەنچە تىل - يېزىقتىكى ماقالىلار

      北京市东城区和平里北街14号民族团结杂志社“我与民族广播的这些年”征文组委会办公室

(پوچتا نومۇرى: 100013 ) گە ئەۋەتىلىدۇ.

◆زاڭزۇچە تىل - يېزىقتىكى ماقالىلار:

北京市西城区复兴门外大街二号民族中心网络部

(پوچتا نومۇرى: 100866) گە ئەۋەتىلىدۇ.

◆ئۇيغۇرچە، قازاقچە تىل - يېزىقتىكى ماقالىلار:

   乌鲁木齐市新华南路918号民族团结杂志社新疆分部 “我与民族广播的这些年”征文组委会办公室

(پوچتا نومۇرى: 830049) گە ئەۋەتىلىدۇ.

مۇكاپاتلىق ماقالە مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ئاپتورلار ماقالىلار بىلەن بىللە « مېنىڭ ئانا تىل رادىيوسى ھەققىدىكى ھېكايىلىرىم» مۇسابىقىسىگە تىزىمغا ئالدۇرۇش جەدۋىلىنى توشقۇزۇپ ئەۋەتىشى كېرەك.

بۇ جەدىۋەلنى ئاپتورلار  بۇ يەردىن  چۈشۈرۈپ توشقۇزسا بولىدۇ.

مۇكاپات تۈرلىرى:

1. مۇكاپاتلىق ماقالە مۇسابىقسىدە موڭغۇل، زاڭزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، چاۋشيەن، خەنزۇ تىل - يېزىقلىرى بويىچە گۇرۇپپا تەسىس قىلىندى.

2. مۇكاپات تۈرلىرى:

◆ئالاھىدە مۇكاپات 1 نەپەر بولۇپ، 1500يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىدۇ.

◆بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات 2 نەپەر بولۇپ، 1000يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ.

◆ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات 3 نەپەر بولۇپ، 600 يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ.

◆ئۈچنچى دەرىجىلىك مۇكاپات 5 نەپەر (ھەر بىر يېزىقتىن) بولۇپ، خەنزۇچە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ بىر يىللىق سانلىرى مۇكاپات بۇيۇمى بولىدۇ.

◆ئىلھاملاندۇرۇش مۇكاپاتى 10 نەپەر (ھەر بىر يېزىقتىن) بولۇپ، «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ خەنزۇچە، موڭغۇلچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە ۋە چاۋشيەنچە نۇسخىلىرىنىڭ بىر يىللىق سانلىرى مۇكاپات بۇيۇمى قىلىنىدۇ.